مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1023|ئىنكاس: 9

خەنزۇچىدا ئوقۇتۇش كېرەكمۇ ياكى قوش تىللىقتىمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 445
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11074
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 3292 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 07:01:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنزۇچىدا ئوقۇتۇش كېرەكمۇ ياكى قوش تىللىقتىمۇ ؟
ئەمەتبەگ ئۆمەر
ئەسكەرتىش : تىما پەقەت دۆلەتنىڭ قانۇن سىياسەتلىرىگە ئۇيغۇن مائارىپ ئەندىزىسى بولغان خەنزۇچە مائارىپ بىلەن «قوش تىل » مائارىپىنىڭ بىرىنى تاللاشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ ، مائارىپ ئورۇنلىرىدىكى خەۋەردار كىشلەردىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن يوللاندى ، شۇڭا تورداشلارنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا ، دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە زىت ئىنكاسلارنى يازماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .
بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا قىزىم ئۇڭۇشلۇق ھالدا يەسلىنى «پۈتتۈردى » 9-ئايدا باشلانغۇچ مەكتەپكە چىقماقچى بولىۋاتىدۇ . ئالدىمدا قوش تىل ئوقۇتىشى بىلەن خەنزۇتىلىدا ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت ئىككى يول تۇرۇپتۇ . قايىسىسىدا ئوقۇتۇش ھەققىدە بېشىم تازا قېتىپ تۇرۇپتۇ . مىنىڭچە بولغاندا ساپ ئانا تىلىدا ئوقۇتقان بولساق تۇز تاماتتى ، ئەپسۇس ......
ناھيىمىز يىراق ، چەت ناھىيە بولۇشىغا قارىماي «قوش تىللىق مائارىپ » ئەندىزىسىنى ھەممىدىن بۇرۇن سىناق قىلغان ناھيىلەرنىڭ بىرى ، ئەمما سىناقنىڭ نەتىجىسى تولىمۇ ئەپسۇسلۇق بولدى ، توغرىسى نۇرغۇنلىغان ئوقۇغىچىلار سىناقنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى . قانداق دىسىڭىز  ئەڭ دەسلىپىدە باشلانغۇچتا قوش تىللىق سىنپقا كىرگەن بالىلار تولۇقسىزغا چىققاندا ئوقۇتقۇچى (قوش تىللىق سىنىپتا دەرىس بىرەلەيدىغان ) يتىشمەسلىك سەۋەبى بىلەن يەنە ئانا تىل سىنىپدا ئوقۇدى ، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇچىلاردا دەرىستە چىكىنىش بولدى (مەسلەن باشلانغۇچتا خەنزۇچە ئۆگەنگەن ماتىماتىكا ئاتالغۇلىرىنى تولۇقسىزغا چىققاندا ئۇيغۇرچە چۈشىنەلمەي دىگەندەك ) ، ئەينى ۋاقىتتا ناھيىمىزدىكى بىر قىسىم ئاقىل ئەمەلدارلارغا بۇ مەغلۇبىيەتكە پەرۋا قىلماي ، يەنە بىرەر يىل ئۆتمەي «قوش تىللىق مائارىپ »نى تۇلۇقسىزدا سىناق قىلدى ، ئەڭ ئېچىنارلىق تىراگىدىيە مانا شۇ بالىلاردا كۆرۈلدى ، يەنە ئوخشاش نەتىجە كۆرۈلدى ، تولۇقسىزدا ئېچىلغان قوش تىللىق سىنىپ تولۇق ئوتتۇردا ئۈزۈلۈپ قالدى ، بۇ سىناق ئوبىكتىلىرى باشلانغۇچىنى ، تولۇقسىزنى قوش تىلچە ، ئەڭ ھالقىلىق يەر بولغان تولۇق ئوتتۇرنى يەك تىلچە ئوقۇپ ئالي مەكتەپ ئىنتاھانغا قاتناشتى ، دەسلەپكى نەچچە يىلىدا تەبىي پەن ئاساسىنى خەنزۇچە چىقارغان تەجىرىبە ئوبىكتىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىنتاھانىدا پايپاققا ئوسۇرۇپ ئولتۇردى .
گەرچە بۇ ۋەزىيەت ھازىر ئوڭشۇلۇپ «قوش تىللىق مائارىپ » تولۇق ئوتتۇرغىچە يولغا قويۇلغان بولسىمۇ ، ناھيىمىزنىڭ مائارىپ ئاساسى ئاجىز ، كۆپ سانلىق غوللۇق ئۇقۇتقۇچىلىق بىر نەچچە يىللىق قوش تىللىق تەربىلەشتىن ئۆتكەن بولۇپ  ئانا تىلدا ئۆزلەشتۈرگەن ئىلىملىرىنى باشقا بىر تىلدا ئىپادىلەشتە قىيىنچىلىق بارلىقى ھەققىدە زارلاشماقتا . نەتىجە شۇكى قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل بۇلۇش نىسبىتى يەنىلا  يەك تىلدا (ئانا تىلدا ياكى خەنزۇتىلىدا ) ئوقۇغانلارغا يەتمەيۋاتىدۇ .
بۇ ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك دەۋاملىشششىغا ھېچكىم بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ ، ھەتتا ھازىر ئەشۇ غوللۇق ئوقتقۇچىلىرىمىزمۇ «قوش تىللىق مائارىپ » ئىشەنچ قىلالماي پەرزەنتىلىرىنى خەنزۇچە سىنىپلارغا بېرىشمەكتە .
ئەھۋال ئۇقۇشىمچە «قوش تىللىق سىنىپ»نىڭ ئىككى خىل شەكلى بولۇپ بىرىنچى خىلىدا ئانا تىلدىكى دەرىسلەر بىلەن خەنزۇتىلىدىكى دەرىسلەر تەڭ نىسبەتتە ئوقۇتۇلىدىغان ئوخشايدۇ ، ئىككىنچى خىلىدا پەقەت  تىل-ئەدەبىيات دەرسىدىن باشقا  دەرىسلەر خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلىدىكەن . ئەمما ناھيىمىزدە ھازىر پەقەت ئىككىنچى خىل شەكىللا بولۇپ بىرىنچى خىلىنى تاللاشقا بولمايدىكەن .
مەن ئۆزۈم ساپ ئانا تىلىدا ئوقۇغان بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئالدى بىلەن ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشنى ، بولمىغاندا «قوش تىللىق سىنىپ» تا ئوقۇتۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن ، ئەمما كۆز ئالدىمدىكى رىئاللىق شۇكى تىل-ئەدەبىياتتىن باشقا پەنلەرنى خەنزۇتىلىدا ئوقۇغان ، پەقەت ئۇيغۇرچە كونا يېزىقىنى زورلاپ ئۆگەنگەنلىكىتىن 3-4-يىللىقلارغا چىققاندىمۇ خەتنى ئاران ھەجلەپ ئوقۇۋاتقان ، يا ئا تىلدا نەتىجە يوق ، يا خەنزۇچە دەرىسلەردە نەتىجە يوق ئاشۇ بالىلارغا قاراپ بەكمۇ ئۈمۈتسىزلىنىمەن  .
ئۇنداقتا ئۈمىد يەك تىلدا (خەن تىلىدا )ئوقۇتۇشتىمۇ ؟ ئۇنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى بار ؟ كەمچىلىكىچۇ؟ ئارتۇقچىلىقى( مىنىڭ قارىشىم ): يەك تىلدا (خەن تىلىدا )ئوقۇتقاندا ئوقۇتقۇچىلار خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىشتا تىل  راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ . ئىكىكىنچىدىن تىل –ئەدەبىيات دەرىسى ماھيىەتتە بىر تىل مەسلىسىلا بولۇپلا قالماي ئۇ باشقا پەنلەرنىمۇ چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ ، مەسلەن : پەرزەنتىڭىز تىل –ئەدەبىياتنى ئۇيغۇرچىدا ئۇقۇپ باشقا پەنلەرنى خەنزۇچىدا ئوقۇسا باشقا پەنلەردىكى لوگىگىلىق باغلىنىشلارنى تولۇق چۈشىنەلمەيدۇ . ئۈچىنچىدىن دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش مائارىپ ، بىر تۇتاش ئىنتاھان  رىقابىتىگە قاتنىشالايدۇ .
كەمچىلىكى : مەكتەپتە ئانا تىل شارائىتىدىن تامامەن ئايرىلىدۇ . ئانا تىل –يېزىقىدىن كېچىشكە توغرا كىلىدۇ .....
قېرىنداشلىرىمىدىن  سورايدىغىنىم -  ھازىر رايۇنىمىزنىڭ قوش تىل مائارىپ ئەندىزىسى قېلپلاشتىمۇ (مەسلەن رايۇنىمىزنىڭ قوش تىل مائارىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىلىق قانۇن نىزاملار چىقتىمۇ ؟ ياكى بىر قانچە يىلغا بارماي پالانى ، پۇستانىي پەننى مۇنداق تىلدا ئوقۇيسەن دەپ ئۆزگىرىپ قالارمۇ دىمەكچى ) ؟ دۆلەتنىڭچۇ ؟ قوش تىل ئوقۇغانلار كەلگۈسى ئالي مەكتەپ رىقابىتىدە قانداق بولىدۇ ؟ باشقا مىللەتلەر بىلەن باراۋەر ئورۇندا بولالامدۇ (دىمەكچى دۆلىتىمىزدىكى ھەر قانداق ئالي مەكتەپنىڭ ھەر قانداق كەسپىنى ئىختىيارىچە تاللىيالامدۇ ) ياكى ئالاھىدە سىياسەت قوللىنلامدۇ ؟ ھازىرقى ئەھۋال قانداق ؟ كەلگۈسىدىچۇ ؟ مۇشۇنداق ئەھۋالدا پەرزەنتىمنى خەنزۇچە سىنىپقا بېرىش كېرەكمۇ  ياكى قوش تىللىقمۇ ؟
يۇقارقى سۇئاللىرىمغا رايۇنىمىزنىڭ مائارىپ تارماقلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ، ئەھۋالدىن خەۋەردار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلىمى  جاۋاپ  ، سەممىي مەسلىھەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
قىزىمنىڭ  ھازىرقى ئەۋھۋالى :  قىزىم 6.5ياشقا كىردى ، ئانا تىل ساۋادى ئۆيدە چىقىپ بولدى ، كىتابنى ھەجلەپ ئوقۇيالايدۇ ، ئانا تىل ئىپادسى ناھايتى  راۋان .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   emetbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-18 07:02 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79900
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 11:34:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوش تىلدا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3006
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 733 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 11:44:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ياخشىسى،بىلىدىغانلار مەسلىھەت بېرىڭلار...

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16665
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 01:28:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قايسى مائارىپتا ئوقۇتۇڭ بۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس ، ئەمما چوقۇم بالىڭىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئانا تىلدا قىلىڭ ، باشقا تىل كۆز ئەينەك ياكى دىربۇنغا ئوخشاتساق ، ئۇ ئارقىلىق باشقا شەيئىلەرنى ، يىراقلارنى ئىنىق كۆرگىلى بولىدۇ ، ئەمما ئانا تىل مىسالى كۆزدۇر . كۆز كور بولسا ھەر قانچە ئىسىل ، بىباھا دىربۇن  ، كۆزئەينەك بولسىمۇ بىكار . شۇڭا چوقۇم بالىلارنىڭ تەپەككۇرى باشقا تىل ھەتتا قوش تىلدا بولسىمۇ بولمايدۇ ، چوقۇم ئانا تىلدا بولۇشى كىرەك ....

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15302
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3627 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 05:42:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى تېمىغا  ئىنكاس چۈشمەپتا؟بۇ ھەقىقەتەن كۆڭۈل بۆلۈشكە  تىگىشلىك  مەسىلە! مىنىڭچە بىر بولسا ئانا تىلدا،بىر بولسا خەنچە ئوقۇتۇش كېرەك.بوىسا ئۇلار ھىچنىمىنى بىلمەي چىقىدىكەن.مىمىڭچە ئۇلارغا ئۇۋال قىلمايلى.ھىچنىمىنى بىلمەي گاڭگىراپلا يۈرسە ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقىمۇ تۆ ۋەنلەپ كىتىدۇ.گۈزەللەر توغرىسىدىكى تېما بولسا ئوت  كەتكەن تېما لەۋھەسىنى ئاپ بولاتتى ھەقىچان.

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 05:53:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئانا تىلدا ئوقۇتىدىغان مەكتەپ يوق ، قوش تىل مەكتەپ بار .
قوش تىللىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە قاراپ بىر قارارغا كىلىشىڭىزنى  تەۋسىيە قىلىمەن .
بۇنداق دېسەم خەنزۇچىدە ئوقۇتۇڭ دىگىنىممۇ ئەمەس . ناۋادا ىەنزۇچىدا ئوقۇپ قالسا ئۆيدە چوقۇم ئانا تىلدا بالا بىلەن پاراڭلىشىشىڭىز كېرەك .


تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103298
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 06:16:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى قېرىندىشىم . سىز نۆۋەتتە ئۇيغۇر مائارىپى دۇچ كېلىۋاتقان تولىمۇ مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراپسىز . بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك نازۇك مەسىلە .

     سىزگە قېرىندىشىمىز KETMEN تولىمۇ يىغىنچاق ھەم ئوبرازلىق مەسلىھەت بېرىپتۇ .

     مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوقۇتۇش ھەققىدىكى يۈزەكى كۆزقارىشىمنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويغۇم كېلىۋاتىدۇ .

     بىز ئۇيغۇرلار نېمە دېگەن ئەقىللىق ، نېمە دېگەن بىلەرمەن ، نېمە دېگەن تېز قوبۇل قىلىپ ئۆزگەرگەك ، خۇددى يىلتىزى يو قامغاققىلا ئوخشايمىز - ھە ؟!

     خەزۇ يولداشلار شىنجىئاڭغا چىققان بىر ئسىرنىڭ ياقى ئۇيغيرچە خەتنى يېزىش ، ئوقۇش تۇرماق ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى سالاملىشىشلىرىمىزنىمۇ بىلەلمەيدۇ . مۇشۇ رىياللىققا ئاساسەن ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى قوش تىلدا ، ياكى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇپ ، تىل - يېزىق ئۆزگەرتىش ، دۆلىتىمىزنىڭ بىر تۇتاش سىياسىتى بولماستىن ، بەلكى تۈپتۈز توتەنلەرنى ئىگىز - پەسكە ئۆزگەرتىپ ، داجەيدىن ئۆگىنىدىغان يەرلىك ، مىللى سىياسەتمىكىن - دەپ ئويلايمەن . چۈنكى تىل ۋە يېزىق ئۆزگەرتىشتەك ئانچىكىم ئىشلار ، پەقەت بىز ئۇيغۇرلارنىڭلا قولىمىزدىن كېلىدۇ . دۇنيادىكى باشقا بىرەر مىللەتنىڭ بۇنداق ئىشنى قىلالىشى مۇكىن ئەمەس - دەپ قارايمەن .

     مېنىڭ كۆزقارىشىم شۇكى ، قوتۇر ئېشەك يۈككە ئامراق - دېگەندەك ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىلىنى خەزۇچىغا ئۆزگەرتىپ ، ئالىم قىلىمەن - دېمەي . بەلكى خەنزۇ تىلىنى ماتېماتىكا ۋە تىل -  ئەدەبىيات  دەرسلىرى قاتارىدا ئاساسى پەن قىلىپ ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان بولسا ، ئۈنىمى ئالاھىدە ياخشى بولاتتى - دەپ ئويلايمەن .

     بۇ مېنىڭ ، پەقەت ، سەمىمى كۆزقارىشى . خالاس .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108551
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-7-18
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 06:59:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە بولسا سەل مۇقىملاشقانراق، بالىلارنى دۆتلەشتۈرۋەتمەيدىغانراق مائارىپنى تاللىغىنخڭىز ياخشىراقمىكىن....

پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96923
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 893 سائەت
تىزىم: 2013-8-12
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 07:00:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئانا تىلدا دەرس بىرىدىغان مەكتەپلەر يوق دىيەرلىك بۇلۇپ قالدى .قوش تىل ،ياكى خەنزۇچە مەكتەپنىڭ قايسىسىدا ئۇقۇتۇشتىن ئىبارەت تاللاشقا دۇچ كىلىۋاتىمىز.مىنىڭ شەخشىي كۆز قارىشىم قوش تىلدا ئۇقۇتسا يا ئۇنى،يا بۇنى بىلمەيدىغان (نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلمىدىم)مىجەزىمۇ غەلىتىلا بىر ئادەم بۇلۇپ قالىدىكەن.ئانا تىل توغرىسىدىكى ھەر قانداق تەربىينى ئائىلىدە ياخشى قىلىپ (بولسا مەكتەپكە بەرگۈچە ئانا تىل ساۋادىنى ئۆيدە چىقارساق)ئائىلىدە ئانا تىلنى قوللانغان ئاساستا خەنزۇچەمەكتەپتە ئۇقۇتسا ياخشىمىكىن دەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagbax009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 07:01 PM  


ھاياتتا كۈلۈپ يۈرگەن بەخىتسىزلەرنى،يىغلاپ يۈرگەن بەخىتلىكلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.ئىنساننى بەخىتلىك ياكى بەخىتسىز دەپ ئايرىماق قىيىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109573
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1876
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 838 سائەت
تىزىم: 2014-8-30
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 11:37:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبزورچىغا ئەگەشتېم . ئىنتايىن ئورونلوق پىكىر بىرىپسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش