|
|
|
|
ھەمىشە
ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم
ھاراق ئىچىپ قاۋاقتا،يېتىۋەردۇق ھەمىشە،
نەشە تارتىپ،بەڭ چىكىپ كۈلىۋەردۇق ھەمىشە.
كەيپلەردە ھەر كۈنى،ئاپتاپ سۇنغاچ بۇلۇڭدا،
چۆلنى-بوستان قىلدۇق بىز،خېيالاردا ھەمىشە.
ئۇتۇق قازىنىپ كەسىپتىن، زەپەر قۇچسا كۆرەلمەي،
توپا چىچىپ ئېشىغا،ئورا قازدۇق ھەمىشە.
قولىمىزدىن پوق كەلمەي، قازانماستىن نەتىجە،
ئېغىزىمدا چوڭ سۆزلەپ،لاپ ئۇرىمىز ھەمىشە.
بىرنى دىدىدۇق ئۆلدى دەپ،بىرنى يالغان كۈلدى دەپ،
بىرنى خەقلەر سۆيدى دەپ،غەيۋەت قىلدۇق ھەمىشە.
ھەسەت قىلىپ ياخشىغا،مۇڭلۇق ئېيتقان ناخشىغا،
ناۋات سۇنۇپ ئاشنىغا،كۈن ئۆتكۈزدۇق ھەمىشە.
2014-يىلى8-ئاينىڭ21-كۈنى ئۈرۈمچى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-21 05:19 PM
|
|
|
|
|
|