يېشىل ئالگا ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:
يېشىل ئالگا(Green Algae) ھۈجەيرە دىئامېتىرى ئارانلا 2-8 مىكرومېتىر كېلىدىغان بىر خىل مىكرو ئورگانىزم بولۇپ، پەقەت مىكروسكوپ ئارقىلىقلا كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ يۇسۇن تۈرىدىكى جانلىقلار ئىچىدىكى چوڭ بىر تۈر بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا تەۋە. يېشىل ئالگانىڭ كۆپىنچىسى تاق ھۈجەيرىلىك جانلىق بولۇپ، ھازىرغىچە بايقالغان تۈرى 25 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ. يېشىل ئالگا ھۈجەيرىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدا ھۈجەيرە يادروسى، خلوروپلاست، پىگمېنت، زاپاس ئوزۇقلۇقلار ۋە ھۈجەيرە پوستى قاتارلىقلار بار. ھۈجەيرە پوستىدا سېللۇلوزا بولۇپ، ھۈجەيرە يادروسى يىپلىق بۆلۈنۈش ئېلىپ بارىدۇ. يېشىل ئالگانىڭ تەن تۈزۈلۈشى كۆپ خىل بولۇپ، تاق ھۈجەيرىلىك، توپلىشىپ ياشايدىغان، يىپەكسىمان ياكى دانچىسىمان ھالەتتە بولىدۇ. ئۇنىڭ كۆپىيىش شەكلىمۇ ھەرخىل بولۇپ، جىنسسىز كۆپىيىش ۋە جىنسلىق كۆپىيىشنىڭ ھەر ئىككىلىسى بار.
يېشىل ئالگا بىرخىل يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇنىڭدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھاياتىي كۈچكە ئىگە بىئو-ئاكتىپلىق يېشىل ئالگا ئۆستۈرگۈچى فاكتورى- (CGF(Chlorella Growth Factor بار. يېشىل ئالگا ئۆستۈرگۈچى فاكتورى(CGF) پەقەت يېشىل ئالگادىلا بولىدىغان ئاكتىپ تەركىب بولۇپ، CGF تىن ئىبارەت ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئالاھىدە تەركىب يېشىل ئالگانى ئادەتتىن تاشقىرى بۆلۈنۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان.
تەكلىماكان قۇملۇقى يېشىل ئالگاسىنىڭ بايقىلىشى:
يېشىل ئالگا كىشىلەر تەرىپىدىن تاتلىق سۇ ياكى تۇزلۇق سۇدا ياشايدىغان جانلىق، دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى. ئېرلاندىيەلىك تەتقىقاتچىلار ئورمانلىقتىكى زەيكەش تۇپراقتىن يېشىل ئالگانى ئايرىپ چىقىپ، «يېشىل ئالگا پەقەت سۇدىلا ياشايدۇ» دىگەن قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىم-پەن خادىملىرى يېشىل ئالگا ھەققىدىكى يېڭى ئىزدىنىشلىرىنى باشلىۋەتتى. 2002-يىلى، ئامېرىكا كوننەكتىكۇت ئۇنۋېرستېتى (Connecticut Uneversity) تەتقىقاتچىلىرى يېرىم قۇرغاق تۇپراقتىن يېشىل ئالگانى ئايرىپ چىقتى. ئىلىم-پەن ساھەسىدە تەكىلىماكان قۇملۇقى نەچچە مىليۇن يىلللار ئىلگىرى دېڭىز ئىدى، دەپ قارىلىدۇ. ئۇنداقتا، شۇ دېڭىزدىكى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى نەسلى قۇرۇپ تۈگىگەنمۇ؟ مانا مۇشۇ سۇئالنىڭ تۈرتكىسى بىلەن يېشىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەسەنجان ئەپەندىم بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشىنى باشلىدى. جاپالىق ئىزدىنىش ۋە ئۈن-تىسىز تەر تۆكۈش ئارقىلىق، 2007-يىلى، تەكلىماكان قۇملۇقىدا نەچچە يۈز مىليۇن يىللاردىن بېرى مۆجىزىلەرچە ياشاپ كەلگەن قۇملۇق ئالگاسىنى تېپىپ چىقتى! بۇ بايقاش دۇنيا يېشىل ئالگا تەتقىقاتىدىكى بىر يېڭى بۆسۈش بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ نەچچە مىليۇن يىللار ئىلگىرى پايانسىز كەتكەن دېڭىز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
ئوپتىكىلىق مىكروسكوپتا تارتىلغان تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسىنىڭ رەسىمى
2009-يىلى، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ھەسەنجان ئەپەندىم بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىر قەدەر يۇقىرى كەسپىي سەۋىيەگە ئىگە، خەلقىمىزنىڭ پەن-تەتقىقات ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان، ئىزدىنىش روھىغا باي ياشلىرىمىزنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، «شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى»نى قۇرۇپ چىقتى. شىركەت خادىملىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىن نۇسخا ئېلىپ، كۆپ خىل قۇم نۇسخسىنى ئىشلىتىپ نۇرغۇنلىغان تەجرىبىلەرنى ئىشلىدى. كۆپ يىل جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق، تەكلىماكان قۇملۇقىدىن 700 خىلدىن ئارتۇق ئالگا تۈرىنى تېپىپ چىقتى. يېشىل شىركىتى بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى تۈرلەرگە «تەكلىماكان قۇملۇق يېشىل ئالگاسى» دەپ ئىسىم قويۇپ، بۇ تۈرنى خەلقئارا يېشىل ئالگا ساقلاش مەركىزىدە ساقلىتىپ ئەنگە ئالدۇردى.
تەكلىماكان قۇملۇق يېشىل ئالگاسى بىلەن ئادەتتىكى يېشىل ئالگالارنىڭ پەرقى:
تەكلىماكان قۇملۇق يېشىل ئالگاسى مىليۇن يىللاردىن بېرى تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىبارەت ناھايىتى قۇرغاق ۋە ناچار مۇھىتتا ياشىغاچقا، ئۇنىڭدا پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولغان ئوكسېدلىنىش ۋە رادىئاتسىيەگە قارشى تۇرۇش، ئىسسىق-غوقۇققا چىدامچان بولۇشتەك ئالاھىدە ئىقىتىدارلار شەكىللەنگەن. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ساقلىقنى ساقلاش، داۋالاش ئىشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوزۇقلۇق تەركىبى جەھەتتە، تەكلىماكان قۇملۇق يېشىل ئالگاسى ئادەتتىكى يېشىل ئالگالاردىن پەرقلىق بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. ئۇنىڭ تەركىبىدە %65 ئاقسىل، 18 خىل ئامىنو كىسلاتاسى، مول مىقداردىكى ۋىتامىن B12 نى ئۆزئىچىگە ئالغان 16خىل ۋىتامىن، 11خىل مېنىرال ماددا، خلوروفىل، خلوروپلاست، كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى، يادرو كىسلاتاسى، ئېنزىملار، كاروتېن، سېللۇلوزا، ئومىگا-3 ياغ كىسلاتاسى، قەنت ئاقسىلى، يادرو ئاقسىلى، رىبو يادرو كىسلاتاسى، ئوكسېگىنسىزلانغان رىبو يادرو كىسلاتاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار.
تەكلىماكان قۇملۇق يېشىل ئالگاسى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولغان مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى تەكلىماكان قۇملۇقىدەك ناچار مۇھىتتىمۇ ئۆستۈرۈپ كۆپەيتكىلى بولىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى قۇم تۇراقلاشتۇرۇش، قۇم تىزگىنلەش ئىشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم قوللىنىشچانلىققا ئىگە. يېشىل شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلى «بايقاش» پىروگراممىسى ئىشلىگەن تۆۋەندىكى فىلىمدىن كۆرۈڭ:
شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
تېلفۇن نومۇرى: 0991-2858400، 4008004441
ئۇندىدار مۇلازىمەت سۇپىسى: yexilbiotech
ئۇندىدار مۇلازىمەت سۇپىسى ئىككىلىك كودى:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Yexilbiotech تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-18 01:42 PM
|