سىزمۇ بىر گۆھەر
ئۆزىنى ناھايىتى بىلىملىك چاغلايدىغان بىر بالا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ھەر تەرەپكە قاتراپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خىزمەت تاپالماي قاتتىق ئۆمىدسىزلىنىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تالانتى بىكار كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، جەمئىيەتتىن نارازى بولۇشقا باشلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن دېڭىزغا غەرق بولۇپ ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرماقچى بوپتۇ.
ئۇ ئەمدىلا دېڭىزغا سەكرىمەكچى بولۇپ تورغاندا، بىر بوۋاي ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ، ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلىكىگە قاراپ بىر نەرسىنى سېزىپتۇ-دە، ئۇنى چەتكە تارتىپ، نېمە بولغانلىقىنى سوراپتۇ. بالا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىل تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ياخشى ئوقۇپمۇ ھېچقانداق خىزمەت تاپالمىغانلىقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ، ئاخىرى بۇ يولنى تاللىۋالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
بوۋاي يىگىتكە قاراپ، بىر سىقىم قۇمنى قولىغا ئېلىپتۇ، ئاندىن قۇمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ يەرگە چېچىۋېتىپتۇ-دە:
- بالام، مەن يەرگە چېچىۋەتكەن قۇمدىن بىر تالنى تېپىپ بېقىڭە!-دەپتۇ.
- بۇ مۇمكىنمۇ؟- دەپتۇ يىگىت.
بوۋاي گەپمۇ قىلماي، يانچۇقىدىن پارقىراپ تۇرغان بىر پارچە گۆھەرنى ئېلىپ، يىگىتكە كۆرسىتىپ تۇرۇپ يەرگە تاشلاپ، يىگىتتىن گۆھەرنى تىپىشنى تەلەپ قىپتۇ. يىگىت گۆھەرنى قولىغا ئېلىپ:
-بوۋا، بۇنىڭ نىمىسى تەس،-دەپتۇ.
- سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر قۇم دانچىسى ياكى بىر بىباھا گۆھەر ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك، ھازىر جەمئىيەتتە سىزگە ئوخشاش تىرىشچان ياشلار ناھايىتى كۆپ، ئەگەر سىز ئۈمىدۋارلىق بىلەن داۋاملىق تىرىشىپ، ئۆزىڭىزنى ئاشۇ ياشلار ئارىسىدا چاقناپ تۇرىدىغان گۆھەرگە ئايلاندۇرالىسىڭىز، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ كۆزى ھەممىدىن بۇرۇن سىزگە چۈشىدۇ،-دەپتۇ بۇۋاي كۆلۈپ تۇرۇپ.
يىگىت بوۋاينىڭ گىپىنى ئاڭلاپ، ئۆلۈۋېلىش نىيىتىدىن يېنىپتۇ ھەمدە بوۋايغا رەھمەت ئېيتىپ، يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ، بىر مەزگىل تىرىشىپ ئۆگىنىپتۇ، كېيىن داڭلىق بىر كارخانىچىغا ئايلىنىپتۇ. يىگىت بىر ئۆمۈر ئاشۇ بوۋاينى ياد ئېتىپتۇ.
مەنبە :پىچان يېزا ئۈندىدار گېزىتى