ئىسلامدا مال-دۇنيانىڭ ئېتىبارى يوق
«كىمنى ئەمىلى كىچىكتۈرسە ،ئۇنى نەسەبى ئىلگىرلىتەلمەيدۇ. »
_ مۇھەممەد ئەلەيھىسسھالام.
جىمى ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، ئۇلۇغلۇق ئىگىسى، ھەممىنىڭ خالىقى(ياراتقۇچىسى) بولغان، تۇغمىغان تۇغۇلمىغان. تەڭدىشى يوق يەككە - يىگانە بىرئاللاھقا خاستۇر.دۇرۇت ۋە رەھمەت ئول ئاللاھنىڭ قۇرئان بىلەن ئەۋەتكەن پەيغەمبىرى مۇھەممەدسەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە پەزىلەتنىڭ ئىلىم – ھىكمەتنىڭ ئىگىلىرى بولغان ساھابىلەرگە بولسۇن*. ئامىن!
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى
سۆزلىرىمنى<مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى >دىگەن شەرەپلىك نامغا مۇيەسسەر بولغانھازىرقى زاماندىكى ھەربىر مۇسۇلمان شەخسكە بېغىشلايمەن.
ھۆرمەتلىك:_مۇھەممەد ئۈممىتى
سىلەربولساڭلار ئۇلۇغ كىتاپ قۇرئان-كەرىمدە:*« ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ ،يامانلىقتىن توسىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر»*دەپ ئاتالغانسىلەر.مانا بۇنىڭ ئۆزىلا مۇھەممەد ئۈممىتىنىڭ باشقا ئۈممەتلەردىن پەرقلىق يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى بولۇشقا كۇپايە قىلىدۇ؛
بىز ئىنسانلار دۇنيادىن ئىبارەت بولغان بۇ قونالغۇدا ۋاكالەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىپ ،خىلمۇخىل كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان كارۋان بىلەن قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ، ئۆزۋەزىپىمىزنى ئورۇنلاش ئۈچۈن بېرىلگەن ۋاقىت ئاخىرلاشقاندا يەنىلا مىنۇت- سىكۇنت كىچىكتۈرۈلمەي ،كارۋان بىلەن خوشلىشىپ ۋاقىتلىق قونالغۇمىزدىن ئايرىلىپ بىزگە بېرىلگەن ۋەزىپىنىڭ نەتىجىسىنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن كارۋان ئىگىسىنىڭ ئالدىغا قايتىمىز.
كارۋاندىكى ھەربىر كىشى چوڭ جەھەتتىن خەلپىلىك(ۋاكالەتچىلىك) ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇلۇپ ، تار دائىرىدىن ئېيتقانداھەربىرىنىڭ ئايرىم _ئايرىم ئىش ئورنى ۋە شۇنىڭغا مۇۋاپىق خىزمىتى، ۋەزىپىسى بار.
بۇ كارۋان ئۈچۈن ناھايىتى سېستىمىلىق ئىنچىكە قائىدە-قانۇنلار تۇزۇلگەن ۋە بۇقانۇنلار ئوخشىمىغان دەۋردە يېڭىلىنىپ،مۇستەھكەملىنىپ تۇرغان .ئەڭ ئاخىرقىقېتىملىق كارۋان ئۈچۈن بۇ قائىدە _تۈزۈملەرنىڭ ھەممىسى تۇلىقى بىلەن تۈزۈلۈپ پۈتۈنلەنگەن . ۋە ھەتتاكى ئۇلارغا بۇ قانۇنلارنىڭ دەستۇرىمۇ بېرىلگەن .بۇكاراۋاننىڭ قانۇنىنىڭ باشلانغاندىن ھازىرغىچە ،ئەڭ دەسلىپىدىن بۈگۈنگىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئەڭ مۇقىم ۋە ئەڭ يارقىن بىرماددىسى بۇلۇپ،ئۇ بولسىمۇ *<مال-دۇنيا ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ>*. يەنى،كارۋاندىكى كىشىلەرنىڭ مال-دۇنياسىنىڭ ھېچقانچە ئېتىبارى يوق.
كارۋاندىكى ھەر بىر مۇسافىركارۋاننى يولغا سالغۇچىنىڭ قۇلى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.پەقەت قۇلچىلىقنى ياخشى ئاداقىلىش ياكى قىلماسلىق بىلەنلا ئىگىسىنىڭ ئالدىدىكى ئورنى بېكىتىلىدۇ. كارۋاندىكىشەخسلەر قۇلچىلىقنى يالغۇز ئۆزلىرىنىڭ ئىگىسىگىلا قىلمايدىكەن ،كارۋانئىگىسى شۇ كىشىنى ئۆز پەزلى _مەرھەمىتىدىن يىراقتا قىلىپ ،ئۇنى زىيان تارتقۇچىلار قاتارىدىن يازىدۇ.چۈنكى بۇ توغرىلىق ئاللىقاچان كارۋاننىڭ مۇقەددەس قانۇن دەستۇرىدا گۈزەل قۇرلاريېزىلغان .
ئەمەلىيەتتە بۇ قانۇن دەستۇرىداكارۋاندىكىلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلىشى ئۈچۈن يەنەنۇرغۇنلىغانمۇقىم ،گۈزەل،يارقىن قانۇنلار ماددىلار بار.
ھۆرمەتلىك:ھازىرقى زاماندىكى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ كىلىۋاتقان ئىسلام ئۈممىتى!مۇھەممەد ئۈممىتى!قېرىنداشلىرىم!!
ئۇنداقتانىمەئۈچۈن بۈگۈن مەن قانۇن دەستۇرىمىزدىكى، شەرىئىتىمىزدىكى شۇ گۈزەل مۇقىم قانۇنلار ئىچىدىكى «مال-دۇنيا ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ»نى تىلغا ئېلىپ قالدىم؟؟!
چۇنكى ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كارۋاندىكىلەر دەستۇرىدىكى شۇ قۇرلارنى ئۇنىتتى !بىز ئۇنتتۇق!.ھازىرقى زاماندىكى مۇھەممەدئۈممىتىنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرىلىپ كەتتى!
ئۆزىنى مۆئىمىن مۇسۇلمان ساناۋاتقان ۋە سانىلىۋاتقانلاردىمۇ قارشى ھالەتتە مالنى ئېتىبارغا ئېلىش كۆرىنەرلىك بولدى.قانۇن قارمۇ- قارشى ھالەتتە ئىجرا قىلىنغانلىقتىن ،كىشىلەر ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۇنيادا مال- دۇنياسى ئارقىلىق پايدا- مەنپەئەت كۆردى.
ھالبۇكى، مۇقەددەس دىنىمىز بولغان ئىسلامداھەقىقەتەن
مال_دۇنيانىڭ ئېتىبارى يوق ئىدى.
لىكىن كىشىلەر بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قىلماقچى بولغان ھەربىر ئىشىدا مالغا ئەھمىيەت بەردى .پەرزەنت ئۆيلىمەكچى بولغانلىرىدا ھەم مال- دۇنيانى ئېتىبارغا ئېلىشتى. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئويلايدىغىنى قارشى تەرەپنىڭ ئىمانى ،دىيانىتى ئەمەس بەلكى مال_دۇنياسى بولدى. شۇنداقبولغانىكەن پەرزەنتلەرنىڭ نېمىنى كۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشمۇ قىيىن بولمىدى ئەلۋەتتە.
دىمەك،بۇگۈزەل قانۇنىمىز دەپسەندە قىلىندى، كۆزگە ئىلىنمەي قالدى.
ۋەھالەنكى،بۇ دەپسەندەقىلىش بويسۇنماسلىق _ئۈممەتنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولدى.
بۇھالنىڭ مۇسۇلمانلار جامائەسى ئارىسىد ئېغىربۇلىشى تېخىمۇ شۇنىڭ سەۋەبچىسى بولدى.
كارۋان قوماندانى بولغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئۈلگىمىز _مۇھەممەد مۇستەفاسەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم مال-دۇنيادىن يىراق بولغان ئىدى،مال_دۇنيانى ئۆزىگەدوست تۇتمىغان ئىدى. ۋەلىكىن كارۋاندىكىلەر قوماندان قىلغاننى قىلمىسا،ئۇنى ئۆزىگە نەمۇنە تۇتمىسا زىيان تارتىدىغانلىقلىرىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇشتى . بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار مال_دۇنيانى كىشىلىك ھاياتىنىڭ ،سەپىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىلىۋالدى . ئولتۇرىۋاتقان ئۆي( تىكلىۋالغان چېدىر)،مىنىۋالغان ماشىنا(ئۇلاق) ، ئشلىتىۋاتقان يانفۇنلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بېكىتىلدى . بۇ نېمە دىگەنمۇ ئېچىنىشلىق قارشى قۇتۇپلىشىش؟!!
سۆيۈملىك رەسۇلىمىز قوماندانىمىز مۇھەممەدسەللەللاھۇئەلەيھى -ۋەسەللەم دۇنياغا بېرىلمەيتتى .نۇرغۇن جايلار فەتھى قىلىنىپ مال_مۈلۈك ئېشىپ_ تېشىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭغاكۆز قىرىنى سالمايتتى . كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى ئەمەس، ئىچكى دۇنياسىنى ئېتىبارغا ئالغان ئىدى.رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغاندا ھەم ھېچقانداق مال قۇيۇپ كەتمىدى. بۇ زات ۋاپات بولغىنىدا ساۋۇتى ئائىلىسىنىڭ نەپىقىسى ئۈچۈن بىر يەھۇدىيغا رەنىگە قويۇلغان ئىكەن قېرىنداشلار!!
ئۇنداقتا ھازىرچۇ ؟!بىزلەر زادى نىمە قىلىۋاتىمىز؟! بالىلىرىمىزغا ئەۋلادلىرىمىزغا نېمىنى مىراس قالدۇرىۋاتىمىز؟!
ھەممىمىزجۈملىدىن ھەربىر ئۆزىنى ئسلام ئىچىدە دەۋاتقان قېرىنداشلىرىم بۇ توغرىسىدا پىكىر – تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ باقايلى، ئويلىنىپ كۆرەيلى .!ئەقلىمىزنى ئىشقا سالايلى.!
قانۇن(قۇرئان) قارمۇ- قارشى ھالەتتە يۈرگۈزىلدى دىگەن نېمە گەپ؟! بۇ نەقەدەرئېچىنىشلىق تىراگىدىيەلىك ۋەقە،_ ھە؟
ئەلچىمىزبىزگە مەخلۇقاتلارنىڭ كاتتىسى ۋە ئەڭ ئۇلۇغى بولغان قۇرئاننى قويۇپ كەتكەن. بۈگۈن ھەربىر مۇسۇلمان پەقەت قۇرئان بىلەنلا يېتىم ئەمەستۇر.بۇ توغرىسىدا رەسۇلىمىز ئېيتىدۇكى:« سىلەرگە مەن ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. قۇرئاننى مەھكەم تۇتساڭلار ئازمايسىلەر».(ۋىدالىىشىش نۇتىقىنىڭ بىر قىسمى) ؛
ئەي مۇھەممەد ئۈممىتى دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم ھەمشىرىلىرىم ! سىلەرگە شۇنداق خىتاپ قىلىمەنكى :
@<پانىي ئالەمدىكى مال- دۇنيا باقىي دۇنيادا ھېچ ئەھمىيەتسىزدۇر،ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىنغىنىدىن بۆلەك. مال- دۇنيانى ھاياتلىقنىڭ تۈۋرۈكى قىلىۋالماڭلار، رەببىڭلارنىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قالىسىلەر .قەلبىڭلار ياخشى ئەمەلدىن بۆلەك ھېچنەرسە ئەسقاتمايدىغان دەھشەتلىك قىيامەت كۈنىدىن غەپلەتتە قالمىسۇن!>@
*- كەمىنەزۇبەيرە ئۈنچىلىرى.*
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zakiyya717 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-19 07:50 PM