مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 734|ئىنكاس: 3

يازدا ئاشقازاننى ئاسراشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73970
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3095
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 11:00:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يازدا ئاشقازاننى ئاسراشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

  يازدا تېمپىراتورىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، سوغۇق، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، نەتىجىدە، بۇ خىل يېمەكىلكلەر ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ياز كۈنلىرى ئاشقازاننى ئاسراشتا قىزىل يېمەكلىك-تاتلىق بەرەڭگە، سېرىق يېمەكلىك-كاۋا، يېشىل يېمەكلىك-كاپۇستا قاتارلىق ئۈچ خىل يېمەكلىكنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

  تاتلىق بەرەڭگە ئاشقازاننى ئاسراپ، ھەزىم بولماي قالغان ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مول يېمەكلىك تالاسى ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. لېكىن ئۇ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەن، دائىم سېرىق سۇ يانىدىغان، مەيدىسى ئېچىشىدىغان كىشىلەر تاتلىق بەرەڭگىنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك. ئادەتتە تاتلىق بەرەڭگە شوۋىگۈرۈچى، قاسقاندا پىشۇرۇلغان تاتلىق بەرەڭگە قاتارلىقلارنى يېسە بولىدۇ، لېكىن قاقلاپ پىشۇرۇلغان تاتلىق بەرەڭگىنى يېمەسلىك كېرەك.

   كاۋا يۇمشاق بولغاچقا ئاسان ھەزىم بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر، بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋە بالىلار كاۋا يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. كاۋىنىڭ ئاشقازاننى ئاسراش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كاربۇن سۇ بىرىكمىسى، مېۋە يىلىمى ئاشقازاننىڭ غىدىقلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسى ئىنتايىن يۇمشاق بولۇپ، بەدەنگە ئاسان سۈمۈرىلىدۇ. كاۋا شوۋىگۈرۈچى، كاۋا قورۇمىسى، قاسقاندا پىشۇرۇلغان كاۋا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئاشقازاننى ئاسراشتىكى ئېسىل يېمەكلىك بولۇپ كەلمەكتە. قان شېكىرى يۇقىرى كىشىلەر ھەر ۋاخلىق تامىقىدا قاسقاندا پىشۇرۇلغان كاۋىنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بېرىشى كېرەك.

  كاپۇستا (يۇمىلاق يېسۋېلەك) ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدايدۇ. كاپۇستا تەبىئىي ئاشقازان دورىسى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، ھەزىمنى ياخشىلاپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدايدۇ. ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس كىشىلەر، بولۇپمۇ ئاشقازان يارىسى، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار كاپۇستىنى ئېزىپ، سۈيىنى چىقىرىپ، ئاز مىقداردا ھەسەل سېلىپ كۈندە بىر ئىستاكان ئېچىپ بەرسە ئاشقازان يارىسىنىڭ تېزرەك ساقىيىشىغا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، سوغۇق يېمەكلىكلەر ئاشقازانغا ياقمايدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئاستا ھەرىكەتلەرنى مەسلەن، تەيجى گۇمپىسى، پىيادە سەيلە قىلىش، ئاستا يۈگرەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى كۆپ قىلغاندا قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، بەدەننى ئىللىتقىلى ھەم ئاشقازاننى ئاسراشتا ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈمى بار.


مىسىرانىمغا كىرىپ باقمىغىلى خىلى بۇلۇپتۇ چەت-ياقىلىرىغىچە چىرىپ باقتىم  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 695
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3502
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 561 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 04:16:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالامەتلىككە پايدىلىق مەزمۇنكەن رەھمەت سىزگە.

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 05:10:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىق بىلىملەركەن . كۆپ رەخمەت .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100234
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 886
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-21 10:54:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىشتا قانداق قوغدايمىز

ئۆچكە جاڭگال  چۇشەيدۇ ،توخۇ داڭگال..
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش