مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 15480|ئىنكاس: 109

ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى مەقسەدلىكمۇ ياكى تاساددىبىيلىقمۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108848
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 194
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-7-31
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 01:26:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى مەقسەدلىكمۇ ياكى تاساددىبىيلىقمۇ؟

فىرانك ئىلىن  [1]

(بىئوفىزىكا ئالىمى)


تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئېدرىس


cartoon_hd_universe_planets_digital_art_taenaron_37233_11.jpg


[ بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ ياراتقىنىمىز يوق]سۈرە ئەنبىيا 16-ئايەت.

[ئۇلار زېمىننى كۈزەتمىدىمۇ؟ زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق].[بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى] سۈرە شۇئەرا 7-8-ئايەت.




"ماددى دۇنيا ياراتقۇچىغا مۇھتاج ئەمەس" دېگەن پىكىر ئادەتتە كۆپ دېيىلىۋاتىدۇ.بەلكىم، بۇنداق يەڭگىلتەك پىكىرنى قىلىپ يۈرگەنلەرنىڭمۇ تېگىشلىك پاكىتى ۋە نورمال ئىشلەپ تۇرىۋاتقان كاللىسىمۇ باردۇ. لېكىن نېمە بولسا بولسۇن، بىز شۇ ئىشقائەستايىدىل بولايلىكى، ئەگەر بىز بۇ دۇنيانى ئالدىن مەۋجۇت دەپ ئېتراپقىلىدىكەنمىز، ئۇنداقتا، بىز شۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ مەجۇدلۇقى ۋە ئۇنىڭ باشلىنشىنىقانداق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىمىز؟

بۇسۇئالنىڭ جاۋابى مۇنداق تۆت خىل ئېھتىماللىق بويىچە مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن:


بىرىنجىئېھتىماللىق : دۇنيا پەقەت تۇيغۇ-خىيالدىنلا ئىبارەت. بۇ قاراش بىزنىڭ يۇقىرىقى:"دۇنيا ھەقىقىي مەۋجۇت" دېگەن قارىشىمىزغا زىت.

ئىككىنجىئېھتىماللىق: " پۈتكۈل دۇنيا پەقەت ئۆزلۈكىدىن يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ،مۇشۇنداق جاھان بولۇپ قالغان" دەپ قاراش.

ئۈچۈنچىئېھتىماللىق : " كائىنات بىر پۈتۈن ھالدا مەڭگۈلۈكتۇر، ئۇنىڭ باشلىنىشى بولغان ئەمەس، ئاخىرلىشىشىمۇ بولمايدۇ" دەپ قاراش.

تۆتىنچىئېھتىماللىق: " ئالەم ئۈچۈن بىر قۇدرەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ بولمىسابولمايدۇ" دەپ قاراش. بۇ قاراشلارنى ئىلغاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ باقايلى.


1.  دۇنيا پەقەتتۇيغۇ-خىيالدىنلا ئىبارەت

بۇ خىل قاراش بىزنىڭ ئالدىمىزغا پەقەت ھېس-تۇيغۇ مەسىلىسى بولۇپ گەۋدىلىنىدىغانلىقى ھەمدە بىزنىڭئوبىكتىپ دۇنيانى سېزىشىمىز ۋە ئۇنىڭدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى بىلىشىمىزقاتارلىقلارنىڭ ھەننىۋاسىنى ئۆتۈپ-تېشىپ بىر خىل غەيرى رىئال ۋە ھەقىقى بولمىغان تەتۈر سېزىم – خاتا سېزىم دەپ قارايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ قىلچە ھەقىقەتلىكى يوق بىرنەرسىدىن ئىبارەت. تەبىئەت پەنلىرى ساھەسىدە شۇ خىل قاراشقا يېقىنقى زامانلارداسىر جىمىس دېگەن ئالىممۇ تەرەپدار بولۇپ چىققان بولۇپ، ئۇ، بۇ دۇنيانى ئەمىلىيتۇتامى يوق، پۈتۈنلەي ئېڭىمىزدا گەۋدىلىنىپ قالغان ئوبراز شەكىللەردىنلا ئىبارەت دەپقارىغان. بۇ قاراش بويىچە بولغاندا، بىز ھازىر بىر خىل خىيالى دۇنيا ئىچىدەياشاۋاتقان بولىمىز، بىز چىقىۋاتقان ۋە كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان پويىزلارمۇ ئۇلارچە يوقنەرسىلەر بولۇپ، پەقەت تۇيغۇمىز بىزنى ئالداپ شۇنداق كۆرسىتىۋاتىدۇ، ھەتتاپويىزدىكى يولۇچىلارمۇ ئوخشاشلا خىيالنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ھەقىقىي ئەمەس. تېخىمۇھەيران قالارلىقى شۇكى، ئۇلارچە ئۈستۈدە پويىز كېتىۋاتقان رېلىسلارمۇ ماددى ئەمەس،پەقەت بىزنىڭ تۇيغۇمىز كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئەمەلىيەتتە يوق نەرسىلەر بولۇپ چىقىدۇ.مانا بۇ، ئۇچىغا چىققان گۇمانى قاراش بولۇپ، ئۇنى تالىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.


