مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3777|ئىنكاس: 26

ئابدۇقادىر جالالىدىن ھېكمەتلىرىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4234
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20201
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1682 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 07:49:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابدۇقادىر جالالىدىن ھېكمەتلىرىدىن

@ قەشقەرنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە ئالدى بىلەن قەشقەر كىشىللىرىنىڭ ئىڭىنى، تەپەكككۇرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك!

@ ئادەم بۇلۇش دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن ئىش. چۈنكى ئادەم تەبىيىتىدە رەزىللىك بىلەن گۈزەللىك تەڭ مەۋجۇت.

@ مەنىۋىيىتىمىز بۇرۇنلا خارابلاشقان، تاشقى كۈرىنىشتە ئېسىل بولغىنى بىلەن، ئىچكى دۇنيارىمىز پۈچەك، مەنىۋى كۈچ ئاز.

@ ئائىلە تەربىيىسىدە تۇنجى قەدەمنى بالىلارغا كىشىلىك غۇرۇر، خاراكتېر شەكىلەندۈرۈشتىن باشلاش كېرەك!

@ بىزنىڭ مائارىپتىكى مۇددىئايىمىز مائاش ئېلىش، ھۇقۇققا ئېرىشىنى ئاساس قىلىۋاتىمىز، مانا بۇ بىزنىڭ مەغلۇبىيىتىمىز!

@ بىز ئادەملەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسى، ئۇنۋانى، ھۇقۇقلىرىنى دەرىجىگە ئايرىيالايمىز، ئەمما ھەممە كىشىدىكى قەدىر-قىممەت ئوخشاشتۇر.

@ يەسلى نۇقۇل مەكتەپ بۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆرپ-ئادەت، ئەنئەنىۋى ئۇيۇنلار ئارىسىدا چوڭ بۇلىشى كېرەك!

@ بالىلارغا چوڭلارنىڭ ئىدىيىسى بۇ يىچە مۇئامىلە قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇلار بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئەسىرگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ!

@ تەلىم تەربىيەد چوقۇم بىلىم بىرىش بىلەن ئەمەس، ئۇلارغا مەلۇم ئىدىيەنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ!

@ مۇھەببەت ۋە ئەخلاقنى مەكتەپلەردە قاتمال كىتاب ئارقىلىق ئۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنى ئۆز تەبىيىتى ئارقىلىق ئۈگىتىش، يېتىلدۈرۈش كېرەك!


@ بالىلار تەربىيىسىدە رىغبەتلەندۈرۈش پىرىنسىپىنى ئاساسلىق قوللىنىش كېرەك!


@ مەكتەپلەردە شارائىت ياخشىلاندى، ئەمما بۇ يەردە مۇھەببەت سۇسلاپ، بارا-بارا يۇقاپ كىتىۋاتىدۇ!


@ بالىلارغا تەلىم بەرگەندە، ئالدى بىلەن غۇرۇر، ئېتقاد تەربىيىسىنى مۇھىم قىلىش كېرەك. بىلىمنى كىچىكىپ ئالساقمۇ بۇلىدۇ، ئەمما ئەقىدە، ئېتقاد تەربىيىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش كېرەك.


@ بىر ئۆمۈر قۇساق دەردىدە ياشىغان كىشى ئەڭ بىچارە كىشىدۇر، بىز ئۇنى ئابدۇل قېرىن دەيمىز!


@ بايلار ئىككى خىل بۇلىدۇ، بىرى پۇلى بار باي، يەنە بىرى پۇلى يوق باي.مەنىۋى قىممەت كىشىلەرنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىدۇر!


@ بالىلارغا بولغان تەربىيەدە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى ئۈگىتىشىمىز!

@ ئادالەت تۇيغۇسى جانلىقلاردا بار بولغان ئورتاق تۇيغۇ!

@ بالىلارغا باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى ئۈگەتكەن بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارغا مال-دۇنيا، بىخەتەرلىك، كىشىلىك ھۇقۇقىنى قوغداشنى ئۈگىتىشىمىز كېرەك!

@ قىزىقىش بىر مەسلە، لېكىن قىزىقىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش يەنە بىر مەسلە!

@ بالىلاردا قىزىقىش پەيدا قىلىش، ھەرقانداق بىر كىشدە ساغلام قىزىقىش بولغاندا، ئۇكىشى مەڭگۈ باي ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ قىزىقىش پەيدا قىلىش كېرەك!

@ ئاياللارغا چوقۇم بىلىم ئۈگىتىش كېرەك! بىلىملىك ئايال كەلگۈسىدە بىر مىللەتنىڭ ئانىسىغا ئايلىنىدۇ!

@ قانداق خەلىقنىڭ بۇلىشى قانداق پارتىيەنىڭ بۇلىشىنى بەلگىلەيدۇ!

@ كىشىلەردە چوقۇم خۇجايىنلىق روھى بۇلىشى كېرەك!


@ ئۇيغۇر ئائىلىللىردە چوقۇم بىر كىتابخانا بۇلۇشقا ئەھمىيەت بىرىش، كىتابسىز ئۆي دەرىزىسى يوق زەي ئۆيگە ئوخشايدۇ!



< بۇ مەزمۇنلار ئابدۇقادىر جالالىدىن قەشقەردە سۆزلىگە " پەرزەنىت تەربىيسى " ناملىق لىكسىيەدىن يېزىۋېلىنغان، پېقىر رەتلەپ مۇنبەرگە يوللىدى.>


2014-يىلى-8-ئاينىڭ 19-كۈنى



ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105932
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 11:22:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ھېكمەتلەر ئىكەن، سورىمايلا ساقلىۋالدىم-ھە، كۆپ رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1690
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 744 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 11:54:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەبدىقادر جالالىدىن ئەپەندىم ھازىر نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ،  رايۇنىمىز ئىچىدكىھەم چەتئەللەردىكى ئالىم زىيالىلىرىممىز ئالدىراشچىلىقتىن ۋاقىت ئاجىرتىپ مۇنبەەر ئارقىلىق رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى تۇرداشلىرىمىز بىلەن پىكىز ئالماشتۇرۇپ، كىلىۋاتىدۇ، بۇلمىسا تاشپۇلات ئاكىمىز، ئەركىن سىدىق ئاكىمىز، بىلگەجان قاتارلىق ئالىملىرىمىزمۇ بىكار ئەمەس، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىىزلەرگە ئىسىل ماتىرياللارنى يۇللاپ، ھەم بىزلەر بىلەن ھەمسۇھبەتتە بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ، رايۇنىمىزدىمۇ، ئابدۇلئەھەت ئابدىرىشىت بەرقى، ئابدۇرەئئۇپ پۇلات تەكلىماكانى قاتارلىق كىشىلىرىمىز بار، شۇلارمۇ بىزلەر ئۇچۇن قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئاجرىتىپبىزلەر بىلەن مۇنبەر ئارقىلىق سىردىشىپ كىلىۋاتىدۇ، بۇلسا ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن رۇزى قاتارلىق زىيالىلىرىمىزنىڭمۇ مۇنبەر ئارقىلىق تۇرداشلارغا ئىسىل يازمىلىرى ھەم ئۇي پىكىرلىرى ئارقىلىق يىتەكچىلىك قىلىپ مۇنبەرداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرسا بۇلاتتى،

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xahzada100 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 12:09:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بىر  ياخشى ئىش قىپسىز  مەن بۇنى ھازىرچە ئىنكاسىم بىلەن ساقلىۋالاي  كىيىن چۇقۇم خاتىرەمنىڭ ئايرىم بىتىدىن ئورۇن بېرىپ ئاسراپ  ساقلايمەن ھەم  پايدىلىنىمەن


رەھمەت....ئاللاھ  ئۈزى ئەجىر بەرسۇن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oyhanogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-20 12:09 AM  


ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1077
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 365 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 12:37:42 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىسىل ھېكمەتلەر كەن  رەھمەت

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 09:34:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھېكمەتلەركەن...

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34138
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4285
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2011-3-17
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 10:20:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھىكمەتلەر ئىكەن   ساقلىۋالدىم
ھەقىقەتەن توغرا گەپلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32284
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 10:42:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتدېشىم  ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۇكامنىڭ ھېكمەتلىرىدىن شۇنداق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇمكى؛ئادەم ئۆز پىسخىكىسىنى يوشۇرىدىغان مۇرەككەپ مەخلۇق ئىكەن،شۇڭا يىغلىغاننىڭ ھەممىسىنى خاپىلىقتىن،كۈلگەننىڭ ھەممىسىنى خۇشاللىقتىن دەپ قارىساق بولمايدىكەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2942
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2614 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 11:01:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ دۇنيادا جەننەت بولسا ،بۇ دۇنيادا ھېكمەت بار...قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109168
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2014-8-14
ئاخىرقى: 2014-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 11:59:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمەت94 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-19 11:54 PM
ئەبدىقادر جالالىدىن ئەپەندىم ھازىر نىمە ئىش قىلىدىغان ...

[img][/img]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش