مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3371|ئىنكاس: 10

‹‹0››لەر يەسلىسىدىكى چۈشۈمدە كۆرگەن ئۇيغۇرە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-17 05:59:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
              ‹‹0››لەر يەسلىسىدىكى چۈشۈمدە كۆرگەن ئۇيغۇرە

          (بۇ ئەسەرنى يېزا-قىشلاقلاردىكى يېشى چوڭىيىپ قالغان ئوقۇتقۇچى قىزلارغا
                            ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن)

                                 
                        6352073117405631379.jpg

                                                   1

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى چالا-پۇچۇق  پۈتتۈرۈپ 22 ياشقىمۇ كىرىپ قاپتىمەن، مەن بىلەن تەڭتۈشلەرنىڭ بىرنەچچىدىن بالىسى بوپ بولدى، 1.80 مېتىر كېلىدىغان بويۇم، كېلىشكەن قەددى-قامىتىم، ئۇيغۇر يىگىتلىرىگە خاس ئۆلچەملىك چىرايىم بىلەن لايىقمۇ تاپالماي يۈرۈۋاتىمەن. دىمىسىمۇ بىزنىڭ يۇرتتىكىلەر  ئىلىم-ئىرپانغا بەكلا ھېرىسمەن تۇرسا، مەجبۇرى مائارىپنى ئالۋاڭغا پۈتتۈرۈپ، كەررە يادلاشنىمۇ بىلمەيدىغان ماڭا ئوخشاش دادىسى يوق، نامرات دىھقان بالىسىغا لايىق قىز نەدە تۇرۇپتۇ.

ئەمەلىيەتتە ماڭا خېلى ئوبدان قىزلارمۇ لايىق بولۇپ چىققان، نەچچە يىل بۇرۇن نىساخان ھاممام بىرنەچچە قىزنى تونۇشتۇرغان ئىدى، ئۇلار بىلەن بىر مەزگىل ئارىلىشىپ، تويغا پۈتۈشكىچە مېنى تاشلاپ كېتىشتى. سەۋەبىنى بىلسەم، ‹‹بويىنى كۆرسىتىپلا يۈرىيدىكەن، چىرايىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوقكەن›› دەپتۇ، شۇندىن باشلاپ تالا-تۈزگىمۇ چىقماي ئانامنىڭ ئېتىپ بەرگىنىنى يەپ يۈرىۋەردىم. تېخى بۇلتۇر يازدا نىساخان ھاممام بىلەن ئانامنىڭ مەن توغرىلىق قىلىشقان پارىڭىنى ئاڭلاپ قالغان ئىدىم:

--قاراڭ سىڭلىم، رەھمەتلىك ئاكام (دادامنى دىمەكچى) ھايات ۋاقتىدا مۇشۇ بالىنى ئۆيلەپ قويىمەن دەپ ئارمان بىلەن تۈگەپ كەتتى، دىمىسىمۇ بۇ بالىنى ئۆيلەيدىغان يېشىغا يەتتى، خوشنا يېزىدىكى 18 ياشلىق بىر قىزنى ئۇقۇشۇپ قويدۇم، بۇ بالا كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولامدىكىن بىلمىدىم، چۈنكى ئۇ قىزۋالا قىسقا ئۆي تۇتۇپ ئاجراشقانكەن...

-- ھە؟ بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن، مەن ئانا تۇرۇپ ئوغلۇمغا بىر توي قىلغان قىزنى قانداقمۇ لايىق كەلتۈرىمەن؟ --دىدى ئانام.

--ئەمىسە قانداق قىلىمىز، بىر توي قىلغان بولسا نىمە بوپتۇ؟ ھازىرقى ئانىسى قىز دەپ تۇققان بەزى ‹‹قىز››لار ھېلىقى رادىئودا توختىماي سۆزلەۋاتقان ‹‹ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرىدىغان، ئوپىراتسىيە قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان›› دوختۇرخانىلاردا يۈرۈۋاتمامدۇ، بىر توي قىلغانلار ئۇ ‹‹قىز››لاندىن كۆپ ياخشى ئەمەسمۇ، ئۇلار ئۆي ئىشلىرىغىمۇ پىششىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشنىڭ يولىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ...

شۇنداق قىلىپ، نىساخان ھاممامنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۇ قىزنى كۆرۈپ بېقىشقا ماقۇل بولدۇم،  دەسلەپتە كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ ماڭا بولغان تەسىرى خېلى ياخشى بولدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى توي قىلساممۇ قىلاي، دىدىم، چۈنكى كونىلار ‹‹ئۆڭڭۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ بولسۇن دەپتىكەن›› دىگەن ئەمەسمۇ. ئانام بىلەن ھاممام ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بېرىپ، توينى كۈزگە بېكىتىپ كەپتۇ، چۈنكى كۈز كەلگەندە كېپەزلەرنى سېتىپ، قولىمىزغا پۇل كىرسە، توينى لايىقىدا قىلىۋالاتتۇق. مەنمۇ مەن دىمەتلىك يىگىتلەرگە ئوخشاش توي كېچىسىگە تەلپۈنۈپ شىرىن خىياللارنى سۈرەتتىم، كۈزنىڭ بالدۇرراق كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتىم.

كىم بىلسۇن، 8-ئايدىكى بىر چۈشتىن كېيىندە قارا يامغۇر چىلەكتە قۇيغاندەك تۆكۈلۈپ ياغدى، يامغۇر ئاز كەلگەندەك، نوقۇتتەك، جىگدىدەك مۆلدۈر بىزنىڭ يېزىغىلا ھۇجۇم قىلىپ، غوزەكلەرگە يوپۇرماقلارنى قوشۇپ تۆكۈۋېتىپ، كېپەزنىڭ شادىسىنىلا قويۇپ قويغان ئىدى. بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ھەر يىلى قۇرغاقچىلىق بولۇپ تۇرىدۇ، ئەتىياز مەزگىلىدىكى سۇ قىس ۋاقىتتا يامغۇر ياغمايدۇ، 8-ئاي كىرىشى بىلەنلا پەسىل يامغۇرىدەك ئاپەت پەيدا قىلىدۇ. مۆلدۈر ئاپىتىدىن كېيىن لايىقىمنىڭ ئۆيىدىكىلەر تويدىن يېنىۋاپتۇ، ھاممام بۇ ئىشنى باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرسە، ئۇلار دادامنى داۋالىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن قەرز ئېلىپ تېخى قايتۇرۇپ بولالمىغانلىقىمىزنى، كالا-قويلارنىمۇ سېتىپ، قوتاندا بىر تۇياقمۇ مال-چارۋىمىزنىڭ قالمىغانلىقىنى بىلىپ قاپتىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى مۆلدۈرمۇ ‹‹ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپكەندەك›› ئىش قىلغان ئىدى. بوپتۇلا، يەنە باشقا جايلاردىن لايىق سۈرۈشتۈرۈپ باقارمىز، دەيتتى ئانام مېنى بەزلەپ.

                                               2

شۇنداق قىلىپ بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، زادى نامراتلىقتىن بىر قۇتۇلاي دەپ ئېتىزلىقتىن بىكار بولمىدىم. مانا بۇگۇنمۇ كېپەزلەرنىڭ ئۇچىنى بىر تالدىن ئۈزۈپ، چۇشلىك تاماق ۋاختىغىچە بېلىمنى ئالاماي قالدىم، چۈنكى كېپەزنىڭ ئۇچى ئۈزۈلمىسە، يەرنىڭ ئوزۇقلۇقىنى كېپەز شادىسى يەپ كېتىپ، غوزەك چوڭ ئېچىلالمايتتى، بۇنداق بولغاندا پاختىنىڭ تالاسى قىسقىراپ، دەرىجىسىگە تەسىر يېتەتتى. بېلىمنى مۇشلىغاچ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم، تامىقىمنى يەپ بولۇپ تۇرۇشۇمغا، باشلانغۇچ مەكتەپكە بۇلتۇر بەرگەن سىڭلىم ئىرپانە ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ:

--ئاكا، ئاكا، قارا ئەپتىڭڭە، ئۈستى-بېشىڭ نىمانداق توپا، بۇنچە كۆپ توپىنى يۈدۈپ كەلدىڭ؟ --دىدى.

ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئىشتىن ھېرىپ كەلگەندە ئاڭلاپ، غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى-يۇ، يەنىلا ئۆزەمنى بېسىۋالدىم.  بۇ ئوماق قىزغا ئانام ئىككىمىز قەۋەتلا ئامراق ئىدۇق، چۈنكى بۇ قىز دادام 50 ياشتىن، ئانام 40 ياشتىن ئاشقاندا تۇغۇلغان ئىدى. تۆت يىل  بۇرۇن دادام سەكراتتىكى مەزگىلىدە ماڭا مۇنداق بىر مەخپىيەتلىكنى سۆزلەپ بەردى:

-- ئوغلۇم، سەنمۇ 18 ياشقا كىرىپ قالدىڭ، بەزى گەپلەرنى ساڭا دىمىسەم بولمايدۇ. ئاناڭ ئىككىمىز توي قىلغاندىن بېرى بىز پەرزەنت يۈزى كۆرمىدۇق،  18 يىل بۇرۇن چوڭلارنىڭ مەسلەھەتى بويىچە، سېنى نىسا ھامماڭدىن بېقىۋالغان ئىدۇق،  ئەمەلىيەتتە سەن نىسا ئاناڭنىڭ ئۆز بالىسى. ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە سىڭلىڭ تۇغۇلدى، سىڭلىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىل، ئۇ چوڭ بولسا يەنىلا ساڭا ئەسقاتىدۇ، ئۇ مەندىن كىچىك قالىدىغان ئوخشايدۇ، ياخشى تەربىيىلە، سىڭلىڭنى ساڭا تاپشۇردۇم......

ئاناممۇ ئىرپانەگە بەكلا ئامراق ئىدى، بۇ قىزمۇ بەكلا ئەقىللىق بولۇپ، ئادەمنى ئېلاجسىز ئەھۋالدا قويىدىغان ئاجايىپ سوئاللارنى سورايتتى، تېخى نەچچە ئاي بۇرۇن بۇغدايلىقتا سۇ تۇتىۋاتسام، چۈشلىك تاماقنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، بولۇق دان تۇتقان بۇغدايلارنى كۆرۈپ:

--ئاكا، ئاكا، بۇغدايلىرىمىز بۇ يىل بەك ئوخشاپتۇ، سېنىڭچە مۇشۇ ئېتىزلىقتىكى بۇغداينىڭ سانى نەچچە تال چىقىدۇ، مىليون تال چىقارمۇ؟ --دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا:

--سەن ياخشى ئوقۇپ چوڭ بولغاندا بۇ بۇغداينىڭ سانىنى ھېساپلاپ باقارسەن، مىليون كېلەمدۇ، مىليارد كېلەمدۇ، ياكى ئۇنىڭدىن جىقراق كېلەمدۇ (راس گەپنى دىسەم، مىلياردنىڭ يۇقۇرىسىنى نىمە دەيدىغانلىقىنى ئۆزەممۇ ئۇقمايتتىم)، مەن بىلمەيدىكەنمەن-- دىگەن ئىدىم.

مەن ماتېماتىكىنى بىلمىگەنسېرى ئۇ مەندىن ھىساپقا ئائىت سوئاللارنى تولا سورايتتى.

--كېوەزلەرنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈپ كەلگەندىكىن توپا يۈدۈپ كەلمەي، ئالتۇن يۈدۈپ كەلسەم بولامتى؟ --دەپ مۇنمۇ ئۇنىڭ سۇئالىغا سۇئاللىق جاۋاپ بەردىم.

--مۇشۇ ئۇچاڭدىكى توپىنىڭ سانى مىليارد چىقىدۇ، ھە ئاكا؟ --دىدى، ئۇ يەنە. چۈنكى ئۇ مەن نەچچە ئاي بۇرۇن دەپ بەرگەن مىليارد دىگەن سۆزنى ئۈگۈنىۋالغان ئىدى.

--ھەئە، شۇنچىلىك چىقار!-- دەپ قويدۇم سوغۇقلا.

--ئاكا مىلياردنى قانداق يازىدۇ؟

مەن ئۇنىڭ بۇ سۇئالىدىن يەنە ئەجەپلىنىپ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان قىرىنداش قەلىمىنى ئېلىپلا پارچە قەغەزگە قاتار كەتكەن «0››نى يېزىۋەتتىم. يېزىپ بولۇپ، باغدىكى سۇپىدا سۇنايلىنىپ يېتىپ، ئەگەر ياخشى ئوقۇغان بولسام ياراملىق ئادەم بولاتتىم، نامراتلىقتىنمۇ قۇتۇلاتتۇق، تويمۇ قىلاتتىم...... ئىرپانەنىڭ سۇئالىغىمۇ جاۋاپ بېرەلەيتتىم، دىگەىننى ئويلىغاچ، كۆزۈم ئۇيغىغا ئىلنىشىپ قاپتۇ.

                                        3
بالىلار بايرىمى دەيمىشمەن، سىڭلىمنى بىر خوش قىلىۋېتەي دەپ شەھەرگە كىرىپ ئويناتقاچ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئۇچىدىغان شار ئېلىپ بەردىم، مېنىڭ قولۇمدىمۇ يوغان-يوغان بەك كۆپ شار بار ئىدى، ئىرپانە بىر چاغدا:

--ئاكا، مارۇژنا يەيمەن، بۇنى تۇتۇپ تۇر-- دەپلا قولىدىكى شارلارنى ماڭا تۇتۇقۇزۇپ قويۇپ، مارۇژنا دۇكىنىغا ماڭدى،  ئۇچۇچان شارلار كوزۇمنى توسۇۋالغاچقا، ئەتراپنى كۆرەلمىدىم، توساتتىن قولۇمدىكى شارلار مېنى كۆتۈرۈپ ئاسماندا ئۇچۇشقا باشلىدى، شارنى قويۇۋېتەي دەپ بولغىچە، خېلى ئىگىزلەپ كېتىپتىمەن، ئەمدى  قويۇۋېتەي دىسەم خەتەر چىقىشتىن ئەنسىرىدىم. ھەش-پەش دىگۈچە ئىگىز ئۆرلىگەن شار مېنى بوشلۇقتا لەيلىتىشكە باشلىدى، شامالنىڭ تەسىرىدە شار مېنى كۆتۈرۈپ شىمال تەرەپكە قاراپ ئۇچتى. مەن تاغلاردىن، دەريالاردىن، قۇملۇقلاردىن، بوستانلىقلار...دىن ئۆتتۈم. بىزنىڭ يېزىدىكى توغراقلىقلارمۇ ئىگىزدىن قارىسا مۇشۇنداق كۆرۈنەمدىغاندۇ، دەپ ئويلاايتتىم ئىچىمدە. بۇ چاغدا ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭ ‹‹مەن ئىچكىرى ئۆلكىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا شۇ يەرلىك بىر ساۋاقدىشىمنىڭ : سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلار ساپلا قۇملۇقكەن، مەكتەپكە قانداق باراتتىڭلار؟ دىگەن گېپىگە: بىز ئاۋۋال ئىشەككە مېنىپ بوستانلىقتىن چىقىپ، ئىشەكنى تۆگىگە ئالماشتۇرۇپ قۇملۇقتىن ئۆتىمىز، ئاندىن تۆگىنى ئاتقا ئالماشتۇرۇپ يايلاقتىن ئۆتكەندىن كېيىن مەكتىپىزگە يېتىپ بارىمىز›› دەپ جاۋاپ بەرسە، ئۇ ساۋاقدىشىنىڭ بۇ گەپكە ئىشەنگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن گېپى يادىمدىن كەچتى.

مەن يەنىلا توختىماي ئۇچۇۋاتاتتىم، بىر چاغدا  كەڭرى بىر يايلاتىن، ئاندىن كېيىن بىر ئورمانلىقتىن ئۆتتۈم. بۇ جاي باشقىلار دەيدىغان نارات دىگەن جاي شۇمىدۇ، ياكى قاناس دىگىنى شۇمىدۇ؟ نە بولسا بولمامدۇ، پەسكە چۈشۈپ بۇ گۈزەل مەنزىرىنى بىر كۆرەي، كۆرۈۋېلىپلا قايتىپ كېتىمەن،دىدىم ئىچىمدە. بىر تۇرۇپ شەھەردە تىنەپ يۈرگەن سىڭلىمنى ئويلىسام، يەنە بىر تۇرۇپ يېزىدا مېنىڭ يولۇمغا تەلمۈرۈپ تۇرغان ئانام يادىمغا كېلەتتى. مەن قولۇمدىكى شارلارنى بىر-بىرلەپ قولۇمدىن قويۇۋېتىپ، ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەشكە باشلىدىم، شامالنىڭ ئۇچۇرۇپ مېڭىشى بىلەن شارنى باشقۇرالماي، ئورمانلىقتىن ئۆتۈپ كېتىپ، نۇرغۇن سېمىز ئۇششاق بالىلار ئويناۋاتقان بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە كۆزۈم چۈشتى، بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى نىمىشقا مۇشۇنداق سېمىزدۇ؟ دىگەننى خىيال قىلغاچ جىددى پەسلەشكە باشلىدىم. مەكتەپتىكى ئورمان ناھايىتى قويۇق بولغاچقا، قولۇمدىكى شار تىكەنلىك بىر ئىگىز قارىغايغا ئىلىنىشىۋېلىپ،  بىر-بىرلەپ ئېتىلىشقا باشلىدى. خەتەرلىك! ئەمدى قانداق قىلارمەن، ئاھ، تۇگەشتىم، ئەمدى دادامنىڭ يېنىغا كېتىدىغان بولدۇم.

كۆزۈمنى ئاچتىم، شۇنداق پاكىز سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئۆيدىكى ئاپپاق كىرلىك سېلىنغان كارۋاتتا ياتىمەن، بۇ زادى قەيەردۇ؟ مەن دەرەختىن يىقىلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالنى ئەسلەشكە تىرىشاتتىم، ئەمما پەقەتلا ئېسىمگە ئالالمىدىم. شۇ ئەسنادا ئۆيگە بويى ئىگىز، ناھايىتى زىلۋا، ئەتلەس كۆڭلىكى بىلەن چىمەن دوپپىسى ئۆزىگە شۇنداق ياراشقان ئىنتايىن گۈزەل بىر قىز كىرىپ كەلدى. بۇ ئوڭۇممۇ چۈشۈممۇ؟ ياق بۇ ئوڭۇم ئەمەس، مەن ئۆلۇپ كېتىپتىمەن-دە، بۇ جاي جەننەت بولسا كېرەك، ئۇ قىز چوقۇم جەننەتتىكى پەرىشتە، چۈنكى مەن بۇنداق چىرايلىق قىزنى يۇرتىمىزدا ئەمەس، كىنولاردىمۇ ئۇچرىتىپ باقمىغان. قىز يېنىمغا كېلىپلا:

--ھۇشىڭىزغا كەپسىز-دە، دەرەختىن يىقىلىپ كېتىپتىكەنسىز،پۇتىڭىز سۇنغاندەك تۇرىدۇ، سىزنى تەسلىكتە يۈدۈپ ياتىقىمغا ئېلىپ كەلدىم، مەن مۇشۇ يەسلىنىڭ تەربىيىچىسى بولىمەن، ئىسمىم ئۇيغۇرە--دىدى.

قىزغا يەنە قارىسام، يەنە چىرايلىق، قاراۋېرىشتىن خىجىل بولۇپ:

-- ئىسىمىم نادىر، بۇ يىل 22 ياشقا كىردىم، ئۆزەم بىر دىھقان بالىسى-- دىدىم.

مەن بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم، ئۇيغۇرە مىيىقىدا كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، باشقا ئىشلارنى كۆپ ئويلىماي ياخشى ئارام ئېلىشىمنى، پۇتۇم ساقايغاندىن كېيىن يولغا سېلىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يەنە دەرىسكە چىقىپ كەتتى، مەن ئىچىمدە يەنىلا بۇ نىمانداق چىرايلىق قىزدۇ؟ نەچچە ياشلاردا باردۇ؟ توي قىلغانمىدۇ؟ ئانام بىلەن سىڭلىم نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟... دىگەنلەرنى ئويلاپ، ئۇ قويۇپ قويغان مىۋىلەرنى يىگەچ خيال سۈرۈشكە باشلىدىم. سىرىتقا چىقاي دىسەم يەرگە دەسسىيەلمىدىم، ئوڭ پۇتۇم راستىنلا سۇنغاندەك قىلاتتى.

                                               4

ئۇيغۇرەنىڭ كۆڭۈل قويۇپ كۈتىشى بىلەن پۇتۇم ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىشقا باشلىدى، مەن قولتۇق تاياق بىلەن سىرتلارنى ئايلىنىشقا باشلىدىم، بۇ مەكتەپ ‹‹ 0 لەر يەسلىسى›› دەپ ئاتىلىدىكەن، توۋا، نۆللەر يەسلىسى
دىگەنمۇ گەپمۇ؟ مەكتەپنىڭ ۋىۋىسكىسىمۇ خاتا يېزىلىپ قالامدۇ؟ بۇ سۇئالنى ئۇيغۇرەدىن سورىغىنىمدا ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى:

--مەن ئەسلى بۇ يەرلىك ئەمەس، بالىلار مائارىپ كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مۇشۇ جايدا ئۇقۇتقۇچى يېتىشمەيدىكەن، دەپ ئاڭلاپ ئۆزەم تەلەپ قىلىپ كەلگەن، بۇ  يەسلىدە نۇرغۇن ئۇقۇغۇچى بار، ھەممىسى ‹‹0››دىن تەركىپ تاپقان بالىلار، ئادەملەردىن پەقەت مەن بىرلا ئوقۇتقۇچى بار --دىدى.

بىز مەيداننى ئايلانغاچ، سەيلە قىلدۇق، لىڭڭىر تاق-تاقنىڭ بىر تەرىپىگە 7-8 نۆل، يەنە بىر تەرىپىگە بىرلا نۆل چىقىۋالغان تۇرۇقلۇق، ئۇلار يەنىلا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ يەنىلا بىمالال ئيناۋاتاتتى.

--ھەيران قېلىۋاتامسىز؟ بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى نۆل، 7-8 نۆل قوشۇلسىمۇ بىر نۆلگە، بىر نۆلمۇ يەنىلا  نۆلگە تەڭ بولىدۇ، شۇڭا بۇ بالىلار تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالايدۇ--دىدى ئۇيغۇرە چۈشەندۈرۈپ.

ئۇ مېنى قولتۇقلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاقلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇردى، ياتاقتىكى كارىۋاتلارنىڭ ھەممىسى ئىككى قەۋەت بولۇپ، ئاستىنقى قەۋەتتىكى كارۋاتتا ھېچكىم ياتمايتتى، سەۋەبىنى سورىسام، ئۇيغۇرە مۇنداق دىدى:

--ئادەتتە ئاددى كەسىرنىڭ مەخرىجىدە نۆل بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ، كارىۋاتنى كەسىر سىزىقى دىسەك، كەسىر سىزىقىنىڭ ئاستىدا نۆل بولسا، بۇ ماتىماتىكىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ -- دىدى.

-- ئۇقۇغۇچىلارغا كارىۋات يېتىشمىسە قانداق قىلىسىلار؟--

--ئۇقۇغۇچىلارنى قوشۇۋېتىمىز، قوشۇۋەتسەكمۇ ئوخشاشلا نۆلگە تەڭ بولىدۇ، شۇڭا ياتاقتىن غەم قىلمايمىز--

ھە، ئەسلى مۇنداقكەن-دە، بۇ بالىلارنىڭ شەكلى نۆلگە ئوخشىغاچقا شۇنداق سېمىزكەن، مەكتەپتە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ جىق بولىشىمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەن، ئۇقۇتقۇچىلار سىنىپنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، نۆللەرنى خالىغانچە كۆپەيتەلەيدىكەن، ياكى ئازايتالايدىكەن. بىز مەيداننىڭ يەنە بىر تەرىپىزگە بارغىنىمىزدا ئوقۇغۇچىلار سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىۋاتقان ئىدى، چوڭ ئوقۇچىلار ئالدىغا ئۆتۈۋالغاچقا كىچىك بىر ئوقۇغۇچى ئويۇننى كۆرەلمەي يىغلاپ ئولتۇراتتى.

--سىز ئۇنى مۈرىڭىزگە ئولتۇرغۇزىۋېلىڭ، چۈنكى ھەرقانداق ساننىڭ نۆلىنجى دەرىجىسى ‹‹1››گە تەڭ بولىدۇ، بۇ نولنىڭ ھېچقانداق ئېغىرى يوق --دىدى ئۇيغۇرە.

بىز مەيداننىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتتۇق، بىر بالا ئۆزى يالغۇز تىكتاك توپ ئوينىيالماي تۇرۇپتىكەن، ئۇيغۇرە ئۇنى ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن ئىدى، ئۇ ئىككىسى خوشال بولۇشۇپ توپ ئويناپ كەتتى، ئۇيغۇرە بۇنى يەنە ماڭا چۈشەندۈرۈپ:

--بىر نۆلنى ئىككىگە بۆلسەكمۇ نۆل بولىدۇ، 4 كە بۆلسەكمۇ ئوخشاشلا نۆل بولىدۇ، ئۇنى ئىككى بۆلۈۋەتسەك توپ ئوينىيالايدۇ ئەمەسمۇ؟--دىدى.

ئۇيغۇرە يەنە ماڭا بۇ يەسلىدە ھەرقانداق كىشى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشسەم تامامەن  بولىدىغانلىقىنى، لېكىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشسەم ھەرگىز بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تاپىلىدى.  ئۇ مۇنداق دىدى:

--نۆلگە ھەرقانداق ساننى قوشسا شۇ ساننىڭ ئۆزى چىقىدۇ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش قوشۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. نۆلگە ھەرقانداق ساننى كۆپەيتسە نۆلگە ئايلىنىپ كېتىدۇ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش كۆپەيتىشكە ۋەكىللك قىلىدۇ. ئەگەر سىز بۇ يەردە بىرسى بىلەن قوچاقلىشىپلا قالسىڭىز، نۆلگە ئايلىنىپ كېتىپ، ئۆيىڭىزگە مەڭڭۈ قايتالمايسىز، چۈنكى ماتىماتىكىدا شۇنداق بېكىتىلگەن، جۇمۇ!

                                        5

شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە ئاي مۇشۇنداق ئۆتتى، مېنىڭ پۇتۇممۇ پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتتى، مەن ئۇيغۇرەگە تىكىلىپ قارىغانسېرى، ئۇ مەندىن ئۆزىنى تارتىشقا باشلىدى. بەزى چاغلاردا يەر تېگىدىن ماڭا قوراپ قوياتتى، بۇنداق ۋاقىتتا مېنىڭ كۆرۈپ قالغىنىمنى بايقىسىلا ئۆپكىدەك قىزىرىپ كېتەتتى. بىز ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق، مېنىڭ ھاياتىمنى قۇتقۇزىۋالغان بۇ گۈزەل قىزغا قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەي يۈرەتتىم، ئۆيگە كېتەي دىسەم، مەن ئۇنىڭ مىننەتدارلىقىغا جاۋاپ قايتۇرمىسام بولمايتتى. كەتمەي دىسەم ئۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ؟ ئانام بىلەن سىڭلىم قانداق قىلىدۇ؟

بۇ قىزنىڭ بىلىملىك، گۈزەل، ئاق كۆڭۈللىكىگە ھەقىقەتەن قول قويدۇم، ئۇنى ئاستا-ئاستا ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتىم، نۆل ئوقۇغۇچىنىڭ ئاستىدىكى كارىۋاتتا يېتىپ، دائىم ئۇنى خىيال قىلاتتىم، ئەگەر مەن ئۇنى رەسمىي ياخشى كۆرىمەن دىسەمچۇ؟ ياق، ياق بۇنداق قىلسام ھەرگىز بولمايدۇ، ئۇغۇ مېنى ياقتۇرسا ياقتۇردى، ئەگەر ياقتۇرمىسا، ئاش بەرگەنگە مۇش بەرگەندەك ئىش بولماماۇ؟ بۇنداق قىلسام ھەرگىز بولمايدۇ. ئەگەر ئاكا-سىڭىل بولۇپ ئۆتەيلى دەپ باقسامچۇ؟ ياق، بۇمۇ بولمىغۇدەك، ئەگەر ئۇ مېنى ياقتۇرۇپ قېلىپ مېنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بولىچۇ؟ ئۇ چاغدا ھەر ئىككىمىز پۇشايماندا قالىمىز. ئۇيقۇم قاچتى، قىزنىڭ گۈزەل سىماسىنى ئيلىساملا ئۇخلىيالمايتتىم، ئەمدى قانداق قىلسام بولا.
                                                  
ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بىر ئامال تاپتىم. گەپنى يىراقتىن ئەگىتىپ ئۇنىڭ ماڭا بولغان مەيلىنى چېكىپ بىلىپ باقماقچى بولدۇم، قېنى ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ئاۋۋال بىر ئېغىز ئېچىپ باقاي، بۇ سەمىمىي قىز ھەرقانچە بولسىمۇ ماقۇل دەپ قالا، ئەگەر قوشۇلمىسا  ئۆزى داۋالاپ ساقايتقان پۇتۇمنى سۇندۇرىۋېتەر شۇ، بۇ ئۇنىڭ دەردىدە پۇچۇلىنىپ ئۆتكەندىن ياخشى ئەمەسمۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ گەپ تەشتىم:

--ئۇيغۇرە، سىزنىڭ ئىسمىڭىز كۆپ ئۇچرىمايدىكەن، قانداق بولۇپ بۇ ئىسىم قويۇلۇپ قالغان؟ --

--ئوقۇتقۇچۇم شۇنداق دەپ  قويۇپتىكەن، ئادەتتە ‹‹ئۇيغۇر›› ئىسىملىك ئەرلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ‹‹ئۇيغۇر››نىڭ كەينىگە ‹‹ە›› تاۋۇشىنى قوشسا، قىزلارغا خاس ئىسىم بولىدۇ، بۇمۇ خۇددى سىزنىڭ ‹‹نادىر›› دىگەن ئىسمىڭىزنى قىزلارغا ‹‹نادىرە›› دەپ قويغاندەك---

--ئۇنداقتا ئاتا-ئانىڭىز نىمىش قىلىدۇ؟--

-- مەن كىچىك ۋاقتىمدىلا ئاتا-ئانام ئاجرىشىپ كېتىپتىكەن، ئۇلار مېنى بېقىشنى خالىمىغاچقا، مېنى دارىلتامغا ئاپىرىپ بېرىپتۇ. مەن يېتىم-يېسىرلار مەكتىپىدە چوڭ بولغان، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى ئۆزەم تاللىغان-- دىدى ئۇيغۇرە كۆزىگە غىل-پال ياش ئېلىپ.

ئەسلى مۇنداق ئىشكەندە، ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش بىر يېتىم قىزكەن، ھەر ھالدا مەن ئۇنىڭدىن تەلەيلىككەنمەن، چۈنكى ھېچبولمىغاندا مېنىڭ ئانام ھايات،  تېخى بىر سىڭلىممۇ بار. ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ گەپنى ئۇرغىلىق قىلىپ:

ئۇيغۇرە، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىز بىلەن مەڭڭۈ بىرگە ئۆتسەم دەيمەن،  مەن بىر نامرات بالا، لېكىن سىزنىڭ مېنى ياقتۇرىدىغان- ياقتۇرمايدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن!--دىدىم.

--مەنمۇ بىر يېتىم قىز، كەسپىمنى دەپ مۇشۇ سەھرادىكى  يەسلىدە بالىلارغا بىلىم بېرىۋاتىمەن،  سىرت بىلەن ئارىلىقمىز يىراق بولغاچقا بۇ كىچىك كەنتتە ماڭا مۇھەببەتلىشىش پۇرسىتىمۇ بولمىغان، شۇنداق قىلىپ توي قىلىش ۋاقتىممۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى، ئەمەلىيەتتە مەن سىزدىن تۆت ياش چوڭ كېلىمەن، بۇ يىل 26 ياش، بويۇم 1.78 مېتىر، مەن شۇ سەل ئورۇق، ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەچكە شۇنداقمىكىن، لېكىن مەن سىلەرنىڭ ئۆيگە بارسام گۆشنى كۆپرەك يەپ يەنە سەمرىۋالىمەن. ئەگەر سىز مېنى يېتىم قىزكەن، ھەم يېشىمنى سىزدىن چوڭكەن دەپ قارىمىسىڭىز، تەلىپىڭىزگە قوشۇلىمەن. سىز دىگەن نامراتلىق ئۇ بىر ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق، مىكروسوفتنىڭ خوجايىنى بىل گېتىس ‹‹نامراتلىق ئەيپ ئەمەس، ئەمما ئۇزاق مۇددەت نامراتلىقتا ياشاش قورقۇنۇچلۇق›› دەپتىكەن، پەقەت تىرىشىپ بىلىم ئالسىڭىزلا، ئۇ قىيىنچىلىقلارنى تامامەن يېڭىپ كېتىشكە بولىدۇ، مەنمۇ سىزگە ياردەم قىلىشنى خالايمەن. سىز پەقەت ياراملىق ئادەم بولسىڭىزلا ماڭا ئوخشاش ‹‹ئۇيغۇرە››لەرنى ئەتراپىڭىزدىلا تاپالايسىز--

قىزچاق بۇقۇلداپ يىغلىغان ھالدا  ئۆزىنى قۇچىقىمغا ئاتتى...شۇندىن كېيىن بىز قىزغىن مۇھەببەتلىشىشكە باشلىدۇق، ھەر ئىككىمىز تەستە قولغا كەلگەن بۇ  مۇھەببەتنى مەڭڭۈ قەدىرلەپ، قېرىغىچە بىللە ياشايدىغانلىقىمىز ھەققىدە ۋەدىلەشتۇق.

بىر كۈنى مەن ئۇنىڭدىن:--سىز مەن بىلەن بىللە كەتسىڭىز بۇ بالىلارنى تەربىيىلەيدىغان ئادەم بولمىسا قانداق قىلارسىز؟--دەپ سورىدىم. ئۇ بۇ گېپىمگە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ كۈمۈش قوڭغىراقتەك ئاۋازى بالىلارنىمۇ ھەيران قالدۇرغان ئىدى.

--بۇ ناھايىتى ئاددى ئىش، مەن پەقەت دەرستە ياخشى نۆل بالىدىن بىرنى ئىككىگە بۆلۈۋەتسەملا ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا دەرستە ياخشى نۆللەر 2، 4، 8، 16، 32، 64، 128، 256.. مۇشۇنداق كۆپۈيىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تىزلا زورىيىدۇ --دىدى. مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپلا ھېلىقى تىكتاك توپ ئوينىغان بالىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم.
         
                                        6

شۇنداق قىلىپ يازلىق تەتىل يېتىپ كەلدى، ئوقۇغۇچىلارنى بۈگۈن تەتىلگە قويىۋېتىپ ئەتىلا يولغا چىقىش ئويلاپ تەييارلىقىنى تەقلىدۇق. ئۇيغۇرەنىڭ تەلىپى بويىچە مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى ئاخىرقى قېتىم تەكشۈرۈپ بولۇپ، ياتاققا قايتىۋاتقاندا، ئالدىمىزغا ھىجايغان پېتى بىر نۆل بالا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەلدى، ئۇيغۇرە جىددىلىشىپ:

--نادىر، چاپسان قېچىڭ، ئۇ بالىنىڭ نېرۋىسى ئاجىز، كورگەنلا ئادەمنى قۇچاقلىۋالىدۇ، ئەگەر ئۇ سىزنى قۇچاقلىسا سىزمۇ نۆلگە ئايلىنىپ كىتىپ، مەڭڭۈ ئۆيگە قايتالمايسىز......دىدى.

نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي گاڭەىراپ تۇرۇپ قالدىم، مەن تولىمۇ كېچىككەن ئىدىم، ئۇيغۇرە غۇلىچىنى كەڭ يايغان ھالدا مېنى ئۆز گەۋدىسى بىلەن توسۇپ، ھېلىقى نۆلنى قۇچاقلاقلىدى، ئەتراپىمىزغا نۇرغۇن نۆل بالىلار يىغىلدى، ئۇيغۇرەمۇ نۆلگە ئۆزگۈرۈپ بالىلار ئارىسىغا قوشۇلۇپ كەتكەن ئىدى، مەيدان نۆل بىلەن تولدى، ئۇيغۇرە ھېچيەردە كۆرۈنمەيتتى.

--ئۇيغۇرە، ئۇيغۇرە!!!--دەپ ۋاقىرىغىنىمچە  باغدىكى سۇپىدا ئۇخلىغان يېرىمدە ئويغىنىپ كەتتىم، ھەممە يېرىم قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىپتۇ، ھېلىقى ساراڭ نۆلنى نەچچىنى تىللاپ كەتتىم ئىچىمدە.

-- ئاكا، نېمە بولدۇڭ، ئۇيغۇرە دىگەن كىم؟-- دىدى سىڭلىم ئىرپانە يۈگۈرگەن پېتى يېتىپ كېلىپ.

--ئۇيغۇرە دىگەن  ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىپ مېنى ئىككى قېتىم قۇتقۇزىۋالغان بىر چىرايلىق ئاچاش، ئۇ ماڭا ‹‹پەقەت ياخشى ئۈگىنىپ ياراملىق ئادەم بولسىڭىزلا، ئۇيغۇرەنى ئەتراپىڭىزدىلا تاپالايسىز›› دىگەن، ئەكەل دەرسلىك كىتابىڭنى، مەنمۇ سەن بىلەن تەڭ ئۈگۈنۈپ، ئۇيغۇرە ئاچاڭنى چوقۇم ئىزدەپ تاپىمەن --دىدىم.


مەنبەئە:  چۈشۈم بىلەن ئوڭۇم ئوتتۇرىسىدىكى گادىرماش خىياللار.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-17 07:59 PM  


6352073117405631379.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87538
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 12:25:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپپاي ئايپاتەملەرگە  يازغان تىمىما بۇ ، شۇنداق چۈشەندىم مەن .

گەپ ئىغىزدىن چىقماستا ، گەپنى ئادەم باشقۇردۇ ، ئىغىزدىن چىقىپ بولغاندا ، گەپ ئادەمنى باشقۇردۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108975
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 123
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2014-8-6
ئاخىرقى: 2014-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 05:51:59 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ، تەسەۋۋۇرغا بەكلا بايكەنسىز قايناپ تۇرغان ئەقلىي قابىلىيىتىڭىزنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق ئۆركەشلەپ تۇرىشىغا تىلەكداشمەن.

ئۈندىدار; 1498134577  بىلوگ ئادرىس كودى: ۋۋۋ. بېەمۇرھد.ۋڭش.غومئيھچۇپقھن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 981
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 08:32:07 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىسىل چۈش كۆرۈپسىز مەنمۇ شۇنداق چۈشلەرنى كۆرسەمچۇ. مەن ئايلاپ يىللاپ چۈش كۆرمەيمەن. ئەسەر بەك ياخشى چىقىپتۇ.

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7341
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1780 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 08:44:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«غەلىتە چۈش كۆررۈدىغان ئايال» ناملىق بىر چاتما ھېكايە ئوقغان ئىدىم، مۇشۇنداق چۈشلەرنى يازاتتى!

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88517
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 998
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 03:08:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايپاتەم

مەلۇم نەرسىگە چۇقۇم ئرىشىنى ئاخىرقى نىشان قىلىش كىرەكمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108561
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 95
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-7-18
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 03:56:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسەۋۋۇرنىڭ كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم، ھەم سۆيۈندۈم.
باغلانما تەپەككۇرىڭز مېنى قايىل قىلدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108561
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 95
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-7-18
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 03:57:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرخىل ئۆزگىچىلىكنى ھەم يېڭىلىقنى ھېس قىلدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108846
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2014-7-31
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 05:25:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى يېزىلىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5282
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7866
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2022 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 10:44:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر   بۇ   ئ‍ەسەرنى  قانداق  چۈشەنگەندۈ ...؟
سىلەرنىڭ  ئ‍اچا ، سىڭلىڭلار  يوقمۇ ؟ بەلكىم قىزىڭلار باردۇ ؟
بولمىسا   كەلگۈسىدە   بولۇپمۇ  قالار ؟ نېمە ئ‍ايپاتەم ئ‍ۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-18 10:46 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش