قىسسەسۇل ئەنبىيا
تۇرادىن ئابدۇرېھىم
مۇقەددىمە
زېمىنغا چۈشتى پەيغەمبەر،ئەرش ئارمانغا ئايلاندى،
يېتەكلەپ ئەلنى پاك يولغا،مۇقەددەس <خان>غا ئايلاندى.
بېشىدىن ئۆتتى نى كەچمىش،چېكىپ ئىسلام ئۈچۈن كۈلپەت،
بولۇپ ھەر قەۋم ئۈچۈن يول باش،جايى زىندانغا ئايلاندى.
شۇ پەيغەمبەر ئىزى قالدى،قىسسەسۇل ئەنبىياسىدا،
چالا نەزمەم بىلەن كەلدىم،كۆڭۈل سۇلتانغا ئايلاندى.
ئادەم
كىرىپ ئادەم شۇ ئىبلىسنىڭ،ئېزىتقۇ پەيلىگە ئاخىر،
پانىغا چۈشتى جەننەتتىن،يۇۋاش دېھقانغا ئايلاندى.
گۇناھنى كەچۈرۈم قىلدى،ئورۇن بەردى شۇ ئىبلىسقا،
تېرە-گۆش ئاراسى شۇندا،گويا ئايۋانغا ئايلاندى.
يارالدۇق خاكى-تۇپراقتىن،بولۇپ ئادەمگە پەيۋەندە،
ئېزىتقۇ بىئىمان مەلئۇن-لەئىن،شەيتانغا ئايلاندى.
نوھ
بېسىپ توپان بالاسى بۇ-زېمىن قالدى ئۇلۇغ سۇدا،
ئەۋەتتى نوھنى،ئىنسانغا-ياشاش ئىمكانغا ئايلاندى.
ياسالدى ھەزرەتى نوھنىڭ،قولىدا بىر يوغان كېمە،
ئۇنىڭسىز كائىنات لەيلەپ،سۈيى ئوكيانغا ئايلاندى.
چۈشۈپ شۇ كېمىگە جۈپ-جۈپ،جىمى جانلىق ئامان قالدى،
ھاياتلىق زەنجىرىن قايتا،ئۇلاندى-جانغا ئايلاندى،
مۇھەممەد
قىلىپ زىكرى تۈمەن مىڭلاپ،مۇبارەك ئىسمى-زاتىڭنى،
مۇھەممەد مۇستافا دىلدا،ئەزىز مېھمانغا ئايلاندى.
پۈتۈن ئىقلىمدا بار قىلدى،مۇقەددەس دىنىي ئىسلامنى،
ئۇنىڭ ئەجرىدە قۇرئانىم-بۈيۈك ئېرپانغا ئايلاندى.
رەسۇلىللا يولىنى تۇت،زامان ئاخىرقى پەيغەمبەر-
ئېسىل خىسلەت،دىيانەتتە،ئۇلۇغ ئىنسانغا ئايلاندى.
ئىبراھىم
چېقىپ بۇتنى ئاتاسىدىن،ئىشىتتى كۆپ ئاھانەتلەر،
چۈشۈرمەي ئاغزىدىن دىننى،تىلى ئىزھارغا ئايلاندى.
بىنا قىلدى رىيازەتتە،ئۇلۇغ بەيتۇل مۇقەددەسنى،
قىلىپ ئىنسان تاۋاپ ھازىر،دىلى ئاق قارغا ئايلاندى.
ھىدايەت بەردىلەر رەببىم،ئوقۇپ ھەمدۇ-سانا ياپىر،
خەلىل كۆيمەي شۇ ۋەيلۇننىڭ،ئوتى گۈلزارغا ئايلاندى.
ئىسمائىل
ئامان قالدى يىراق چۆلدە،بۈۋى ھاجەر ۋە ئىسمائىل،
ئاتا قىلغان بۇلاق زەم-زەم،مۆجىزاتلارغا ئايلاندى.
ۋەھى قىلدى ئىگەم ئاللا،بالاڭنى ئەيلىگىن قۇربان،
بولۇپ رازى ئوغۇلمۇ ھەم،بىر پىداكارغا ئايلاندى.
پىچاق ئۆتمەس ئىدى ھەيھات،سۈرۈپ باقتى ئوڭ ۋە تەتۈر،
چۈشۈپ كۆكتىن ئىلاھى نۇر،شۇ كۆك قوچقارغا ئايلاندى.
يۈسۈپ
چىداپ تۇرسا شۇ بىر كۈنگە،جۇدا بولماستى قىرىق يىل،
بولۇپ يەئىقۇپ كۆزى كۆرمەس،يۈسۈپ شاھلارغا ئايلاندى.
يوقاتماقچى بولۇپ كۆزدىن،يۈسۈپنى قان-قېرىنداشنى،
توقۇپ يالغاننى مىڭ پاتمان،نىجىس مەككارغا ئايلاندى.
سېتىلدى قۇل بولۇپ ھەتتا،زىلەيخا سالدى زىندانغا،
ئىمان بولغاچقا تەۋرەنمەس،دىلى باھارغا ئايلاندى.
سۇلايمان
چاقىردى بارچە قۇشلارنى،بېشىمغا سايىۋەن بول دەپ،
سۇلايمان خانىشى بىلقىس-سۆزى پەرمانغا ئايلاندى.
ئۇچار قۇشلار قانات يايدى،جاھاننى باستى بىر زۇلمەت،
پەقەت ئالقانچىلىك ئاپتاپ،يەنە ئالۋاڭغا ئايلاندى.
چۇغۇندەك ئورنى بوش قالدى،كېيىن قالغان ئۆزى قەستەن،
شۇ بىر سۆزدىن سۇلايمان شاھ،تەرك-دۇنياغا ئايلاندى.
لۇت
كىرىپ نائەھلى شەيتاننىڭ،گېپىگە شۇ سەدۇم خەلقى،
چىقىپ قارشى ھەقتىئالاغا،گويا ھايۋانغا ئايلاندى.
قىلىق قىلمايدۇ ھايۋانمۇ،ئۇلاردەك شەرمىسار بولماس،
ئەگەشمەي لۇتقا ئەڭ ئاخىر،ئۆزى گۇمرانغا ئايلاندى.
قىرىق مىڭ گەز ئېگىزلىكتىن،يۇلۇپ تاشلاندى بۇ شەھەر،
گۇناھكارنىڭ تۇرار جايى-قارا زىندانغا ئايلاندى.
ئەييۇب
چىدام-غەيرەتتە ئەييۇبقا،يېتەر ئالەمدە ئىنسان يوق،
مىغىلدايدۇ قۇرۇت تەندە،تىلى ئىمانغا ئايلاندى.
2014-يىلى ماي ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-22 09:31 PM