2.  پۈتكۈل دۇنيا پەقەتئۆزلۈكىدىن يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، مۇشۇنداق جاھان بولۇپ قالغان

  بۇ خىل قاراشقا كەلسەك، ئۇ شۇنداق دەيدىكى،ئالەمدىكى ماددا ۋە تۈرلۈك-تۈمەن كۈچلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت ئۆز-ئۆزىدىن پەيدا بولۇپقالغان. قاراڭلار، بۇ گەپنىڭ قانچىلىك دۆتلۈك-نادانلىق بىلەن ئېيتىلغانلىقىغا! بۇقاراشمۇ ئوخشاشلا مۇنازىرە، دە-تالاشقا ئەرزىمەيدۇ.


3.  كائىنات بىر پۈتۈن ھالدامەڭگۈلۈكتۇر، ئۇنىڭ باشلىنىشى بولغان ئەمەس، ئاخىرلىشىشىمۇ بولمايدۇ

دۇنيا ئەزەلىي دېگەن دېگەنبۇ قاراشقا كەلسەك، ئۇ قاراشچە بولغاندا، دۇنيانىڭ بارلىققا كېلىشى باشلىنىشىبولغان ئەمەس، دۇنيا ئەزەلدىن بار بولغان ۋە مەڭگۈ شۇنداق بار بولىدۇ. بۇنداققاراش مەلۇم جەھەتتىن دۇنيانىڭ ئىلاھى بارلىقىنى ئالغا سۈرىدىغان قاراش بىلەنيېقىن كېلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئەزەلىيلىك دېگەن بىر نوقتىدىن ئىبارەت.ئۇنداقبولغاندا، بىز ئەزەلىيلىك ئۇقۇمى ۋە سۈپىتىنى بەزىدە خۇدانىڭ قارشىسىدىكى جانسىزدۇنياغا، يەنە بەزىدە دائىم تىرىك بىر ياراتقۇچى ئىلاھقا قارىتىپ ئېيتىشىمىزمۇمكىن. بۇ يەردە ئىككى ئېھتىماللىقىنىڭ قايسىسىنى بۇرۇن تاللاش ئۈچۈن ئانچەئويلىنىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

بۇ يەرگە كەلگەندە، بەزى پەننى تېئورمىلارغامۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تېرمودىنامىكا قانۇنىيتى بويىچە قارىغاندا، بۇئالەمنى تۈزگۈچى بارلىق ماددىلار تەدرىجى سوۋۇش جەريانىدا تۇرۇۋاتقان ۋە مۇقەررەرھالدا جىسىمنىڭ ھەممىسى نۆل گىرادۇسلۇق تېمپىراتۇرا ئاسىتىغا چۈشۈپ قالىدىغان بىركۈنگە قاراپ كېتىۋاتقان بولىدۇ. ئەنە شۇ نۆل گىرادۇسلۇق تېمپىراتۇرا بارلىققاكەلگەن ۋاقىتتا، ماددىلاردا ئېنىرگىيە قويۇپ بېرىش يوقىلىپ، ھاياتلىق خەۋپكە دۇچكېلىدۇ. ئاخىرى، جىسىملار نۆل گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغاندا ئېنىرگىيە چىقارمايدىغانھالەتنىڭ شەكىللىنىشى مۇقەررەر بولۇپ قالىدۇ. مانا شۇنداق بىر كۈن كەلگەن چاغدا،يەر شارىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدىن سۆز ئېچىش تولىمۇ يىراق بولىدۇ. دېمەك، ئۇنداقبولغاندا، دۇنيانى مەڭگۈلۈك دېگەن قاراش چاك بېسىپ تۇرالمايدۇ. مانا بۇنىڭدىنتەدرىجى سوۋۇش ۋە گۇمران بولۇش جەريانىدا كېتىۋاتقان بۇ دۇنيانى باشلىنىشىبولمىغان دەپ قاراشنىڭ بىر خىل بىمەنىلىك بولىدىغانلىقى ئۇقۇلىدۇ. ئەمدىكى گەپ،شۇنىڭدىمۇ يوقالماي يەنە مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ بارىدىغان ھېلىقى ئەزەلىيەتئېگىسىدە قالىدۇ. بۇ يەردىكى ئەزەلىيەت ئېگىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش نىشانىمىزبولغان ئاللاھنىڭ ئەڭ مۇۋاپپىق بولۇشى مۇقەررەر. ئاشۇ كۆيۈمچان قۇياش، چىمىر-چىمىريۇلتۇزلار ۋە ھاياتلىق تۈرلىرىگە باي بۇ زېمىن پىلانېتسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىئالەمنىڭ ئاساسى ۋە دەسىپى بەلگىلىك بىر باسقۇچتا باشلانغان مۇئەييەن بىر زامانبىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرمامدۇ؟ شۇنداق بولغاندا، بۇ شەيئىلەرمۇيېڭىدىن پەيدا بولغان شەيئىلەردىن پەيدا بولغان بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ئالەمنىڭئۆتمۈشى ئۈچۈن ئەزەلىيلىك سۈپىتى بىلەن سۈپەتلەنگەن بىر ياراتقۇچى، ئۇ ياراتقۇچىھەر نەرسىنى ياخشىلاپ تولۇق بىلگەن، كۈچ-قۇدرىتى تەڭداشسىز ۋە چەكسىز، بارچە ئۇلۇغۋە مۇقەددەسلىككە بىر ئۆزى لايىق بولغان ئاللاھ بولغان بولۇشى، بۇ بىپايان ئالەمئۇنىڭ ئىجادىيتى بولۇشى كېرەك.

