بۇ ئوقۇتقۇچى بەك قالتىسكەن،ئۇنىڭ مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ بېقىڭ.
مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى بىر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىنى زىيارەت قىپتۇ.
مۇخبىر:«دۇنيادا ياخشى ئوقۇتقىلى بولمايدىغان ئوقۇغۇچى يوق ،پەقەت ياخشى ئوقۇتالمايدىغان ئوقۇتقۇچى بار»- دەپتۇ.
مۇئەللىم :سىز ج خ مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى ياكى باش مىنىستىر بولسىڭىز بولغۇدەك سىز دېگەن قائىدە بويىچە ئېيتقاندا ، دۇنيادا <<پاش بولمايدىغان دىلو يوق، پەقەت ئىقتىدارسىز ساقچى بار>><< ياخشى باشقۇرغىلى بولمايدىغان دۆلەت يوق ،پەقەت ئىقتىدارسىز مىنىستىر بار>><< داۋالىغىلى بولمايدىغان كىسەل يوق پەقەت ،ئىقتىدارسىز دوختۇر بار»دېگەنلىك بولىدۇ.
مۇخبىر:«ئوقۇتقۇچىنىڭ نەتىجىسىنى باھالاشتا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەلاچىلار نىسپىتى يۇقۇرى بولۇشى كېرەك ،ياكى بۇ نىسپەت يىلسېرى ئېشىپ بېرىشى كېرەك شۇنداقمۇ؟
ئوقۇتقۇچى: كۇڭزى ئۇستازنىڭمۇ 3000شاگىرىتى بار ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاران 72 سى ياراملىق بولۇپ يېتىشىپ چىقتى، ئۇنىڭ ئەلاچىلار نىسبىتى ئارانلا %2.4 .
مۇخبىر:سىلەر ئوقۇتقۇچىلار ھەممە بالىلارنى ئوخشاش ياخشى تەربىيلىيەلەمسىلەر؟
ئوقۇتقۇچى :مېنىڭ ئالىدىغىنىم خاسىيەتىلىك ئادەمنىڭ مۇئاشى ئەمەس،سىلەر ئاتا -ئانىلار ئۇرساڭلار،تىللىساڭلار بولىدۇ،شۇنداق تۇرۇپمۇ بىر بالىنى ياخشى تەربىيلەپ بولالمايسىلەر،شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز بىرنەچچە ئادەمدىن بىر سىنىپتىكى 50-60 بالىنى ياخشى تەربىيلەشنى تەلەپ قىلىۋاتامسىز؟
مۇخبىر: ئاغرىنىۋەرمەڭ،سىلەرنىڭ تەتىلىڭلارناھايتى ئۇزۇن.
مۇئەللىم :سىز تەتىل بارلىقىغا رەھمەت ئېيتسىڭىز بولىدۇ،بولمىسا سىزنىڭ بالىڭىز ساۋاتسىز قالغان بولاتتى،چۈنكى تەتىل بولمىسا ئوقۇتقۇچى بولۇشنى خالايدىغان ئادەمدىن بىرنەچچىسى ئاران چىقارمىكىن ،ئەگەر تەتىل بولمىسا ،سىزنىڭ بالىڭىز خالامدۇ؟بالىڭىزنى 12 يىلنى تەتىل قىلماي ئوقۇپ تاماملا دېسە، سىز قوشۇلامسىز؟
مۇخبىر:ئوقۇتقۇچىلار بىر ھەپتىدە ئارانلا نەچچە سائەت دەرس ئۆتىدۇ، بىزنىڭ بىركۈندىكى سەككىز سائەت ئىش ۋاقتىمىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆپ راھەت ئەمەسمۇ؟
ئوقۇتقۇچى:«سىز دەرس ئۆتۈشتىن بۇرۇن سائەتلىك پىلان تۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلەمسىز؟ دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلەمسىز؟ ئەتىگەنلىك كەچلىك مۇزاكىرە بارلىقىنى ،ئۇنى باشقۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟گىمناستىكا،،ئىنتىزام ۋە تازىلىقنى باشقۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
مۇخبىر :دەرسنى بەك ئازادە ئۆتىدىغانسىلەر؟
ئوقۇتقۇچى:ئىنتىزامى ياخشى سىنىپقا كىرگەندە نۇتۇق سۆزلىگەنگە ئوخشايدۇ، ئىنتىزامى ناچار سىنىپقا كىرگەندە بولسا ئۇرۇشقانغا ئوخشايدۇ،ھەر كۈنى يېرىم سائەت ئۇرۇشۇپ، يەنە يېرىم سائەت نۇتۇق سۆزلەشنى سىز سىناپ باققانمۇ؟؟
مۇخبىر :ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستى،خېلى كۆپ پۇل تاپىدىغانسىلەر؟
ئوقۇتقۇچى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بەرگىنى كۆرگەن بولغىيتىڭىز؟،ئەمما بىرەر مەمۇرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىققا ئىمتىھان بەرگىنىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟
بۇ يەرگە كەلگەندە مۇخبىر ناھايتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قاپتۇ. مەيلى راست بولسۇن،يالغان بولسۇن،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرىكىدىكى گەپنى قىپتۇ.
ئەزھەر تەرجىمىسى
مەنبە :ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-22 12:50 AM