aisadap يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 01:51 AM
بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەر ئىچىدىكى بەزىسىگە قايىل بولمىدىم. ...
قايىل بولماسلىق ئەركىنلىك ، ھوقۇقىڭىز بار . سىز خىيال دېگەن سۆزنى قانداق
چۈشەندىڭىز ؟ ‹‹ ئۈجمە پىش ، ئاغزىمغا چۈش ›› دەپ ھۇرۇنلارچە قۇرۇق خىيال دەپ
چۈشەندىڭىزمۇ ؟ ياكى ھەر قانداق كەشىپيات ، يېڭىلىقنىڭ ئاۋال ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرى
خىيالىدا ئەكىس ئېتىپ ، پىشىپ يېتىلىپ ئاندىن ئەمىلىي ھەرىكەت كۆرسىتىش ئارقىلىق مەيدانغا كىلىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەندىڭىزمۇ ؟
توغرا ، بۇنىڭدىن نەچچە يۈز ئىلگىرى خىيالپەرەسلەر تۆمۈرنىڭ ئاسماندا ئۇچۇشىنى
خىيال قىلغان ، ھېچقانداق ئېلىكتىر ئېقىمىغا تايانماي ھاۋا ئارقىلىق ئۇچۇر يوللىغىلى
بولىدىغان قانۇنىيەتنى بايقىغاندا : ساۋاقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىللىرى ؛ ‹‹ بۇلار
نېرۋىسىدىن ئادىشىپتۇ›› دەپ روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئاپرىپ تەكشۈرۈتكەن .
بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ھەممە يەردە ئۇلارنىڭ خىيالىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى كۆرەلەيدۇ .
ئەجىبا ئۇ خىيالپەرەسلەر خاتا قىلىپتىمۇ ؟ سىز بىر ئىشنى خىيال قىلمىغان ئىكەنسىز
ئەمەلىيەتتىمۇ قىلىپ بېقىشنى ئويلىمايسىز .
سىرداشلار كۆزنىكىدە كېرىم ئاتۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە : كېرىم ئاكا ‹‹ كىچىك
ۋاقىتلىرىمدا دەرىستە ياخشى ئەمەستىم ، تۈزۈكمۇ ئوقۇمىغان ، خېلى چوڭ بولغۇچە
كۈنگە نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمەيتتىم . كىشىلەر مېنى كېرىم ساراڭ دەيتتى ›› دەپ
ئۆتتى .
ئەمما ، ھازىر كېرىم ئاكا دىيارىمىزدىكى بىر زەردارغا ئايلاندى . نۇرغۇن كىشىلەرنى
ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇردى . ئاجىز ـ غېرىبلارغا ساخاۋەت قوللىرىنى سۇندى .
باشقىلارنىڭ نەزىرىدە : ‹‹ بىلىمسىز ›› ، ‹‹ ساراڭ ›› سانىلىدىغان كېرىم ئاكىنىڭ كىچىك
ۋاقتىدىن باشلاپلا ، ياۋرۇپانى ساھايات قىلىش خىيالى بار ئىدى .
ياۋرۇپاغا چىقىش ئۈچۈن پۇل كېرەكتە ، ئاشۇ خىيال ئەمەلىي ھەرىكەتكە يىتەكلەيدىغان
كۈچ بولدى , ئادەم بىر ئىشنى قىلىشى ئاۋال ئويلاش ۋە خىيالدىن باشلىنىدۇ .
بەلكىم ئېينىشتىنمۇ بۇنى مەلۇم بىر مەقسەتتە ئېيىتقان بولۇشى مۇمكىن .
ئالدىنقى قېتىملىق ‹‹ ئىستىقبال سەھنىسى ›› پىروگىراممىسىدا :ئەلىي مۇئەللىم ، تەرەققى
قىلغان بىر قىسىم ئەللەردە مەخسۇس ‹‹ خىيال ›› ساتىدىغان شىركەتلەرنىڭ بارلىقىنى
چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى .
ئۇ شىركەتلەر ھېچ ئىش قىلماي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ، بازار ئىھتىياجى ، يېڭىلىق
ماركېتىڭ ... قاتارلىق ساھەلەردە كارخانىلارغا مەسلىھەت بېرىپ پۇل تاپدىكەن .
ئەلۋەتتە ئىنسانىيەت تارىخىدا ھازىرغىچە مەيدانغا كەلگەن ھەر قانداق كەشپىيات ، يېڭىلىقلارنى
خىيالدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ .
تۆۋەندىكى كوكا ـ كۇلانىڭ مەيدانغا كىلىش تارىخىدىكى قىسقىغىنا ھىكايىنى سۆزلەپ بەرسەم
بەلكىم ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچىگە ئىگە بولارسىز .
بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى : بىر پىشقەدەم دوختۇر كونا بىر مىس چەينەككە
قاچلانغان ‹‹ مەخپىي رىتسىپ ›› نى دورىخانا خىزمەتچىسىگە 250 دوللارغا سېتىپ
بېرىپتۇ .
دورىخانا خىزمەتچىسى يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ تاپقان تەرگىنىگە بۇ ‹‹ كونا چەينەك ››
نى سېتىۋاپتۇ .
كۆپ ئۆتمەي بۇ چەينەكتىكى رىتسىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بازار تېپىشقا
باشلىدى .
بۇ دەل دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغان ، بازار تېپىۋاتقان كوكا ، كولا ئىچىملىكى .
دورىخانا خىزمەتچىسىنىڭ كونا چەينەككە قوشقىنى نېمە ؟
چەينەكتىكى رېتسىپلارنى بوتۇلكىلارغا قاچلاپ بازاردا سېتىشتەك بىر خىل خىيال .
كوكا ـ كولانىڭ مەيدانغا كىلىش تارىخى دورىخانا خىزمەتچىسىنىڭ خىيالى بىلەن زىچ
مۇناسىۋەتلىك ...
خەيىر خېلى كىچە بولدى ، ئارام ئالايلى . قايىل بولمىغان يەرلىرىڭىز بولسا باشقا
تېمىلارنى كۆرسىڭىزمۇ يا بىرەر ئىلىملىك كىرىپ قايىل قىلارلىق چۈشەنچە بەرسىمۇ
بولىدۇ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-18 02:48 AM