قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن
ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ھەر خىل كىشىلەر، ھەر خىل ئىشلار مەۋجۇت. بۇنىڭ بەزىلىرىدىن سۆيۈنسەك، بەزىلىرىدىن غەزەپلىنىمىز. بۇ قېتىم غۇلجىغا بېرىپ كېلىش سەپىرىمدە يۈز بەرگەن بۇ كىچىككىنە ۋەقە مېنى بۇ ھەقتە يەنە بىر قېتىم ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. ماشىنىنىڭ مېڭىش ۋاقتى توشمىغاچ قاتناش ئالدىدىكى كىچىك بازارنى ئارلاپ يۈرەتتىم، تۇيۇقسىزلا «قىزىم ئوسما ئېلىڭ»دىگەن مۇلايىم ئاۋازدىن ئىتتىك بۇرۇلۇپ يېنىمغا قارىدىم.چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان،يۈزلىرىگە يول-يول قورۇقلار چۈشكەن ئەمما تۇرقىدىن تېتىكلىك چىقىپ تۇرغان بىر موماي قولىدا بىر باغلام ئوسمىنى تۇتقان ھالدا ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى؛
-قىزىم، بۇ ئوسمىنى ئۆزۈم تېرىغان،قېشىڭىزغا بەك چىرايلىق ئىچىدۇ ئېپ قويۇڭ،-دىدى ئۇ قولىدىكى ئوسمىنى ماڭا تەڭلەپ.
-ئانا بۇ يىل نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟-سورىدىم. ئۇنىڭ دانە-دانە سۆزلىرى ۋە تېتىكلىگىگە مەستلىگىم كېلىپ،-76 ياشقا كىردىم،-بالىلىرىڭىز يوقمۇ؟-سورىدىم مەن يەنە،-ئاللاھ مېنى بۇ بەختتىن مەھرۇم قىپتىكەن چىرايلىق قىزىم، دىدى ئۇ مەيۈسلەنگەن ھالدا، ئەمما ھازىرغىچە بىرەرسىگە مۇھتاج بولۇپ باقمىدىم. ھەر-ھالدا خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن تېنىم ساق خاتىرجەم ياشاپ كېلىۋاتىمەن .
-ئوسمىنى ئۆزىڭىز تەرگەنمۇ ؟-دىدىم ئۇنىڭ بايىقى سۆزىنى قايتىلاپ،-ئۇ مېنىڭ سوئاللىرىمدىن بىزار بولدى بولغاي ماڭا قاراپ بىردەم تۇرۇپ كەتتى ئاندىن –قىزىم ئوسما ئالمايدىغان ئوخشايسىز،مەن ماڭاي بۈگۈن بۇلارنى تۈگەتمىسەم بولمايدۇ،ئەتىگە قالسا سۇلىشىپ قېلىپ ساتقىلى بولمايدۇ، ئەتە يەنە يېڭىسىنى ئەكىلىمەن-ئۇ شۇنداق دەپ مېڭىشقا تەمشەلدى، مەن ئىتتىك ئۇنىڭ ئالدىنى توستۇم.
-كەچۈرۈڭ ئانا،ئوسمىڭىزنى ئالىمەن. مەن سىزنىڭ شۇ ياشتا شۇنچە تېتىكلىگىڭىزگە ھەمدە بۇ ئىشىڭىزغا قاراپ مەستلىگىم كېلىپ شۇنداق دىگەن ئىدىم، بۇ يېشىڭىزدا ئارام ئېلىپ راھەت كۆرىشىڭىز كېرەك ئىدى-مەن ئاغزىمدىن بۇ سۆزنىڭ قانداق چىقىپ كەتكەنلىگىنى بىلمەي قالدىم ھەم خاپا بولماڭ دىگەن مەنىدە مومايغا قارىدىم.
-ھىچقىسى يوق بالام، نىمە ئامال دەيسىز تۇرمۇش مۇشۇنىڭغا مەجبۇرلىغان تۇرسا، كۆزلىرىڭىزدىكى قىزىقىشنى كۆرىۋاتىمەن،بوپتۇ ئوسمامنى سىز ئالىدىغان بولغاندىكىن مەنمۇ بىر دەم ئارام ئالاي، بىرەرى بىلەن مۇڭداشمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتىكەن- مەن موماينى ئەپچىللىك بىلەن قولتۇقلىۋالدىم ئۇ ماڭا قاراپ تاتلىق كۈلدى.
-كېلىڭ ئانا بۇ يەردە ئولتۇرۇڭ،-مەن موماينى دۇكان ئالدىدىكى بىر ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدۇم.
-مەن رەھمەتلىك يولدىشىمدىن قالغاندىن بېرى ھويلىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كىچىككىنە يەرگە ئىشلەپ سەي-پەي ،ئوسما ، خىنە دىگەندەك نەرسىلەرنى تېرىپ يىراق-يېقىندىكى مەھەللىلەرگە سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتىمەن .بۇ يىل ئوسمىنى كۆپرەك تېرىۋاپتىمەن، بۇزۇلۇپ كەتسە بولمايدۇ دە، شۇڭلاشقا مۇشۇنداق ئادەم كۆپ كېلىدىغان جايلاردا سېتىۋاتىمەن. قاراڭ بۈگۈن بىر كۈندە بىرنەچچە خالتا سېتىپ بولدۇم. بۇ ئاخىرقىسى بۇنى بۈگۈن نىمە ئۈچۈندۇر مېنى كۆرگەنلا كىشى ئوسمامدىن بىر باغلامدىن ئالدى،-ئۇ توختىماي سۆزلەيتتى چېھرىدىن كۈلكە ئۈزۈلمەيتتى.
-ئەكىلىڭ مەنمۇ بىر باغلام ئالاي ،-دىدى پارىڭىمىزنى تىڭشاپ ئولتۇرغان دۇكان خوجايىنى ئۇنىڭغا پۇلنى تەڭلەپ،-كەچۈرۈڭ بۇنىڭ ھەممىنى بۇ قىزىم ئالماقچى ئىدى،-موماي ئوڭايسىزلانغاندەك بولۇپ ماڭا قارىدى،-كېرەك يوق بىر باغلام بېرىڭ، قالغىنى مېنىڭ بولسۇن ،-دىدىم مەن ئۇنىڭ قولىدىكى خالتىنى قولۇمغا ئېلىپ موماي خالتىدىن بىر باغلام ئوسمىنى ئېلىپ دۇكان خوجايىنىغا سۇندى ۋە پۇل قايتۇرۇش ئۈچۈن قويۇن يانچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى،-ئانا بولدى قايتۇرماڭ،- دىدى دۇكان ئىگىسى ،-بۇ نىمە دىگىنىڭىز بالام،مەن ئۆز نىسىۋەمنى ئالساملا بولدى،باشقىلارنىڭ ھەققى سىڭمەيدۇ، دىدى موماي دەررۇلا.
مەن ئوسمىنى ئېلىپ ماڭىدىغان ۋاختىم توشۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ موماي بىلەن خوشلاشتىم، ئەمما خېلى بىر يەرلەرگە بارغىچە ئۇنىڭ «قىزلىرىم قېشىڭلارنى چىرايلىق قىلىدىغان ئوسما ئېلىڭلار» دىگەن ئاۋازى جاراڭلاپ تۇردى.مەن ھۆرمەت نەزىرىم بىلەن ئاپتوبوسنىڭ كەينى ئەينىگىدىن ئۇ قالغان كوچىغا قارىدىم شۇ چاغدا كۆز ئالدىمدا باشقا بىر سىما يەنى خەلق مەيدانى، ئاپتوبوس بېكىتى ئەتراپىدىكى باشقىلارغا قولىنى سوزۇپ خەيرى-ئېھسان تىلەۋاتقان ياش ئاياللار كەلدى. بۇ ئىككى سىما بىرى ناھايىتى روشەن ،بىرى تولىمۇ غۇۋا ھالدا كۆزۈمدىن يىراقلاشتى.
2014.7.15. غۇلجا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-20 03:15 AM