|
|
|
|
دۆلەتكە تاپشۇرۇش
دۇ پەن
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا بىر ئوقۇغۇچى جى شىيەن لىن دىن كىتاب ئارىيەت ئالماقچى بولدى.ئۇ كىتاب ئاسانلىقچە تىپىلمايدىغان ،بىر تاللا كىتاب بولۇپ،ئارىيەت ئالغۇچى ئوقۇش جەريانىدا بۇزۇپ قويسا ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش تەس ئىدى.جى شىيەن لىن رەت قىلىشقىمۇ كۆڭلى ئۇنىمايتتى،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقوغۇچىغا << بىر ھەپتىدىن كىيىن كىلىپ ئىپكىتىڭ ،بولامدۇ؟>> دىدى.ئوقوغۇچى خۇش بولۇپ كىتىپ قالدى.
بىر ھەپتىدىن كىيىن ئۇ ئوقوغۇچى راستىنلا دېگەن ۋاقىتتا كەلدى.جى شىيەن لىن ئۇنىڭغا رەتلىك تۈپلەنگەن نەچچە يۈز بەتلىك بىر دەستە قەغەزنى بەردى،ھەم ئۇنىڭغا<<كەچۈرۈڭ ،مەن ئەسلى نۇسخىسنى سىزگە ئارىيەت بىرەلمەيمەن،چۈنكى بۇ ئەسلى نۇسخا بەك قىممەتلىك،مەن ئۇنى كىيىن دۆلەتكە ھەدىيە قىلماقچى،ھازىر بۇ كىتابنى مەن سىرتقا ئارىيەت بىرەلمەيمەن،ناۋادا مەن بۇ كىتاپنى باشقىلار تۈپەيلى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ قويسام ، كىيىن دۆلەتكە تاپشۇرالماي قالىمەن،مەن سىزنى مىنىڭ بۇ قىلغانلىرىمنى چوقۇم چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن،بۈگۈن مەن سىزگە بەرگىنىم مەن قولۇمدا كۆچۈرۈپ چىققان نۇسخسى.قارىماققا بىر ئاز ئاۋارچىلىقتەك تۇيۇلسىمۇ،بىراق ئاساسىي جەھەتتىن خاتالىق يوق،بىرەر سۆزمۇ چۈشۈپ قالمىدى، ئوخشاشلا پايدىلانغىلى بولىدۇ>> دىدى.
بۇئەسەر‹‹ خىللانغان فىليەتۇنلار ›› (经典杂文) ژۇرنىلىنڭ 2013-يىللىق 9- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى:ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت
|
|
|
|
|
|