ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن، ئانا
خىزمەت ئالدىراشلىقى، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە، كۈنلەر ئالدىراش ئۆتمەكتە، مانا، ئانام بىلەن كۆرۈشمىگىلىمۇ خېلى كۈنلەر بولۇپ قاپتۇ. لېكىن ھەركۈنى ئانامنى ئەسلەپ تۇردۇم. ئانام بىلەن كۆرۈشۈش بۈگۈن نېىسىپ بولغان ئوخشايدۇ. شۇڭا بۈگۈن ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئانامنى كۆرگىلى كەلدىم. ئەنە، ئانام مېنى كۈتۈپ ئولتۇرماقتا، قاراڭ، ئانامغا، پەقەت ئانامغىلا خاس ئىللىق كۈلۈمسىرەش، مېھرىبانلىق مەن ئۈچۈن قۇچاق ئاچماقتا. ئانام ئۆز ئادىتى بويىچە، بىر تېزىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغىنىچە مېنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئانامنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىپ، مېنى يېغا تۇتتى. لېكىن ئانامنىڭ «ئوغۇل بالا دېگەن يېغلىمايدىغان» دېگەن سۆزى چاقماق تېزلىكىدە يادىمدىن كەچتى-دە، ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتۇۋالدىم. ئوڭ قۇلۇمنى كۆكسۈمگە قويۇپ، ئېگىلىپ تۇرۇپ ئانامغا سالام بەردىم:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئانا، قانداق ئەھۋالىڭ؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بالام. مەن خېلى ياخشى، ئۆزۈڭچۇ؟ ياخشى تۇرۋاتامسەن؟
-مېنى كەچۈرگىن ئانا، سېنى ۋاقتىدا يۇقلاپ تۇرالمىدىم.
ھاياجانلىنىۋاتىمەن، ئىچ-ئىچىمدىن ھاياجانلىنىۋاتىمەن!
-ياق بالام، ھەرگىز ئۇنداق دېمە، خىزمىتىڭ ئالدىراش، ئەل ئۈچۈن ئالدىراشسەن بالام.
-ئانا، جىنىم ئانا، ئالدىراش بولساممۇ، سېنى پات-پات يۇقلاپ تۇررۇشۇم كېرەك ئىدىغۇ...
-قەلبىڭدە دائىم ئەسلەپ تۇرۋاتىسەنغۇ بالام.
ئانام ماڭا قاراپ ئانىلىق مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن كۈلۈمسىرىدى، مېنى بىر ئۈمۈر پەپىلەپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقان، ساناقسىز قۇرۇقلار چۈشكەن، بىزنى بېقىش يۇلىدا تالاي رىيازەتلەرنى چەككەن، جاپالارنىڭ ئىزنالىرى قالغان بىلەيدەك يېرىك، ئەمما، تولىمۇ مېھرى ئىسسق قوللىرى بىلەن يۈزۈمنى سىلىدى.
ھاياجانلىنۋاتىمەن، قاتتىق ھاياجانلىنىۋاتىمەن!
-ئانا، مېنى كەچۈرەلەرسەنمۇ؟ مېنى باققان، ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭگە چۈشلۇق جاۋاپ قايتۇرالمىدىم، ئانا.
-بالام، بىلگىنكى، ئانىلار ئەمگىكى مېھنەتسىز ئەمگەك. ھەرقانداق ئانا بالىسىغا سىڭدۈرگەن ئەمگەكتىن ھەق تەلەپ قىلمايدۇ، بالام.
-لېكىن ئانا مەن...
-بولدى بالام، ھەرگىز مەيۈسلۈنمە! مەن سەندىن رازى.
ھاياجانلىنۋاتىمەن! قاتتىق ھاياجانلىنۋاتىمەن! يۈرەك سوقۇشۇم تىزلىشىپ، بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك، ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمەي قالدى.
-بالام، قەددىڭنى تىك تۇتۇت، مەردانە ياشا! سەمىمي، ۋاپادار بول.
-بۇلىدۇ، ئىسىمدە تۇتىمەن ئانا.
-باشقىلارغا قۇلۇڭدىن كېلىشچە ياخشىلىق قىل، ئېسىڭدە بولسۇنكى، بۇ دېگەن ئۆتنە ئالەم.
-بىلدىم ئانا، چوقۇم ئېسىمدە تۇتىمەن.
-ئىنساپ-دىيانەتلىك بول بالام، بۇ ھەقىقىي ئىنسانغا خاس خىسلەت، چۈنكى، ئىنساپ-دىيانەتلىك كىشى ھامان ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇلىدۇ.
-ماقۇل ئانا، نەسىھىتىڭنى بۇرۇنقىدەكلا ئىسىمدە چىڭ تۇتىمەن.
ھاياجانلىنۋاتىمەن، قاتتىق ھاياجانلىنۋاتىمەن! كۆكرەك قەپىزىم سىقىلىپ، گەپ قىلالماي قالىدىم.
-دېگەنلىرىمنى ئېنىق ئاڭلىدڭمۇ، بالام.
گەپ قىلالمىدىم، بىشىمنى لىڭشىتتىم، كۆز چاناقلىرىم لىققىدە ياشقا تولدى.
-ئائىلەڭگە ۋاپادار بول، بالام. ئەرلىك بۇرچۇڭنى ياخشى ئادا قىلغىن، چۈنكى سەن ئائىلەڭنىڭ تۆۋرۈكىدۇرسەن بالام.
-ماقۇل، ئانا، ئىسمدە تۇتىمەن.
-پەرزەنتلىرىڭنى ياخشى تەربىيلە، ئىسىڭدە چىڭ تۇتۇت، بالام، بالىنى ياخىشى تەربىيلەش ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى.
جاۋاپ بېرەلمىدىم، ئۈنسىز باش لىڭشىتتىم.
-قېرىنداشلىرىڭغا ۋاپادارلىق يەتكۈز، قۇلۇڭدىن كېلىشچە ياخشىلىق قىل، ئېسىڭدە بولسۇن بالام، ئۇرۇق-تۇغقانلارنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، بېشڭغا كۈن چۈشكەندە، ئەسقاتىدىغىنى يەنى شۇ قېرىنداشلىرىڭ بالام.
-ئانا، جىنىم ئانا، يادىمدا ئانا. ئانا....
بۇلالمىدىم، كۆز ياشلىرىم چاناقلىرىمدىن سىرغىپ چىقشقا باشلىدى.
-كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما بالام، مەن سەندىن رازى، سەندىن پەخىرلىنىمەن.
ھاياجانلىنۋاتىمەن، قاتتىق ھاياجانلىنۋاتىمەن. ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم، كۆز ياشلىرىم سىرغىپ چىقتى، ئىسسىق ياشلىرىم يۈزلىرىمنى بويلاپ ئاقماقتا.
-ماقۇل ئەمسە بالام، سەن ئالدىراش، ۋاقتىڭنى ئالماي، قايتىپ كەتكىن، نۇرغۇن ئىشلار سېنى كۆتمەكتە. مېنى يۇقلاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمىغىن بالام.
ئاخىر بۇلالمىدىم. ئانامغا بولغان كۈچلۈك سېغىنىشلىق ھېسىياتىم بىراقلا ئېتىلىپ چىقتى.
-ئانا، جىنىم ئانا، قايدىسەن ئانا، سېنى بەكمۇ سېغىندىم ئانا. مېنى ئىللىق باغرىڭغا ئالساڭچۇ، ئانىلىق مېھرىڭ بىلەن پىشانەمگە سۆيسەڭچۇ ئانا. ئاڭلاۋاتامسەن ئانا، بالاڭ سېنى تولىمۇ سېغىندى، مېھىرى-مۇھەببىتىڭگە تولىمۇ تەشنا ئانا... ئانىلىق مېھىرىنى نەدىن ئىزدەيمەن ئانا. يادىمدا ئانا، يادىمدا، ماڭا قالدۇرغان نەسىھەتلىرىڭ، تەربىيەلىرىڭ ھەممسى يادىمدا ئانا. خاتىرجەم بولغىن ئانا، مەن چوقۇم ئىنساپ-دىيانەتنى، ئەدەب-ئەخلاقنى، ئەخلاق-پەزىلەتنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىپ، بۇ دۇنيادا ۋىجدان، غۇرۇر بىلەن ياشايمەن، ئانا...
قاتتىق يېغىدىن كىيىن ئىچىم بوشاپ قالغاندەك بولدى، ئانام بىلەن سىردىشىپ كۆڭلۈم خېلى ئارام تاپتى. ئانامنىڭ مۇڭسىز قەبرىسىگە قاراپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم-دە، دۇئاغا قول كۆتۈردۈم:«ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن، خاتىرجەم ياتقىن، ئانا». دۇئادىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئانام بىلەن كۆزۈم قىيمىغان ھالدا ئايرىلىپ، ئۈنسىز خوشلاشتىم: «خەير-خوش ئانا، مەن كەتتىم...»
ئاپتورى :مۇتەللىپ سەمەت
پىچان يېزا ئىتتىپاق گىزىتىدىن ئىلىندى ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن تورغا يوللاندى