كۆزۈڭنى ياشلىما دىلبىرىم
ھىكايە
نىمىگە شۇنچەمۇڭلىنىسەن دىلبەر.ئەينەكنى تۇتقان قوللۇرۇڭ سۇس تىتىرەۋاتىدىغۇ؟ ئەينەكتىن كۆزۈڭنى ئالالمايۋاتىسەن،ئەجىبا ئەينەك يۈزىدە ئەكىس ئەتكەن چىراينىڭ ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيۋاتامسەن؟بىر چاغلاردىكى سۆيگۈ ئۇچقۇنى،ياشلىق جىلۋىسى چاقناپتۇرىدىغان شەھلا كۆزلىرىڭنىڭ ئەتراپىغا مىچچىدە ياماشقان ئۆمۈچۈك تورىدەك قورۇقلارغا،قۇندۇزدەك چاچلىرىڭ يىيىلىپ تۇرغان ماڭلىيىڭدا،توغرىسىغا تىلغاندەك پەيدا بولغان ئۈچتال سىزىققا قاراپ كۆڭلۈڭ يىرىم بولىۋاتامدۇ؟بۈگۈن ئاياللار بايرىمى،ھەمسىنىڭ ئوتتۇز بەش ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئىدىغۇ.بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئوتتۇز بەش ياشتىن قانچىسى كىلىدۇدەيسەن،مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈندە ياتاق ئۆيۈڭگە بىكىنىۋىلىپ نىمىگە شۇنچەمۇڭغا چۆكىسەن.ئەتتىگەن دانىيار سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلەپ «تۇغولغانكۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن دىلبىرىم»دەپ ھارارەتلىك باغرىغا باسقاندا گويا ئۇنىڭ باغرىغا سىڭىپ كەتمەكچى بولغاندەك،چىك قۇچاقلىغا،ئىمتىھاندىن يۈز نومۇر ئالغان ئوقوغۇچىدەك كۆڭلۈڭ يايراپ كەتكەن ئەمەسمىدى.
بۈگۈن يۈرۈكۈڭ ئازاپتىن يىرىلىپ كىتەيلا دىدى.ئەتتىگەن سەن خۇشال ھالدا ئىشخانىغا كىرگەن ئىدىڭ.چۈنكى سەندانىيارنىڭ(دىلبىرىم)دەپ ئەركىلەتكىنىنى ئاڭلىغان ئىدىڭ.باللىرىڭ تۇغۇلغاندىن بىرىدانىيارنىڭ سىنى(دىلبىرىم)دەپ ئەركىلىتىشلىرى ئازلاپ كىتىۋاتاتتى.ئەمما سەندانىياردىن خاپا بولمايتىڭ.چۈنكى سەن ئەمدى(دىلبىرىم)دەپ ئەركىلىتىدىغان رۇمانتىك قىزدىن مىھرىبان ئانىغا ئايلانغان ئىدىڭ.دانىيارنىڭ ئىلگىرى ساڭىلا ئاتاقىلىۋاتقان مىھرىنى،ئەمدىلىكتە باللىرىڭغا سەندىنمۇ ئاشۇۇرپ ئاتا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ ئىچ-ئىچىڭدىن سۆيۈنۈپ كىتەتتىك.باللىرىڭنىڭ كەچلىرى (دادام كەلمىسە تاماقنى يىمەيمىز) دەپ ئولتۇرۋالغانلىرىنى كۆرسەڭ ئىغىزىڭدا ئاچچىقلىغاندەك قىلساڭمۇ،ئەممائۇلارنىڭ قىلىقلىرىدىن ئىپتىخارلىناتتىڭ.
- دىلبەر ھەدە،دانىيارئاكام توغرىسىدا باشقىچە بىر گەپلەرنى ئاڭلايمەنيا؟- دىدى سەن بىلەن بىر ئىشخانىدائولتۇرىدىغان پەرىزات.بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرۈكۈڭ چىممىدە قىلىپ قالدى.چىرايىڭنى ئۆزگەرىتمەسلىككە تىرىشقان بولساڭمۇ،يۈز تىرىلىرىڭنىڭ تارتىشىپ،بۇرۇن تۆشۈكلىرىڭنىڭ كىڭىىيپ-تارايغىنى ئۆزۈڭگە مەلۇم بولدى.
- قان...قانداقدەيسىز؟-ئاۋازىڭنى تەبىي چىقىرىشقا تىرىشقان بولساڭمۇ،ئاۋازىڭ تىتىرەپ يىغلامسىرىغاندەك چىقىپ كەتتى.
-دوختۇرخانىغا يىڭىدىن كەلگەن سىستىرا قىززەيتۇنە بىلەن باشقىچە مۇناسىۋىتى بارئىكەن دەپ ئاڭلاپ قالدىم – دىدى پەرىزات.
-ياق ئۇ ھەرگىز ئۇنداق ۋاپاسىزلىق قىلمايدۇ،ئۇ ماڭا،ۋە باللىرىغا يۈزكىلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمايدۇ- دىدىڭ سەن.ئىغىزىڭدا شۇنداق دەۋاتقان بولساڭمۇ،يۈرۇكۈڭ قوقاسقاكۆمۈلگەندەك پۇچۇلۇنۇپ كەتتى.
-مەنغۇكۆرمىگەندىكىن ئانچە ئىشىنىپ كەتمىدىم.بىراق خەقمۇ يوق ئىشنى كۆتۈرۈپچىقمىغاندۇ،ھەرھالدا دىققەت قىلىڭ،سىزبەك....- پەرىزات گىپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتۋىىتپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشكە باشلىدى.پەرىزاتنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ،ئەتتىگەنكى خۇشاللىقىڭ ئۈركىگەن قۇشقاچتەك غايىپ بولدى.كۆڭلۈڭ چىۋىن يۇتىۋالغاندەك غەش بولدى.ئىچىڭنى مۈشۈك تاتىلاۋاتقاندەك،خۇددى بىر ئىشقا ئالدىراۋاتقاندەك تىت-تىت بولدۇڭ.يىڭىدىن توي قىلغان ۋاقتىڭدا،توي قىلغان دوستىلىرىڭنىڭ ھىكايىلىرىنى ئاڭلاپ مۇشۇنداق گەپنى ھەرگىز قۇلىقىم ئاڭلاپ قالمىسۇن دەپ خۇدادىن تىلىگەن ئەمەسمىدىڭ.(بارمايمەن دىگەن تۈگمەنگە يەتتە قىتىم بىرىپتۇ)دىگەندەك،ئاڭلىماسمەن دىگەن گەپنى ئىككى قىىتم ئاڭلاپ قالدىڭ.سەندىن شۇچاغدا كۇپۇرلۇق ئۆتۈلگەن بولغىيمىدى.تۇنجى قىتىم چىمەننىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە گۈلباھاردىن ئاڭلىغاندا ئىشەنمەي،
- ئىشەنمەيمەن،دانىيار ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ.ئۇدىگەن مەسئۇلىيەتچان دادا،ۋاپادار ئەر- دىگەن ئىدىڭ.
-مىنىڭ سىنى ئىشەندۈرۈش مەجبۇرىيتىم يوق.بىراق سەن ئۆزۈڭنى بۇنچە تاشلىۋەتمىگىن،باللىرىڭمۇچوڭسا ئۆزىگە ئادەم بولىدۇ.زامانغا بىقىپ يۈرگىن ئەتراپىڭغا نەزەر سال،بۇدىگەنسىنىڭ كىيسەڭ تازا يارىشىدىغان ۋاقتىڭ-دىگەن ئىدى گۈلباھار.سەن ئەسلىدىنلاگۈلباھارنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتىڭ.ھەددىدىن زىيادە ياسانچۇقلۇقى،كىمنىڭلاكەينىگە ئۆتسە غەيۋىتىنى قىلىشى ساڭا پەقەتلا ياقمايتى.شۇ ئىشتىن كىيىن سەنئۇنىڭغا تىخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتىڭ.چۈنكى سەن دانىيارغا ئىشىنەتتىڭ.ئايدىڭ كىچىدەئاينى گۇۋاھ قىلىپ بەرگەن قەسىمى ھىلىھەم ئىسىڭدە ئىدى.(بىراق خەقمۇ كۆرمىگەنئىشنى كۆتۈرۈپ چىقمىغاندۇ) پەرىزاتنىڭ بۇگىپى سىنى ئويغاسالدى.ئادىي-ساددا،كۆڭلىگە كەلگەننى يۇشۇرمايدىغان بۇ تۈز كۆڭۈل قىزبىلەن خىلىچىقىشىپ ئۆتەتتىڭ.ئەجىبا دانىيا.....سەن ئۇنىڭ داۋامىنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەتقىلالمىدىڭ.
قولۇڭھىچبىر ئىشقا بارمىدى.چۈشتىن بۇرۇنقى تۆت سائەت ۋاقىتىنى ناھايتى تەستەئۆتكۈزۈدڭ.بۈگۈن چۈشتىن كىيىن،سەن ئىشلەۋاتقان ئىدارىدىكى بارلىق ئاياللارنى دەمئىلىشقا قويىۋەتكەن ئىدى.باشقا ئاياللار ۋە،سىنىڭ دوستلۇرۇڭ رىستۇراندا بىرۋاختاماق يىگەچ سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبىرىكلىمەكچى بولغان ئىدى.سەن بۇنى ئۇنتۇپقالغاندەك،باغلاقتىن بوشانغان موزاي ئانىسىغا ئۆزىنى ئاتقاندەك ئىشىككە ئۆزۈڭنى ئاتتىڭ.قانداقلارچە ئۆزۈڭنىڭ دانىيار ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا كىلىپقالغىنىڭنىمۇ تۇيماي قالدىڭ.ئادەتتە سەن بۇيەرگە كەمدىن-كەم كىلەتتىڭ.ئىشىك ئالدىغا كەلگەن تۇرۇقلۇق ئىچىگە پۇتۇڭنى تىقماي ئۆتۈپ كىتىشكە كۆڭلۈڭ ئۇنىمىدى.ئۈچىنچى قەۋەت كارىدۇرنىڭ ئەڭ چىتىدىكىسى،دانىيارنىڭ ئىشخانىسى ئىدى.سەن قىيا ئوچۇق تۇرغان ئىشىكتىن ئىشخانا ئىچىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ،ئىشىك تۈۋىدە قاققانقوزۇقتەك تۇرۇپ قالدىڭ.كۆزلىرىڭنى يۇمىۋىلىشقا ئامالسىز ئىدىڭ
-خانىم قىزلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ئامرىقىم –دىدى دانىيار،چىرايلىق ئورالغان گىرىم بويۇملىرىنى زەيتۇنەگە سۇنسۇپ.ئامرىقىم،دىلبىرىم،نىمە دىگەن ئوخشاش ئاتالغۇ ھە،ئاڭلاۋاتامسەن،ئۇ سىنى سۆيگەن ئىغىزىدا باشقا بىرسىنى ئامرىقىم دەپ چاقىرىۋاتىدۇ.
-كۆڭلۈمنى سىزلا چۈشىنىسىز مىنىڭ-دىدى زەيتۇنەم دانىيارنىڭ قولىدىكى سوۋغاتنى كۆرۈپ كۆزلىرى چوغقا چۈشكەن مايدەك پارقىراپ.ئاندىن دانىيارنىڭ بوينىغا گىرە سىلىپ ساتراش ساقال ئىلىش ئۈچۈن يۈزىگە مازغاپ سۈركىگەندەك شالاپشىىتپ سۆيۈپ كەتتى.سەن كۆز ئالدىڭدايۈزبەرگەن بۇ شەرمەندەچىلىكتىن ئارقاڭغا داراڭڭىدە ئۆرۈلۈپ كىتىشتىن ئۆزۇڭنى ئارانلا تۇتىۋالدىڭ.يۈرۈكۈڭ قىمىلداپ ئارام بەرمەيتى.مىڭەڭدىن چاراسلاپ تۇتۇن چىقاتتى.قەلىپ گۈلزارىڭدا بوران گۈركىرەيتى.كۆزلىرىڭگە يىغا ھۇجۇم قىلدى.ئەمما سەن ئۆزۈڭنى بىسىۋالدىڭ.دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيۈڭگە كەلگۈچە بىرەر ئۇياتلىق ئىش قىلىپ قويغاندەك بىشىڭنىمۇ كۆتۈرەلمىدىڭ.تونۇش-بىلىشلەر بىلەن بولسىمۇ بىشىڭنى لىڭشىتىپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتمىدىڭ.يۈزلۈرۈڭدىن چۈمۈلە مىڭىۋاتقاندەك چىمىلدايتى.كوچىدىكى ھەممەئادەم ساڭا قوللىرىنى ئۇزۇتۇپ بىر-بىرسىگە كۆرسىتىۋاتقاندەك،ئىغىزىنى تۇتۇپ كۈلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا مىڭىۋاتاتتىڭ.كۈندە سەن ئۈچۈن جەننەتتتەك بىلىنىدىغان بەشىنچى قەۋەتتىكى ئازادە ئۆيۈڭ بۈگۈن دوۋزاققا ئايلانغان ئىدى.ئۆيۈڭدىكى ھەممىلا نەرسەسىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىشىۋاتقاندەك،ئۆز-ئۆزۈڭدىن خۇدۈكسىرەيتىڭ.گىرىم ئۈستىلىڭدىكى ھىيىت-بايراملاردا دانىيار ساڭا سوۋغا قىلغان گىرىم بويۇملىرى،كىيىم ئىشكابىڭدىكى ئۇ ساڭا سوۋغا قىلغان كىيىملەر رەت-رىتى بىلەن تىزىلىپتۇراتتى.ئىلگىرى ساڭا كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىلىپ كەلگەن بۇ نەرسىلەر ئەمدىلىكتە ساڭاخورلۇق ئىلىپ كىلىۋاتاتتى.ئۇنىڭ ساڭا گىرىم بويۇملىرى ۋە،كىيىم سوۋغا قىلىشى سىنى قىرىپ قالدى ئۆزىنى تۈزەپ يۈرسۇن دەپ بەرگەن بىشارىتى بولغىيمىدى.سەن ئۆزۈڭنىڭتۇرمۇشتا ئاددىي-ساددا ئۆي تۇتۇشقا ماھىرلىقىڭدىن ئەخمەقلەرچەپەخىرلەنگىنىڭدە،ئىرىڭنىڭ سەندىن كۆڭلى قالغان بولغىيمىدى.بايا پەرىزات (ھەرھالدادىققەت قىلىڭ،سىز بەك.....)دەپ توختاپ قالدىغۇ،ئۇ سىز بەك مەتۇ دىمەكچى بولغىيمىدى.سىنىڭ ئۆز خىيالىڭچە باشقا ئاياللاردىن پەرىقىلىنىپ تۇرىدىغان ئاددىي-ساددا ئاياللىق نازاكىتىڭ،ئىرىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۆزىگە مەتۇ بولۇپ كۆرۈنگەن بولغىيمىدى.ئەينەككە قانچىلىك قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكىنىڭنى،يانفۇنىڭنىڭ قانچەقىتىم سايراپ توختاپ قالغىنىنى ئوقمايسەن.ئەمما مەڭزىڭدىن ئۈزۈلمەي دوملاۋاتقان كۆزياشلىرىڭ چىشلىرىڭ ئاستىدىكى قانىغان لەۋلىرىڭنى ئىچىشتۇرغاندىلا ئىسىڭگە كەلدىڭ.يۈرۈكۈڭنى قۇرىتتەك غاجىلاۋاتقان خورلۇق ۋە ئازاپتىن ئۆزۈڭنى تۇتىۋالالماي،ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىڭ.
مەنبەئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چراق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-18 12:21 PM