|
|
|
|
ئېدىسوننڭ لامپۇچكسدىن ئىككى ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپلارغىچە
ھەممىمىزگە تونۇشلۇق تۇنجى لامپۇچكىنڭ كەشىپ قىلغۇچى ئامېركلىق داڭلىق كەشپىياتچى توماس ئېدىسون( Tomas Edison) . مىڭ دىن ئارتۇق قېتىم تەجىربە قىلىش ئارقىلىق ،نۇرغۇنلىغان قېتىم مەغلۇبىيەتلەر ئارقىلىق ئاخىرى1883-يىلى چوغلىنىدىغان لامپۇچكىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا كەشىپ قىلىپ چىققان .تۆۋەندىكسى مۇناسىۋەتلىك رەسىمى.
كۆپىنچە كىشىلەر ئېدىسون لامپۇچكىنى كەشىپ قىلغان دەپ بىلىدۇ،ئەمەلىيەتتە لامپۇچكىنى كىشلەر ئېدىسوندىن بۇرۇنلا تەتقىق قىلىشنى باشلىغان،ئامېركىنڭ 1845-يىلدىكى پاتېنت ئارخىپىدا ئامېركىنىڭ سىنسىنەتى شەھىردىكى سىتار دېگەن كىشى ۋاكوم ئەينەك ئىچىدە كاربونلۇق سىمنى ئىشلەتسە بولدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويغان،كېيىن ئەنگىلىيەلىك ئالىم يوسىف سىۋان بۇ تەپەككۇر يولى بويىچە كاربونلاشتۇرۇلغان قەغەز تاياقچىسىنى قىل قىلىپ ئۇنىڭدىن توك ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇنىقدىن يۇرۇقلۇق چىقىرىشنى سىنىغان،ئەمما ئۇچاغلاردا ۋاكوملۇق مۇھىتقا ئېرشىش تخنىكىسى تېخى پىشىپ يىتىلمىگەچكە كاربون قىل ئۈزلۈكسىز دېگۈدەك كۈيۈپ كەتكەن(ئاران ئىككى سائەت بەرداشلىق بېرەلىگەن).شۇڭا ئىشلىتىش قىممىتى يۇقىرى بولمىغان،1878يىلى ۋاكوم مۇھىتى ھاسىل قىلالايدىغان پومپا(真空泵) پەيدا بولغان،كېيىن سىۋان داۋاملىق تەتقىق قىلىپ 1878-يىلى1-ئايدا كۆپچىلىكنىڭ تەجىربە قىلىپ بىردەك ياخشى ئالقىشقا ئېرىشكەن.ھەم شۇيىلى پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.1879-يىلى ئېدىسونمۇ لامپۇچكا تەتقىقاتىنى باشلىۋەتكەن، ھەمدە 1879-يىلى قىلى كاربون تالالىق(ياپون بامبۇكى قىلىدىن) لامپۇچكىنى ياساپ چىققان،كېيىن1883-يىلى سىۋان بىلەن ئېدىسون ئوتتۇرسىدا ئازراق تالىشىشلا يۈز بېرىپ سوتقا چىقمايلا مەسلىنى ھەل قىلغان ۋە ئەنگىلىيەدە بىرلىشىپ Ediswan ئېدىسىۋان لامپۇچكا شىركىتىنى قۇرغان.ئەنگىليەلىكلەر لامپۇچكىنى سىۋان كەشىپ قىلغان دەپ قارايدۇ ،شۇڭا لامپۇچكىنىڭ ئېجاد قىلىنغانلىقىنىڭ 100 يىللىقنى ئەنگىلىيىلىكلەر1978-يىلى 10-ئايدا تەبرىكلىگەن،ئامېركىلىقلار لامپۇچكىنى ئېدىسون كەشىپ قىلغان دەپ قارايدۇ،شۇڭا لامپۇچكىنىڭ ئېجاد قىلىنغانلىقىنىڭ 100 يىللىقنى 1979-يىلى11-ئايدا تەبرىكلىگەن.
ئېدىسون بۇ خىل لامپۇچكا ئىجاد قىلىىپ ئۇزاق ئۆتمەي قىلى ئۇزاق بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان مەسلەچىقتى-لامپۇچكىنىڭ ئىشلىتىش چىكى قىسقا بۇلۇش ،چۈنكى قىلى ئاسان ھورلىنىپ كېتىدىغانلىق سەۋەبىدىنيۇقىرى تېمپۇراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىىك مەسلىسى،ئاسان كۈيۈپ كېتىش،كېيىن ئېدىسون كۆپ ئويلاش ئىزدىنىش ئارقىلىق بەلكىم لامپۇچكا ئەينەك قېپى ئىچىدە ئوكسىگىن بولسا يۇقىرى تېمپۇراتۇردا كاربون بىلەن كۈيشىگە سەۋەپ بۇلۋاتقان بۇلشى مۇمكىن دەم پەرەز قىلىپ ،لامپۇچكا ئەينەك قېپى ئىچىدىكى ئوكسىگىننى چىقىرۋىتىپ ئىچىنى ۋاكوم ھالەتتە قىلغان،ئاندىن لامپۇچكا قىلىنىڭ ھورلىنىق كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن لامپۇچكا قىلغا يېقىن بىر مىس پارچىسىنى ئىككىسى تىگىشمىگەن ھالدا داغماللاپ ئورۇنلاشتۇرغان،ئەمما بۇ ئامالنڭ لامپۇچكا قىلىنىڭ كۈيۈپ كېتىشىگە ئازراق ياردىمى بولغان بىلەن ياردىمى بولغان بىلەن مەسلىنى يەنىلا تولۇق ھەل قىلالمىغان.بىرمەزگىلدىن كېيىن ئېدىسون ھەيران قالارلىق ھالدا لامپۇچكىنىڭ قىلى ئۈستىدە بۇلۇتسىمان داغ يەنى ئۇششاق دانچىلەرنىڭ تاراپ چىققىننى بايقىغان( بۇدانچىلارنى بىز ھازىر ئېلىكتىرون دەپ ئاتايمىز ). كېيىن بىر بىرسىگە تىگىشىگلىك بولمىغان مىس ۋە لامپۇچكا قىلىنى توكقا ئۇلىغاندىن كېين مىستىن توك ئۆتكەنلىكىنى بايقىغان .تۆۋەندىكى ئىككى رەسىمگە قاراڭ.
ئېدىسون بىر بىرسىگە تىگىشىگلىك بولمىغان مىس ۋە لامپۇچكا قىلىنى توكقا ئۇلىغاندىن كېين مىستىن توك ئۆتكەنلىكىنى بايقىغان دېدىققۇ،ئەمدى ئېدىسون بۇخىل يېڭى ھادىسىنى Edison Effect- ئېدىسون ئېففىكتى دەپ ئاتىغان،ۋە كېيىن پاتىنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلغان. ئېدىسون ئۇندىن باشقا توك تارتىپ سىم تارتىپ دېگەندەك توك ئېلىكتىر سېستىمىسىنى قۇرۋاتقان بولغاچقا ئۇ ئىش بىلەن ئالدىراش بوپ كېتىپ بۇ ھادىسىنى بەكمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىپ قىلىپ كەتمىگەن، كېيىنچە بەزىلەر بۇ لامپۇچكا قىلى ۋە مىس گەرچە بىر-بىرسىگە تگىشىگلىك بولمىسىمۇ ئۆز-ئارا توك ئۆتكەن ھادىسىنى :لامپۇچكا قىلى قىززىغاندا ئەتراپقائېلىكتىرون (电子)قۇيۇپ بەرگەنلىكتىن كەپ چىققان دەپ چۈشەندۈرگەن.
ھەممىمىزگە ئايان توك ئېقىمى توك سىمىدا .ئىچىدە ئېلىكتىرونلارنىڭ يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشدىن ھاسىل بولىدۇ.
(كۆپىنچەماددىلار ئاتومدىن تۈزۈلگەن، ئاتوم-ئاتوم مەركىزى ۋە مەركەزنى توختىماستىن ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدىغان ئېلىكتىروندىن تۈزۈلگەن)
كۆپىنچەماددىلار ئاتومدىن تۈزۈلگەن، ئاتوم-ئاتوم مەركىزى ،نىتىرون ۋە مەركەزنى توختىماستىن ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدىغان ئېلىكتىروندىن تۈزۈلگەن، رەسىمدىكى ئوتتۇردىكىسى مۇسبەت زەرەتلىكئاتوم مەركىزى ۋە نىتىرون، مەنپى زەرەتلىك ئەتراپىدىكى ئايلىنىۋاتقان كىچىكىراقلىرى ئېلىكتىروندۇر-electron.
ھەممىمىزگە ئايان توك ئېقىمى توك سىمىدا .ئىچىدە ئېلىكتىرونلارنىڭ يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشدىن ھاسىل بولىدۇ.
رەسىمدىكى كىچىك شارچىلار ئېدىسونىڭ لامپىسىدىكى قىلدىن قاتتىق قىزىغانلىق سەۋەبىدىن تارلىپ
چقىۋاتقان ئېلىكتىرونلار( ئېلىكتىرون ھەركەت قىلشىدىن توك ھاسىل بۇلىدۇ.)
ئۈستىدىكى چۈشەندۈرۈش ۋە رەسىملەردىن شۇنى بايقايمىزكى لامپۇچكا قىلىدىن توك ئۈتۈپ قىززىغانلىق سەۋەبىدىن ئېلىكتىرون تاراپ چىقىشقا باشلىدى ،بېرىپ يېقىن بولغان مىس سىمغا چاپلاشتى ياكى يەتتى.
(مىستىن لامپۇچكا قىلىغا كىلىدىغان ئىلىكتىرون يوق)،شۇنداق قىلىپ بۇ ھادىسە بايقىلىپ كېيىنچە ئەنگىلىيە فىزىكا ئالىمى Jhon Fleming جون فىلېيمىڭ(بۇرۇن ئېدىسوننىڭ تەجىربىخانسىدا ياللانما خادىم بۇلۇپ ئىشلىگەن .)،بۇ خىلئېدىسون ئېففىكتى ھادىسىنىڭ دېمودۇلياسىيەلەش-دولقۇن تاسقاشdemulationدا -ئەمەلى ئىشلىتىش قىممىتىنى بايقاپ 1904-يىلى ئىسسىق ئىئونلۇق ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنى(热离二极管) ئىجات قىلغان.
فىزىكا ئالىمى Jhon Fleming جون فىلېيمىڭ ۋە تۇنجى قېتىم ياساپ چىققان ئىسسىق ئىئونلىق ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا.
ئىسسىق ئىئونلۇق ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا
ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ توك تاسقاش رولى
1904-يىلىJhon Fleming جون فىلېيمىڭ ئىسسىق ئىئونلۇق ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنى بايقىغاندىن كېيىن
بۇرۇنقى تۇراقلىق توكقا(直流电) ئارانلا باتارىيە ئارقىلىق ئېرىشقىلى بۇلدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلدى ،لامپۇچكىنىڭ قىلىدىن ئېلىكتىرون تاراپ چىقىپ مىس ياپراقچە تەرەپكلا توك ئۈتۈشتەك بۇ خىل تاق يۆلىنىشلىك توك ئۆتكۈزۈش ھادىسسى تۇراقسىز توكنى(交流电) تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلدى.
.
ئۈستىدىكى رەسىم ماتۇردا ھاسىل بولغان تۇراقسىز توك(交流电).بىز ئۆيلىدە ئشلىتىۋاتقان.
بۇ رەسمدىكى ئەگىرى بۈگىرى تۇرغىنى تۇراقسز ئاستىدىكى تۈزى تۇراقلىق توك(تۇراقلىقنى باتارىيەلە تەمىنلەيدۇ).
بۇ ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا بىرلا يۆنىلىشتە توك ئۆتكۈزىدۇ مۇسپەت يۆنىلىشنى ئۆتكۈزۈپ مەنپىنى سۈزىۋىتىدۇ.
تۇراقسىز توك(交流电) ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىن ئۈتۈپ ھەرخىل سۈزىلپ مۇدۇلياسلىنپ ئاخىردا تۇراقلىق توكقا ئايلىنىدۇ.
ئۈچ پۇتلۇق لامپا قىسىمىغا داۋاملىق كېيىنكى تېمىلاردا دىققەت قىلغايسىز.
قەمىردىن 20144-8-21
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-21 08:46 AM
|
|
|
|
|
|