زېمىننىڭھاياتلىق پائالىيتى ئۈچۈن ئەپلىك بولۇشى كۆپ تەرەپلەردە كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇلارنىمۇھېچقانداق قىلىپ تاساددىپىيلىق، ئۇشتۇمتۇتلۇق ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ بولمايدۇ.

زېمىن بوشلۇققا ئېسىپ قويۇلغان، ئۆز ئوقىدائايلىنىدىغان بىر شار جىسىم. كېچە ۋە كۈندۈز ئۇنىڭدا ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ئۇ،قۇياشنىڭ ئەتراپىنى يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىدۇ. بۇ ئارقىلىق پەسىل ئالمىشىشىيۈز بېرىدۇ. پەسىللەر ئالمىشىش ئارقىلىق زېمىن يۈزىدىكى ھايات كەچۈرۈشكە،ئولتۇراقلىشىشىقا باپ كېلىدىغان يەر قىسمىنىڭ كۆلۈمىنى كېڭەيتىش رولىنىئوينىغاندىن سىرت، ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى زېمىننىڭ تۇرغۇن ھالەتتەتۇرغاندىكىدىن كۆپ ياخشى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. زېمىننى سىرتقى تەرەپتىن گازقاتلىمى ئوراپ تۇرىدۇ. بۇ قاتلام ھاياتلىقنى تەمىن ئېتىش قىممىتىگە ئىگە بىر قىسىمگازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئۇنىڭ تۇرۇش دائىرىسى 500 مىلدىن ئارتۇقئېگىزلىككىچە يېتىپ بارىدۇ. بۇ گاز قاتلىمىنىڭ زىچلىقى شۇ دەرىجىدە ئىكەنلى،يۇقۇرى بوشلۇقلار ئارا ئۈزۈپ يۈرگەن ۋە سېكونتىغا 30مىليۇن كىلومېتىرلىق تېزلىكبىلەن كېسىپ ئۆتكۈچە مىليونلىغان خەتەرلىك ئاقار يۇلتۇزلارنىڭ ئۈستىمىزگەتاشلىنىشىنى توسۇپ قالالايدۇ.

دېڭىز-ئوكيانلاردىن كۆتۈرۈلگەن سۇ پارلىرى ئىچكىقورۇقلۇقلاردا يۆتكىلىپ يۈرۈپ، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرگىچى يامغۇر بولۇپئۇيۇشالايدىغان يەرلەرگە يېتىپ بارىدۇ. ھالبۇكى، يامغۇر بارلىق تاتلىق سۇنىڭمەنبەسىدۇر. ئەگەر شۇ يامغۇر بولمايدىغان بولسا، بۇ زېمىن ھاياتلىقتىن ئىزناقالمىغان بىر قاقاس باياۋانغا ئايلانغان بولاتتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى،زېمىن يۈزىدىكى مەۋجۇت دېڭىز-ئوكيان ۋە ھاۋا قاتلىمى پۈتۈن تەبىئەت بويلاپ ئىزقويغان مۇۋازىنەت چېقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ.

تەبىئەت دۇنياسىدىكى سۇ دەريا-ئۆستەڭ،دېڭىز-ئوكيانلاردىكى ھاياتلىق پائالىيتىگە خىزمەت قىلىدىغان مۇھىم تۆتئالاھىدىلىكى بىلەن ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك، بولۇپمۇ قاتتىق سوغۇقبولىدىغان چاغلاردا كۆپ نامايان بولىدۇ .

سۇتېمپىراتۇرا ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەندە، ئۆزىگە كۆپلەپ ئوكسېگىن سۈمۈرىۋالىدۇ.بۇنىڭ بىلەن، سۇنىڭ زىچلىقى تۆت يۈز دەرىجىگە يېتىپ بارىدۇ. قارنىڭ زىچلىقدەرىجىسى ئاشۇ دەريا، كۆلچەكلەردە بارلىققا كېلىدىغان سۇغا نىسبەتەن يەڭگىلبولغانلىقتىن، سۇ يۈزىدە لەيلەپ تۇرىدىغان مۇزلارنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى سۇنىڭزىچلىقىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ. سۇدىن يەڭگىل بولغان مۇز قاتلىمىنىڭ سۇدىكى تېمپىراتۇرادەرىجىسىنى مۇۋاپىق ساقلاپ بېرىشى بىلەن سوغۇق بەلباغلاردىكى سۇدا ياشايدىغانجانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. مۇزغا ئايلانغان سۇ قاتلىمىتۆۋەن قاتلامدىكى سۇ ھايۋانلىرىنىڭ نۇرمال ھاياتلىقىنى ساقلايدىغان تېمپىراتۇرامۇقىملىقىنى قامداپ بېرىدۇ.

قۇرۇقلۇقلارغا كەلسەك، ئۇ يەرلەر زېمىنمەۋجۇداتلىرىنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ مۇقىم ياشاش مۇھىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. زېمىندىكىتۇپراق نۇرغۇنلىغان ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تۇپراقتىكى ئېلېمېنتلارنىئۆزىگە سۈمۈرۈپ، سېنتىزلاش ئارقىلىق جانلىقلار ئېھتىياجلىق بولغان ھەرخىل يېمەكلىكتۈرلىرىگە ئايلىنىدۇ. ئىنسانلار تۇرمۇشىغا كېرەكلىك بولغان مېنىرال ماددىلارنىڭكۆپ قىسمى يەر يۈزىگە يېقىن ئارلىقلاردىن تېپىلىدۇ. ئۇلار بولغان چاغلاردا، پۇختامەدەنىيەت بەرپا قىلغىلى، تۈرلۈك پەن-تېخنىكا، ھۈنەر-سەنئەت ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغىلىبولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ زېمىن ھايات كەچۈرۈشكە ئەڭ مۇۋاپىق ھالەتتە يارالغان.مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى، شەك-شۈبھىسىز ھالدا ھەممىدىن خەۋەردار، ئىدىتلىق بىر بەرپاقىلغۇچى قولايلاشتۇرغان ئىشلاردۇر. شۇنداق ئىكەن، بۇ يەردىمۇ يەنە بۇلارنىڭھەممىسىنى بىراقلا تاساددىپىيلىق ياكى قارىسىغا بولۇشتىن كېلىپ چىققان دەپ قاراشمۇتلەق ئەقىلدىن ئەمەسقۇ دەيمەن. بۇ يەرگە كەلگەندە، ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭئاللاھقا قارىتىپ ئېيتقان مۇنۇ سۆزىنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.ئۇ مۇنداق دېگەن: " ئاللاھ ئالەمنى بىكارغا ياراتمىغان، پەقەت بىررەھمەت-ياخشىلىقنى كۆزلەپ بارلىققا كەلتۈرگەن".

بەزىئادەملەر زېمىن كۆلىمىنىڭ ئاتراپتىكى پايانسىز بوشلۇققا نىسبەتەن تولىمۇ كىچىك ۋەچاغلىقلىقىدىن كۈلۈشى ۋە ياكى ئۇنى مەنسىتمەسلىكى مۇمكىن. بۇنداق قىلىشئەخمىقانىلىق. چۈنكى ئەگەر زېمىن چوڭ-كىچىكلىكتە ئاينىڭ ئورنىغا ياكى ئۇنىڭھازىرقى دىئامېتىرى ئەسلى دىئامېتىرىنىڭ بىر يېرىم ھەسسىسىگە چۈشۈپ قالغانتەغدىردە، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۆت تەرەپتىن ئوراپ تۇرىۋاتقان سۇ ۋە ھاۋا قاتلىمىنىساقلاپ قېلىشى مۇمكىن بولمايدۇ. تېمپىراتۇرا ئەڭ يۇقۇرى چەككە يېتىپ، بارچە نەرسەئۆلۈش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. ئەمما زېمىننىڭ دىئامېتىرى ھازىرقىدىن بىر ھەسسەزورايغان دەرىجىدە ئۇنىڭ تاشقى يۈز كۆلىمى بىراقلا تۆت ھەسسە كېڭىيىدۇ-دە، تارتىشكۈچى ئەسلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ. يەنە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، تاشقى ھاۋاقاتلىمى تۆۋەنلەيدۇ. نەتىجىدە، ھاۋانىڭ بېسىمى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ھەر كۋادىرات مېتىريەرگە بىر كىلوگىرامدىن ئىككى كىلوگىرامغىچە ھاۋا سىغدىلىدۇ. بۇنداق بولۇپ قالسا،يەر يۈزىدىكى ھاياتلىق زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ. يەنە ئۇندىن سىرت، سوغوق بەلباغرايونلىرىنىڭ كۆلۈمى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ياشاشقا باپ كېلىدىغان زېمىن كۆلىمىشىددەت بىلەن ئازىيىدۇ. بۇ چاغدا، ئىنسانلار جەمئىيتى ياشاش مۇھىتى جەھەتتىنبۆلۈنۈشكە يۈزلىنىدۇ ياكى ھازىرقىدىن كۆپ دەرىجىدە يىراق-يىراقلاردىن يېڭى ماكانئىزدەش ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى بېرىش-كېلىش قىيىنلىشىدۇ ۋەچەتئەللەر-خەلىقلەر ئارىسىدا غايەت زور بوشلۇق، ئازىلىق شەكىللىنىدۇ. بەلكى بۇنداقشارائىتتا ھايات كەچۈرۈش پەقەت خام خىيالدىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ.

ناۋادا،زېمىن پىلانتىمىز ئۆزىنىڭ ھازىرقى زىچلىق دەرىجىسىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن قۇياشنىڭچوڭلۇقىدا بولۇپ قالغان تەغدىردە، ئۇنىڭ تارتىش كۈچى ھازىرقىدىن 150 ھەسسە ئېشىپكېتىپ، ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ ئېگىزلىكى بىراقلا تۆت مىلغا چۈشۈپ،ئەسلىسىدىكىسىنىڭ يېرىم ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ قالىدۇ. بۇنداق ھالەتتە، دېڭىزسۈيىنىڭ پارلىنىشى ئىشقا ئاشمايدۇ. ھاۋانىڭ بېسىمى ھەر كۇۋادىرات مېتىر يەرگە 150كىلوگىرامدىن توغرا كېلىپ قالىدۇ. ئادەتتىكى ئېغىرلىقى 5 كىلوگىرام كېلىدىغاننەرسە ئۇ چاغدا 900 كىلودىن ئارتۇقراق ئېغىرلىققا بېرىپ كېلىدۇ. كۈچلۈك تارتىشكۈچىنىڭ تەسىرىدىن ئىنساننىڭ تەن-قۇرامى نورمال ئۆسمەي، بارغانسېرى كىچىكلەپبېرىپ، دالا چاشقىنى ياكى تىيىنچىلىك چوڭلۇققا كېلىپ قالىدۇ. بۇنداق مەخلۇقلاردا تەپەككۇرھاياتى نەردە تۇرسۇن. ئەگەر زېمىن ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن كېيىنكى قۇياشلىقھەسسىسىدە تۇرىۋەرسە، قۇياشتىن قۇبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى ھازىرقىئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىرىگە چۈشۈپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ قۇياشئەتراپىنى ئايلىنىپ چىقىشىمۇ ئۇزۇن بىر ۋاقىتتا ئاياغلىشىدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، قىشپەسلىمۇ ھەسسىلەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ، يەر يۈزىدىكى تىرىك ئورگانىزىملار تەلتۆكۈسمۇزلايدۇ. يەنە ناۋادا قۇياش بىلەن يەرنىڭ ئەمەلىي ئارىلىقى ھازىرقى ھالەتنىڭيېرىمىغا قىسقارسا، زېمىننىڭ قۇياشتىن ئالىدىغان ئىسسىقلىقى ھازىرقىدىن تۆتھەسسىگە كۆپۈيىدۇ، قۇياشنى ئايلىنىپ چىقىشىمۇ تېزلىشىدۇ. ئۇ چاغدا، تۆت پەسىلنىڭئۇزۇنلىقى ھازىرقىدىن يېرىم ھەسسە قىسقىرايدۇ. ئەگەر ئاشۇ ئابىستىراكىتچۈشەنچىدىكى بىر پەسىل بولغان تەغدىردە، زېمىن يۈزىدە ھاياتلىق پائالىيتى ئېلىپبېرىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ. ئەنە شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، زېمىننىڭبۈگۈنكىماسسىسى ۋە قۇياش بىلەن بولغان ئارلىقى، شۇنداقلا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتىقاتارلىقلاردىكى تەڭپۇڭلۇق ئىنسانلارغا تۇرمۇش يوللىرىنى قولايلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىھاياتنىڭ ماددىي، مەنىۋىي، روھىي تەرەپلەردىكى بارچە شەكىللىرىدىن بىز بۈگۈن كۆرۈپتۇرۇۋاتقان لىنىيە بويىچە پايدىلىنىش ئىمكانىيتىدىن بەھرىمەن قىلىۋاتماقتا. ئەگەربۇ ھايات ۋە دۇنيا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىلان ياكى نىگىز ئارقىلىق بارلىققاكەلمىگەن دىيىلسە، ئۇنداقتا، ئۇ دەل ھېلىقى تاساددىپىيلىق يولى بىلەن پەيدا بولغانبولىدۇ. قېنى شۇ تاساددىپىيلىق قانداق بولسا تاساددىپىيلىق بولغان بولىدۇ؟ بىزبۇنى ئويلاپ باقايلى! ھاياتلىقنىڭ تاساددىپىيلىق بىلەن قانداق يارىتىلغانلىقىنىبىر كۆرۈپ باقايلى! ھازىر تاساددىپىيلىق ۋە ئېھتىماللىققا قارىتا پەقەت ئەڭ توغرائىلمى ھۆكۈم بارلىققا
كەلمىگەن چاغدىكى بىر قاتار كەڭ ساھەلەرگە تەتبىقلىنىدىغان ساغلام پەننىي ئاساسلارمەۋجۇت. بۇ خىل قاراشلار بىزنىڭ ئالدىمىزغا مەلۇم خاتالىق ئېھتىمالىنى چەتكەقاقمىغان ھالدا ھەقىقي ۋە توغرىلىققا خېلى يېقىن بولغان ھۆكۈملەر بىلەن چېلىقىدۇ. ھەمدەبىزنىڭ تاساددىپىيلىق نەزەرىيسىنى ئۆگۈنىش قەدىمىمىز زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىپ،ھازىرقى كۈندە بەزى ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى تاساددىپىيلىق نوقتىسدىن چۈشۈنىدىغانۋە يەنە بىرقىسىم مەيدانغا كېلىش سەۋبىنى چۈشەندۈرۈش قىيىن ئىشلارنى خۇددى شىشىخالئويۇنىدا دوغا تىككەندەك قارىسىغا تەۋەككۈلچىلىك قىلىش يولى بىلەن چۈشىنىدىغانبولۇشتۇق. بىز ئاخىرى بۇ تەتقىقاتىمىز ۋە ئۆگۈنۈشىمىزنىڭ ئىلگىرلىشى شاراپىتىدەئەشۇ تاساددىپىيلىق بىلەن بولۇشى مۇمكىن بولىدىغان ۋە مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنىئايرىپ ئېلىشقا ۋە ئۇندىن سىرت بىر قىسىم ئىشلارنىڭ مۇئەييەن بىر زامان چېكىدەبارلىققا كېلىش ئېھتىمالىنى ھېسابلاپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. ئەمدى بىز تۆۋەندەھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىدا تاساددىپىيلىق رولى بىلەن بارلىققا كېلەلەيدىغاننەرسىلەرگە نەزەر ئاغدۇرىمىز.

بىزگە مەلۇمكى، ئورگانىك ھۈجەيرىلەرنىڭھەممىسىنى تۈزگۈچى ئاساسلىق بېرىكمە بولغان يادرو كىسلاتاسى تۆۋەندىكى بەش خىلئېلېمېنتتن تەركىب تاپقان بولىدۇ. ئۇلار: كاربون، ھىدروگىن، فوسفور، ئوكسىگېن ۋەگۈڭگۈرتلەردىن ئىبارەت. ئورگانىزىملاردىكى ھەر بىر يادرو كىسلاتا مولىكۇلىسىنىتەشكىل قىلىدىغان ئاتوملار سانى 40 مىڭغا قەدەر يېتىپ بارىدۇ. ئۇنداقتا، 103 خىل ئېلېمېنت تەبىئەت دۇنياسىدا قالايمىغانھالەتتە تارقالغان بىر شارائىتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن يۇقۇرقى بەش خىل ئېلېمېنىتنىڭبىر يادرو كىسلاتا مالىكۇلىسى بولۇپ بىرىكىش ئېھتىمالى بىزگە ئۇلارنى بىر بىرىكىشنۇقتىسىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولىدىغان ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇچراشتۇرۇش،ئارلاشتۇرۇشقا كېتەرلىك ماتىريال زاپىسىنى ياكى مىقدارىنى ۋە شۇ ،مولىكۇلا زەنجىرىئىچىدىكى بىر قاتار ئاتوملارنى بىر نوقتىدا توپلاشقا كېتەرلىك ۋاقىت ئارلىقىنىھېسابلاپ چىقىش ئىمكانىيتىنى بېرىدۇ. بۇ خىل ھېساباتنى شىۋىتسارىيلىك ماتېماتىكائالىمى چارلىز يوگېن گاي ئىشقا ئاشۇرغان. چارلىز ئۆز تەتقىقاتىدا شۇ نەتىجىگەئېرىشكەنكى، بىر يادرو كىسلاتا مولىكۇلىسىنىڭ تاساددىپىيلىق يولى بىلەن بىرىكىشئېھتىمالىنىڭ پىرسەنتى ئوندا بىرنىڭ بىرىنى ئۆزىدە 160 قېتىم كۆپەيتكەندىن كىيىنچىققان ساننىڭ بىر پىرسەنتى. ھالبۇكى، بۇ تەلەپپۇز قىلىشمۇ، سۆز بىلەن ئىپادىلەشمۇمۇمكىن بولمايدىغان بىر سان. ئۇندىن باشقا، بۇ تاساددىپىيلىق ئىشقا ئاشىدۇ دەپقارالغان تەغدىردە، بىر مولىكۇلانى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن كېتىدىغان ماتىريال زاپىسىمۇشۇ ئالەمدىكى نەرسىلەردىن نەچچە مىليۇن ھەسسە جىق بولۇشى كېرەك، يەنە ئۇنىڭ يەرشارى يۈزىدە تاساددىپىيلىق يولى بىلەن بارلىققا كېلىشى ئۈچۈنمۇ مىليارد  يىللار كېتىدۇ. بۇ يىللارنىڭ سانىنى يۇقۇرقىئالىم 10 مىلياردنى 10 مىلياردقا 243 قېتىم كۆپەيتكەندىن كېلىپ چىقىدىغان سان دەپپەرەز قىلغان. يادرو كىسلاتا بولسا، ئۇزۇن كەتكەن ئامىنو كىسلاتا زەنجىرىدىنتۈزۈلگەن بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئامىنو كىسلاتا زەنجىرى بۆلەكلىرىنىڭ ئەپلىكچېتىشچانلىقىغا ئادەم ھەيران قالىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاشۇ شەكىلدىن باشقىچە ھالداتۈزۈلۈپ قالسا، ئۇ چاغدا ئۇ ھاياتلىققا پايدىسىز بىر نەرسىگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ.

تېخى گېزى كەلگەندە، ئۇ ھاياتلىققا تەھدىتسالىدىغان نەرسە بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەنگىلىيە ئالىمى ج.پ. لىبنىز بىر يادروكىسلاتاسىنىڭ قوراشمىغان بىر مولىكۇلاسىدىكى ئاتوملارنىڭ ئۆز-ئارا رەتلىك رەۋىشتەبىرىكىشى مۇمكىن بولىدىغان يوللارنىڭ نەچچە مىليارد خىلغا بارىدىغانلىقىنىھېسابلاپ چىققان. شۇنداق تۇرۇپ: " بۇ خىل تاساددىپىيلىقنىڭ ھەممىسى پەقەتئەشۇ بىر مولىكۇلا ىۇرۇلىشى ئۈچۈنلا ئۆز-ئارا بىرىكىپ چىقىدۇ " دىيىشئەقىلدىن بەكمۇ يىراق ئەمەسمۇ؟!

لېكىن شۇنىمۇ ئويلاپ قۇيۇش كېرەككى، يادروكىسلاتا بىرىكمىسى ئۆزىدە ھاياتلىق مەۋجۈت بولمىغان، ماھيىتى بىزگە نامەلۇم بولغانئاشۇ ئاجايىپ تىلسىم كۈچ ئۇنىڭغا چۈشكەن چاغدىلا ھاياتلىق تارايدىغان نەرسىدۇر. ئۇبولسىمۇ، بىز دەۋاتقان چەكسىز ئاڭدۇر. ئەنە شۇ يىگانە ئاللاھ تۇر. ئۇ ئۆزىنىڭچەكسىز ھېكمىتى بىلەن ئاشۇ خىلدىكى يادرو كىسلاتا مولىكۇلا مودىلىنىڭ ھاياتلىقئاساسى بۇلۇشقا يارايدىغانلىقىنى بىلگەن، نەتىجىدە، ئۇنى ئاشۇنداق قۇرۇپ ۋەشەكىللەندۈرۈپ چىققان، ئاخىرىدا يەنە ئۇنىڭغا ئۆزى ھاياتلىق سىرىنى چۈشۈرگەنزاتتۇر.



_____________

[1]  1904- يىلىىدىن 1944-يىلىغىچەكانادا مانىتوبا ئۇنىۋېرسىتېتىنىىڭ بىئوفىزىكا پېنى بويىچە پىروفېسسور بولغان.يەنە بۇ ئارىلىقتا كورنىل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان.ئۇ، رەڭ سەزگۈسى ئىلمى، پىسخوئوپتىكا، نەپەس فۇنكسىيىسى ئىلمى بويىچە ئاتاقلىقتەتقىقاتچى بولۇپ، نۇرغۇن ئىلمى مۇۋاپپىقىيەتلىرى ئۈچۈن كانادا پادىشاھلىق ئىلمىي جەمئىيتى تەرىپىدىن ئالاھىدە ئالتۇن ئوردېن بىلەن مۇكاپاتلىنىشقا سازاۋەر بولغان.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-24 06:32 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108848
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 194
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-7-31
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 01:27:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەتلەر تۇتاش چىقىپ قاپتۇ. باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ قويغان بولساڭلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1891 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 03:34:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق ماددىنىڭ بارلىقى كىلىشى مەقسەتسىز بولمايدۇ .ئادەملەرمۇ مەخسەتسىز قىلدىم دىگەن ئىشىمۇ مەخسەتلىك ئىشىغا تاپقان مەخسەتلىك باھانىسىدۇر .ئالەمنىڭ بارلىققا كىلىشى بەلكىم ئالەمنى ياراتقۇچىلارنىڭ مەخسىتنىڭ بىر قىسمى بولىسى مۇمكىن .شۇنى بىلىۋىمىشىز كىرەككى دۇنيادىكى ھەرقانداق ئىش مەخسەتسىز ،سەۋەبسىز بولمايدۇ .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 04:10:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چەتئەللىك  تەتقىقاتچى ئالىممۇ  بۇ ئەسىردە   زىمىن،بارلىق شەيئى لەرنى ئاللا نىڭ ياراتقانلىقىنى سۆزلەپتۇ......تەسىرلەندىم...

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44740
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15862 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 04:15:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 03:34 PM
ھەرقانداق ماددىنىڭ بارلىقى كىلىشى مەقسەتسىز بولمايدۇ  ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم


بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق بىر ياراتقۇچى يوق .


سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14923
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10156
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1206 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 04:29:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 03:34 PM
ھەرقانداق ماددىنىڭ بارلىقى كىلىشى مەقسەتسىز بولمايدۇ  ...

‹‹ياراتقۇچىلانىڭ >> ئەمەس ياراتقۇچىنىڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   apndim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-21 04:30 PM  


مىنى مۇسۇلمان تۇغۇلۇپ ئۇيغۇرلۇقۇمنى تۇنۇتقان ئاللاھقا كۇرمىڭ شۇككۇرلەر بولسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1891 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 04:31:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.tuz. يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 04:15 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام ...
  تەكىتلىگىنىڭىزغا رەھمەت .لىكىن بىر مەخسەتنى ماڭا بىلدۈرمەكچى بولغاندەك ھىس قىلدىم .لىكىن چۈشىنەلمىدىم .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44740
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15862 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 04:37:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 04:31 PM
ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام ...
  تەكىتلىگىنىڭىزغا رەھمەت .لىك ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

«ئالەمنى ياراتقۇچىلارنىڭ»  دېگەن ئاشۇ سۆزىڭىز ئىتىقادچى مۇسۇلمانلار بىلەن چوڭ ئىـىلاپ تىرىيدۇ . ئىمكان بار تەھرىرلىۋىتىڭ . قوشۇلسىڭىز ئۆچۈرۋەتسەممۇ بولىدۇ .

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1891 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 04:40:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
apndim يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 04:29 PM
‹‹ياراتقۇچىلانىڭ >> ئەمەس ياراتقۇچىنىڭ

   بىراق ،بۇ دۇنيادا بىز مۇسۇلمانلارلا بار ئەمەس دە خىرىستىيان ،بۇددىست ،يەھۇدى ،كاپىرلار بىلەن بۇلارنىڭ   ھەممىسىنىڭ ياراتقۇچىسى ،ئاللاھسى ئوخشاش ئەمەسمەن بەزى سۆزلەرنى ئاممىباب ئىشلەتكەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardor0908 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-21 04:41 PM  


دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1891 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 04:49:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.tuz. يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 04:37 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

«ئالەمنى ياراتقۇچىلارنىڭ»  دېگە ...

ئىختىيارىسىڭىز ....لىكىن ئالەم مۇسۇلمانلارغا ئوڭچە قالغان ئەمەس .ئەگەر ياراتقۇچىلار دىگەن سۆزدىن ئىختىلاپ تاپىدىغان دىنغا ئىشەنگۈچىلەر بولسا ھەيران قالمايمەن .چۈنكى ،پەيغەمبىرىمىز دەۋرىدىكى كەڭ قۇرساقلىق ،يات دىندىلەرنىڭ دىنى ئىتىقادىغا نىسبەتەن ھۆرمەت بۇ زامانغا كەلگەندە چوڭ مۇسۇلمانچىلىق ئۈستىدىن ئۇنتۇلدۇرۇلدى .بىز مۇشۇنداق ئۆزىمىزنى ئويلاپ باشقا دىن مۇرىتلىرنىڭ دىنىغا ،دىنىي ھىسياتىغا دەخلى قىلسام مەنچە بىز تۇتقان ئاشۇ مۇسۇلماندارچىلىقمۇ باشقا بىز تېللاپ يۈرگەن دىنلاردىن نىمە پەرقى ؟
تېمىنى ئۆچۈرسىڭىزمۇ ياكى تەھرىرلىسىڭىزمۇ مەيلى بىراق ئۇنتۇپ قالماڭ .دۇنيا دىنىي جەھەتتىن ئۈچ چوڭ دىنىي توپ ،مېللەت جەھەتتىن 2000دىن مېللەت توپى ئارقىلىق يەرشارىدىكى ئىنسانلر جەمىئىتىنى تەشكىل قىلغان .بۇمۇ ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى .شۇڭا باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنىمۇ ھۆرمەت قىلىشىمزى  كىرەك !!

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش