مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3233|ئىنكاس: 27

دىلئاي «ھىكايە» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109054
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 769
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2014-8-9
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 09:19:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دىلئاي

ھىكايە

ئابلەت ئابلىكىم

ئاجىرىشىپ كىتىش ئەسلىدە ئۇنچە قورقۇنۇشلۇق ئىشمۇ ئەمەس ئىكەن.مەندىن ئايرىلسا يا شىيالمايدۇ دەپ ئويلىغان بولساڭ تولىمۇ ئەخمەق ئىكەنسەن دىلئاي.سەن بىلەن تونۇشۇشتىنئىلگىرىمۇ ياشاپ كەلگىنىمنى  ئويلاپباقمىدىڭمۇ.مەن شۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزگەچ،قۇچىقىمدا ھىچنىمىدىن بىخەۋەرئۇخلاۋاتقان ئالتە ئايلىق بولغان ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپ ئۆيىمىزدىن،ياق سىنىڭ    ئۆيۈڭدىن چىقىپ كەتتىم.گەرچەمەن سوتنىڭ ھۆكىمى بىلەن ئەمەس،ئۆزئىختىيارلىقىم بىلەن ئۆي ماكانىمدىن ئايرىلىپ قالغانبولساممۇ،ناھايتى ئەركىن ئىدىم.ئەمدى مىنىڭ نىمەدەپ ئىشتىن كەچكەلگەنلىكىمنى،تىلىفۇنۇمغا كىملەردىن تىلىفۇن كەلگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلالمايتىڭ.بۇمۇبىر ھىساپتا ياخشى  بولغىنى.سەن بىرقىتىم(سەن رودۇپايلاردىن بىرەر كۈن قۇتۇلۇپ ياشىسان مىڭ ياشقا كىرەرمەنمۇ) دىگەنئىدىڭ.مانا بۈگۈن سەن مۇرادىڭغا يىتىپ ئوغلۇم ئىككىمىزدىن بىراقلا قۇتۇلدۇڭ.ياقبىز سەندىن قۇتۇلدۇق.ئەمدى سىنىڭ ئىشلىرىڭغا توسقۇنلۇق قىلىپ      خاتىرجەم قىلمايدىغان مەن،كەڭ تاشا ئوينىشىڭغا پۇتلا كاشاڭ بولۇپ،قاتار چايدىن بۇرۇنيىنىپ كىلىشىڭگە سەۋەپچى بولىدىغان قەيسەرمۇيوق.خۇشاللىقىڭدىن بىشىڭدىكى ياغلىقىڭنى ئاسمانغا ئاتقانسەن.توغرا سىنىڭ بىشىڭغا ياغلىق چىقىپ باققىنىنى مەن كۆ رۈپ باقمىدىم.ئەمما خۇشال بولغانسەن.ئىسسىق تىنىقلىرى يۈزۈمگە ئۇرۇلىۋاتقان ئوغلۇمنى باغرىمغا بىسىپ،پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كىتىۋاتقىنىمدا،ئوغلۇم ئىككىمىزگەقاراپ تاياقتەك قىتىپ تۇرغان ھالىتىڭگە كۆۈزم چۈشكەن ئىدى.

ــبالىنى مەن باقالمايمەن،مەن ئۇنىڭغا تەگكەندىمۇ بالا كۆتۈرۈپ كەلمىگەن.بالىنى ئۆزى باقسۇن ــ سوت مەيدانىدا شۇنچە خەقىنىڭ ئالدىدا نۇمۇس قىلماي شۇنداق دەپ ئۇخلاۋاتقان       قەيسەرنى قۇچىقىمغاتۇتقۇزۇپ قويدۇڭ.بۇ گەپنى سىنىڭ تۇنجى قىتىم ئىغىزدىن چىقىرىشىڭمۇ  ئەمەس ئىدى.ئۆتكەن نۆۋەت يامانلاپكەتكەندە،بايقى گەپنى تەكرارلاپ بالىنى ئانامنىڭ

قۇچىقىغا سىلىپ قويۇپ كەتكەن ئىدىڭ.سەن ئۇنداق قىلمىغان تەقدىردىمۇ مەن سوتنىڭ بالىنى ماڭا بۇيرۇپبىرىشىنى تەلەپ قىلغان بولاتتىم.ئوغلۇمنىڭ سىنىڭ ئالدىڭدا تەپكۈچ بولۇپ قىلىشىنى خالىمايتىم.(ساڭا تىگىپ قانات قۇيرۇقۇم بوغۇچلاندى.ماۋۇ رودۇپاينى تۇغۇپ،پۇت-قولۇم كىشەنلەندى)دىگەن ئىدىڭ دىلئاي.ئەمدى قانات قۇيرۇقۇڭ يىشىلىپ،پۇت-قولۇڭدىكى كىشەن چىقىلدى.ئەركىنلىككە ئىرىشتىڭ.خالىغىنىڭچە ئۇچ،ئوينا،ياشا دىلئاي.                                                         

بىزنىڭ تۇنجى تونۇشقان ۋاقتىمىز ئىسىڭدىمۇ دىلئاي.رىئانلىقىنى ئۇنۇتقان ھالدا لەرزان تانسامۇزىيكىسىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ،پىقىراپ تانسا ئويناۋاتقانلارغا قاراپ،كۆزۈڭنى پاقىرىتىپ،چوكا مۇزدەك قىتىپ ئولتۇرۇپتىكەنسەن.ئالدىمىزدىكى يۇملاق شىرەدەبەزىسىگە چوكا تەگمەي،بەزىلىرى يىرىملانغان قورۇمىلار تەخسىلەردە قىتىپتۇراتتى.بىكارلانغان بىرقانچە بوتۇلكا شىرەنىڭ ئوتتۇرىسىدا غادىيىپتۇراتتى.مۇزىيكا ئاياغلىشىشى بىلەن جۈپ-جۈپ بولىۋالغانلار ئاجراپ ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنىتىپىۋىلىشتى.                                                  

ــ ۋاي ۋۇيسىلەر قاراپ ئولتۇرغىلى كەلگەنما،تۇرۇڭلار ئىككىڭلار بىرمەيدان ئويناڭلار ــ دىدى پەزىلەت ئىككىمىزگە بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا.بۈگۈن پەزىلەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى.دوستۇم مەردان بارمىساڭ مىنىڭ تۈزۈمنى قىلمىغان بولىسەن دەپ تۇرىۋالغاچقائامالسىز كەلگەن ئىدىم.                                                                                                                                                        

ــ مەن،مەنتانسا ئويناشنى بىلمەيمەن ــ دىدىم مەن دۇدۇقلاپ.                                                                                                  

ــ بايائىچەلمەيمەن دىگەچكە سىنى زورلىمىدۇق.ئەمدى بىلمەيمەن دىسەڭ بولمايدۇ ــ دىدىمەردان.ــ مەن راستىنلا بىلمەيمەن ــ دىدىم مەن                                                           ــ بىلمىسىڭىزمۇ مۇزىيكا تۈگىگىچە چۆرگىلەپ كىرمىسىڭىز بولمايدۇ ــ  دىدى          پەزىلەت.مەن ئۈندىمەي بىشىمنى ئىچىمگە تىقىپئولتۇرىۋالدىم.مىنى ئورنۇمدىن تۇرغۇزالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن پەزىلەت ساڭائىلتىجا قىلدى                                                                                                                                                  

ــ ئاداشدىلئاي،سەن ئورنۇڭدىن تۇرمىغۇچە پەرھات ئورنىدىن تۇرمايدىغان ئوخشايدۇ.سەن تارىتقىنە قىنى نىمە دەيدىكىن ــ سەن شۇگەپنى كۈتۈپ تۇرغاندەك لىككىدە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئالدىمغا كەلدىڭ.ئەتراپىمىزدىكىلەر قىقاس سىلىپ ئۆچكىدەك مەرەپ كۈلۈپكىتىشتى.داۋاملىق ئولتۇرىۋىرىشكە يۈزۈم چىدىماي،قولۇڭدىن تۇتۇپ سەھنىگە ئىلىپچىقتىم.ئەسلىدە شۇچاغدا مەن سىنىڭ قولۇڭنى تۇتماي قولۇمنى ساڭا تۇتقۇزۇپ قويغانئىكەنمەن.تەرمەچتەك قاتتىق،ھارارەتسىز قوللۇرۇڭ،ئالىقىنىمدا ئىدى.مۈشۈكياپلاقنىڭكىدەك،ياپيىشىل،چىقىر كۆزلىرىڭدىن بىرخىل سوغۇق نۇر ياغاتتى.مۇزىيكائاياغلاشقۇچە،خىزمەت ئورنۇمنى،ئىش ھەققىمنى،ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى،ئىشقىلىپسەن بىلىشكە تىگىشلىك بولغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىگە ئىرىشىپ قانائەت ھاسىل قىلدىڭ.مۇزىيكا ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ،باغلاقتىكى موزاي ئانىسىغا ئۆزىنى ئاتقاندەك،

قولۇڭنى قويىۋىتىپ ئورۇندۇققا ئۆزۈمنى ئاتتىم.ماڭا شۇنچە يىپىشىۋىلىشىڭدىكى مەخسىتىڭ ئىشھەققىمنىڭ سەن تەسەۋۋۇر قىلغاندىكىدىنمۇ يۇقۇرى بولغانلىقىدامىتى.بىلسەڭ مەن پۇلنى بەزى ئادەملەردەك ئانچە چوڭ بىلگەن ئەمەسمەن دىلئاي.                                 

ــ مىنى يالغۇزتاشلاپ قويۇپ خاتىرجەم كىتەلەمسىز؟ ــ ھەممەيلەن تارقايلى دەۋاتقاندا سەن شۇنداقدىدىڭ.راسىت بۇچاغدا كىچە يىرىملىشىپ قالغان ئىدى.                           ــ راسىت،پەرھات سەن   دىلئاينى ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن كەتكىن ــ دىدى مەردانسىنى ماڭا تاپشۇرۇپ،كىچە بىرچاغ بولۇپ قالغاچقا تاكسىيمۇ توختاپ بولغانئىدى.ئىككەيلەن بىر-بىرمىزگە ياندىشىپ ماڭدۇق.سەن توختىماي مەندىن ئۇنى،بۇنىسورايتىڭ.مەن سورىغانلىرىڭغا ئودۇللۇق جاۋاپ بىرىپ ماڭغان ئىدىم.ئەمما ھازىرئۇچاغلاردا نىمىلەرنى دىيىشكەنلىكىمىز ئىسىمدە يوق.سىنىڭ ئۆيۈڭگە قايرىلىدىغاندوقمۇشقا كەلگەندە چالامەسىت بىرسى ئالدىمىزنى توسۇپ(بەللى دىلئاي كىچىدە ئوۋغاچىققانمىدىڭ)دىدى دەلدەڭشىپ تۇرۇپ.مىنىڭ ئىختىيارسىز مۇشىتلىرىم تۈگۈلدى.                                 

ــ سىنىڭ نىمەكارىڭ،توي قىلغىلىۋاتىمەن بۇمىنىڭ يىگىتىم ــ دەپ مىنى قولتۇقلاپ ماڭدىڭ.مەنگىپىڭدىن ھەيران بولۇپ ئىغىز ئاچاي دىيىشىمگە،مىنى گەپ قىلماي ئىتتىك مىڭىشقائالدىراتتىڭ.                                                                                            

ــ ئەسكىلىكتەئۇچىغا چىققان قارا بىس نەرسەئۇ ــ دىدىڭ خىلى يىراقاپ كەتكەندىن كىيىن.مىنىقولتۇقلىۋالغان قولۇڭنى قويىۋىتىپ ــ ماڭا تەگمىسەڭ كىمكىن قىنى سىنى ئالىدىغاندەپ تەھدىت سىلىپ ئارقامغا كىرىۋالدى.ھىلىمۇ ياخشى سىز بولۇپ قاپتىكەنسىز،بولمىساقانداقمۇ قىلار بۇلغىيتىم. مەن ئەينى چاغدا سىنىڭ بۇگەپلىرىڭگە ئانچە پەرۋاقىلىپكەتمىگەن ئىدىم.ئەمما مىنىڭ يىگىتلىك غۇرۇرۇم دەپسەندە قىلىنىپ،يۈزۈمگە ئاھانەت تامغىسى بىسىلغان توي كىچىسى،سىنىڭ پاچاقلىرىمغا ئىسىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ دىگەنگەپلىرىڭ ئەرلىك غۇرۇرۇمنى نومۇسسىزلارچە قايرىپ قويۇپ،ئارىمىزدىكى ئىپلاس نىكاھنى ساقلاپ قىلىشىمغا سەۋەپچى بولغان ئىدى دىلئاي.                                                                                                                                                                     

ــ سىزدىن خۇش بولۇپ كىتەي جىنىم پەرھات،تايىقىڭىز ئاستىدا ئۆلۈپ كەتسەممۇ رازىيمەن.مىنى ئۆلتۈرۋىتڭ.شۇچاغدا مەن راستىنلا ئامالسىز قالغان ئىدىم.قىز بالا دىگەن ئاجىزبولىدىكەن.ئۈگەي ئانام گۈلنىسا ئىچى زەھەر،كۆڭلى قارا خوتۇن ئىدى.ئۇ مىنى بىرتال ئالتۇن ئۈزۈككە سىىتۋەتتى.نەچچە قىتىم ئۆلۋالماقچى بولدۇم.بىراق ئادەم ئۈچۈن ئەڭقىيىن تاللاش ھاياتىدىن ۋاز كىچىش ئىكەن.شۇڭا شەرمەندىلەرچە ياشاشقا مەجبۇربولدۇم.مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن.مىنى ئۆلتۈرۋىتىڭ،مىنى ئۆلتۈرۋىتىڭ..ھۈ..ھۈ..ھۈ..                                                                                                                                               

ــ پەرھات،ھەيپەرھات ــ ئەمدىلا دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن چىقىشىمغا بىرسىنىڭ ئىسمىمنى چاقىرغانئاۋازى قۇلىقىمغا كىردى.ئەتراپىمغا قارىسام يولنىڭ قارشى تەرىپىدىن ئىسمىمنى چاقىرى پقولۇڭنى پۇلاڭلاتقاچ،يولدىن كىسىپ ئۆتۈپ مەن تەرەپكە قاراپ توكاسلاپ كىلۋاتاتتىڭ.مەن سىنى ھىلىقى ئاخشىمى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويغان بىرى تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈم ئىدى.سەن قوناق ساقىلىدەك ساپسىرىق پاخما چاچلىرىڭنى كالا يالاپ قويغاندەك قاتۇرۇپ تاراپ،چوقاڭغا يۈتازىدەك تۈگىۋالغان ئىدىڭ.يىڭى مۈرىسىدىنلا يوق سىرىق مايكاڭ بىلەن،يوتاڭنىمۇ ياپالمىغان بىرغىرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى بىغىررەڭ يوپكاڭ سىنىڭ قىپيالىڭاچ ئەمەسلىكىڭنىڭ شاھىدى بولۇپ تۇراتتى.پاشنىسى چوكىدەك ئىنچىكە،ئىگىزپاشنىلق ئايىغىڭنى ھەربىر يۆتكىگىنىڭدە،ياغاچ ئۈستىگە مىخ قاققاندەك تاراقشىغان ئاۋاز چىقاتتى.سەن قىشىمغا كەلمەي تۇرۇپلا ئەتىرنىڭ باشنى ئايلاندۇرغۇچى پۇرىقىدىماغلىرىمغا ئۈسسىدى.                     

ــ ۋاي بارمۇسىز،ئەجەپ بىر يوقاپكەتتىڭىزغۇ،دوختۇرخانىدىن چىقىۋاتىسىزغۇ؟ بىرەرسى ئاغرىقمىتى؟ ــ قىشىمغاكىلە-كەلمەيلا بىرمۇنچە سوئال سوراپ ئۈلگۈردۈڭ.مەن سىنىڭ قايسى سوئالىڭغا جاۋاپبىرىشىمنى بىلەلمەي، ــ ھە،شۇ ئانام ئاغرىپ قىلىپ،سەل ئالدىراش ــ دىدىم سىنىڭقەيىرىڭگە قاراپ گەپ قىلىشىمنى بىلەلمەي.                                                               

ــشۇنداقمۇ،ھازىر ئەھۋالى قانداقراق؟ ــ دىدڭ سەن.مەن ئۇ چاغدا سىنىڭ بۇگەپنىكۆيۈنۈپ دەۋاتقانلىقىڭنى،ياكى رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا سوراپ قويىۋاتقانلىقىڭنى ئانچەزىغىرلاپ كەتمىگەن ئىدىم.شۇ ئارىدا سەن ئايىغىڭنىڭ بوشاپ كەتكەن بوغقۇچىسىنى چىڭىتىش ئۈچۈن ئالدىڭغا ئىڭشىدىڭ.ئارقا تەرىپىڭدىن ئارقاڭغا ئۈسسىگەن كۈچلۈك شامال،يوپكاڭنىڭچىكىدىن ئىككى تەرىپىگە قايرىپ،ئاستىدىكى شاپتۇل چىچىگى رەڭلىك كۇسىرىڭ كۆرۈنۈپقالدى.مەن بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ قالغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمچە قاتتىق خىجىل بولدۇم.خۇددىباشقىلارمۇ قاراۋاتقاندەك،ئالاقزادىلىك بىلەن ئەتراپىمغا كۆز يۈگۈرۈتۈپچىقتىم.تەلىيىمگە يارىشا ھىچكىممۇ دىققەت قىلمىغان ئىدى.ئەمما سەندە قورۇنۇش،خىجىل بولۇش دىگەندىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.شۇنىڭدىن كىيىن مىنىڭ ساڭا پەقەتلا گەپ قىلغۇمكەلمىدى.ئىككىمىز خىلىغىچە ئۈنسىز ھالدا ياندىشىپ ماڭدۇق.مەن سىنىڭ تىزرەك ئۆزيولۇڭغا مىڭىشىڭنى خالايتىم.ئارىمىزدىكى جىمجىتىلىقتىن ئىچىڭ سىقىلغان بولساكىرەك.                                                                        

ــ گەپ قىلغاچ ماڭسىڭىزچۇ،جىمىپلا كەتمەي ــ دىدىڭ ماڭا ئىلتىجا قىلغاندەك.                                                         

ــ نىمە دەيمەنــ دىدىم مەن،سىنىڭ مىنى نىمە دىگۈزمەكچى ئىكەنلىكىڭنى چۈشىنەلمەي.                                                

ــ ۋايخۇدايىم،ئاشۇنىمۇ مەن دەپ بىرەمدىم ئەمدى.نىمىنى ئويلىغان بولسىڭىز شۇنىدىمەمسىز.سىز بەك قىززىق كەنسىز ھا..ھا..ھا... ــ سەن شۇنداق دىگىنىڭچە ئىغىزىڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىڭ.سىنىڭ بۇ كۈلۈشىڭ ماڭا ئانچە ياقمىدى.تولا كۈلىدىغانقىزلارغا نىسبەتەن ئانچە ياخشى كۆز قاراشتا ئەمەس ئىدىم.تولا كۈلىدىغان قىزلارماڭا شاللاقتەك تۇيغۇ بىرىپ قوياتتى.يىنىمىزدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقانلارمۇ بىزگەئەجەپلەنگەندەك قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى.تولا كۈلىدىغان قىز ھەرقانداق ئادەمگەياخشى تەسىر بەرمىسە كىرەك،دىگەننى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزدۈم.بىزنىڭ ئىدارىغابۇرۇلىدىغان دوقمۇشقا كىلىپ قالغان ئىدۇق.                                                                           

ــ پەرھات بىريەرنى تىپىپ ئولتۇرايلىچۇ ــ دىدڭ ئەركىلىگەندەك تەلەپپۇزدا.مەن ئىختىيارىسز يەنەسىنىڭ ئۈستى بىشىڭغا قاراپ سالدىم.قازاق قوينىڭ قۇيرۇقىدەك ئىككىگە ئايرىلغان كۆكسۈڭ،مەيدىسى  كەڭ ئويىۋىتىلگەنمايكاڭدىن خىلىلا چىقىپ قالغان ئىدى

ــ كەچۈرۈڭمىنىڭ ئازراق ئىشىم بارئىدى.كەچتە يەنە ئاپامغا قارىمىسام بولمايدۇ ــ دىدىم مەنكۆزلۈرۈمنى سەندىن قاچۇرۇپ،ساڭا يەنە قاراپ سالماسلىق ئۈچۈن.سەن ئۈندىمەستىن جىمىپكەتتىڭ.مەن كومانىدىر بۇيرۇق بەرگەن ئەسكەردەك تىزلا يىنىڭدىن ئايرىلدىم.ئارقامغاقاراپ سالسام،سەن يۈگۈرەپ كىلىپ،ماڭا چاپلىشىۋالىدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇپئارقامغىمۇ قاراشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىدىم دىلئاي.شۇ قىتىملىق يىراقلاپكىتىشىمنىڭ بۇندىن كىيىن يىقىنلىشىشىمىزنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تىخىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.سەندىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنغانچە،پاتقاققاپىىتپ قالغان ئادەم،تىپىرلىغانچە تىخىمۇ چوڭقۇر پىتىپ قالغاندەك،يىپسىز ھالدا ساڭاچىڭ باغلىنىپ قالغىنىمغا ئۆزۈممۇ ھەيرانمەن دىلئاي.كىچىككىنە ماگىنىت پارچىسىئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭلۇقتىكى تۈمۈر پارچىسىنى ئۆزىگە تارتىۋالغاندەك،مىنىئۆزۈڭگە تارتىۋالغان ئىدىڭ.                 

ئۈچىنچى قەۋەتكارىدورغا قەدەم بىسىشىمغىلا،سىغىزخاننىڭ شاراقىشىدەك قاقاققلاپ كۈلگەن تونۇشكۈلكە ئاۋازى،كارىدورنىڭ تاملىرىغا ئۇرۇلۇپ،قۇلاق پەردەمنى تىتىرىتىپ ئۆتتى.ئانام ياتقان كىسەلخانىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپلا تۇرۇپ قالدىم.سەن خۇددى كونا تۇنۇشلاردەك ئانام بىلەن قىزغىن پاراڭلاشقاچ ئالما ئاقلاپ بىرىۋاتاتتىڭ.                                                                                         

ــ نىمە ئىشىك تۈۋىدە تۇرىسىز بالام.ئىچىگە كىرمەي ــ دىدى ئانام مىنىڭ ھەيرانلىقتا ئىشىكتەقاراپ تۇرۇپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ.سەن ئىشىككە ئارقاڭنى قىلىپ ئولتۇرغاچقا مىنى كۆرمىگەن ئىدىڭ.ئانامنىڭ گىپى بىلەن ئارقاڭغا بۇرۇلۇپ، ــ كەلدىڭىزما؟ ــدىگىنىڭچە قولۇمدىكى تاماق قاچىسىنى ئالدىڭ.بۈگۈن سەن پاچىقى ئۈچەيدەك ئىنچەكەكاۋبوي ئىشتان،ئولتۇرغاندا،ياكى ئىڭشىغاندا بىلىڭ كۆرۈنۈپ قالىدىغان قىسقا،ھەم تارقىزىل كوپتا كىيىۋالغان ئىدىڭ.كوپتاڭنىڭ ئاستىدىن،ياقۇت كۆز قويۇلغان ئاق كەمىرىڭكۆرۈنۈپ تۇراتتى.قوناق ساقىلىدەك ساپسىرىق پاخما چاچلىرىڭنى مۈرەڭدىن ئارتىلدۇرۇپ قويىۋەتكەن ئىدىڭ.تۈكسىز سىدام قاشلىرىڭنىمۇ ئۇستا رەسسامدەك سىزىۋالغانلىقىڭغاكۆزۈم چۈشتى.                                                                                      

ــ ئولتۇرۇڭ ــدىدىڭ سەن كارۋاتنىڭ ئاستىدىن كىچىككىنە ئۈچ پۇتلۇق ئورۇندۇقنى ئىلىپ ئالدىمدا                                  قويۇپ.                                                                                                                                              -

سىز بۇيەرگە قانداق كەلدىڭىز؟ ــ دىدىم مەن ھەيرانلىقىمنى باسالماي.                                                                        

ــ دوختۇرخانا ئالدىغا ماشىنا بىلەنكىلىپ،ئۈستىگە پەلەمپەي بىلەن چىقتىم ــ سەن شۇنداق دەپ پىخىلداپ كۈلۈپكەتتىڭ.ئانام ماڭا مەنىلىك قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.ئانامنىڭ بۇقاراشلىرىدىن يەرگەكىرىپكەتكۈدەك خىجىل بولۇپ كەتتىم.                       

ــ ئانا سىزگەچۆچۆرە ئەتكۈزۈپ ئالغاچ كەلگەن ئىدىم.قىززىقىدا ئىككى قوشۇق ئىچىۋالامسىز؟ ــدىدىم ئۈستەلدىكى تاماق قاچىسىغا نەزىرىمنى ئاغدۇرۇپ.                                                                                                                                                     

ــ بولدى بالام،دىلئاي قىزىممۇ باياراقتا چۆچۆرە ئىتىپ كەپتىكەن.تىخى سىزنىڭ ئالدىڭىزدىلائىچكەن.سوۋۇپ قالسا تەمى كىتىدۇ،سىز ئىچىڭ ــ دىدى ئانام.(دىلئاي قىزىم)دىگەندەئانامنىڭ كۆزلىرىنىڭ باشقىچە نۇرلىنىپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلغان ئىدىم.ئانامنىڭ بۇگىپىنى ئاڭلاپ،ھەيران بولۇپ ساڭا قارىدىم.مەن سەن بىلەن ئىككى قىىتم كۆرۈشكەنبولساممۇ ئانام  توغۇرلۇق ھىچنىمەدىمىگەن ئىدىم.ئانامنىڭ قايسى ياتاقتا ئىكەنلىكى،نىمە تاماققا ئامراقلىقىدىنتارتىپ شۇنچە ئىنىق بىلىۋالغانلىقىڭغا قاراپ ھەيران قالغان ئىدىم.                                                                                                                                                         

ــ ئەمسە مەن قايتاي ــ سەن شۇنداق دەپ ئىشىك ئالدىغا بارغۇچە،سەن مىنىڭ ئانامنى يوقلاپ كەلمەي،مەن سىنىڭ ئاناڭنى يوقلاپ كەلگەندەك پەقەتلا ئەركىن بولالمىغانئىدىم.ئۇھ،دەپ چوڭقۇر تىنغىنىم ئۆزۈمگە ئاڭلانغان ئىدى.                        

ــ مەن سىزنى ئەتە يەنە يوقلاپ كىلىمەن ــ دىدىڭ سەن كارىدورغا چىقىپ بولغاندىن كىيىن،مۇھىم بىرگەپنى ئۇنۇتقاندەك ئىشىكتىن بىشىڭنى تىقىپ ئانامغا.                                                                                                                                                              

ــ كۈندە كىلىپ ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئانام تىزلا ياخشى بولۇپ كىتىدۇ ــ دىدىم مەن                                                          دەرھال.                                                                                                                                                            

ــ ۋاي ۋۇي ماڭىمۇ تۈزۈت قىلامسىز،ئىشتىن چۈشسەم ئۆيدە قىلىدىغان باشقا ئىشىممۇيوق،بىكارچىلىقتا زىرىكىپ قالىدىكەنمەن،شۇڭا ھاممامغا قاراي ــ دىدىڭ سەن.ئەينىچاغدا سەن ئىختىيارىڭ بىلەن ئانامغا قارىغاندىمۇ ئۆزۈڭنى ئويلىغانمىدىڭ،ئانامغاقاراش ئارقىلىق زىرىكىشلىكىڭنى باسماقچى بولغانمىدىڭ دىلئاي.                                                                                                                        

ــ ئۇ كىلىمەن دىسە نىمىشقا كەلگىلى قويمايسىز بالام؟ ــ دىدى ئانام،سەن كەتكەندىن كىيىن مەندىن نارازىي بولغان قىياپەتتە.                                                         ــ ئۇ بەك تولا گەپ قىلىدۇ ئانا،شۇڭا سىزنى چارچىتىۋەتمىسۇن دىگەنئىدىم ــدىدىممەن باشقا سەۋەپ تاپالماي.                                                                                                                             

ــ نەدەقىنى،ئۇقىز شۇنداق چىرايلىق ھەم بەك ياخشىكەن.خۇدايىم ماڭىمۇ شۇنداق قىزنى كىلىنقىلىشقا نىسىپ قىلسا ئارمانىمغىمۇ يەتكەن بولاتتىم ــ دىدى ئانام.ئانامئارمانىغىمۇ يەتتى.سەن ئۇنىڭ كىلىنى بولدۇڭ.                                                

ــ مەنئالتۇنغا تىگۈشكىسىز قىز ئىدىم.سەنلەرمىنىڭ قەدىرىمنى بىلىشمىدىڭ.سەن ئاۋلاقلارنىڭئالدىدا ئەجەپمۇ خاربولدۇم ــ ئانامغا تامدەك قاراپ تۇرۇپ شۇگەپلەرنى دىگەن ئىدىڭدىلئاي.                                                                                             

ۋايئاپام،دىسەڭ ئاخىرىغا بىرمۇنچە شىرىن –شىكەر سۆزلەر ئۇلىشىپ چىقىدىغان ئۈچ بۇرجەكئاغىزىڭدىن،يۈرەكنى تىتىرەتكۈچى گەپلەرنى ئاڭلىغان بىچارە ئانام،مەڭدەپ قالغاندەكتۇرۇپ قالغان ئىدى.كۆزلىرىنى بىر قەۋەت ياش پەردىسى توسىۋالغان بولغاچقا،مۇشۇنداقزەھەردەك گەپلەرنى قىلىۋاتقان ئايالنىڭ ئۆزى ئەينى ۋاقتىدا ئارمانىنى يىگەن كىلىنىئىكەنلىكىنى جەزىم قىلالمىغان بولغىيتى.ئانامنىڭ قوللىرى ئاق كىسەل ئىدى.تىنىمتاپمايدىغان بىر جۈپ قولىنىڭ دۈمبىسىنىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرىنىڭ تىرىسى چۈشۈپ،ئالاپاساق بولۇپ قالغان ئىدى.مەن شۇ بىر جۈپ قولنىڭ پەرۋىشلىشىدە قاتارغاقوشۇلۇپ،ئادەم بولغان ئىدىم.ئانامنىڭ قولى مەن ئۈچۈن نۇقسانسىز،ھەم سۆيۈملۈك ئىدى.كىچىكىمدىنلا،ئانامنى ھاقارەتلىگەن ھەرقانداق ئادەمنى بوش قويىۋەتمەيتىم.بىرقىتىم مەھەللىمىزدىكى مەندىن خىللىلا چوڭ بىر بالا مىنى(ئاۋلاق خوتۇننىڭ بالىسى)دەپ تىللىغاچقا،بىر كاللا قويۇپلا ئىغىز بۇرنىنى قانىتىۋەتكەن ئىدىم.ئەممابۇقىتىم ئۇنداق قىلالمىدىم.راستىنى ئىيىتقاندا سىنىڭدىن قورۇقتۇم دىلئاي.پارتىلاشقاتەييار تۇرغان گاز تۇڭىدەك تومپىيىپ چىققان قورسىقىڭغا قاراپ،تۇغۇلغۇسى پەرزەنتىم،يۈرەك پارەم ئۈچۈن ئانامنىڭ ھاقارەتلىنىگە كۆزۈمنى پارقىرىتىپ قاراپتۇرغان ئىدىم.                                                                                                                                                         

ــ نان پىشمىسائوچاقتىن............. دىگەندەك،ئاغىزىمنى تاتىلىماڭ مىنىڭ.ئىي ئوغلىڭىز كارغا كەلمەيدىكەن ــ قىلچىمۇ ئۇيالماستىن ئانامنىڭ ئالدىدا شۇ گەپنى ئىغىزدىن چىقىرالىغىنىڭغا توۋادەيمەن دىلئاي.تويىمىز بولۇپ بىر يىلدىن كىيىن ئانام نەۋرە كۆرۈشنىڭ گىپىنىقىلغاندا،سەن شۇنداق دىگەن ئىدىڭ.بۇ گىپىڭنى ئاڭلاپ نۇمۇستىن ئۆلگۈدەك بولۇپكەتكىنىم ھىلھەم يادىمدا.قىپيالىڭاچ ھالدا كوچىغا چقىپ كەتكەن بولساممۇ بۇنچىلىك خىجىل بولۇپ كەتمەس ئىدىم.بىر ئەركىشىنى خوتۇنى تەرپىدىن يارىماسلىققاچىقىرۋىتىلىشى،مەڭگۈ باشقىلارنىڭ مەسخىرىسى ئاستىدا ياشايدىغان ئاھانەتلىك ئىشئىدى.ئۆزى پەخىرلىنىدىغان ئوغلىنىڭ كىلىنى تەرىپىدىن كەمسىتىلىشى بىچارە ئانامغاقانچىلىك ھار كەلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايمەن.                                             

ــ ماڭادىيەلمەيدىغان بىرەر كىسىلى بولسا داۋالانسۇن ــ بىچارە ئانام ئۆزى ھەرقانچەقىيىنچىلىقتا قالسىمۇ سىتىۋىتىشكە كۆزى قىيمىغان،دادام تويلۇقىغا ئالغان تەۋەرۈكئالتۇن زىرىسى ئوغلىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىككىلەنمەي سىتىۋەتكەن ئىدى.            

ــ سىزدەھىچقانداق كىسەل يوقكەن.پەرزەنىتلىك بولالايدىكەنسىز.ئايالىڭىز كىلىپ تەكشۈرتۈپ باقسۇن ــ دىدى چىرايىدىن سىپايىلىكى چىقىپ تۇرىدىغان،كۆزئەينەكلىك دوختۇر قولۇمغاتەكشۈرۈش نەتىيجىسىنى تۇتقۇزۇپ.                                             

ــ مەندىمۇھىچقانداق كىسەل يوق.مەن بارمايمەن ــ دىدىڭ مىنىڭ ساق چىققانلىقىمغائىشەنمىگەندەك تەكشۈرۈش نەتىيجىسىگە تەپسىلى قاراپ.                                                                                                                                                   

ــ شۇنداقبولسىمۇ بىرىپ تەكشۈرتۈپ باقايلى.ساق چىقسىڭىز تىخى ياخشى ــ دىدىم مەن.                                                      

ــ نىمە سىزمەندە كىسەل باردەپ گۇمانلىنىۋاتامسىز؟ ــ دىدىڭ سەن يىشىل كۆزلۈرۈڭنى چەكچەيتىپ                                         تۇرۇپ.                                                                                                                        

ــ ئەمسە مەندەچاتاق بارمىكەن،كىمدە چاتاق بارلىقىنى بىلىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرىتىپباقايلى دەۋاتىمەن ــ دىدىم سىنىڭ جاھىللىقىڭدىن تىركىپ.                                                                                                                                 

ــ سىزھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دۇرىسى يەپتىكەنسىزغۇ؟ ــ دىدى دوختۇر بىزگە تەكشۈرۈشنەتىيجىسىنى سۇنغاچ.سەن ئوغۇرلۇق ئۈستىدە تۇتۇلۇپ قالغاندەك جىددىيلىشىپكەتتىڭ.كۆپكۆك چىقىر كۆزلۈرۈڭ چاناقلىرىڭدا ئەنسىز پىلدىرلايتى.               

ــ بىرقىتىم،نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بىر قىتىملا يىگەن ــ دىدىڭ دۇدۇقلاپ.بۇ گىپىڭنىئاڭلاپ ئاچچچىقتىن مۇشىتلىرىم تۈگۈلگگەن بولسىمۇ يەنىلا،ئۆزۈمگە ھاي بىرىپ،ئۆزۈمنىبىسىۋالدىم.دوختۇرخانىدا سەتلىشىپ قىلىشنى خالىمىدىم.                       

ــ سىزگەئازراق ئوكۇل يىزىپ بىرەي.دورىنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلەتسەكلا ھامىلدار بولۇشنىتىزلىتىدۇ ــ دىدى دوختۇر قەغەزگە بىر نەرسىلەرنى يازغاچ.                                                                                                                                                

ــ سىزدەئىشىپ- تىشىپ  تۇرىدىغان پۇل شۇنچەكۆپمىدى.ئىسىت مۇشۇ ئوكۇل ئالغان پۇلغا كورىيەنىڭ بىرقۇر چىرايلىق كىيىمى كىلەتتىــ دىدىڭ سەن ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن مەن گەپ قىلغۇچە،مىنى يەۋەتكۈدەكئەلپازدا.بايقى ئاچچىقىم تىخى يانمىغان بولغاچقا،سىنىڭ ھازىرقى گەپلىرىڭ ھۆل تامغائىشەك تەپكەندەك ئاڭلاندى.                                                                           

ــ ئاغىزىڭنى يۇم.سەن تاز دىگۈچە مەن تاز دەۋالاي دىگەندەك،ئۆزۈڭ شۇنداق تۇرۇپ،تخى مىنى يارىماسدەيسىنا ــ دىدىم مەن سىنى ئۇرىۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا ۋارقىراپ.                                                                                                                              

ــ مەن سىنىڭ سەنلەيدىغان ئىتىڭمىدىم ــ دىدىڭ سەن تويدىن ئىلگىرى نىمىلەرنى دىگەنلىكىڭنىئۇنتۇپ قالغاندەك ــ بالىغا بەك ئامراق بولساڭ بالىسى بار خوتۇن ئالساڭ بولمامتى.                                                                                                     

ــ سىز نىمىشقامىنى سەنلىمەيسىز؟سەن دىگەن سۆز قەلبى تۇتاشلىقنىڭ بەلگىسى.سىز دىسىڭىز ئارىمىزيىراقلاپ كەتكەندەك ھىس قىلىدىكەنمەن ــ دىگەن ئىدىڭ ياپيىشىل كۆزلىرىڭنى كۆزلىرىمگە ناز بىلەن تىكىپ تۇرۇپ.                                         

سىنىڭ بايقى گەپلىرىڭ غەزەپ گۈلخانلىرىمغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ،ئاچچىقىمنى چىكىگە يەتكۈزگەنئىدى.شۇكۈنى مەن .ىرادەمگە خىلاپ ھالدا بىر ئايال كىشىگە،يەنى ساڭا قول تەككۈزۈپسالدىم دىلئاي.                                                                                          

ــ بۇندىنكىيىن مىنى خوتۇن دەپ چاقىرماڭ،سەت تۇرىدىكەن ــ دىدىڭ  بىر كۈنى مىنىڭ چاقىرىشىمدىن نارازىي بولغانقىياپەتتە.                                                   ــ سىز خوتۇنۇمبولغاندىكىن،خوتۇن دەپ چاقىرماي نىمە دەپ چاقىرىمەن ــ دىدىم

ــ بىرچىرايلىق دىلئاي دىگەن ئىسمىم بولغاندىكىن،ئىسمىمنى چاقىرىڭ.خوتۇن دىسىڭىز خۇددىسەھرالىقتەك بەك قوپال ئاڭلىنىدىكەن.خىزمەتدىشىم پەرىيدەنىمۇ يولدىشى خانىم دەپچاقىرىدىكەن.ھەر ئىككىمىز شەھەردە بولغاندىكى،مەدەنىيراق سۆزلەيلى ــ دىدىڭ ماڭاچۈشەندۈرۈپ.                                                                                                                                       

ــ مەدەنىيبولۇش دىگەن نىمە؟ ئەجداتلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى تاشلاپ،چەتئەللىكنى دورىسا مەدەنىيبولامدىكەن.قايسى ئاتا-بوۋىلىرىمىز خوتۇنلىرىنى خانىم دەپ چاقىرىپتىكەن ــ دىىدمسىنىڭ تايىنى يوق ئىشلار ئۈچۈن مەن بىلەن تالىشىۋاتقىنىڭغا ئاچچىقىم كىلىپ.                                                                                                                                                                                 

ــ قويۇڭئۇنداق گەپلىرىڭىزنى،ئۇ دىگەن قايسى زاماندىكى ئىشلار.ئۇنتۇپ قالماڭ بۇدىگەن21-ئەسىر ــ دىىدڭ ئۆزۈڭنىڭ بىلەرمەن ئىكەنلىكىڭنى پەش قىلىپ.شۇئان مىنىڭ ساڭا تويقىلىش تەكلىۋى قويغان ۋاقتىمدا دىگەن كۈكلىلىك گەپلىرىڭ كاللامدىن لىپ قىلپ ئۆتۈپكەتتى.                                                                                                                                                               

ــ ماڭا تىگىڭبىز توي قىلايلى ــ دىگەن ئىدىم ھاياجان بىلەن.سىنىڭ توخۇنىڭ تىرناقلىرىدەك،ئۇزۇنتىرناقلىق بارماقلىرىڭنى ئالىقانلىرىم ئارىسىغا ئىلىپ.                                                                                                                                            

ــھا...ھا...ھا... گەپلىرىڭىز نىمانچە كالامپاي ــ دىدىڭ سەن قاقاقلاپ كۈلۈپ،تويتەكلىۋى قويۇشنىمۇ بىلمەمسىز؟                                                        

ــ خالىمامسىز؟ــ دىدىم مەن ئۈمۈدسىز لىنىپ.                                                                                                                           

ــ مەن ئۇنداقدىمىدىم.گەپلىرىڭىز بەك قوپال ئاڭلىنىدىكەن.ھازىرقى ياشلار توي تەكلىۋى قويغاندامۇنداق دەيدۇ(قەدىرلىكىم سىزنى ياخشى كۆرىمەن.ماڭا ئىشىنىڭ راسىت بەك ياخشى كۆرىمەن.مىنىڭخانىمىم بولۇشنى خالامسىز) دىدىڭ ئاۋاز ئارتىسلىرىغا ئوخشاش ئاۋازىڭنى ياساپ.گىپىڭنىئاڭلاپ،بىردە كۈلگۈم كەلسە،بىردە ساڭا بولغان ھەيرانلىقىم تىخمۇ ئاشقان ئىدىدىلئاي.                                                                  

  تۈنۈگۈن ئىشتىن كەلسەم ئوغلىمىز قۇچىقىڭداقىقىراپ يىغلاۋاتاتتى.سەن سۈت پاراشۇگى تەڭشەلگەن سۇسكىنى بالىنىڭ ئاغزىغاتىقىۋاتاتتىڭ.ئوغلۇم سوسكىنى شورىغىلى ئۇنىماي قەغىشلىك قىلاتتى.                                                                                                         

ــيىغلا،يىغلا،يىغلاپ ئۆلەرسەن ھۇ ساقلاندى ــ سەن شۇنداق دەپ ئاچچىقلاپ قەيسەرنىكىرسلوغا ياتقۇزۇپ قويدۇڭ.                                                      

ــ نىمە بولدىئۇنىڭغا نىمىشقا بۇنچە ئاچچىقلايسىز؟ ــ دىدىم بالىغا قىلىۋاتقان قوپاللىقىڭغائاچچىقىم كىلىپ.                                                              

ــ نىمەبولغانلىقىنى كۆرمەيۋاتامسىز،سۇت پاراشۇگىنى ئەمگىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ ــ دىدىڭ ماڭائاچچىقلاپ.قەيسەر تۇغۇلغاندىن بىرى ئانا سۈتىنىلا ئەمگەن ئىدى.                                                                                                                                            

ــ ئۆزىڭىزئىمىتمەي نىمەدەپ سۈت پاراشۇگى بىرەتتىڭىز ــ دىدىم يىغلاۋاتقان ئوغلۇمنىقۇچىقىمغا ئالغاچ.بالا ئانىسى ئاغىزىغا دان سىلىپ قويۇشقا تەشنا بولغان كەپتەرباچكىسىدەك،يۇمران ئىغىزلىرىنى چوڭ ئىچىپ،چىڭقىلىپ يىغلاۋاتاتتى.                     

ــ ئەمدى ئۇنىئىمىتمەيمەن،سۈت تاقىتىش ئوكۇلى ئۇرغۇزدۇم ــ دىدىڭ پەرۋاسىزلا.                                                                                

ــ نىمە دەپ ــئاۋازىم يۇقۇرى چىقىپ كەتكەن ئىدى.                                                                                                                ــ نىمەۋارقىرايسىز،بالا ئىمىتكەن ئادەم تاماقنى كۆپ يىمىسە سۈت چىقمايدىكەن.سۈتچىقسۇندەپ كۆپ يەپ ئىلگىركىدىن سەمرىپ ئىسكەتسىزلىشىپ كەتتى.شۇنداق يارىشىملىقىكىيىملىرىمنىمۇ كىيەلمەيۋاتىمەن.ئەمدى ئورۇقلقمىسام بولمايدۇ ــ دىدىڭ.                    

ــ كىم سىزنىسىمىز دەيدۇ،مىنىڭ كۆزۈمگە شۇنداق زىلۋا كۆرۈنىسىز.بالا بەك يىغلاپكىتىۋاتىدۇ،ئىمىتىڭە ــ دىدىم چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرىتىپ،ئاۋازىمنى سىلىق چىقىرىشقاتىرىشىپ                                                                                                                  

ــ مەن سىزنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىڭىزنى بۇرۇنلا بىلەتتىم.مەن قاچان سىزنىڭ كۆزىڭىزگە زىلۋاكۆرۈنۈپ باققان.ئەمدى نىمىلا دىسىڭىز ئىمىتمەيمەن ــ دىدىڭ قەتئىيلىك بىلەن.                                                                                                                     

ــ قەيسەرئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولدى.بالا دىگەننى 24ئاي ئىمىتمىسە ئانىنىڭ گەدىنىدە قەرىزقالىدۇ ــ دىدىم مەن ئاچچىقىم كىلىپ تۇرسىمۇ،ئۇرۇشۇپ قالماي دەپ ئۆزۈمنىتۇتىۋىلىپ.                                                                                                               

ــ قويۇڭئۇنداق تەيفىنەمنىڭ ۋاقتىدا قالغان گەپلىرىڭىزنى،ھازىر قايسىبىر ئانا بالىسىنى24ئاي ئىمىتىدىكەن.ھىلىمۇ ئۇنى ئالتە ئاي ئىمىتكىنىمگە خۇش بولۇڭ ــ دىدىڭ چىقىركۆزلىرىڭنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ.                                                               

ــ ئىمىتمەيبالىنىڭ ھەققىدە قىتىق ئۇيۇتۇپ ئىچەمسەن ــۋارقىرىدىم شۇنچە ياخشى گەپلىرىمنىڭكارقىلمىغىنىغا ئاچچىقىم كىلىپ.                                      

ــ ئىمىتمىسەمقانداق قىلالايتىڭ؟ ــ دىىدڭ سەنمۇ كۈرۈكى تۇتقان مىكياندەك ھۈرپىيىپ.     ــ مىنى مەجبۇرلىما،كۆڭلۈڭ تىنىچلىقىنىخالىسا بولارمىكىن ــ دىدىم چىشلىرىمنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىپ.                                                                                             

ــ كۆرۈپباقاي،قولۇڭدىن نىمە ئىش كىلىدىن سەن گۆش باش لۆم-لۆمنىڭ ــ دىدىڭ مەسخىرەقىلغاندەك تەلەپپۇزدا.بۇگەپنى ئاڭلاپ مىڭەم توك سوقىۋەتكەندەك زىڭىلداپكەتتى.سىنىڭ مەسخىرىلىك تىكىلگەن چىقىر كۆزلىرىڭ،دوۋزاقنىڭ ئىشىكىدەك كۆرۈنۇپكەتتى.سەن قارا ئالۋاستىدەك كۆرۈندۈڭ.ئىلگىرىمۇ كۆزۈمگە چىرايلىقكۆرۈنمىسەڭمۇ،ھازىرقىدەك سەت،بەدبەشرە كۆرۈنمىگەن ئىدىڭ.قەيسەرنى كىرسىلوداياتقۇزۇپ قويۇپ ئىتىلىپ بارغىنىمچە يۈزۈڭگە ئوڭ،تەتۈر ئىككى كاچاتسالدىم.بۇرنۇڭدىن شۈررىدە قان كەتتى.                                                                                                                                                                           

ــ ۋايجان مىنىئۇرىۋاتامسەن،ئۇرە لەلەك،نوچى بولساڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەت ــ سەن شۇنداق دەپ ھۆركىرەپيىغلىغانچە ياقامغا ئىسىلدىڭ.بۇرنۇڭدىن ئاققان قانلار كوپتاڭنىڭ ئالدىنى بويىغانئىدى ــ ساڭا چۈشۈپ قالغان دىلئاي يوق،بۈگۈن سەندىن ئاجىرىشىمەن،سۆزۈمنى بەر.                                                                                                                                         

ــ تالاق،ئۈچتالاق ــ تىللىرىم ئۆز كونتۇرۇللۇقىنى يوقۇتۇپ،ئەقلىم تەلۋىلەشكەن ئىدى.بۇ سۆزنىڭئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماپتىمەن.ياقامنى قاماللاپ تۇرغان قوللۇرۇڭقىىتپ قالغاندەك،ئىغىزىڭنى ئىچىپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدىڭ.                                  ــ ئەر كىشىنىڭئىغىزىمۇ سىنىڭكىدەك بوش بولامدۇ،سۆزۈمنى بىرىۋەت دەپ بولغۇچە،بىرىۋەتتىڭغۇ،قاراپتۇرۇپ  بالىمىزنى يىتىم قىلدىڭغۇ لامزەللە،مەن ئاجراشمايمەن،مەن ئاجراشمايمەن ــدىگىنىڭچە مەيدەمگە مۇشىتلاپ،ياقامنى سىلكىشلەپ يىغلاشقا باشلىدىڭ.قەيسەر يىغلاپھالىدىن كىتىپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى.ۋۇجۇدۇم شامال سوققان ياپراقتەك تىتىرەيتى.مىڭەمسانسىز ھەرە كىرىۋالغان كونا قاپاقتەك،غوڭۇلدايتى.ئىككىمىزنى بىر ئۆيدە تۇرۇشقامەجبۇر قىلغان نىكاھمۇ مىنىڭ بىر ئىغىز سۆزۈم بىلەن يوق بولدى. ئىغىرلاشقانقەدەملىرىمنى يۆتكەپ،ئاستا سىرىتقا چىقتىم.بايا بىر ئوبدان تۇرغان ھاۋامۇ سىنىڭ چىرايىڭدەكتۇتۇلۇپ سىمىلداپ يامغۇر يىغىۋاتاتتى.تەرەپ-تەرەپتىن بىر چاغلاردا مودا بولغان(ئالخىىتڭنى ئەمدى سەندىن ئاجراشقىنم ئاجراشقان)دىگەن ناخشا ياڭراۋاتقاندەكتۇيۇلدى.                                                                                                   

سوتتىن ئۆينىماڭا ھۆكۈم قىلدى.ساڭا 15مىڭ يۈەن بۇيرۇدى.                                                                                       

ــ بۇ ئىشئادىل بولمىدى ــ دىدىڭ سەن ساغرىسىغا تىكەن سانجىلغان بايتالدەك سەكرەپ تۇرۇپ ــ ئۇئاۋۋال مىنى تالاق قىلىۋەتتى.ئۈچ يىلدىن بىرى بىرسىنڭ ئاش-تامىقىنىئىىتپ،كىر-قاتلىرىنى  يۇيۇپ مالايلىقىنىقىلغان بولساممۇ،كۈنىگە 10كويدىن بەرسىمۇ خىلى پۇل بولاتتى.مەن ئۇنىڭغا ئۈچ يىلخوتۇن بولدۇم،بالا تۇغۇپ بەردىم.ئۈچ يىل ئۆي تۇتتۇم ئۆيدەمىنىڭمۇ ھەقدارچىلىقىمبار.                                                                                                                                                        

مەنئىككىلەنمەيلا،ئۆينى ساڭا بىرىۋەتتىم.ماڭا ئوغلۇم بولسىلا كۇپايە ئىدى.(ھۆججەتيىزىپ بىرىڭ ئەمسە)دىدىڭ گىپىمدىن يىنىۋىلىشىمدىن ئەنسىرىگەندەك.مەن ھۆججەت يىزىپبەردىم.                                                                                                  

مەن سەن بىلەنتوي قىلغاندىن ئۈچ يىلدىن بىرى،ئىككى ھەپتىدە بىرقىتىم يوقلاپ ئىسسىققىنە بىرەرتال سامسا تارتىشالمىغان،ئۇلۇغ ھىيىت ئايەم كۈنلىرىدىمۇ ئالقانچىلىك داكا ياغلىقئىلىپ بىرەلمىگەن ئانامنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم.قۇچىقىمدا قەيسەر ئۇخلاۋاتاتتى.ئانامنىڭئىللىق ئۆيى مىنى ئاۋالقىدەكلا ئىسسىق باغرىغا چىللاۋاتاتتى.                              

مەنبە: ئۆزئىجادىيىتم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چراق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-18 09:38 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 11:59:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىلئاي دېگەن چىرايلىق ئىسىمنى كۆرۈپ ياخشى ئايال ئوخشايدۇ دىسەم ماۋۇ ئايالنى...ئۆتەپ كەتكەن.........كەنغۇ

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.

.ئانا دەپ100قىتىم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18234
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7025
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 3946 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 12:27:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق خوتۇن بىلەن 3 يىل ئۆي تۇتالىغاندىن كىيىن  ................................
سەۋىرچانلىقتا ئۇچىغا چىققان ئەركەن ئاۋۇ

يامان كۆزدىن خالى دەپتىمەن ، غەپلەت ئۇيقۇ ئەجەپ يامانكەن. تۇمار پۈتۈپ قۇيسامچۇ ساڭا، كۆز تەككەنگە نىمە داۋاكەن.

ئــــــۇيــــغـــــۇرۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4975
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6214
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 09:14:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەتنىڭ ئارلىقىنى  ئايرىۋاراق  يازغان بولسىڭىز   كۆرۈرمەنلەر  سەل جېقاراق  بولامتىكىن دەپ ئويلۇدۇم !

ئـــــــــــەرنىڭ بــــــــــــــــــــەختى ۋاپادىن ، ئـــــــــــــــــايــــــــــــــالنىڭ بەختى  ھايادىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 11:15:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللىرىمىز كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !

مۇشۇنداق ئاياللارمۇ يوق ئەمەس جاھاندا . ئەمما ئۆتنە ئالەم بۇ دېگەن ، ھامان جاجىسىنى يەيدۇ .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101286
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 11:32:35 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oygurum يوللىغان ۋاقتى  2014-8-19 09:14 AM
خەتنىڭ ئارلىقىنى  ئايرىۋاراق  يازغان بولسىڭىز   كۆرۈرم ...

  ئوخشىتىشلار بەك جايىغا كەپتۇ؟؟؟ كۈلۈپ ئۈچەيلىرىم تارتىشىپ كەتتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 12:19:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«بىر ياخشىغا بىر يامان ھەر جايدا بار يارىيا  » دىگەن شۇ دە ....

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1850
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4947
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 12:41:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىغا  كۈن  يو  يامانغا  ئۆلۈم  دەپتىكەنچۇ  كونىلار  ..........

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1850
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4947
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 12:42:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن  ئاجايىپ بىر  ئايال  ئۇ  ........توۋا  توۋا ....
دەپ  قاپتىمەن  جۇمۇ

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 01:33:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باغرى تاش خوتۇنكىن ئۇ.....ئىرىنى  بالىسنى تايىنى يوق ئىشلارغا   تاشلاپ ماڭغىنى نىمىسى؟



ياخشى يېزىپسىز  ...تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
alibar520 + 10 ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش