يالغـــانچـــى
نىيازئەلى ئادىل
ئۆز دوستىنى، جۈپتىنى ئالدايدىكەن يالغانچى،
يالغان سۆزلەپ كۈن بويى ھارمايدىكەن يالغانچى.
يالغانچىنىڭ قۇيرىقى بولسىمۇ گەر بىر تۇتام،
شۇنچە سۆزلەپ ھېچقاچان چانمايدىكەن يالغانچى.
ئېغىزىدا سەن بىلەن داۋان ئېشىپ، تاغ ئېشىپ،
ئەمەلىيەت بىر كۆتەك يارمايدىكەن يالغانچى.
ئوتتا كۆيسەڭ سەن بىلەن تەڭ كۆيگىنى يالغان سۆز،
ھەتتا بىللە سۇغىمـۇ بارمايدىكـەن يالغانچــى.
قىلغانلىرى يانسىمۇ بىر كۈنلەردە ئۆزىگە،
ماڭغان يامان يولىدىن يانمايدىكەن يالغانچى.
قېنى بىلەن كىرگەن خۇي چىقامدىكىن جان بىلەن،
ئاشۇ يامان خۇيىدىن قالمايدىكەن يالغانچى.
2014-يىلى 21-ئاۋغۇست پەيشەنبە
غۇلجا مۇڭغۇلكۈرە شوتا يېزىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-21 08:00 PM