مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2893|ئىنكاس: 12

ھۆكۈمران: ئامېرىكىغا سەپەر[6](ئەھمەد ۋاھىدى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2550
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21642
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9883 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 02:01:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالتىنجى باپ
ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈملۈك باغچىسىغا زىيارەت
(United States Botanic Garden)

ئاپتورى: ئەھمەد ۋاھىدى

1843.jpg

سۈرەتتە: ئاپتور ئۈسۈملۈك باغچىسىغا كىرىش ئالدىدا

   بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەتىيازنىڭ يېقىملىق ئاپتىپى تەنلىرىمىزگە ياغدەك خۇشيېقىۋاتقان چاغدا، ئاسمان پەلەك كاداڭ دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان كۆل بويىدىن ئايرىلىپ، گۈللۈك خىش يولىدا بىر چاقىرىمدەك مېڭىپ، ئاسفالت يولدىن كېسىپ ئۆتتۇق. قەدىمى بىنا ئالدىدا بىر گۈلزارلىق مەيدان بىزگە قۇچاق ئاچتى. ئادەم بويى كېلىدىغان رەڭلىك مەرمەر گۈل تەشتەكلىرى، گۈل سېۋەتلىرى ئارىسىدا ئاسمانغا ئېتىلىپ چىقىپ-چۈشىۋاتقان فونتاننىڭ يېنىدا ئالدىمدىكى جىمجىت گۈزەللىككە قاراپ خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ قاپتىمەن.
-ئاتا، -دېدى تۇرسۇنئاي يېنىمغا كېلىپ، -نېمە خىياللارغا پېتىپ قالدىڭ، بۇنداق چىرايلىق جايدا كىشىنىڭ ناخشا ئېيتقۇسى، ئۇسسۇل ئوينىغۇسى كېلىۋاتسا.

1047.jpg


سۈرەتتە: ئاپتور ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ۋاشىنگىتۇن شەھرىدىكى بوتانىكا باغچىسى ئالدىدا.

   قىزىم ھاياجان ۋە خۇشاللىق بىلەن ۋارقىراپ سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ قول ھەرىكىتى، قاش-كۆزلىرىنى ئوينىتىشلىرى، ئاۋازىدىكى ھېسسىيات، ئۇنى خۇددى كاتتا سەھنىدە دېكلاماتسىيە قىلىۋاتقان ئارتىسقا ئوخشىتىپ  قويۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئېيتقىنى دۇرۇس، بۇ يەر ھەقىقەتەن شاتلىق مەيدانى. ئۇسسۇل-ساما سەھنىسى ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئەكسىچە ناخۇش خىيال سۈرۈۋاتاتتىم. قىزىمنىڭ قېنى قىزىق. مەن ئۇنىڭ مىجەزىدىن سەل ئەنسىرەيمەن. شۇڭا:
-ئادەمنى خۇشاللىقتىنمۇ غەم باسىدىكەن دېسە قىزىم. -دېدىم مەن پېتىمنى بۇزماي.
-توۋا، بۇ قانداق گەپ؟ سورىدى قىزىم ھەيران بولۇپ.
-ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ ئامېرىكىدا ئىكەنلىكىمگە تازا ئىشىنەلمەيۋاتىمەن...
-ھوي، سەن نەدە؟ دېدى رازىيە قاقاقلاپ كۈلۈپ، -ئالجىپ قالمىغانسەن.
-ياقەي، مەن ھازىر تارىم بويىدا، دوستلىرىم ئارىسىدا يۈرۈۋاتىمەن. ۋەتەن كۆز ئالدىمدىن زادىلا كەتمەيۋاتىدۇ ...
-ئاتا، بۇنى مەن چۈشىنىمەن. سەن ھازىر ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا سەيلە قىلىۋاتىسەن. بۇنىڭغا ئىشەنگىن. ئىلھاملىنىپ شېئىرلار ياز، نېمىشقا خۇشاللىقتىن ئىلھاملىرىڭ قاينىماي جىم بولۇۋاتىسەن. سەن بۇنداق جىم بولىۋالساڭ مەن باشقىچە ئوي-خىياللاردا بولۇپ قالىدىكەنمەن، -دېدى.
مەن قىزىمغا قاراپ بېشىمنى لىڭشىتىپ كۈلۈمسىرىدىم. بۇ كۈلۈمسىرىشىمدە قىزىمنىڭ گەپلىرىدىن رازىمەنلىكىم، خۇشاللىقىم ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. قىزىم مۇشۇ كۈنلەردە بەك گەپدان، بەك خۇشخۇي بولۇپ كېتىۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ سەۋەبىنى تولۇق بىلىمەن- دە! ئۇ مېنى كۈل، ئوينا، غەمدىن خالاس بول، سەنمۇ ماۋۇ ئەركىن دۇنيانىڭ قەھرىمانلىرىدەك خۇشال ياشا دەۋاتاتتى.
لېكىن مېنىڭ ئىچىمدە بۇ جاھانگىر دۆلەتنىڭ خەلقلىرىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىغا، مۇھىتنىڭ گۈزەللىكىگە ھەسەت ئوتلىرى يالقۇنجايتتى. «مەن نېمىشقا ئالتۇن-كۈمۈشنى يۈدۈپ يۈرگەن دىۋانىگە ئوخشايدىغاندىمەن» دېگەن ھەسرەت-نادامەتلىك پىكىر مېنى قوچۇپ ئارام بەرمەيتتى. مەن قاچان «ئەركىنلىك ئايال ئىلاھى» نىڭ دىدارىنى كۆرەرمەن، ئىچىمدىكى دەردلىرىمنى ئاشۇ «ئەركىنلىك، ئادالەت، باراۋەرلىك» دەپ خىتاب قىلىۋاتقان ئىلاھقا تۆكسەم ئۇ نېمە دەركىن؟
يېنىمدىلا غەلىتە كىيىنىۋالغان بىر قارا تەنلىك كىشى مېنى رەسىمگە تارتقىلى تۇرۇپتۇ، مەن ئۇنى كۆرمەسكە سېلىپ، پارلامېنت بىناسىغا قاراپ تۇرۇپ بەردىم. ئۇ كىشى بىللە كەلگەن ھەمرايىغا بىر نېمىلەرنى دەپ مېنى كۆرسەتتى. شۇ چاغدا مەن ئۇلارغا كۈلۈمسىرەپ قارىدىم. كۆڭلۈمدە ئاشۇنداق قارا تەنلىك كىشىلەر بىلەن بىللە رەسىمگە چۈشكۈم بار ئىدى. مەن ئۇلارغا گەپ قىلالمىدىم. قىزىمغا قارىسام دولقۇن بىلەن نېرىراقتىكى بىر ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئالدىغا يېمەكلىكلەرنى تىزىۋېلىپ يەپ ئولتۇراتتى. مەن بىنانىڭ تاملىرىدىكى قاپارتما نەقىشلەرگە، ئادەملەرنىڭ باش ھەيكەللىرىگە قاراپ ئۇياقتىن-بۇياققا ئايلىنىپ يۈرەتتىم. ھەر بىر ئادەم، ھەر بىر گىياھ، ئاسماندىكى بۇلۇتلار، كۆپكۆك كۆرۈنۈۋاتقان شەمشاد، چىنار، قارىغاي، ئارچا دەرەخلىرى مېنى مەپتۇن قىلاتتى. مەن ئەنە شۇ تەبىئەت ئانا بىلەن سۆزلىشىۋاتىمەن. مەن ئۇلار بىلەن ئۈنسىز مۇڭداشسام يېنىكلەپ قالىمەن. ئەتراپىمدىكى كىشىلەردىن ئۇياتمىسام مەن باغاشلاپ ياتقان چىملىقتا ئوڭدامچە يېتىپ بىر پەس خىيال سۈرۈۋالسام دەيتتىم.
   دولقۇن بىزنى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىغا باشلاپ كەلدى.  بۇ باغچا ئامرىكا دۆلەتلىك ئۈسۈملۈك باغچىسى بۇلۇپ، كونگىرەس بىناسى يەنى ئامرىكا دۆلەتلىك كۈتۈپخانىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئىكەن. مەن كۆڭلۈمدە يەنە بىر نەچچە چاقىرىم ماڭساق كېرەك دەيتتىم ئىچىمدە. ئامېرىكىنىڭ باغچىسى بولغاندا، ئەلۋەتتە، يۈكلۈك ماشىنىلار بىمالال كىرىپ-چىققىدەك يوغان قوش قانات دەرۋازا، ئۇنىڭدىن كىرىپ-چىقىۋاتقان كاتتا پاپىدا، تىقما-تىقماق ئادەملەر باردۇر، ئىككى تەرەپتە نەچچە ساقچى, سومكىلىرىمىزنى، يانلىرىمىزنى ئاختۇرار. بەش كىشىگە قانچە پۇللۇق كىرىش بېلەت ئالاركىن، كىرگەنگە چۇشلۇق كۆرىدىغان بىر نەرسە بارمىكىنە؟
   مەن ۋەتەندە نەچچە قېتىم ئاشۇنداق «باغچىلار»غا كىرىپ-چىققۇچە نەچچە مىڭ يۈەندىن قۇرۇق قالغانىدىم. -دېگەندەك خىياللارنى سۈرەتتىم. نەدىكىنى، ساقچى، بېلەتچى، تەكشۈرگۈچى دەيدىغان قاسقان شەپكىلىك سۈرلۈك ئادەملەر يوق. قوش قاناتلىق ئەينەك ئىشىكتىن كىرىشىمىزگە  ئىككى ياندا بىر نەچچە مۇلازىمەتچى بىزگە ئىللىق چىرايى ئېگىلىپ تەزىم قىلدى- دە، بىزنى باشلاپ ئىچكىرىگە ئېلىپ كىردى. بېلەت ئالىدىغان، تەكشۈرىدىغان ئىش يوق ئىكەن. ئادەملەر شالاڭ، ئۈن-تىنسىز، قاتارلىشىپ ماڭىدىكەنمىز، ھەممە ئادەمنىڭ دېگۈدەك قوللىرىدا رەسىم ئاپپاراتى، ۋېدىيو بار ئىدى.
   مەن ئۇدۇل تامدىكى ھاجەتخانا دېگەن خەتنى ۋە كۆرسەتكۈچ ئادەم سۈرىتىنى كۆرۈپ ئادەم بويى گۈللەر، ياپيېشىل چىمەنلىكلەرنى ئارىلاپ سولغا بۇرۇلۇپ ھاجەتخانىغا كىردىم. تەنلىرىم ئەيمىنىپ ئىككى تەرىپىمگە شۈبھىلىنىپ قاراپ قالدىم. بۇ راستىنىلا ھاجەتخانىمۇ، ياكى گۈلچىلارنىڭ ئىشخانىسىمۇ؟ مەندىن باشقا يەنە بىرەر كىشى ھاجەتخانىغا كىرگۈچە پەرق ئېتەلمەي قالدىم. بىر كەمدە ياندىكى ئېچىلىپ بىر ئەر كىشى قوللىرىنى تازىلىق قەغىزى بىلەن سۈرتكىنىچە چىقىپ كەلدى. مەن ئۇنى كۆرۈپ ھاجەتخانا ئىكەنلىكىنى جەزم قىلىپ ھېلىقى ئىشىكتىن كىردىم. ئىشىك يېنىدا ئاسما چىراغ يېنىپ تۇراتتى. ئۆرە تۇرامسىز، ياكى ئولتۇرامسىز ئىختىيارىڭىز. بۇرنىڭىزغا ھاجەتخانىغا خاس قاڭسىق پۇراق دەيدىغان سېزىم يوق، ھېلىلا چېچىۋەتكەن ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى ھاجەتخانىنى بىر ئالغانىدى.
   ئاق مەرمەر تاشتىن ياسالغان كىچىك تەرەت كۆلچەكلىرى چىنە تەخسىدەك پارقىراپ تۇراتتى. چوڭ تەرەت ئورنى ئايرىم خانىدا بولۇپ سۇيۇق ۋە قاتتىق سوپۇنلار، تازىلىق قەغەزلىرى تەييار تۇراتتى. مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى يان تامدا چىرايلىق كىتاب-ژۇرنال، گېزىت جاھازلىرى رەتلىك قويۇلغان بولۇپ ئۇنىڭدا يېقىندا نەشردىن چىققان رەڭلىك سۈرەتلىك ژۇرناللار، بالىلار كىتابلىرى، گېزىتلەر ئېسىقلىق تۇراتتى. مەن بۇلارنى كۆرۈپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھاجەتخانىدىمۇ گېزىت-ژۇرنال كۆرىدىغانلىقىنى ۋاقىتنى ئالتۇندىن قىممەت بىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ تەسىرات ئىلىكىدە ھاياجانغا چۆمۈلدۈم. ئىنگلىزلارنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش روھىنىڭ، مىللىي غۇرۇرىنىڭ يۈكسەكلىكىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. مېنىڭ خەلقىمنىڭ ھاجەتخانىدا ئەمەس، گۈل-چېچەككە پۈركىنىپ ئاسمانلارغا تاقىشىپ تۇرغان ھەيۋەتلىك ئېگىز بىنالاردىمۇ كىتاب-گېزىتلار پۇتقا پۇتلىشىپ قويسا دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدىن، قىممەتلىك گېزىت-ژورناللىرىمىزنىڭ موخۇركا قەغىزىگە ئايلىنىشى، ئۇچاقلارغا تۇترۇق قىلىنىپ كېتىپ بارغانلىقىدىن قاتتىق ھەسرەت چەكتىم.  ئىچىمنى يوشۇرۇن بىر كۈچ تاتىلىغاندەك بولدى. شۇ چاغدا مەن ئامېرىكىغا ماڭىدىغان چاغدا بىر ئامېرىكىغا بېرىپ كۆرۈپ كەلگەن دوستۇمنىڭ تەۋسىيىسى يادىمغا كەلدى. ئۇ مېنىڭ قۇلۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: سەن ئامېرىكىدا كۆرىدىغان ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلار، ئاجايىپ-غارايىباتلار، مۆجىزاتلار ئىچىدە، ۋاشىنگتونغا بارغاندا ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بىلەن دۆلەتلىك تارىخى مۇزېينى كۆر، نىيويوركقا بارغاندا دېڭىز ئاستى تونىلىدىن ئۆتۈپ «ئايال ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلى»نى كۆر، بوستونغا بېرىپ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى كۆر دەپ ئالاھىدە تاپىلىغان ئىدى. مەن ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، دوستۇمنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ساياھىتىمنىڭ مۇقەددىمىسىنى ۋاشىنگتوندىكى مۇشۇ ئۆسۈملۈك باغچىسىدىن باشلىدىم.

    ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى خۇددى پايتەخت ۋاشىنگتوننىڭ چېكىسىگە قىسىلغان قىزىل گۈلدەك دۆلەت مەجلىسى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە يىراقتىن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان قەدىمىي بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى گۈمبەز شەكىللىك ئەينەك قۇرۇلمىلىق ئىمارەت ئىكەن. ئۇنى 1820-يىلى ۋاشىنگتون ئۆسۈملۈكلەر ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇزاقتىن بۇيان پىلانلاپ فرانسىيىنىڭ مەشھۇر بىناكارلىق ئالىمى ۋە مەشھۇر ھەيكەلتىراش فرادورك ئاۋگوست بارسولدى دېگەن كىشىنىڭ ئىنچىكە لايىھىلەپ چىقىشى بىلەن سېلىنىپتۇ. ھازىر ئازغىنە كەم ئىككى ئەسىرنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكىدەك دۇنيا گۈل-گىياھ، ئۆسۈملۈك ئىلمىي بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئۆسۈملۈكلەر ماكانىغا ئايلىنىپتۇ. ئىگىلىشىمچە: بۇ ئۆسۈملۈك باغچىسىدىكى بىر يېرىم مىڭ خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك، گۈل-گىياھلارنىڭ بەزىلىرى 193 يىللىق بوران-چاپقۇنلۇق شانلىق يىللارغا شاھىت بولۇپ، نەچچە يۈز مىليون كىشىنىڭ قەلبىگە گۈزەللىك، ئادالەتلىك، ئازادىلىك، باياشاتلىق ۋە خۇشاللىق ھېس-تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىپ تەبىئەتنى سۆيۈش، ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراش، پەرۋىش قىلىش ۋە ئۇلۇغلاش تەربىيىسى بېرىپ كېلىۋېتىپتۇ. بۇ ئۆسۈملۈك باغچىسىدىكى شۇنچە كۆپ خىللىق ئۆسۈملۈك، گۈل-گىياھلار ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىتىگە، تۈرىگە كىلىماتقا ماسلىشىشچانلىقىغا ھەمدە تەبىئىيلىكى، سۈنئىي ئۆستۈرۈلگەنلىكى ۋە تارىخىغا ئاساسەن بىر قانچە كىچىك-چوڭ بۆلەكلەرگە، ئۈچ چوڭ بۆلۈمگە ئايرىلىپ ئۆستۈرۈلىۋېتىپتۇ.
   1-بۆلۈمى: تارىخىي ئۆسۈملۈك ۋە گۈل-گىياھلار بولۇپ، بۇ خىل ئۆسۈملۈكلەر سەككىز بۆلەككە بۆلۈنگەن. ئومۇمىي كۆلىمى 2600 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كېلىدىكەن. ھەر يىلى تەخمىنەن 750مىڭ ساياھەتچىلەر زىيارەت قىلىدىكەن.

1150.jpg


1154.jpg


   بۇنىڭدا ئەڭ داڭلىق قەدىمىي تارىخ يادىكارلىقى سۈپىتىدە ئەتىۋارلاپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقان ۋە پەم بىلەن ساقلىنىۋاتقان گۈل-گىياھ قىسمى ئىكەن. چۆللۈك، قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى ئۆز جۇلاسى بىلەن گۈلخۇمارلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىكەن. بۇ بۆلەكلەر ئاساسەن قۇياش نۇرى ئەينەكتىن ئۆتۈپ گۈلخانىنى يېقىملىق ئاپتاپقا چۆمۈلدۈرۈپ تۇرىدىغان يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغاچقا قىش-ياز ياشناپ تۇرىدىكەن.
   2-قىسمى: فرادروك ئاۋگوست بارسولدى باغچىسى بولۇپ، مۇشۇ باغچىنى لايىھىلىگەن ۋە «ئەركىنلىك ئىلاھى» ھەيكىلىنى لايىھىلىگەن شانلىق تۆھپىسىنى خاتىرىلەپ تەسىس قىلغان ئىكەن.
مەن ۋاشىنگتون شەھىرىگە تۇنجى قەدەم قويۇپلا يول بويىدىكى ھەيۋەتلىك بىر ھەيكەلنى كۆرگەن ئىدىم. ئاشۇ گۈلزارلىققا ھەيكەلتىراش بارسولدى ئەپەندىنىڭ ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغانىكەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سېھىرلىك بىر ئىش، گۈلزارلىققا كىرگەندە خۇددى پايانسىز كەتكەن ئېكىنزارلىق، ئۆسۈملۈك دۇنياسى قۇچاق ئاچسا، بېشىڭىزدىن سىم-سىم يامغۇر يېغىپ تەنلىرىڭىزنى سالقىن ھاۋادا راھەتلەندۈرۈپ سىزنى باھار پەسلىدىكى تەبىئەتتىن سۆيۈندۈرۈپ روھلاندۇرۇۋېتىدىكەن. يەنە ئىچكىرىلەپ ماڭسىڭىز مەرمەر تاشتىن ياسالغان ئېرىقنىڭ بەش-ئالتە يېرىدىن ئاجايىپ چىرايلىق فونتان ئېتىلىپ چىقىپ گۈلزارلىقنى ياشارتىپ يەنە قەيەرگىدۇر سىڭىپ كېتىدىكەن. رەڭدار چىراغ نۇرىدا ھېلىقى فونتاندىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان زۇمرەت سۇ خۇددى ھەسەن-ھۈسەندەك جۇلالىنىپ كۆزنى قاماشتۇرۇۋېتىدىكەن. سەيلى-ساياھەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مانا مۇشۇ گۈلزارلىقتا ئۇزاقراق تۇرۇپ، سۈرەتكە تارتىشىپ، خاتىرە يېزىپ خۇماردىن چىقىدىكەن.
-3قىسمى: دالا ئۆسۈملۈكلىرى، گۈل-گىياھ باغچىسى. بۇ باغچىدا ئاساسەن ھەممە يەردە كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە كۆپ ئۆستۈرۈلىدىغان، كەڭ ئومۇملاشقان ھەر خىل ئەتىر گۈللەر، سەبدە گۈللەر، كەترەن، مودەن، كۈركۈم، جۇخار، شاھزادە گۈللەر ... قاتارلىقلار ناھايىتى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. رەڭگى، پۇرىقى، مىجەزىگە قاراپ ئاپتاپ ياكى سۇس يۇرۇقلۇققا جايلاشتۇرۇلۇپتۇ. (مىڭ ئەپسۇس، مەن ئىنگلىزچىنى بىلمىگەنلىكىمدىن بۇ گۈل دۇنياسىنىڭ كۆپ سىرلىرىنى، گۈللەرنىڭ نامىنى، تارىخىنى، كېلىش مەنبەسىنى ئوقۇيالمىدىم، شۇڭا كۆرۈرمەنلىرىمنىڭ ئەپۇ قىلىۋېتىدىغانلىقىغا ئىمانىم كامىل.
1155.jpg



   بۇنىڭدىن باشقا كىشىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدىغىنى 2- ۋە 3-قەۋەتلەردىكى كېپىنەك باغچىسى، بىرىنچى خانىم باغچىسى، سۇ باغچىسى يەنە يەرلىك ئۆسۈملۈك، گۈللەر باغچىلىرى بار ئىكەن.
بۇ ئۆسۈملۈك، گۈل-گىياھ باغچىسىنى بوتانىكا باغچىسى دەپمۇ ئاتايدىكەن. مەن ئۆسۈملۈك باغچىسى دەپ ئاتاپ تونۇشتۇردۇم. ماڭا ئەڭ ياققىنى گۈللەرنىڭ سەر خىل، تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، دائىرىسىنى كەڭلىكى، قىش-ياز ئوخشاشلا ئېچىلىپ تۇرۇشى بىلەنلا ئەمەس بەلكى بۇ گۈللەرنىڭ رەڭگى، خۇشپۇرىقى، ئۆستۈرۈلۈشنىڭ ئىلمى، رەتلىك، نەپىس ۋە گۈزەل سەنئەتلىكى بىلەنمۇ ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ بەدىئىي زوق، مەنىۋى ئوزۇق ۋە تەنگە ھۇزۇر بېرەلىگەنلىكى بولدى.

1141.jpg

سۈرەتتە: ئاپتور ئايالى رازىيە بىلەن ئامېرىكا ئۈسۈملۈك باغچىسىدا  

   مەن نەۋرەم بىلەن بىللە گۈللۈكلەرنى ئارىلاپ كېتىۋېتىپ چوڭ بىر يورۇق ئېتىزلىقتەك مەيدانغا چىقىپ قالدۇق. ئۇ يەردە خۇددى نەۋرەمدەك ئۆسمۈرلەر گۈل سەيلىسى قىلىۋېتىپتۇ. ئاتا-ئانىلىرى چۆرىدەپ قويۇلغان يۇمشاق ساپادا ئولتۇرۇپ بالىلىرىنىڭ گۈل تاماشىسىدىن ھۇزۇرلىنىۋېتىپتۇ. مەن ئىچكىرىلەپ مېڭىپ قارىسام بالىلارغا خاس كىچىك ھۇجرىلاردا بالىلار ياخشى كۆرىدىغان گۈللەر ۋە ئويۇنچۇقلار بار ئىكەن. كىچىك-كىچىك ئۆيلەرنىڭ ھەممە تاملىرى گۈلدىن قۇرۇلغاننىڭ سىرتىدا يەنە ئۆگىزلىرىمۇ گۈل ئىكەن.
1033.jpg

سۈرەتتە: ئاپتورنىڭ نەۋرىسى نازىلە ئامېرىكا ئۈسۈملۈك باغچىسىدا
   بالىلار گۈللەر ئارىسىدا مۆكۈشمەك ئوينايدىكەن. تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئۇچۇرشۇپ تەپەككۇر گۈلشەنلىرىنى بېزەيدىكەن. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ئۈستى يېپىق بۇ گۈل شەھەرچىسىدە مەن كىچىكىمدىن ئېرىق ياساپ، سېغىزدىن تۈگمەن چۆرۈپ ئوينايدىغان گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. مامكاپ بېسىپ كەتكەن كىچىككىنە ئېرىقتا سۈزۈك سۇ شىرقىراپ ئېقىپ تۇرىدىكەن. بالىلار ئېرىقتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ئوينايدىكەن. مەن خۇددى چېچەكلەرگە پۈركەنگەن ئەتىر پۇرىقى بىلەن تولغان باغدا كېپىنەكلەر بىلەن بىللە سەيلە قىلىپ، بۇلبۇلنىڭ ئارمانلىق ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. كۆزۈمنى يۇمۇۋېدىم، كۆز ئالدىمغا تارىم ۋادىسى، ئىلى دەرياسى، ئىلىنىڭ ئالمىلىق، تۇرپاننىڭ ئۈزۈملۈك باغلىرى، تەڭرى تېغىنىڭ ئاق قارلىق چوققىلىرى، قېلىن قارىغايزارلىق قاپتاللىرى، مەرۋايىت چاچراندىلىرى بىلەن تەبىئەتكە ھۆسن قوشقۇچى شارقىراتما، زەمزەم كەبى سۇلىرى، لەيلى بىلەن تولغان يېشىل يايلاقنىڭ دېڭىزدەك تەۋرىنىشى، ئالتۇن باشاقلار بىلەن دولقۇنلانغان ئېتىزلارنىڭ ۋىل-ۋىل قىلىپ كۆزلەرنى چېقىشى ... قىسقىسى، ۋەتىنىمنىڭ گۈزەللىكلىرى بىرمۇ-بىر تىزىلىپ ئۆتتى. پاھ، دەۋەتتىم ئىچىمدە گۈزەللىكىنى ۋەتەن گۈزەللىكىگە سېلىشتۇرۇپ. نېمىسىنى دەي، بولدى قىلاي. سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى پەرقلەرنى ئويلىغىنىمدا ئىچىم ئېچىشىدۇ. ھەممىدىن يامىنى ئادەملەرنىڭ ساپاسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ گۈللەرگە قاراپ خىيال دېڭىزىغا غەرق بولىمەن.
1145.jpg

سۈرەتتە: ئاپتور ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە گۈل سەيلىسىدە

   بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ رەسىمگە چۈشۈپ خۇشاللىق كۈنلىرىمىزنى بىر-بىرلەپ خاتىرىلىدۇق. ئاپئاق قاپلار بىلەن قاپلانغان يۇمشاق دىۋانلار، ئەتراپىمدىكى ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن گۈللەر، ئاپتاپتا يالتىراۋاتقان قىزغۇچ ئەينەك تاملار، قاچانلا قارىسا كۈلۈپ تۇرىدىغان كۈتكۈچى، گۈلچى قىزلار ... مۇساپىرلىقنى ئۇنتۇلدۇرۇپ كۆڭلۈمنى كۆتۈرىدۇ- يۇ، شاش تۇيغۇ ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ. خۇددى ۋەتەندە مۇھىم بىر نەرسەم ئۇنتۇلۇپ قالغاندەكلا ئاسمانغا قارايمەن. ۋەتىنىم خۇددى ئاسماندىكىدەك.
   مېنىڭ تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىم مارت ئايلىرىنىڭ باشلىرى بولغاچقا ۋاشىنگتون قىشلىق ئۇيقۇدىن تولۇق ئويغانمىغانىكەن. ئەمما بۇ ئۆسۈملۈك باغچىسى باھار مەنزىرىسى بىلەن جۇلالىنىپ تۇرۇپتۇ. تاشقىرى ئەتىياز پەسلىنىڭ غۇر-غۇر شاماللىرىدا تەنلىرىمنى شۈركەندۈرەتتى. باھار ھىدلىرى ئەمدىلەتتىن دىماغقا ئۇرۇلاتتى. چىملىقلار تېخى يېشىل كىمخاپلىرىنى كەيمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ باغچە ئىچى ياز قۇياشىنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىغا چۆمۈلۈپ، كېچە-كۈندۈز ئوخشاش نۇرانە، قىش-ياز ئوخشاش ياشناپ تۇرىدىكەن. 6-ئايدىن باشلاپ يەر-جاھان ئىلىپ، ئەتراپ يېشىللىققا چۆمۈلگەندە، پىژ-پىژ تومۇزدا باغچىغا كىرسەم باغچىنىڭ ئىچى ئاجايىپ سالقىن، تالادا ئىسسىق تومۇزدا تەرلەپ چىلىق-چىلىق تەرلەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن ئادەم باغچىغا كىرىپ مەيىن شامالدا لەرزان تەۋرىنىپ سىزگە سالام بېرىۋاتقان گۈل-گىياھلارنى كۆرگىنىڭىزدە ھاردۇقىڭىز چىقىپ، تەبىئەت ئانىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايسىز!

1005.jpg

سۈرەتتە: ئاپتورنىڭ بالا-چاقىلىرى ئامېرىكا ئۈسۈملۈك باغچىسىدا
   مەن تۇرۇۋاتقان جاي بىلەن ۋاشىنگتون ئارىلىقى قىرىق مىنۇتلۇق يول بولغاچقا ئىچىم پۇشۇپ زېرىكىپ قالساملا مۇشۇ باغچىغا كېلىپ «ئات ئۈستىدە گۈل كۆرىمەن»، ھېرىپ-چارچىسام ئارامگاھنىڭ ئېسىل، يۇمشاق سافالىرىدا بەخىرامان ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋېتىپ، ئۆيدىن ئېلىۋالغان نان-پان، مېۋە-چېۋىلەر يەپ قورساقنى ئەستەرلىۋېلىپ يەنە باغچىغا كىرىپ گۈل  تاماشىسىنى باشلايمەن. چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ سۈرەت تارتىۋاتقان مېيىپلارنى، قېرىپ مۈكچىيىپ قالغان فوتوگرافلارنىڭ گۈل تۈۋىدە يېتىۋېلىپ سۈرەت تارتىۋاتقانلىقىدىن تەسىرلىنىپ مەنمۇ ئىسمىنى بىلمەيدىغان بۇ گۈللەرنى فوتو ئاپپاراتىمغا كىرگۈزۈۋېلىشقا ئالدىرايمەن.
   مەن يېقىندا ئىپتاردىن كېيىن، بۇ باغچىدا تارتىۋالغان فوتو سۈرەتلەرنى كۆرۈپ ئىلھام دەرياسىدا ئۈزدۈم، ئېسىل سۆز دۇردانىلىرىنى سۈزدۈم، ئۇنىڭدىن مۇنداق مىسرالارنى تۈزدۈم:


گۈل-گۈلىستاندىن ئەجەپ ئالدىم ھۇزۇر،
ئامىتىمدىن سۆيۈنۈپ ھالىم پۇزۇر.
جەننىتى مەئىۋا دېسەم بولمايدۇ لاپ،
ھەننىۋانىڭ چېھرىدە ئوينايدۇ نۇر.

گۈل باھارى قىش ۋە ياز ياشناپ تۇرار،
ھۆرى غىلمانلار نەزەر تاشلاپ تۇرار.
ھەر گۈلى رەنا بېرىپ مىڭ دەرس ساۋاق،
شېئىرىيەت دۇنياسىغا باشلاپ تۇرار.

ئادەمزات زۇقىدىن ئالسا ھۇزۇر،
بۇلبۇلى گۈل ئىشقىدا سايراپ تۇرار.
يەتتە ئىقلىمنىڭ كۆزى ھەيرانۇھەس،
كېپىنەك ئويناپ ئۇسسۇل يايراپ تۇرار.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-19 08:09 PM  


ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 02:33:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
................ئىشلىرغا ئۇتۇق تىلەيمىز .

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2303 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 03:25:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ،نېمە دېگەن جىق تەپسىلاتلار بۇ!

ھەي ، ئامىرىكا


  ئالقانچلىق زىىمىن ياكى بىر غۇلاچ
ھەجەپمۇ قويۇپتىكەن ئىسمڭنى ئامىرىكا
ئاسيا ئافرىقا،ياۋۇرپانىڭ كۆزىدە
ئاۋارچىلىق تېرىپلا تۇرغان كەپسز  بىر بالا
سەن
ئىچىرقاپ كەتكەن كىشلەرنىڭ
قوللىردا كۆيدۇرۇلگەن    بايراق
سەن پۇلدارنەزىردە
  قول كۆتۇرۇپ تۇرغان ئايال بايىراق

ئۇنىڭ بىر تەرىپى روسىيگە تۇتاش
بىر تەرىپى چەكسىز دېڭىزدا
ئاستىدا
گەپ قىلشمايدىغان خوشنىلار
غەيۋەت ئارا قالغان ئامىرىكا

تەرەققىيات بىر خىل كۈچتۇر،
كۈچنىڭ ئۆزى فىزىكدۇر.
ساختا دىپلۇم ئۆتمەيدىغان
فىزىكىدا مۇكاپات ئالغان ئامىرىكا


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3387
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 03:59:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاتناش قولايلىق بولغاچقا  ئايرۇپىلاندا بىردەمدىلا  بېرىپ بولغان قىزچاقنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەپتۇ ھە...................
رەسىمدىكنى سىز دەپ چۈشەنسەك بولارمۇ؟

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90413
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 04:07:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇددى  مەنمۇ شۇ يەرلەردە ساياھەتتە بۇلغاندەك ھىس قىلۋاتىمەن . ئاخىرنى قاچان ئۇقارمەن .......
ھۆكۈمىران ئەپەندى قۇلىڭزغا دەرت كەلمىسۇن ئاللا تىنڭزنى سالامەت قىلغاي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5272
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7854
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2022 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 05:42:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت   سىزگە  .

ئ‍ەھمەد ئ‍اكىنىڭ  تېنى   سالامەت بولغاي ...
بە زى    سېلىشتۇرمىلار   كىشى  قەلبىنى  ئ‍اچچىق قىلدىكەن ...

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 06:55:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە داۋامىغا تەشنامىز

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2550
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21642
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9883 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 07:06:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكا ئۈسۈملۈك باغچىسىدىن بىر قانچە كۆرۈنۈشلەر:
1156.jpg


1762.jpg


1803.jpg


1801.jpg


1768.jpg


1763.jpg


1754.jpg


1752.jpg




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-19 07:56 PM  


ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19883
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10612 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 09:41:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2014-8-19 07:06 PM
ئامېرىكا ئۈسۈملۈك باغچىسىدىن بىر قانچە كۆرۈنۈشلەر:

بۇنداق بەك ئۇزۇن ساقلىتىۋەتمەي ،پات-پات داۋامىنى يوللاپ تۇرۇڭلا بۇرادەر ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   orkixi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-19 09:42 PM  


ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئۆلۈم ئۇ بىر يىڭى ھاياتلىقنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103796
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 10:20:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزلەرگە قاچانمۇ نىسىپ بولا شۇيەرلەنى كۆرۈش...

كىتاپ ئوقۇمىساڭ ،ھەرقانچە يول يۈرگىنىڭ بىلەنمۇ سەن بىر پوشتالىيۇن...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش