ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تەگلىكىم ئەپى <ئەپ سىتورى>غا يوللانغىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولۇپ،دوسىتلارنىڭ ياقتۇرۇىشىغا ئېرىشتى ۋە كۆپلىگەن تەكلىپ-پىكىرلەر سۇنۇلدى. بۇ قېتىملىق يېڭلاشتا ئاساسلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلۇشى بىلەن بىرگە
ئالمنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىگە ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا كۆرۈنمە يۈزىبولسۇن ۋە ياكى ئىقتىدار جەھەتتىن بولسۇن پۈتۈنلەي يېڭىلاندى.
كۆپ خىل تىللىق ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ رايون جەھەتتە ئىشلىتىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلدى.
تەگلىكىم ئەپىگە مەزكۇر ئەپنى ئىشلەتكۈچىلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرى ۋە ياكى ياقتۇرغان تەگلىكلىرىنى يوللىيالايدۇ.
ئەپنىڭ سىغىمى زور دەرىجىدە كىچىكلىتىلىپ ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن چۈشۈرۈش قولايلىقلاشتۇرۇلدى.
ئايفون تۈرىگە ئاساسەن تەگلىكلەر كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن: ئىشلەتكىنىڭز
iPhone 5/5c/5sبولسا شۇنىڭغا ماس تەگلىكلەر كۆرۈنىدۇ. iphone 4/4Sبولسا iPhone5لەردە كۆرۈنىدىغان تەگلىكلەر كۆرۈنمەيدۇ.(iphone 4/4sتىكى تەگلىكلەر تېخى يېڭلانمىدى) ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەگلىك ئەۋەتىپ موللاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز