ھېكايە سېلىقى
(مىكرو ھېكايە)
چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە باشلانغان يىغىن كەچ سائەت يەتتە يېرىمغىچە داۋاملاشتى. يىغىندا ئاۋۋال ناھىيىدە ئېچىلغان بىرقانچە تۈرلۈك يىغىننىڭ روھى يەتكۈزۈلدى. ئارقىدىن يېزىدىكى ھەرقايسى پونكىت، ئورگان كادىرلىرى ۋە ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ كادىرلىردا ساقلىنىۋاتقان نەچچە ئون تۈرلۈك مەسلىلەر، بۇ مەسلىلەرنى دەرھال تۈزىتىش سۆزلەندى. ئۇنىڭ كەينىدىن ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ بوغداي سېتىپ بېرىش ئەھۋالى، سۇ پۇلى يىغىش ئەھۋالى بىر-بىرىلەپ سۈرۈشتە قىلىنىپ يېڭىدىن يەنە ئون ئۈچ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئارلىقتا سېكىرتار بىرقانچە قېتىم چاي قۇتىسىدىكى چېيىنى ئوتلاپ تۇردى. يىغىن قانتاشقۇچىلىرى بولسا قىمىرلاپ ئولتۇرالماي ئېغىرلىقىنى ھېلى ئۇكاسىسىغا، ھېلى بۇ كاسىسىغا چۈشۈرمەكتە ئىدى.
—ئەمدى بۇ ھەپتىدىن باشلاپ ئورۇنلايدىغان جىددىي ۋەزىپە، قۇلاقنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلايلى،—سېكىرتارنىڭ ئاۋازى بىردىنلا يوقۇرى كۆتۈرۈلدى،—بۇ يىل ناھيىمىز تەشۋىقات خىزمىتىدە ئىلغار ناھىيە بولۇشنى قولغا كەلتۈرمەكچى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئونىنچى ئايدىن ئىلىگىرى تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋالىدۇ. ناھىيە يېزىمىزدا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى. ئارلىقتا بۇ خىزمەتنى تەكشۈرۈپ ۋىلايەتتىن كەلگەن تەكشۈرگۈچىلەرمۇ يېزىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى نۇقتا قىلىپ تەكشۈرىدۇ. ئىلىگىرى تەشۋىقات دېسە تۈرلۈك قانۇن-تۈزۈم، سىياسەتلەرنىلا تەشۋىق قىلىپ خەلقنىڭ قولىقىغا قۇيىۋەتتۇق. ئەمدى مەخسۇس ھېكايە ئارقىلىق تەشۋىق قىلىمىز. ھەر-بىر كەنت ھەپتىسىگە بەش پارچىدىن، يېزا تەۋەسىدىكى ئورگان پونكىتلارنىڭ ھەربىرى ئىككى پارچىدىن ھېكايە يېزىپ يېزىغا تاپشۇرسىلەر. يېزا كادىرلىرىمۇ ھەر بىرىمىز ئىككى پارچىدىن ھېكايە يېزىپ تاپشۇرىمىز. ھېكايەڭلاردە يېزىمىز تەۋەسىدە تۇرۇشلۇق ھەقىقىي ئادەم، يېزىمىز تەۋەسىدە بولغان ھەقىقىي ئىشلار ئىنتايىن تەسىرلىك تەسۋىرلەنسۇن. ھېكايەڭلار بىرئاڭلىغان ئادەمنىڭ ھەركۈنى قايتا ئاڭلىغۇسى كېلىدىغان،قايتا ئاڭلىمىسا خىروئىن خومارى تۇتقان بەڭگىدەك قۇلىقى قىچىشىپ تۇرالمايدىغان دەرىجىدە تەسىرلىك ھېكايە بولۇشى كېرەك. يېزىمىز تەۋەسىدىكى ئىلغار تىپلارنى، ئۇلارنىڭ نەمۇنىلىك ئىش-ئىزلىرىنى يازىمىز. ئىچىمىزدىن چىقىرىپ يالغاننى توقۇپ قويساق،باشقىلار قىلمىغان ياخشى ئىشلارنى قىلدى دەپ يېزىپ قويساق قەتئىي بولمايدۇ. يازغان ھېكايەڭلەردىكى ھەربىر شەخسنى، ھەربىر ۋەقەنى بىرمۇ- بىر ئىز قوغلاپ دەلىللەيمىز. گېزىت-ژورناللاردىن،كىتابلاردىن كۆچۈرۈپ قويساق تېخىمۇ بولمايدۇ.
سېكىرتار سۆزلەۋېتىپ بىردىنلا مائارىپ ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋېن سېكىرتارىغا بۇرۇلدى.
—ئوتتۇرا مەكتەپتىن قانچە مالىم چىقتى يىغىنغا؟
—تىل-ئەدەبىيات گورۇپپىسىدىن ئىككى مۇئەللىم چىقتى.
—ئوقۇغۇچىلارنى تەتىل قويۇپ بەرگەندىن كېيىن تىل-ئەدەبىيات ئۆتىدىغان ھەممە مالىملار قاتناشسا بولمدامدۇ؟
—بەش نەپەر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بار ئىدى. ئىككىسى تەربىيلىنىشكە كەتتى، بىرسى ئاغرىپ قېلىپ بالنىستتا يېتىۋاتىدۇ.
—ئىككى نەپەر بولسىمۇ يىتىشىدۇ. يىتىشەلمىسە تەتىل بولغاندىن كېيىن ئاخشىمى جابەر ئىشلىسۇن. ھەر كۈنى يازغان ھېكايىنى ئەمەرجان چاڭۋېيغا تاپشۇرمىز. ئەمەرجان چاڭۋېي تىزىملاپ تاپشۇرۋېلىپ مالىملارغا تاپشۇرىدۇ. مالىملار بارلىق ھېكايىلەرنى كۆرۈپ تەھرىرلەپ كومپىيوتېرغا كىرگۈزىدۇ. مەن ھەر كۈنى مالىملاردىن قايسى كەنتنڭ قانچە پارچە بولدى، قايسى كادىرنىڭ قانچە پارچە بولدى دوكلات ئېلىپ تۇرىمەن. ھېكايە تەلىپىگە يەتمىگەنلىرى قايتۇرۇلىدۇ، تەلەپكە يەتكۈچە قايتا يازىسىلەر. يېزىلىق رادىئۇ ئۇزىلى كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق بۇ ھېكايىلەرنى ئاڭلىتىدۇ. باھالاپ ئەلا يېزىلغانلىرىنى ناھيىگە ۋىلايەتكە يوللايمىز….
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە بىر ئاخشىمى چوڭ ئۆيگە بارسام مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن بۇيان قەغەز—قەلەم دېگەننى قولىغا ئېلىپ باقمىغان ئاكام ئالدىغا بىر توپ ئىش قەغەزنى قويىۋېلىپ ئىڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ.
—بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىقتى ئاكا!-دېدىم مەن سالامدىن كېيىن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ.
—گەپ قىلماڭ ئۇكام،گەپ قىلماڭ! تۈنۈگۈن كەنتتە يىغىن ئېچىلىپ ھەر بىر ئائىلىگە بىر پارچىدىن ھېكايە يېزىش سېلىقى چۈشتى. يەڭگىڭىزنى يېزىڭ دېسەم، مەن ساۋاتسىز دەيدۇ.بالىلارنى يېزىڭلار دېسەم، بىزگە باشلانغۇچ مەكتەپتە ھېكايە يېزىشنى ئۆگەتمىگەن دەيدۇ. ئۆزەم بىر يازاي دېسەم، كىمنى يېزىشنى بىلمەي ئولتۇرىمەن. ئوبدانمۇ كېلىپسىز، ماڭا شاققىدە بىر ھېكايە يېزىپ بىرىپ، مېنى بۇ باش قېتىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرىڭە ئۇكام.
— ئاكا، مەن ھازىر يېزا ھېكايە ئىشخانىسىدا سىلەر يازغان ھېكايلەرنى تەھرىرلەپ كومپىيوتېرغا كىرگۈزۈش خىزمىتىنى قىلىۋاتىمەن. يېزىپ بەرسەم يېزىپ بېرەي،ئەمما يازىدىغان ئادەمنى،يازىدىغان ئىشنى سىز دەپ بېرىڭ.
—ئەستا،ئۇنى دەپ بېرەلىسەم ئۆزەملا يازاتتىم شۇ ھېكايە دېگەننى.
—ماقۇل،ماقۇل،ئەتىگىچە ئويلاپ بىر يېزىپ بېرەي ئاكا.
شۇنداق قىلىپ ئاكام بىر ئاز خاتىرجەم بولۇپ قالدى. ئەمما مېنىڭ غېمىم ماۋۇ بېشىمدىكى شالاڭ چېچىمدىنمۇ كۆپ ئىدى. تەتىلدە ئۈرۈمچىگە بېرىپ سالامەتلىكىمنى تەكشۈرتۈش،شوپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇش… قاتارلىق بىر يىلدىن بۇيان پىلانلاپ كەلگەن ئىشلىرىم پۈتۈنلەي سۇغا چىلاشقان ئىدى. ئەمدى تەتىل كومپىيوتېر ئالدىدا—دېھقانلار ۋە كادىرلار يازغان«ھېكايە» دېڭىزىدا قىرغاققا چىقالماي ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى.
2014-يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-17 09:39 PM