مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4699|ئىنكاس: 16

ئاقيولى:جەڭ تۈتەكلىرى ئارىسىدىكى كۈنلەر ۋە تۈنلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1385
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 50985
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9811 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 03:46:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   جەڭ تۈتەكلىرى ئارىسىدىكى كۈنلەر ۋە تۈنلەر

QQ截图20140206170338.png


ئاپتۇرى: ئابلىمىت مۇھەممىدى ئاقيولى


سابىق مىللىي ئاتلىق 3- پولكنىڭ ئۆزىمىزنى قوغداپ، قايتۇرمازەربە بېرىش


جېڭىگە قاتنىشىش خاتىرلىرىدىن  -



سۆز بېشى


  ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 60- يىللىرى كىرىش بىلەن، ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىي چېگرىسىدىكى خوشنادۆلەت –- ھىندىستان، ئېلىمىزنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچراپ ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى ۋە 1949- يىلى چوڭ قۇرۇقلوقتىن ئۇلۇغ ئوكياندىكى كىچىك ئارالغا قوغلىۋېتىلگەن جياڭ جيېشىنىڭ شۇ كەملەردە شەرىقى جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىمىزغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئۇرنىۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيادىكى ھېلىقى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ئاشكارا ۋە خۇپىيانە قوللاشلىرى ئاستىدا، ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىي چېگىرىسىدىكى كەڭ زېمىنغا ئەيمەنمەي تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، چېگرامۇداپىئە قاراۋۇللۇق ئورنىدىكى جەڭچىلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ ۋە يارىدار قىلىپ، قانلىق ۋەقە پەيدا قىلدى. ھەتتا، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئېلىمىز زېمىنىدىن تېخىمۇ كۆپ يەرلەرنى ئىشغال قىلىۋېلىشنى قەستلىدى.....
   ئەسلىدە، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان قەدىمدىن تارتىپ ئىناق خوشنا دۆلەتلەردىن بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 2000كىلومېتىردەك كېلىدىغان چېگرا پاسىلى رەسمىى ئايرىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەمۇرىي باشقۇرۇش دائىرسىگە ئاساسەن، ئەنئەنىۋىي ئادەت چېگراپاسىلى ئاللى بۇرۇنلا شەكىللىنىپ بولغان ئىدى. بىراق، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرىجالاۋھەرلال نېھرو① ئېلىمىزنىڭ تىبەت (شىزاڭ) نى تېنچ يول بىلەن ئازادقىلىش يولىدىكى تىرشچانلىقلىرىدىن تەتۈرىسىچە پايدىلىنىپ، 1950- يىلىدىن باشلاپئەسكەر چىقىرىپ، جۇڭگو – ھىندىستان چېگرىسىنىڭ شەرىقى قىسمىدىكى «مېكماخۇن سىزىقى»②نىڭ جەنۇبىدىن 90 مىڭ كۈۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان كەڭ زېمىننى يولسىزلارچە بېسىۋالدى.  1959- يىلى، شىزاڭدىكى يەرلىك ئەكسىيەتچىلەرتوپىلىڭى مەزگىلىدە، تەپ تارتماستىن جۇڭگوغا تېخىمۇ كۆپ زېمىن تەلىپىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى. 1961- يىلدىن باشلاپ، ھىندىستان ئارمىيىسى ئىلگىرى -  كېيىن بولۇپ، جۇڭگو- ھىندىستان چېگرىسىنىڭغەربىي، شەرىقى قىسمىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كونترۇل سىزىقىدىن ئۆتۈپ، «پىلەقۇرۇتىدەك كىمىرىپ يېيىش» ئۇسۇلى بىلەن زېمىنىمىزغا تايانچ پونكىتلىرى قۇرۇپ،كۆپ قېتىم ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى ۋە چېگرا توقۇنىشى پەيدا قىلدى. ئېلىمىز تەرەپنىڭ چېگرامەسىلىسىنى تېنچ سۆھبەت ئارقىلىق كېڭىشىپ ھەل قىلىش توغرىسىدىكى كۆپ قېتىملىق تەلىپىنى ئىزچىل رەت قىلدى. 1962 - يىلى 9- ئايدا، ھىندىستان ئارمىيىسى «مېكماخۇن سىزىقى» دىن شىمالغا قاراپ ئۆكتەملىك بىلەن ئىلگىرلەپ، قانلىق ۋەقەلەرنى ئارقا -ئارقىدىن پەيدا قىلدى. 1962-يىلى 10-ئاينىڭ 20- كۈنى 10 نەچچە برىگادا ئەسكىرى كۈچى بىلەن شەرق ۋە غەرپ تەرەپلىرىدىن بىرلا ۋاقىتتا كەڭ كۆلەمدە زېمىنىمىزغاتاجاۋۇز قىلدى. ئېلىمىزنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى زادىلا تاقەت قىلىپ تورغىلى بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا،  ئۆزىمىزنىقوغداپ، قايتۇرما زەربە بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
   شۇ قېتىمقى ئۆزىمىزنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭى، پەقەت ئىككى ئايغا يەتمىگەن قىسقاۋاقىتتا بىز تەرەپنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياغلاشقان بولسىمۇ، لىكىن، ئۇ جۇڭگونىڭ بوزەك قىلغىلى بولمايدىغان بىر پۈتۈن ئېگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە قۇدرەتلىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى دۇنياغا تونۇتتى. ئۆز نۆۋىتىدە، ئۇ يەنە ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدىغان ئاجايىپ–غارايىپ ۋەقەلەرنى، ئەقىلىنى لال قىلدىغان قەھرىمانلىق قىسسىلىرىنى،يۈرەكنى جىغىلداتقۇدەك ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قېتىملىق دەھشەتلىك ھازىرىقى زامان قوراللىق توقۇنىشى بۇلۇپ قالدى.
   ئەنە ئاشۇ دەھشەتلىك جەڭگە، كېيىن مەن ئەسكەر بولۇپ خىزمەت قىلغان قەھرىمان قىسىم -–شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قەشقەر خاڭدىدا تۇرۇشلۇق مىللى ئاتلىق  3 -پولكىمۇ  قاتناشقان. بەلكى، ئاشۇ جەڭدەكوللىكتىپ ھالدا ئاجايىپ باھادىرلىق كۆرسىتىپ، ۋەتەن سۆيەر، قەھرىمان مىللەتنىڭ پىداكارلىق مىللىي روھىنى نامايەن قىلغان، گۈلدۈرلەپ چۈشۈپ پارتلاپ تۇرغان توپئوقلىرى ئارىسىدا، تاراسلاپ ئېتىلىپ تۇرغان ئوق مۆلدۈرلىرى ئىچىدە ۋە بوقسۇپتۇرغان پۇرۇخ بۇسلىرى قېتىدا، كىشىنىڭ قەلب تارىلىرىنى تىتىرتىدىغان ئاجايىپقەھرىمانلىق ھېكايىلىرىنى ياراتقان ئىدى. گەرچە مەن ئاشۇ يىللاردىكى ئۆزىمىزنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭىگە قاتنىشالمىغان كېيىنكى ئەۋلات جەڭچىلىرىدىن بولساممۇ، لېكىن، ئەينى يىللاردىكى خىزمەت ئورنۇمنىڭ قولايلىقلىقى شاراپىتىدىن (مەن سابىق ئاتلىق 3-پولك قوماندانلىق شىتابىنىڭ كاتىپى، پولك سىياسىي باشقارمىسىنىڭ تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى ئىشلار خادىمىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن ئىدىم)شۇ قېتىملىق جەڭنىڭ قاتناشقۇچىلىرى -– پولك رەھبەرلىرى، پولك ئورگىنىدىكى پىشقەدەم ئوفېتسېرلار ۋە كۆرەش قەھرىمانلىرى بىلەن دائىم بىللە خىزمەت قىلىپ، ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، مۇڭدىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغاچقا، ئۇلاردىن نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ جەڭ ۋەقەلىكلىرىنى، قەھرىمانلىق ھېكايىلىرىنى ۋە پەۋقۇلئاددە شارائىتتىكى تولىمۇ قىزىقارلىق ئىشلارنى ئاڭلاپ ئۆتكەن ئىدىم. ئەپسۇسكى، شۇكەمدىكى گۆدەكلىكىم تۈپەيلىدىن، پىشقەدەم ئۈستازلار بىۋاستە كەچمىشلىرىدىن سۆزلەپ بەرگەن ئاشۇ قالتىس ئەڭگىمىلەرگە ئاڭلاش بىلەنلا قانائەت قىلىپ، يازما خاتىرەقىلىپ چۈشۈرۋېلىشكە سەل قارىغان ئىكەنمەن. قولۇمدىكى جەڭ ئەھۋالى ۋەقەھرىمانلارنىڭ تىپىك ئىش- ئىزلىرى رەسمىى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تىپىك ماتېرىياللارنى بولسا، ئۈستىدىكى «قەتئىي مەخپىي» دەيدىغان ئاگاھلاندۇرۇش ئاتالغۇسىدىن چۆچۈپ،قايتا- قايتا ئوقۇۋېلىش بىلەنلا بولدى قىلغان ئىكەنمەن. ھالا بۈگۈن ئارىدىن دەلسەل كەم يېرىم ئەسىر (42 يىل) ۋاقىت ئۆتكەندە، بۇ ھېكايىلەر ۋە ئەڭگىمىلەرنىڭ بىرقىسىم كونكىرېت ۋاقتى، يەر- جاي ئىسمى، كونكىرېت شەخسلەر ئىسملىرى قاتارلىقلارنى ئەستىن چىقىرىپ قۇيۇپتىمەن، بىر قىسىم ۋەقەلەرنى ئارلاشتۇرۇپ قۇيۇۋاتىمەن . مانائەمدى مىڭ بىر پۇشايمان، بىراق مەندە شۇ قېتىمقى ئاجايىپ جەڭگە ئائىت ئەھمىيەتلىك ۋەقەلەرنى، ئوت يۈرەك قەھرىمانلارنىڭ پىداكارلىق ئىش- ئىزلىرنى ياش ئوغۇل–قىزلارغا، ئاشۇ جەڭ ئەھۋالىغا قىزىقىدىغان قەلبى پاكىز دوستلارغا ئىمكان قەدەر تولۇق سۆزلەپ بېرىش ئىستىكى يېلىنجاپلا تۇرغاچقا، ئۆزۈممۇ ئەسلەپ، ئالاقىدار يازما ماتېرىياللارنى ئىزدەپ تېپىپ، غۇلجىدىن قەشقەرگىچە شۇ قېتىملىق جەڭگە شاھىد پىشقەدەملەرنىڭ ئادرېسىنى ئېنىقلاپ تېلىفۇن بېرىپ، ئۆزۈمگە تۇتۇق ئىشلارنى كوچىلىدىم، سۈرۈشتە قىلدىم، ئېنىقلىدىم.شۇ تەرىقىدە جىدەللەپ يۈرۈپ، ئاخىرى بىر يۈرۈش چاتما خاتىرىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قەلەمگە ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. مەن ئىزدەنگەن ۋەقەلىكلەرنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى ئۇزۇن، تەپسىلىي يازما خاتىرلىرى يوق دېيەرلىك، شاھىدلارنى ئىزدەپ تاپماق قىيىن بولغاچقا، يازمىلىرىمنىڭ تولۇق، دەل ۋە مۇكەممەل بولۇپ كېتىشى ناتايىن. قىزىققۇچىلارنىڭ تەدىرىجى تۈزىتىپ تولۇقلايدىغانلىقلىقىغا، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ھەقتە كاتتائەدىبى خاتىرە ياكى مۇكەممەل يىرىك ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئىشىنىمەن.

1.جەڭگاھقا ئاتلىنىش



زۆرۈر ئەسلەتمە: ئۆزىمىزنى قوغداپ، قايتۇرمازەربە بېرىش جېڭىگە ئائىت ئۆزەم بىلىدىغان ۋەقەلەر بىلەن ئەسلى شاھىدلارنىڭ بىۋاستە كەچۈرمىشلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، يازمىلىرىمنىڭ چىنلىق قىممىتى ۋە خاتىرەئەھمىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقستىدە، مەن 2004- يىلى 20- مارت (شەنبە) كۈنى قىسىمدا بىللە ئىشلىگەن سەپدىشىم (كېيىن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدە ئىشلەپ پېنسىيىگەچىققان ) ئوسمان ياسىن بىلەن، قىسىمدىكى ۋاقتىىمىزدا نام-شەرىپىنى كۆپ ئاڭلىغان، كېيىنكەسپ ئالماشتۇرۇپ، قەشقەر، كورلا شەھەرلىرىدە خىزمەت قىلغان روزى ئايۇپ ئاكىنى(مەرھۇم 2008-يىلى 10- ئايدا  71 يېشىداۋاپات بولدى، پاكىزە روھى جەننەتتە بولغاي) ئىزدەپ خەلپېئىرىقتىكى ئائىلىسىگەباردۇق.
روزى ئايۇپ ئاكا كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پېنسىيىدىكى كادىرى بولۇپ، كورلاخەلىپېئىرىقدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. 1956- يىلى چاقىرىق بويىچە ئىلى ھەربىي رايونىغائەسكەر بولۇپ، گارنىزون باتاليونىدا③ جەڭچى، ئوتدىلىنىيە كوماندىرى (بەنجاڭ)،ئىزۋوت كوماندىرى (پەيجاڭ)، سىتارشىنا ( روتنىڭ مالىيە ۋە ئارقا سەپ خىزمىتىگەمەسئۇل ئىزۋوت دەرىجىلىك ئوفېتسېر، سىۋۇجاڭ) بولغان. 1962 – يىلى جۇڭگو –ھىندىستان چېگىرىسدا ئوق- دورا ھىدى بوقسۇشقا باشلىغاندا، ئولارنىڭ روتا ( ليەن ) سى بۇيرۇق بويىچە قەشقەر ئاتلىق 3-پولكقا تولۇقلىنىپ رەسمىي جەڭگە قاتناشقان، روزىئايۇپ ئاكا جەڭ ۋاقتىدا، پولك ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ قورال- ياراغقا مەسئۇل جولىيۋەن(ئارقا سەپ بۆلۈم باشلىقى ياردەمچىسى) ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. ئۇ جەڭ ۋاقتىداباشتىن - ئاخىرى ئاساسىي قىسىم بىلەن ئالدىنقى سەپتە بولغان.... ئائىلىسىدە ئاسمائۇكۇل سالدۇرىۋاتقان بۇ پېشقەدەم ئىزدەپ كېلىشتىكى مەقسىدىمنى بىلگەندىن كېيىن،بىراقلا روھلىنىپ، ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئەينى يىللاردىكى قايناق جەڭگىۋارتۇرمۇشقا قايتقاندەك بولۇپ، پەخر ۋە ھاياجان ئىچىدە ئۆزىنىڭ شۇ قېتىملىق جەڭگەئاتلىنىش جەريانى ۋە جەڭ داۋامىدا كۆرگەن- ئاڭلىغانلارنى ئەستايدىل ھېكايە قىلىپ بەردى.
    1962- يىلى شىنجاڭ توغرىسىدىكى « 29 – ماي »ۋەقەسى (ئىلى، چۆچەكتىكى بەزىلەرنىڭ كوللىكتىپ چەتئەلگە كېتىش ۋەقەسى) ئەمدىلا تېنچىتىلغان،يەرلىك ۋە ھەربىي قىسىمدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە رېۋىزىئۇنىزىمغا قارشى سىياسى تەلىم -تەربىيە قانات يايدۇرلىۋاتقان چاغ.
6 - ئاينىڭ كېيىنكى يېرىملىرى، جۇڭگو – ھىندىستان چېگرىسىدا ئۇرۇش خەۋپى كۈندىن-كۈنگە جىددىييلىشىۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن، روتىمىزنىڭ كوللىكتىپ ھالدا قەشقەرگە يۆتكىلىپ، خاڭدىدا④ تۇرۇشلۇق مىللىي ئاتلىق 3- پولكقاتولۇقلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق كەلدى. بىر قانچە كۈنلۈك جىددىييتەييارلىقلاردىن كېيىن، بىز ھەربىي ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرۇپ قەشقەر خاڭدىغا يېتىپكەلدۇق. ئەسلىدە، شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا قاراشلىق مىللىي ئاتلىق 3-پولك يۇقۇرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، 1962- يىلى 5 - ئايدىلا قارا قۇرۇم تاغلىرىغا چىقىپ،رىئاكسىيىلىك، شالاڭ ھاۋالىق ئېگىز تاغ شارائىتىغا ماسلىشىش مەشقىنى باشلىۋەتكەنئىكەن. بىر قىسىم جەڭچىلەر دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئېگىز، كىسلارۇتى كەمچىل،جۇدۇن- چاپقۇنلۇق ناچار تاغ ھاۋاسىغا ماسلىشالماي كېسەل بولۇپ جەڭگىۋار كۈچكەتەسىر يەتكەچكە، ئىلى ھەربىي رايۇندىن بىر مىللىي روتىنى، ئالتايدا تۇرۇشلۇق چېگرامۇداپئىە قىسىمىدىن يەنە بىر مىللىي روتىنى يۆتكەپ، مىللى ئاتلىق 3- پولكنىڭ ئەسلىجەڭگىۋار كۈچىنى تولۇقلىغان ئىكەن.
   بىز قەشقەرخاڭدىغا ئامان- ئېسەن يېتىپ كەلدۇق-يۇ، ئانچە – مۇنچە ھاردۇقىمىزنى چىقىرىپ، يېڭىكەلگەن قىسىم گازارما رايونىنىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرى بىلەن تونۇشۇپ بولغۇچىلا، جىددىيبۇيرۇق يېتىپ كېلىپ، ئۇرۇش شەپىسى چىقىپ تۇرغان چېگرا مۇداپىئە ئالدىنقى سېپىگە -–جۇڭگو–ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشى بولۇۋاتقان رايونغا قاراپ بىرىنچى دەرىجىلىك جەڭتەييارلىقى ھالىتىدە جەڭگىۋار ھەربىي يۈرۈشكە ئاتلاندۇق .
بىز تېخى كۆرۈپ قانمىغان گۈزەل شەھەر ئەزىزانە قەشقەرنى، مول - ھۇسۇل مەنزىرىسى چىقىپ تۇرغانسانسىز يېزا- كەنتلەرنى، خۇشبۇي مېۋە پۇراپ تۇرغان كۈجۈم –كۈجۈم باغلارنىئارقىمىزدا قالدۇرۇپ، پەلەككە بوي سوزغان تاقىر تاغلارغا يامىشىشقا باشلىدۇق. ئۆلكەيوللىرىدا ئارغىماقتەك چاپىدىغان يېپ –يېڭى «ئازاد» ماركىلىق ھەربىي ئاپتوموبىللارئېگىزلىككە ياماشقانسېرى تۈت - تۈتلەپ، ئارقىسىدىن كۆكۈش سېسىق گاز چىقىرىپ، مارافونچەئىلگىرىلەشكە باشلىدۇق. بىز قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ 1-چوڭ داۋىنى ئاقاسىنىڭ⑤ئۈستىگە چىققاندا ئاستىمىزدا تەھتئەسراغا يەتكۈدەك ئاجايىپ چوڭقۇر يارداڭلىقجىرانى، توخۇنىڭ ئۈچىيىدەك ھەم تار، ھەم جىددىي ئەگىملىك دۆمپەش يوللارنى،ئۈستىمىزدە ساڭگىلاپ تۇرغان غايەت زور قورام تاشلارنى، يانتۇلۇق گىرادۇسى تولىمۇچوڭ، ئۇزۇنغا سوزۇلىغان ئىسپۇسكىلارنى (يەر تۆۋىنىگە سېرىلما يول)، تىكلىكگىرادۇسى پەرەزدىنمۇ پەرىقلىق تىك پادىيۇم ( يۇقۇرىغا قيىپاش تىك يول) لارنى، «s» شەكىللىك جىددىي پابۇرۇت (ئەگىم) لارنى بېسىپ، گاھىدايۈرەكلىرىمىز جىغىلدىسا، گاھىدا كۆزىمىز چانىقىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولاتتى، گاھىداتېنىمىزگە تىتىرەك ئولاشسا، گاھىدا سوغۇق تەرگە چۆمەتتۇق. بۇلار تېخى ھېچقانچەئەمەس ئىكەن، ئاپتومۇبىللىرىمىز سېرىق داۋانغا⑥ياماشقاندا تەنلىرىمىزئۈزلۈكسىز بۇشىشىپ،بۇرنىمىزغا ئاچچىق پۇراق پۇراشقا، بېشىمىز چىڭقىلىپ، كۆڭلىمىزئاينىشقا باشلىدى. قارىماققا ئېگىز دۆڭلۈككىلا ئوخشايدىغان، ئەمما مۇساپىسى خېلىلائۇزۇن بۇ مەشھۇر «ئەجەل تۆپىلىكى» دىن چۈشكىچە سەپداشلىرىمىزدىن نەچچىسىنى تۈتەكئېلىپ كېتىپ ھوشسىزلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. يوللىرى تولىمۇ تىك ۋە جىددىي ئەگمىلىككۆكئارت⑦ داۋىنىدىن ئوڭۇشلۇق ئېشىپ، خالاستان ۋە قارىقاش دەريالىرىدىنئۆتكەندە، بىز خېلىدىن بويان دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى «دۇنيانىڭئۆگزىسى» دە سەپەر قىلىۋاتقىنىمىزنى ئاندىن بىلدۇق. چاتقاللىق قاراڭغۇ جىلغىلار،يانپاش قىرلار، ئاندا –ساندا چېلىقىدىغان كىچىك تۈزلەڭلىكلەردىكى يەر بېغىرلاپئۆسىدىغان گىياھلار ۋە ئۇششاق ئېچىلىپ تۇرغان ياۋا چېچەكلەردىن باشقا، ئاسمانپەلەك ئۈچلۇق تاغلار تاقىر ئىدى. خېلى ياخشى ئاسرالغان بۇ شېغىل يوللاردا ئۈرۈمچىقەشقەر لېنيىسىدە 80 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن چاپىدىغان ماشنىلار مانا ئەمدى پۇشۇلداپ، سائىتىگە 30 كىلومېتىرمۇ باسالمايۋاتاتتى. نىھايەت 7- ئاينىڭ بېشىداكەڭشىۋەر⑧ دېگەن جايغا يېتىپ كەلدۇق. كەڭشىۋەر -- قاتمۇ –قات قاقاستاغلار ئارىسىدىكى كەڭ كەتكەن تۈز ساييايلاق بولۇپ، شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولى لېنيىسىئۈستىدىكى ھاۋا شارائىتى بىر قەدەر ياخشى، سۈيى مول، ئوتۇنى بار، ھەربىي قىسىمغا نسبەتەنئېيتقاندا، ئارقا سەپ ۋە زاپاس قىسىملارنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا تازا باپ جايئىكەن. بىز 7- ئاينىڭ بېشىدىن 10- ئاينىڭ بېشىغىچە، بۇيەردە بىر تەرەپتىن سىياسىي تەلىم- تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق «ئىدىيە توغرىلىغان» ۋە جەڭدەئەسقاتىدىغان ھىندى تىلى ئۆگەنگەن بولساق، يەنە بىر تەرەپتىن شالاڭ ھاۋالىق، رېئاكسىيىلىكئېگىز تاغ موھىتىغا ماسلىشش مەشقى ۋە ئەمەلىي جەڭدە قوللىنىدىغان قاتتىق ھەربىيتەلىم-تەربىيىسىنى قانات يايدۇردۇق. ئېگىز تاغ ئۈستىدىكى ھەربىي مەشق ئۈستىدەئەمەس، بەلكى دەم ئېلىۋاتقان چاغلاردىمۇ باش ئېغىر، پۇت جانسىز، كۆڭۈل ئېلىشىپ كۆزتورلىشىۋاتقان، ئاش- تاماق ئۆتمەي ماغدۇرسىزلىنۋاتقان ئالامەتلەر دائىم ھەمرائىدى. ئەجەل بۇرنىمىزغا پۇراپ، ئەزرائىل يېنىغا چىللاپ تۇرغان ئەنە شۇنداق شارائىتتا،بىز ئانا ۋەتەننىڭ ئامانلىقى، خەلقىمىزنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشى ئۈچۈن چىشىمىزنىچىشىمىزغا چىشلەپ، پەۋقۇلئاددە شارائىتتا ئەمەلىي جەڭ قىلىش ماھارىتىنى پۇختىلىۋالدۇق.
  10 - ئاينىڭ بېشىدا يۇقىرىدىن: «ئەمدى ئۇرۇش بولمايدىغان بولدى، تەرتىپ بويىچە قايتىڭلار» دېگەنبۇيرۇق كەلگەچكە، ھەر قايسى قىسىملار بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، يۈك- تاقلارنىيىغىشتۇرۇپ، قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلاندۇق. بىز 7- ئاينىڭ بېشىداكەلگەن يول بىلەن بىر قانچە كۈن مۇشەققەتلىك سەپەر قىلىپ قەشقەرگە چۈشتۇق. بىركېچە قۇنىشىمىز بىلەن يەنە: «ئەمدى رەسمىى ئۇرۇش باشلىنىدىكەن، دەرھال چېگراسېپىگە ئاتلىنىدىكەنمىز» دېگەن خەۋەر تارقالدى. ئېغىزدىن چىقتىمۇ بىر دەمدىلاچىڭغا ئايلىنىپ، يەنە كەلگەن يولىمىز بىلەن تاققا سەپەرگە ئاتلاندۇق. ئارقىمىزدىنتەرتىپ بويىچە يولغا چىققان باشقا قېرىنداش قىسىملاردىن بەزىلىرى ئەمدىلا قەشقەرگەكېلىۋاتقان ئىكەن، ئۇلار ماشىنىدىن چۈشمەي تۇرۇپلا ئارقىغا ياندى. يەنە قالغانقىسىملار يەكەندىن، قاغىلىقتىن، يەنە بەزىلىرى كۈدېدىن⑨،  مازار دارىدىن⑩، شەيدۇللادىن⑪،  ئىشقىلىپ قايسى مەنزىلگە يەتكەن بولسا، شۇيەردىن ھايالسىز ئارقىسىغا ياندى. 10- ئايدا قەشقەرنىڭ كېلىماتى ئىللىق، يېلىڭكىيىم بىلەن راھەت ئۆتكىلى بولغان بىلەن قارا قورۇم تاغلىرىنىڭ ھاۋاسى قورغاقشىۋىرغانلىق، بولۇپمۇ كەچقۇرۇن، كېچە ۋە سەھەردە سوغۇق سۆڭەك - سۆڭەكتىن ئۆتۇپكېتەتتى. شۇڭا ئۇچىمىزدا تېرە جىلىتكە، پاختىلىق شىم- چاپان، پۇتىمىزدا ئىسكارخۇت (تېرەبەتىنكە، داتوشېي)، قوللىرىمىزغا تېرە پەلەي كىيىكلىكلا ئىدى. زاپاس تېرە جۇۋىمىزمۇتەق ئىدى. «ئۇرۇش بولمايدىكەن»دېگەن قاراش بويىچە قەشقەر، يەكەن، قاغىلىققا چۈشكەن،بۇ يەردىكى ئىسسىق ھاۋاغا پايلىماي قېلىن كىيىملىرىنى تېڭىپ قازناققابېسىۋەتكەنلەر، كىيىن جىددىي ئاتلىنىش بۇيرىقى كەلگەندە ئۈلگۈرەلمىگەنلىكتىن، تاغيولىدىكى قايسى ھەربىي بېكەتكە يەتسە، شۇ يەردىن قىشلىق كىيىم سەپلەپ بېرىلىپ،توڭلاپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى. بۇ سەپەردە بىز ھەربىي ئۆتەڭدىكى ھەربىيبېكەتتە تاماق يېيىشكە ياكى يول ئۈستىدە ھاجەتكە چۈشكەندىن باشقا، يول بويىتوختىماي ماڭدۇق. شوپۇرلار ئاپتومۇبىلنى نۆۋەتلىشىپ ھەيدەيتتى. بىز كېچىسى بىر - بىرىمىزگەيۆلىنىپ كوزۇپ ئۈستىدە، ئاپتومۇبىلنىڭ سىلكىشلىرى ئىچىدە ئاز- تولا كۆزنىڭئاچچىقىنى چىقىراتتۇق ياكى خىرە –شىرە چۈشلەر ئىلكىدە مۈگدەپ چىقاتتۇق. يول بويىتۈتەكلىك شالاڭ ھاۋا، ئاپتومۇبىلدىن چىققان چالا كۆيۈك بېنىزىن گازىنىڭ بەتبۇيپۇرىقى ۋە ئۈستى بېرزىنت پالاز بىلەن يېپىلغان كوزۇپتىكى چاڭ-توزانلىق ناچار ھاۋاتۈپەيلىدىن كۆڭلىمىز ئېلىشىپ، بېشىمىز ئاغرىپ يەتكۈچە ئازاپ تارتاتتۇق. پۇت - قوللارنىئازادە سۇنۇپ ھەركەتلەندۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، ئۇيۇشۇپ ۋە توڭلاپ تولا جەۋرسالغانىدى. لېكىن ئارىمىزدىن ھېچكىممۇ بىرەر ئېغىز قاقشاپ زۇۋان سۈرمەيتتى، بۇ ئۇجەڭچىنىڭ قېيدىغانلىقى ياكى رەھبەرلىكتىن ھېيىققانلىقى بولماستىن، بەلكى «بىزۋەتەن زېمىنىنى قوغداشقا كېتىۋاتىمىز، ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن جەڭ قىلىشقاسېلىشتۇرغاندا بۇنچىلىك جاپا دېگەن قانچىلىك ئىشتى؟» دەيدىغان يېتەكچى ئىدىيىنىڭنەتىجىسى ئىدى. جاپالىق سەپەر ئۈستىدە كۆپچىلىك بىر-بىرىگە غەمغورلۇق قىلىشاتتى،ئاسانلىقنى ئۆتۈنۈشەتتى، بىر قانچە كېچە-كۈندۈزلۈك مۇشەققەتلىك جىددىي يۈرۈشتىنكېيىن، بىز ئاخىرى بىر كېچىدە تاڭ ئاتارغا يېقىن قارا قورۇم تاغلىرىنىڭ ئەڭئاپەتلىك رايۇنلىرىدىن بولغان تيەنفاڭچۈينىڭ⑫ تيەنۋىندىيەن⑬دېگەن يېرىگە يەتتۇق.



2.  ئوت ۋە قان ئىچىدىكى ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش




نەچچە كېچە-كۈندۈزلۈك يول ئازابىدىن قۇتۇلۇپ، نىشانلانغان جەڭگاھقا ئامان ئېسەن يەتتۇق-يو،بىراق، ئېگىز تاغ رېئاكسىيەسى تۈپەيلىدىن جىسمانىيىتى بەرداشلىق بېرەلمىگەن بىرنەپەر سەپدىشىمىزدىن ئايرىلدۇق. 1960 - يىلى قىسىمغا كەلگەن بۇ يىگىت تولىمۇ خۇشخۇي،سەمىمىي، جاپاغا چىدايدىغان جەڭچى ئىدى. تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىغان،ئالدىنىقى سەپكە جان تىكىپ كەلگەن بىلەن دۈشمەنگە قارىتىپ بىرەر پاي ئوق ئېتىشقىمۇئۈلگۈرمىگەن بۇ سەپدىشىمىزغا ئىچىمىزدە ياش تۆكۈپ قايغۇمىزنى بىلدۈردۇق. شۇ كۈنىئانچە- مۇنچە ئۆزىمىزنى تۈزەشتۈرىۋېلىپلا رەسمىي جەڭ تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتۇق.دەسلەپتە پولك، كېيىن روتا، ئىزۋوت ۋە ئوتدىلىنيلەر بويىچە سەپەرۋەرلىك ئېلىپبېرىلدى. ھەر بىر جەڭچى ئىپادە بىلدۈرۈپ، پەقەت پىيادە ئەسكەرلەرگىلا خاس پۇختا، يېنىكتەييارلاندى. قالدۇرۇلغان يۈك- تاقلار ئارىسىغا ئىسىم-فامىلىسى، تۇرۇشلۇق بىرلىكى،يۇرت ئادرېسى ۋە ۋەسىيەتنامىلىرىنى تىقىپ، يانلىرىغا ئىسىم-فامىلىسى، تەۋەلىكى،قان تىپى، ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئادرېسلىرىنى سېلىپ تەق قىلدى.
جەڭگە ئاتلىنىش پەيتى كەلدى. پولك كوماندىرى،پولكوۋنىك ئەزىزوپ قاسىم⑭ بەرجەست قەدەملەر بىلەن سەپراس تۇرغان قوشۇن ئالدىغاكېلىپ، جىددىي ۋە ۋەزمىن ئاھاڭدا نۇتۇق سۆزلىدى:
--خەلقئازادلىق ئارمىيىسى ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ پەرزەنت قوشۇنى، ئۇ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋەخەلقنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدىغان جەڭگىۋار كوللىكتىپ. بىزنىڭ ئاتلىق 3- پولكىمىزمۇ ئەنە شۇ جەڭگىۋار كوللىكتىپنىڭ بىر تەركىبىيقىسمى. ھازىر ھىندىستان ئەكسىيەتچىلىرى خەلقئارا ئەھدى- نىزاملارغا پەرۋا قىلمايئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ مۇقەددەس زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. بىز دۈشمەننىڭ پاسىقتاپىنى ئاستىدا تۇرۋاتقان ئاشۇ بىر قىسىم سۆيۈملۈك زېمىنىمىزنى تاكى ئاخىرقى بىرجەڭچى قالغۇچە، ئاخىرىقى بىر تامچە قېنىمىز ئېقىپ تۈگىگۈچە باتۇرلۇق بىلەن جەڭقىلىپ تولۇق قايتۇرۋىلىشىمىز كېرەك. بۇ -– خەلقىمىز بىزگە تاپشۇرغان شەرتسىزۋەزىپە، بىزگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس ماۋزېدۇڭ بىۋاستە قوماندانلىققىلىۋاتىدۇ، بىز بۇ جەڭدە چوقۇم ئۈزۈل –كېسىل غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك!
قىسىم قەسەم خاراكتېرىنى ئالغان شوئارلار بىلەن پولك كوماندىرىنىڭ سۆزىگە ئىپادە بىلدۈردى. كەيپىيات ئاجايىپ ئۈستۈن ئىدى.
   كونكېرىت ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، ھەر قايسى بىرلىكلەر نىشانلانغان جەڭگە ئاتلاندى. جەڭچىلەرتولىمۇ روھلۇق ۋە سۈرلۈك ئىدى. گەرچە گۇگۇم پەردىسى يېيىلغان چاغ بولسىمۇ،كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچكە تولغانلىقى، دۈشمەن بىلەن ئېلىشىشقا ئالدىراۋاتقانلىقىبىلىنپلا تۇراتتى. ئۇلار بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئېھتىياجىدىن پۈتكۈل ئارمىيىمىز بويىچەتېخى تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان «56» تىپلىق ئاپتۇمات، «56» تىپلىق  شىتىكلىق يېرىم ئاپتۇماتىك پىيادىلەر مىلتىقى،كالبىرى 60 مىللىمېتىرلىق كىچىك توپ (زەمبىرەك)،«56» تىپلىق يېنىك پىلىمۇت،ئوتتۇرا تىپلىق پىلىمۇت، «54» تىپلىق تاپانچا ۋە 500 گىراملىق گىرانات (قولبومبىسى) بىلەن قوراللانغان ئىدى. جەڭگە كېتىۋاتقانلار بىر ۋاقلىق زاپاس تاماقئېلىپلا ئۇچقاندەك يۈرۈپ كېتىشتى. مەن ئارقا سەپ تەمىنات خادىمى بولغاچقا، كۆڭلۈميېرىم ھالدا 2 - سەپتە قېلىشقا مەجبۇر بولدۇم.
   بىزگە 1-سەپتىن جەڭ خەۋەرلىرى ئۇدۇللۇق يەتكۈزلۈپ تۇراتتى. بىز دەسلىپىدە، قىسىمىمىز ھۇجۇمغائۆتكەن جاينىڭ بىر نامەلۇم ئېگىزلىك ئارقىسىدىكى 6- نومۇرلۇق تايانچ پۇنكىتئىكەنلىگىنى بىلگەن ئىدۇق. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ پونكىتنىڭ سەپداشلىرىمىزتەرپىدىن تېزلا تارتىۋىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. بۇ پونكىتنى تارتىۋىلىش 2- روتغاتاپشۇرۇلغان ئىكەن. روتا كوماندىرى 2 - ئىزۋوتقا ئاساسىي ھۇجۇمغا ئۆتمەي،دۈشمەننىڭ ھۇجۇم قىلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان ياردەمچى كۈچلىرىگە توسۇپ زەربەبېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ، قالغان ئىزۋوتلارنى تايانچ پۇنكىتىقا شىددەتلىك ھۇجۇمقىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپتۇ. قانلىرى قىززىپ، ئالقانلىرى قىچىشپ تۇرغان جەڭچىلەر «ھۇررا!»بىلەن خەۋپ-خەتەرگە قارىماي ئۈچقاندەك يۈگۈرۈپ، ئوت ئېچىپ، بىر ھۇجۇم بىلەنلا يۈرەكئالدى بولۇپ تۇرغان دۈشمەن قولدىن بۇ تايانچ پۇنكىتنى تارتىۋاپتۇ. ئەمدى توسۇپزەربە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 2- ئىزۋوت جەڭچىلىرى يەر شەكلى قىر-چوققىلىق بولغانبۇ جەڭگاھتا، سوغۇقنىڭ نەشتەردەك سانچىلىشىغا پەرۋا قىلماي، جۇۋا ۋە ئوزۇقلۇقلىرىنىقالدۇرۇپ، جىددىي ئاتلىنىپ تاشيولغا 600 مېتىردەك كېلىدىغان جايغا كەلگەندە،دۈشمەننىڭ ياردەمگە كېلىۋاتقان بىر ئاپتوموبىلىنى بايقاپتۇ- دە، چاقماقتەك ھەرىكەتبىلەن پوزىتسىيە ئېگىلەپ، دۈشمەنگە ئوت ئېچىپتۇ. دۈشمەنلەر ئۆزلىرىنى ماشىندىنتاشلاپ ھەر تەرەپكە پېتىراپ قېچىشقا باشلاپتۇ. جەڭچىلىرىمىز قوغلاشقا چۈشكەندە، دۈشمەنئەسكەرلىرى تۈزگە قاچسا تۇتۇلۇپ قىلىشتىن قورقۇپ، ئەگرى - بۈگرى قېچىپ تاغ جىلغىسىئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. ھەركىتىمىز سەللا ئاستا بولۇپ قالسا دۈشمەننىڭ قېچىپقۇتۇلۇش خەۋپى بارلىقىنى سەزگەن جەڭچىلىرىمىز نۆلدىن تۆۋەن 20 گىرادۇسلۇق سوغۇققاپەرۋا قىلماي قېلىن چاپان ۋە ئېغىر ئاياغلارنى يېشىپ تاشلىغاچ نىشاننى كۆزدىن يوقاتمايقوغلاپ مېڭىپتۇ. بىر قانچە كىلومېتىرغىچە قوغلاش داۋامىدا، ئۇلارنىڭ پايپاقلىرىتىتىلىپ، تاپانلىرىنى قىيدام تاشلار تىلىۋېتىپتۇ. ئۇلار ھېچنىمىگە پىسەنت قىلمايچىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ قوغلىغانچە قاچقۇن دۈشمەننى تولۇق ئەسرگە ئالغاندىن كېيىنئاندىن چاپان ۋە ئاياغلىرىنى تېپىپ كېلىپ «ئۇھ» دەپ تىنىۋېلىپتۇ.....
ئەتىسى مەن بىر قانچە جەڭچىنى ئېلىپ، ئاشپەزلەرئوتدىلىنيىسى تەق قىلىپ قويغان تاماقنى ماشىنىغا بېسىپ، جەڭ مەيدانىغا يۈرۈپكەتتىم. جەڭ مەيدانى ئارقا سەپ ئورۇنلاشقان جايدىن 15 كىلومېتىردەك يىراقلىقتائىكەن. ھىندىستان قوشۇنلىرى بۇ يەرگە يېقىن-يېقىن قىلىپ ئۈچ ئىستىھكام قورۇۋالغانئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىستھكامىدا ئىلغار ئېغىر قوراللار زاپاس بولغاندىن باشقا، يەنەكەينى تەرپىدە پۇختا ياسالغان 3 تايانچ نۇقتىسى بار ئىكەن. شۇنچە پۇختا ۋە ئەۋزەلپونكىتلىرى، زاپاس ئىلغار قورال - ياراغلىرى تۇرۇپ، ئۇلار يەنە بىزنىڭ بىرپەشۋايىمىزغىمۇ يارىماپتۇ. بىز جەڭگاھقا يەتكەندە توپچى قىسىملىرىمىز ئېغىرتىپتىكى زەمبىرەكلەر بىلەن دۈشمەننى ھەدەپ توپقا تۇتۇۋاتقان ئىكەن.   
      «گۈمبۈر- گۈمبۈر» قىلغان زالىپ ئاۋازلاربىلەن تەڭ ئالدى تەرەپنى كۈچلۈك يالقۇن ۋە بوقسۇپ ئۆرلەۋاتقان قويۇق ئىس تۈتەكقاپلايتتى. يەر شەكلى جەھەتتە، ھۇجۇمغا ئۆتكەن قىسىملىرىمىز ئۇچۇق تۈزلەڭلىكتە،مۇداپىئەدىكى دۈشمەن بولسا قىر-ئېدىرلار ئارىسىدا ئىكەن. دېمەك دۈشمەن تولىمۇئەۋزەل يەر شارائىتىدا، قىسىملىرىمىز ئىنتايىن پايدىسىز ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ غەلىبەبىزگە مەنسۇپ بولغان. جەڭچىلىرىمىز تۇنجى جەڭدىلا ئاجايىپ باتۇرلۇق بىلەن جانتىكىپ ھۇجۇمغا ئۆتكەچكە، بۇ تايانچ نۇقتىغا ئۇرۇنلىشىۋالغان بىر پولكقا يېقىندۈشمەننىڭ بىر كېچىدىلا ۋەتۋەرىكى چىقىپ، ئىستىھكاملار قولمىزغا ئۆتكەن ئىكەن.زەمبىرەكچىلىرىمىزنىڭ بايىقى توپقا تۇتۇشلىرى بولسا، دۈشمەنلەرنىڭ پىتىراپ كەتكەنقالدۇق كۈچلىرىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، ئۈزۈل - كېسىل يۇقىتىش ئۈچۈن ئىكەن.
  بىز جەڭ مەيدانىنىڭ يان تەرپىدىن ئەگىپ،قولىمىزغا چۈشكەن ئارقا ئىستھكامغا كەلدۇق. بىزنى كۆرگەن سەپداشلار ئىپتىخار ۋەشادلىق ئىچىدە ئالدىمىزغا كۈلۈمسىرەپ كېلىشتى. تۇنجى جەڭدىلا زەپەر قۇچقاچقىمۇئۇلار تولىمۇ روھلوق ۋە شۇنچە تەمكىن ئىدى. ئۇلار ئوخشىتىپ ئېتىلگەن مېزىلىك تاماققا چوڭ ئىشتىھا بىلەن تۇتۇش قىلىشتى.
3- كۈنى كېچىدە، بىز داۋاملىق ئىلگىرىلەپيۈرۈش قىلىپ، تاڭغا يېقىن دۈشمەننىڭ يەنە بىر تايانچ نۇقتىسغا يەتتۇق. پولكىمىزنىڭئالدىن يۈرەر قىسمى بۇ يەردىمۇ ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا جان تىكىپ ئېلىشىپ، دۈشمەن ئىستىھكاملىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ بولغانىكەن. جەڭ مەيدانى ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭقان ۋە توپىغا مېلىنىپ ئوڭدا-دوڭدا ياتقان ئۆلۈكلىرى، دات- پەرياد سېلىشۋاتقان يارىدارلىرى،قالايمىقان تاشلىنىپ تۇرغان قورال-ياراغلىرى، پاچاقلانغان ياغاچ، تاش، بېتونپارچىلىرى، توپ ئوقلىرىدا ئۇيۇلۇپ كەتكەن چوڭ – كىچىك سانسىز ئورەكلەر بىلەنتولىمۇ سۈرلۈك ۋە كۆڭۈلسىز كۆزگە تاشلىناتتى. جەڭگاھ بوشلۇقى بوقسۇپ تۈتەپ تۇرغانئىس ئارىلاش چاڭ– تۈتەك ۋە ئوق – دورىنىڭ قاڭسىق ھىدى بىلەن تولغانىدى. بىر ھازادىنكېيىن باشقا بىر قېرىنداش قىسىم ئارقىمىزدىن يېتىپ كېلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە بىزئىگىلىگەن بۇ ئۇرۇش مەيدانىنىڭ قالدى – قۇتتىسىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى.....
قار قۇرۇم تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئەڭ ئېگىزبۆلەكلىرىدىن بولغان تيەنۋىنديەن –- دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5000 –6000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھاۋاسى ئىنتايىن شالاڭ (ئوكسىگېن كەمچىل)، جۇت– شىۋىرغانئۆكسىمەيدىغان، ئېگىز تاغ رىئاكسىيەسى ئەڭ ئېغىر خەتەرلىك رايون بولۇپ، كىلماتئۆزگۈرىشى تۇراقسىز، يىل بويى قار – مۇزلىرى ئېرىپ بولالمايدىغان، قەھرىتان سوغۇق كۈچەيگەندەتېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 40 گىرادۇستىن 50 گىرادۇسقىچە چۈشۈپ كېتىدىغان ئىسمى –جىسمىغا لايىق «ھالاكەت چوققىسى» ئىدى. بۇنداق جايدا جەڭ قىلىش ئەمەس، تۇرمۇش كەچۈرۈشمۇ ئىنتايىن  مۈشكۈل ئىدى. ئادەتتە، نورمالنەپەس ئېلىشمۇ قىين بولغاچقا، تاماق يېيىش ئۇنىڭدىنمۇ قىيىن ئىدى. قورساقنىڭ ئاستىئاچ، ئۈستىدىن بولسا لوقما ئۆتمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوكسىگېننىڭ شالاڭلىقىدىنھەربىيىچە سەپەر قازانلىرىدا مىڭ تەستە تەييارلىغان تاماق خام – خۇلتا پىشىپئېزىلىپ يىگۈسىز قايناققا ئايلىناتتى. يەنە كېلىپ قىسىم پەۋقۇلئاددە جىددىيۋەزىپىلەر تۈپەيلىدىن بىردەم ئۇيان، بىردەم بۇيانغا يۆتكىلىپ تۇرغاچقا، جەڭچىلەرۋاقتىدا ئىسسىق تاماق يېيەلمەيتتى. ھەدىسىلا سوغۇق ھورنان، پىرسلانغان پىرەنىكئېلىپ يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. بۇنداق سوغۇق، قۇرغاق تائام دائىملىق ئوزۇقبولغاچقا، ھېچكىمنىڭ خالاپ يېگۈسى كەلمەس بوپقالغان ئىدى. شۇڭا، قىسىمدا «بىر تالپىرەنىك يېگەنلىك– بىر دۈشمەننى يوقاتقانغا باراۋەر» دەيدىغان سەپەرۋەرلىكشۇئارىمىز بار ئىدى. تاماقلىنىش بارغانسېرى قېيىنلىشىپ، جىددىي بىر مەسىلىگەئايلانغاندىن كېيىن، مەركەزدىن بىزگە ئېلىپ يۈرۈشكە بىر قەدەر قولاي لايىھەلەنگەنيۇقىرى بېسىملىق سەپەر قازىنى ئەۋەتىپ بەردى. ۋاقتى – قەرەلىدە ئىسسىق تائاملارغائېغىز تېگەلەيدىغان بولغاندىن كېيىن، جەڭچىلەر تېخىمۇ غەيرەت – جاسارەتكە تولۇپ،چىدىغۇسىز مۇشەققەتلەر ئالدىدىمۇ ۋايسىماي، چىشىنى چىشىغا بېسىپ ئاداققىچەبەرداشلىق بېرىدىغان، جەڭدە تېخىمۇ قەيسەرلىك ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان بولدى.
مەن قىسىم كوللىكتىپى بىلەن بىللە ئالدىنقىسەپكە كەلگىنىم بىلەن ئارقا سەپ كەسپى خادىمى بولغانلىقىم ئۈچۈن جەڭگاھتاسەپداشلىرىم بىلەن بىللە تاجاۋۇزچى دۈشمەنگە زەربە بېرىش جەڭلىرىگە بىۋاستەقاتنىشالماي، پەقەت جەڭ بېسققاندا تاماق ئاپىرىپ بېرىش، زاپاس ئوق – دورا بىلەنتەمىنلەشتەك پارچە خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتاتتىم. شۇ تۈپەيلىدىن ئىچىمپۇشۇپ، ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يىگۈدەك بولۇپ كەتكەن ئىدىم. «سەن كىم؟» «ئازادلىقئارمىيىنىڭ جەڭچىسى» «ۋەزىپەڭ نىمە؟» «تاجاۋۇزچى دۈشمەننى يوقۇتۇپ، ۋەتەن زېمىنىۋە خەلق مەنپەئەتىنى قوغداش» «ئۇنداقتا سەن ھازىرغا قەدەر نەچچە دۈشمەننىيوقاتتىڭ؟» «.....» ئارىسالدا ۋاقتىلىرىمدا مەن دائىم ئۆزۈم بىلەن ئەنە شۇنداقمۇنازىرلىشەتتىم. ئاخىرى بىر كۈنى چىداپ تۇرالماي قىسىم باشلىقلىرىنى ئىزدەپ،بىرىنچى سەپتە رەسمىي جەڭگە قاتنىشىش تەلىپىنى تەكرار – تەكرار ئىزھار قىلدىم.بىراق، بۇنىڭ نەتىجىسى نەچچە ۋاقىتتىن تولا ئاڭلاپ يادا بوپكەتكەن سىياسىي –ئىدىيىۋى تەربىيە، قايىل بولمىغىنىمدا ئاڭلىغىنىم ئاچچىق تەنقىد بولدى. كۆڭلۈمدەھەرگىز قايىل ئەمەس ئىدىم. لېكىن، مەن دېگەن بىر ھەربىي، ھەربىي دېگەن بۇيرۇقبويىچە قاتتىق ئىنتىزام ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئارمىيىمىزنىڭ ھەرىكەت مىزانى --«ئۈچ چوڭ ئىنتىزام، سەككىز دىققەت» نىڭ 1 – ماددىسى «بارلىق ھەرىكەتتە قوماندانلىققابويسۇنۇش» ئەمەسمۇ ! مەن تىت – تىتلىق ئىچىدىلا قالغان ئىدىم.
بىر كۈنى مەن 3 – روتىنىڭ ئورۇنلىشىش قولايدۈشمەن تايانچ پونكىتىغا زەربە بېرىشكە ئاتلىنىدىغانلىغىدىن خەۋەر تاپتىم- دە،تۇرالمايلا قالدىم. روتا كوماندىرلىرىنى ئىزدەپ ھال ئېيتىۋىدىم، ئۇلار قۇشۇلماي«ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش جەڭ ھېساپلانمامدىكەن؟» دەپئاغزىمنى ئېتىپ قويدى. يۈزمۇ – يۈز قادىلىپ ئىلتىماسىمدا چىڭ تۇرىۋالمىغانبولساممۇ، لېكىن، كۆڭلۈمدە رەنجىش كۈچىيىپ، پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا بىر قېتىمئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ بېقىش خىيالى قۇترىغىلى تۇردى. مەن جەڭگەماڭىدىغانلارنىڭ لاۋازىمەت ئىشلىرىنى ئىدىتلىق ۋە پۇختا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن،جەڭ ئاپتومۇبىللىرىنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتىنى ئېنىق بىلىۋالدىم – دە، كۆپچىلىك ئارامئېلىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تاپانچامنى زاپاس ئوقلىرى بىلەن تەقلەپ، زاپاس ئوزۇقلۇقغەملەپ، ماشىنىدىكى يۈك – تاقلار ئارىسىغا غىپپىدە كىرىپ مۆكۈنۈۋالدىم. قوماندانلىقشىتابى ئورۇنلاشقان جاي بىلەن جەڭگاھ ئارلىقى 30 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپە ئىدى.ھەربىي ماشىنىلار ئاۋازسىز، چىراغسىز يولغا چىقتى. بۇنداق يۈرۈش پەقەت ئىنتايىنئېھتىياجلىق پەۋقۇلئاددە شارائىتتىلا، نائىلاجلىقتا، دۈشمەنگە تۇيدۇرماسلىقئېھتياجىدىنلا قوللۇنۇلاتتى. شۇ كۈنى جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇق بولغنىدىن ماشىنائۈستىدە ئۇخلاپ قېلىش ئەمەس، تاقەت قىلىپ ئولتۇرماقمۇ بەسى مۈشكۈل ئىدى. ئۇچامدىكىبىر قۇر پاختىلىق كىيىم زەھەردەك ئاچچىق سوغۇققا دال بولالمايۋاتاتتى. مەنچىشلىرىمنىڭ كاسىلداشلىرىنى تولىمۇ تەستە بېسىپ، ئىمكانقەدەر شەپە چىقارماي ئولتۇراتتىم.ئاپتوموبىل ھېچقانداق يول ئىزناسى بولمىغان تاغ ئارىلىرىدا غالداڭ – غۇلدۇڭيۈرەتتى ۋە جەڭچىلەرنىڭ ئاچچىق سوغۇقتا پۇت - قوللىرىنى ئۈششۈتۈۋالماسلىقى ئۈچۈن،پات – پات توختاپ ھەرىكەتلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ تۇراتتى. پەقەت شۇ چاغدىلا، مەنچاندۇرماي چۈشۈپ، كۆپچىلىكتىن چەتكىرەك بېرىپ، سوغۇقتىن ئۇيۇشۇپ قالغان ئۈگە–ئۈگىلىرىمنىھەرىكەتلەندۈرۈۋالاتتىم. بۇ ئىش بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغاندا، ھەربىيئاپتوموبىل بىر جىلغىغا كىردى. جىلغىدا پولك كوماندىرى ئەزىزۇپ قاسىم بىلەن پولكسىياسىي كومىسسارى يو فۇگۇڭ⑮، پولك ھەربىي تەلىم – تەربىيە بۆلۈمىنىڭباشلىقى مەتقاسىىمۇف ئابدۇقادىر⑯ قاتارلىقلار بىزنى كۈتۈپ تۇرغانئىكەن. ئۇلار قىسىمغا ئۆزلىرى ئىگىلىگەن يېڭى ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىپىگەسەپەرۋەر قىلدى. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ۋە قول راكېتاسى بىلەن رەڭلىك ئوقتايىراقتىن ئالاقىلىشىش بەلگىلىرىنى چۈشەندۈردى. بىز ئارتۇق ھېساپلانغان يۈكلەرنىبىر ماشىنىغا تاشلاپ بېرىپ، زاپاس ئوزۇق بىلەن قورال – ياراغلىرىمىزنىلا ئېلىپ،«دۈشمەننىڭ تايانچ پونكىتى بار» دېيىلگەن تاغنى نىشانلاپ يۈرۈپ كەتتۇق. تاغقا 200مېتىردەك قالغاندا، ئۇدۇل تەرەپتىكى تاغ ئۈستىدىن بىزگە مۆلدۈردەك ئوق ياغدۇرۇلدى.ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا دۈچ كەلگەچكە ھەمىمىز ماشىنا كوزۇپىدا دۈم يېتىپ بېشىمىزنىكۆتۈرەلمەي قالدۇق. ئۆزىمىنى ئوڭشىۋالغۇچە شوپۇر بىلەن بىر جەڭچىمىزگە ئوق تەگدى.ماشىنا كوزۇپىدا يېتىۋېرىش ئۆلۈمگە تەڭ ئىدى. بىز بىر ئاماللارنى قىلىپ كوزۇپنىڭ يەنەبىر تەرىپىدىن ئارتىلىپ تېز– تېز چۈشۈشكە باشلىدۇق. ماشىنىدىن چۈشۈپ بولغىچە يەنەئىككى جەڭچى يارىدار بولدى. دۈشمەن ئورۇنلشىۋالغان پوزىتسىيە تۆپىلىك، بىزنىڭئاپتوموبىلىمىز توختىغان جاي بولسا تۆۋەن قىيپاشلىق ئىدى. ھەر نىمە بولسا قىيپاشيەر شەكلى بىزگە ئاز – تولا دالدا بولغاندى. ئاپتوموبىل ئۈستىدە ئىككى ياردەمچىسىبىلەن پىلموتچىلا قالدى. چۈنكى، قوپالراق، ئېغىر پىلموتنى چۈشىرىمەن دېسە، دۈشمەنئوقىغا يەم بولۇش خەۋپى چوڭ ئىدى. ئۇنىڭدىن كۆرە، پىلىموت ماشىنا ئۈستىدەتۇرىۋەرسە، بىر تەرەپتىن كۈچلۈك ئوت كۈچى بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىپ، بىزگەتەييارلىنىۋېلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ، ئومۇمىي قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش پۇرسىتىچىقاتتى – دە، پايدىسىز ئەھۋالنى ئۆزگەرتكىلى بولاتتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، پىلىموت ئورنىغا دەل شۇ ئاپتوموبىل ئۈستى ئەڭ مۇۋاپىق ئىدى. جەڭچىلەر ماشىنىدىن چۈشۈپلائۆمۈلەپ يۈرۈپ دالىدا يەر تاللاپ دۈشمەنگە ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى. قېرىشقاندەك،ئازراق ئېتىشىپلا ئوقلىرىمىز تۈگەپ قالدى. چۈنكى، زاپاس ئوقلىرىمىز ئاپتوموبىلئۈستىدە قالغان ئىدى. چېكىنىش ئىمكانىيىتىمىز يوق، ئەقىل ئىشلىتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرقوللىنىپ ئېلىشىشقىلا بولاتتى. مەن بىر جەڭچى بىلەن ئاپتوموبىل چاقىنى دالداقىلىپ، دۈشمەننى قورۇلغا ئېلىپ ئېتىشقا باشلىدۇق. بىر كەمدە «پاراس!» قىلغان سەتئاۋاز بىلەن كۆزۈمگە بىر زەربە تەگدى. «ئۇھ، كۆزۈمگە ئوق تەگدى بولغاي» دەپ ئويلاپيۈرۈكۈم «قارت» قىلىپ قالدى. كۆزۈم لازا كىرىپ كەتكەندەك ئېچىشىپ تولىمۇ بىئارامقىلىۋاتاتتى، بىراق، چىدىغۇسىز دەھشەت ئاغرىق ئازابى ھېس قىلمايۋاتاتتىم. ئۆزەمنىسەل توختىتىۋېلىپ، كۆزۈمنى ئاۋايلاپ سىلىسام، ھىچ شىلىملىق سويۇقلۇق ئاقمىغاندەك.«يا بىسمىللا!» دەپ كۆزۈمنى ئاچتىم. كۆزلىرىمىگە سوغۇق ھاۋا ئورۇلغاندەك پۇررىداياش قويۇلدى. يەڭلىرىم بىلەن ئاستا سۈرتۈۋېتىپ، ئەتراپنى پەرىق ئېتەلىدىم.ئەسلىدە، دۈشمەن ئوقى مېنىڭ كۆزلىرىمگە ئەمەس، بەلكى، ئاپتوموبىلنىڭ يەل بىلەنچىڭقىلىپ تۇرغان چاقىغا تەگكەچكە، مەن چاققا سۈركىشىپ دېگۈدەك ياتقاچقا، ئوقتەككەن چاقتىن چىققان كۈچلۈك يەل كۆزلىرىمگە شىددەت بىلەن ئۇرۇلۇپ دەماللىققاقوپال سېزىم بىلەن ئېچىشىش ئالامىتىنى پەيدا قىلىپ مېنى قورقۇتىۋەتكەن ئىكەن.«شۈكرى خۇدايىم» دېدىم ئىچىمدە. يېنىمىدىكى جەڭچىگە «چېكىن!» دەپ بۇيرۇق قىلدىم.بىز چېكىنىپ جىلغا ئىچىگە چۈشتۇق. دۈشمەن تۆپىلىكتە بولغان بىلەن پەقەت ئودۇلدىكىتاغ قاپتىلىنىلا كۆرەلەيدىكەن، جىلغا ئىچىنى كۆرەلمەيدىكەن. بىر ھازادىن كېيىن،ياردەمچى قىسىملار كېلىپ، بىزنىڭ ئوق – گىراناتلىرىمىز تەل بولدى. قىسىم ئىككىتەرەپكە بۆلۈنۈپ، ئارقا تەرەپتىن قاپساپ، تۆپىلىكتىكى دۈشمەننى يا ئۇ ياقتىكىلەرگەتاقابىل تۇرالمايدىغان، يا بۇ ياقتىكىلەرنى ئوققا تۇتالمايدىغان پالەچ ھالغاچۈشۈرۈپ قويۇپ تازا ساراسىمىگە سېلىۋەتتۇق. بىردەملىك ئېتىشىشتىن كېيىن، دۈشمەننىڭئۆلگىنى ئۆلۈپ، قاچقىنى قاچتى. جەڭمۇ ئۇزاققا قالمايلا يىغىشتۇرۇلدى.
شۇ قېتىمقى جەڭدە، مەن كۆزلىرىمگە ئوق ئەمەس،بالۇن يېلى تەگكىنى تەلىيىم دەپ قارايمەن. ئەگەر، شۇ چاغدا كۆزلىرىمگە راستىنلائوق تەگكەن بولسا ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ ئېغىر مەجرۇھقا ئايلىنىپ، بىر ئۆمۈر قوياشنۇرىدىن، بۇ دۇنيادىكى گۈزەللىكلەرنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قالغان، ئازاب ۋە ئېچىنىشئىچىدە ئۆتكەن بولاتتىم. ئۆزىمىزنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭىدە قوشۇنىمىزدىن بىر تۈركۈم ئوغلانلار دۈشمەن بىلەن تىغمۇ– تىغ ئېلىشىپ شېھىت بولدى. بەزىسەپداشلار ئوق تېگىپ يارىدار بولسا، يەنە بەزىلەر مىناغا دەسسىۋېلىپ پۇتىدىنئايرىلدى. بەزىلەرگە گىرانات ۋە سىنارەدلەرنىڭ ئوسكولكىسى تېگىپ زەخمىلەندى. يەنەبەزى سەپداشلار سوغۇقتا قېلىپ ئۆپكىسى، بۆرىكىنى كاردىن چىقىرىۋالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خەلق جەڭچىسىنىڭ ئانا ۋەتەننى، ئەزىز خەلقنى قوغداش يولىدا بەرگەنتېگىشلىك بەدىلى دەپ قارىغاندىمۇ، لېكىن، ئۇ بەدەللەرنىڭ شۇ كىشىگە، ئۇنىڭئائىلىسىگە ئېلىپ كەلگەن كېيىنكى ئازاب – ئوقۇبەتلىرىنى ئويلىغاندا، بەختكە يارىشائامان قالغانلار يەنىلا ئەڭ تەلەيلىكلەر. ئۆزەم دەل ئاشۇ كېيىنكىلەر جۈملىسىدىن.ھەر راست، بۇ نۆۋەتلىك جەڭ ئاياغلىشىپ ئەسىرلەرنى توپلاۋاتقاندا، بىرەيلەنتۇيۇقسىز مەندىن: «ۋاي سىز ئەسلىدە ئارقا سەپتە قالغانتىڭىزغۇ، قاچانلاردائارىمىزغا پەيدا بولۇپ قالدىڭىز؟ » دېمەسمۇ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتى بىراقلا ماڭامەركەزلەشتى. بىر قېتىملىق مۇۋەپپىقىيەتلىك جەڭ ئاياقلاشقاندىن كېيىن، مەنمۇ ئىشنىيەنە يوشۇرۇپ، گەپنى ئەگىتىپ يۈرمەي راست ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردىم. سەپداشلارھەيرانۇ – ھەس قالدى. رەھبەرلىكمۇ بۇ ئىشنى قايتا سۈرۈشتە قىلىپ ئىشنى چوڭايتىپ يۈرمىدى. مەندىكى ئەندىشە ۋە گۇمانمۇ تۈگىدى .

3.قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىكى قەھرىمانلىق جاسارىتى





مەن ئۆمرۈمدە بىر قېتىم قاراملىق بىلەنئورۇنلاشتۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىپ دۈشمەن بىلەن يۈز- تۇرانە قانلىق جەڭگە قاتنىشىشپۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، رەھبەرلىكنىڭ ئىشەنچىسىگە قايتا ئېرىشتىممۇياكى شۇنداق ئېھتىياج تۇغۇلدىمۇ، مېنى كېيىنكى جەڭ ۋە جەڭگىۋار يۈرۈشلەر قاتارىدىنقالدۇرمايدىغان بولدى.
   مانا، بۈگۈن مەن لىق 4 ماشىنا ئوق – ياراغقامەسئۇل بولۇپ، ئاللاقاچانلاردىن بېرى ئوت ئالدۇرۇپ قويۇلغان ھەربىي يۈكئاپتوموبىلىنىڭ كابىنكىسىدا جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرماقتىمەن. ئاپتوموبىللار يېنىكدىرىلدەپ تۇراتتى. بىزدىن ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاپتوموبىللىرىمىز ئوت ئالدۇرۇلغانھامان يۈرەلەيدىغان بولۇش تەلىپى قويۇلغان ئىدى، ۋاقىت ئۆتىۋەرمەكتە ئىدى.زېرىكىشتىن ئىچىمىز سىقىلىپ تىت – تىت بولاتتۇق. بىراق ھېچياقتىن بىر شەپە،ھېچكىمدىن بىرەر ئۇچۇر بولمىدى. تاڭغا يېقىن ئىككى خەۋەرچى جەڭچى يېتىپ كېلىپ:«باشلىقىلار سىزنى ‹ئىككى ئاپتوموبىلنى ئېلىپ تېزدىن يېتىپ كەلسۇن› دەيدۇ» دەپكونكىرېت تەلەپنى تەپسىلىي بايان قىلىشتى. مەن يېڭى بىر جەڭ باشلىنىپ كەتكەنبولسا، ئوق – ياراغقا جىددىي ئېھتىياج چۈشكەن ئوخشايدۇ» دېگەن پەرەز بىلەن ئوق –ياراغ زاپاس بېسىلغان بىر ئاپتوموبىل بىلەن يەنە بىر قۇرۇق ئاپتوموبىلنى ئېلىپ،خەۋەرچىلەر ئۇچۇر بەرگەن ياققا يۈرۈپ كەتتىم. ئالاھەزەل بەش – ئالتە كىلومېتىريۈرگەندە، بىر ئوتدىلىنيە جەڭچى ئۇچرىدى. ئۇلارنى ئاپتوموبىلغا چىقىرىپ، ئۇزاقيۈرمەيلا قوماندانلىق شىتاب ئورۇنلاشقان جايغا يەتتىم. پولك كوماندىرىمىز ئەزىزۇپ قاسىم بىلەن سىياسىي كومىسسارىمىز يو فۇگۇڭ كۆز ئالدىمىزدىلا چاقماق تېزلىكىدە بىريېڭى جەڭگىۋار ھەرىكەت لايىھەسى تۈزۈپ، بىر ئىزۋوتقا يېقىن جەڭگىۋار ئەترەت تەشكىللىدى – دە بىزگە:
- ھېلراقتا كەلگەن مەلۇماتتا، ئالدىمىزدىكىتاغدا دۈشمەن قوشۇنى بارلىقى خەۋەر قىلىنغان، بايا دۈشمەننىڭ ئىككى ئەسكىرى بىزتەرەپنىڭ شەپىسىنى سېزىپلا ئۇدۇلدىكى تاغقا قاراپ قېچىپ كېتىپتۇ، ئۇ ئىككىسىنىڭرازىۋېتچىكلاردىن بولۇش ئېھتىمالى چوڭ، سىلەر چاققان ھەرىكەتلىنىپ، بىر ئاماللاربىلەن قېچىپ كېتىۋاتقان ھېلىقى ئىككى دۈشمەن ئەسكىرىنى تۇتۇپ كېلىڭلار، - دەپ بۇيرۇق قىلدى.
بىز بايا مەن ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ئوق – ياراغبېسىلغان ۋە يەنە بىر قۇرۇق ئاپتوموبىلنى ئېلىپ جىددىي ئاتلاندۇق. قۇرۇقئاپتوموبىلغا پولك قوماندانلىق شىتابىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئاجرىتىلغان ئېغىر پىلىموتچىلارروتىسىنىڭ ستانكۋاي پىلموت⑰ ئوتدىلىنىيىسى  بىلەن 3– روتىنىڭ 9– ئوتدىلىنىيىسى چىققانىدى.بۇ ئوتدىلىنىيىمۇ پولك قوماندانلىق شىتابىنىڭ خەۋەرچىلىك ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىغائاجرىتىلغان كىچىك بىرلىك ئىدى. بۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە مەسئۇل بولغان ئېغىرپىلىموتچىلار روتىسىنىڭ زامكومروتى، لېيتنيىانت ئوبۇل مۇسا كۆپچىلىككە قوماندانلىققىلىپ، ئاپتوموبىل ئۈستىدە ئەتراپنى ئىنچىكە كۈزىتىپ ماڭدى. ئاپتوموبىل ئوڭغۇل–دوڭغۇل تاغ قاپتىلىنى بويلاپ سىلكىنىپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. ستانكۋاي پىلىموتئاپتوموبىل كابىنكىسى ئۈستىگە ئورنىتىلغان بولۇپ، ناۋۇتچىك ⑱ پىلموتتۇتقىسىنى مەھكەم قاماللاپ، ئۇدۇل قارىغا ئالغان ھالەتتە ھوشيار تۇراتتى. ئىككىنەپەر پومناۋۇتچىكلارمۇ زاپاس ئوق ساندۇقلىرىنى ئېچىپ، ھەر ۋاقىت ئوق بەتلەپبېرىشكە تەييار تۇراتتى. ئېغىر پىلموت 3 – ئوتدىلىنىيىسىنىڭ كوماندىرى ئىسمايىلمۇھەممەت بولسا، سىتانكۋاي پىلموتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، بەتلەكلىك «56» تىپلىقئاپتوماتنى ئۇدۇل نىشانغا قارىتىپ ئەتراپقا ھوشيار قاپلاندەك كۆز يۈگۈرتمەكتەئىدى. زامكومرۇت⑲ ئۇبۇل موسا پىلموتنىڭ سول تەرىپىدە قوماندانلىق قىلىپباراتتى.
ئاپتوموبىللىرىمىز ئىلگىرىلەپ ئوڭ تەرەپتىكىتاغ جىلغىسىغا كىرگەندە، تۆپىلىكتە تاشلاردىن قوپۇرۇلغان تىبەت چارۋىچىسىنىڭ ئۆيىكۆرۈندى. ئۆي ئالدىدا بىر ئېشەك ۋە بىر پاقلان باغلاقلىق تۇراتتى. بۇ كۆرۈنۈشنورمال تۇرمۇش ھالىتىنىڭ ئەينى بولۇپ، گۇمانغا ئورۇن يوق ئىدى، ئاپتوموبىللىرىمىزراۋان يۈرۈپ، ئۆي ئۇدۇلىغا 50 مېتىردەك قالغاندا، ئۆي تەرەپتىن تۇيۇقسىز زالىپئاۋاز چىقىپ، ئاپتوموبىللىرىمىز شىددەتلىك ئوققا تۇتۇلدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچەبوشلۇق بەدبۇي كۆكۈش ئىس – تۈتەككە تولۇپ، بىر شوپۇرغا ئوق تەگدى. ئاپتوموبىلنىڭئالدى چاقى تېشىلىپ توختاپ قالدى. قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىكى بۇ ھايات –ماماتلىق جىددى مۇھىتتا، ئوتدىلىنىيە كوماندىرى ئىسمايىل مۇھەممەت ھىندىستانتاجاۋۇزچى قوشۇنىنىڭ يوشۇرۇن ئىستىھكامىنى دەرھال بايقىۋېلىپ، شۇئان :«نىشان ئوڭئالدىنقى تەرەپ، نەق چەنلەپ ئېتىڭلار!» دەپ كوماندا بەردى – دە، ئاپتۇماتنىدۈشمەننىڭ يوشۇرۇن ئىستىھكامىدىكى يېنىك پىلىموتىغا  توغرىلاپ يامغۇردەك ئوق ياغدۇردى. دۈشمەننىڭئوت كۈچى ئاجىزلاشتى. بىزگە ئازراق ئىمكانىيەت ھازىرلاندى. ئاپتوموبىل ئۈستىدىكىجەڭچىلەر ئۆزلىرىنى رۇسلىۋېلىپ، دۈشمەننى غەزەپ بىلەن ئوققا تۇتۇشقا باشلىدى.زامكومرۇت ئۇبۇل موسا ماشىنىنىڭ تۆۋەن ئوچۇقچۇلۇقتا توختاپ قالغانلىقىنى، يەرتۈزۈلىشى نۇقتىسىدىن ئەھۋال دۈشمەنگە پايدىلىق بولۇپ، جەڭچىلەرنىڭ ئاپتوموبىلىدىنچۈشۈشىگە ئىمكانىيەت يار بەرمەيدىغانلىقىنى پەملەپ: «ستانكۋاي پىلموت بىلەنقايتۇرما زەربە بېرىپ، دۈشمەن ئوت كۈچىنى بېسىپ چۈشۈڭلار!» دەپ بۇيرۇق بەردى. ستانكۋاي پىلموت كابىنكا ئۈستىدە ئۇدۇلتوغرىلاقلىق ئىدى. ئۇنى دۈشمەن ئىستىھكامى تەرەپكە توغرىلاش ئۈچۈن نىشاننىيۆتكىمەي بولمايتتى. بىراق، نىشاننى توغرىلىسا پىلموتنىڭ بىر تەرەپتىكى چاقىبوشلۇقتا قالاتتى- دە، پىلموتنى مۇقىملاپ ئاتقىلى بولمايتتى. بۇنداق ئەھۋالداپەقەت پىلىموت ئىستىۋولىنىلا توغرىلاشقا توغرا كېلەتتى. ناۋۇتچىك پىلىموت ستىۋولىنىتوغرىلاۋاتقاندا، ئسمايىل مۇھەممەت ئاپتوماتىدىن تىنماي ئوق ياغدۇرۇپ، دۈشمەن ئوتكۈچىنى بېسىپ تۇردى. شۇ ئەسنادا دۈشمەننىڭ بىر پاي ئوقى ئۇنىڭ سول قول بېغىشىنىتېشىپ ئۆتۈپ، سول كۆكسىنى يارىلاندۇردى. ئىسمايىل مۇھەممەت قاتتىق زەربىدىن ئازراقسەندىرەكلىدى – يۇ، يەنە تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ دۈشمەنگە قەھرى – غەزىپى بىلەنئوق ياغدۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ ئاپتوماتىغا 2 – دېسكىنى ئالماشتۇرۋاتقاندا،ئاندىن ستانكىۋاي پىلموت تىلغا كىرىپ شىددەتلىك ئوققا تۇتۇشنى باشلىۋەتتى.دۈشمەننىڭ ئوت كۈچى پەسەيدى. پىلموتى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، چۆچۈپ جىددىيلەشكەندۈشمەن، كېيىن كىچىك زەمبىرەك ئارقىلىق ئاپتوموبىللىرىمىزنى توپقا تۇتۇشقاباشلىدى. كەينى – كەينىدىن گۈمبۈرلەپ ئېتىلىۋاتقان توپ ئوقلىرى بېشىمىزدىن ھالقىپيېقىمسىز غوڭۇلدىغىنىچە يان جىلغا ئىچىگە چۈشۈپ تاش شېغىللارنى كۆككە سورۇيتتى،ئۇلار تۆپىلىكتە، بىز پەستە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىلىقىمىز بەكلا يېقىن بولغاچقاسىنارەدلەر نىشاندىن ھالقىپ يىراققا چۈشكەن ئىدى.
ستانكىۋاي پىلموت 500 پايدەك ئوق چىقارغاندىنكېيىن، تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. ئەسلىدە، بېشى بوشاپ قالغان بىر ئوق مىشەكتىن چىقىپكېتىپ پىلموت سىتىۋولى ئىچىگە كەپلىشىۋالغان ئىدى. بۇ كاشىلىنى ئوڭشاش ئۈچۈنئاتايىن سىتۋول تازىلىغۇچى پولات نوغۇچنى تىقىپ ئوڭشاشقا توغرا كېلەتتى. بۇنداقتاۋاقىت قولدىن كېتىپ، دۈشمەنگە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتى يارىتىلىپ قالاتتى.بىراق، ئېغىر پىلموتنى قايتا تىلغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلمايمۇ بولمايتتى. بۇيېڭىش – يېڭىلىشنى بەلگىلەيدىغان ھايات – ماماتلىق مۇھىتلار ئىدى! ئىسمائىلمۇھەممەت پىلموتچىلارنىڭ كاشىلىنى ئوڭشىۋېلىشىغا پۇرسەت يارتىپ بېرىش ئۈچۈن،جاراھىتىنىڭ چىدىغۇسىز ئازابلىشىغا پەرۋا قىلماي، دۈشمەنگە قارىتىپ شىددەت بىلەنئوق ياغدۇردى- دە :«يولداشلار، ئېتىڭلار! دۈشمەنگە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتىبەرمەيلى!» دەپ توۋلىدى. دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوڭ كۆكرىكىگە ۋە قورسىقىغا ئارقا –ئارقىدىن ئىككى پاي ئوق تەگدى. بەدىنىنىڭ نەچچە يېرىدىن قىپ – قىزىل قانلارشۇقىراپ ئېقىپ تۇرغان بۇ ئەزىمەت يىقىلىپ قالغان ئورنىدىن دەست تۇرۇپ دۈشمەننىئوققا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇردى. ستانكۋاي پىلموتىنىڭ كاشىلىسى تېزلا ئوڭشىلىپ،يڭىۋاشتىن ئەجەل ئوقى ياغدۇرۇشقا كىرىشتى. مانا شۇ چاغدىلا ئىسمائىل مۇھەممەتيېنىدىكى ئوبۇل موساغا: «زامكومرۇت، مەن يارىلاندىم!» دەپلا لەسسىدە يىقىلدى.ئۇنىڭ تېنىگە ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ 3 پاي ئوق تېگىپ 5 جاينى يارىدار قىلغان،ئاپتوموبىل كوزۇپىنىڭ ئۈستى ئۇنىڭ ئىسسق قېنى بىلەن قىپقىزىل بويۇلۇپكەتكەنىدى.....
ئوتدىلىنىيە كوماندىرى ئىسمايىل مۇھەممەتنىڭباتۇرلارچە قۇربان بولغنىدىن خەۋەر تاپقىنىدا، سەپداشلىرى ئاچچىق ياشلىرىنى ئىچىگەيۈتۈپ، غەزەپ – نەپرىتىنى قوللىرىدىكى قورالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۈشمەنگە زەربەبىلەن ئەجەل ئوقى ياغدۇردى. ئۇزاققا قالماي، ئارقىدىن ئەۋەتىلگەن ياردەمچىقوشۇنلار يېتىپ كەلدى. قاتمۇ – قات تاغ ئېغىزىغا يوشۇرۇن ئىستىھكام قۇرۇپ،قوشۇنىمىزغا تۇيۇقسىز زەربە بەرگەن بىر ئىزۋوت ھىندىستان تاجاۋۇزچى ئەسكەرلىرىبىردەمدىلا يەر بىلەن يەكسان بولۇپ، تولۇق يوقىتىلدى. پەقەت 5 مىنوتتىن سەلئارتۇقراق داۋام قىلغان بۇ شىددەتلىك جەڭدە بىزدىن بىر جەڭچى (ئىسمائىل مۇھەممەت)قۇربان بولدى؛ بىر شوپۇر (يەرلىكتىن)، بىر كوماندىر (زامكومرۇت ئوبۇل موسا) ۋە ئۈچنەپەر جەڭچى يارىدار بولدى. كۆپچىلىك «ھۇررا!» توۋلاپ دۈشمەن ئىستىھكامى جايلاشقانتۆپىلىكە چىققاندا، ئىستىھكامنىڭ ئىچى – تېشىدا شاداپاچاق، قارامۇتۇق، بومبۇرساقال، قېنىق ماشرەڭ رەختتىن قوپال فورما كىيشكەن 20 يېقىن دۈشمەن ئەسكىرىنىڭبەزىسى قانغا مىلىنىپ ئوڭدا – دوڭدا يېتىشاتتى؛ يەنە بەزىلىرى لاغىلداپتىتىرەشكىنىچە ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تىزلىنىپ تۇرۇشاتتى....
جەڭ ئاياقلاشقاندا، مەن مەسئۇلىيىتىم دائىرىسىدىكى ئاپتوموبىللارغا قارىدىم: ھەر ئىككىماشنا دۈشمەن ئوقىدا ھۆتمە – تۆشۈك بوپكېتىپتۇ. ئەمما، تەلىيىمىزگە يارىشا ئوق –ياراغ بېسىلغان ماشىنا شۇنچىۋالا زەربە ئىچىدىمۇ پارتلاپ كەتمەپتۇ. دۈشمەن يېنىكتوپ ۋە مىناميوتتا بىزنى توپقا تۇتقاندا ئارلىقىنىڭ بەكلا يېقىنلىقىدىن سىنارەدلەرنىڭھالقىپ جىلغىغا چۈشۈپ پارتلىشى بىزگە ئايان بولغاندى. بولمىغاندا، نەچچە توننائاسان ئوت ئالىدىغان ئوق – ياراغ پارتلاپ كەتكەن بولسا، بۇ قۇدرەتلىك زەربە پۈتكۈلبىر تاغ جىراسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلماسمىدى.....
مانابۇ ئۇنتۇلغۇسىز كۈن 1962 – يىلىنىڭ 27 – ئۆكتەبىرى ئىدى.
  شۇكۈنى كەچتە قېرىنداش قىسىملار كېلىپ جەڭگاھنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى، دۈشمەندىن بىرپىلىموت، بىر مىناميوت، بىر ئاپتومات، 13 پىيادىلەر مىلتىقى، بىر يۈرۈشئالاقىلىشىش ئەسلىھەلىرى ۋە ھەر خىل ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى، بىر مۇنچە زاپاس ئوقغەنىمەت ئېلىنغان ئىدى. بىزنىڭ ھېلىقى ئىككى ئاپتوموبىلىمىزنى بولسا، باشقائاپتوموبىللارنى يۆتكەپ كېلىپ، ئوق – ياراغلارنى قايتا يۆتكەپ بېسىپ، ئەبجەققەئايلانغان ئاپتوموبىللارنى سۆرىتىپ ئېلىپ كەتتى.

زۆرۈرتولۇقلىما



جۇڭگو– ھىندىستان چېگرىسىدىكى ئۆزىمىزنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، پىداكارلىق بىلەن جەڭ قىلىپ، غەلىبە ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنىقۇربان قىلغان قەھرىمان ئوتلىنىيە كوماندىرى ئىسمائىل مۇھەممەتنى پولىك پارتكومىئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىلتىماسىغا ئاساسەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى» دەپ تونىدى. ھەمدە شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئۇنى 1– دەرىجىلىك خىزمەتكۆرسەتتى دەپ خاتىرىگە ئالدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئەمىنىستىرلىكى ئۇنىڭغا «كۆرەش قەھرىمانى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى.
   ئىسمائىل مۇھەممەت يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى يارىباغ كەنتىدىن بولۇپ، 1940 –يىلى تۇغۇلغان. 1960 – يىلى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە جەڭچى بولغان. شىجاڭ ھەربىيرايونىغا قاراشلىق مىللىي ئاتلىق 3 – پولك پىلموتچىلار روتىسى 3 –ئوتدىلىنىيىسىنىڭ كوماندىرى، كاندىدات كومپارتىيە ئەزاسى ئىدى. ئۇ ھەربىي قىسىمغاكىرگەندىن كېيىن، تىرىشىپ ئۆگىنىپ سىياسىي ئېڭى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتەرگەن، خىزمەت ۋە ھەربىي تەلىم – تەربىيىدە جاپاغا چىداپ نەتىجە يارىتىش روھىنىجارىي قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىككە ئۈلگە بولغان. تۇرمۇشتا ئۆزىگە يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىقتەلەپ قويۇپ، ئاددى – ساددا ئۆتكەن، سەپداشلىرىغا كۆيۈنگەن... شۇڭا تېزلائۇتدىلىنىيە كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇ 1962 – يىلى ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىشئالدىدا ئائىلىسىنى يوقلاپ، ياشانغان ئانىسىدىن رازىلىق ئالغاندا، ئانىسىگۈلنارخان ئۇنىڭغا ۋە سەپداشلىرىغا ئامانلىق، دۈشمەنگە ئەجەل تىلەپ ئۇزىتىپقويغان، ئايالى ۋە تېخى يېشىغا تولمىغان قىزى بىلەن خوشلاشقاندا، ئايالى ئۇنىتوسۇپ: «سەن يا مەن بىلەن بالاڭغا تۇر، ياكى سوقۇشقا بېرىشقا تۇر، بىزگە تۇرساڭقايتىپ كەل، ئۇرۇشقا بېرىشقا تۇرساڭ خېتىمنى بەر» دېگەندە، ئۇ ئايالىغا ئەستايىدىلئىدىيىۋى تەربىيە خىزمىتى ئىشلىگەن، ئايالى گېپىدە چىڭ تۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئۇئۇكىسى ئەمەت مۇھەممەتكە: «مەن ئالدىرايمەن، سەن ماڭا ۋاكالىتەن ئايالىم بىلەنئاجىرىشىش رەسمىيىتى ئۆتىسەڭ، ياشانغان ئانىمىز بىلەن قىزىم ئانارگۈلنىڭ ھالىدىنخەۋەر ئېلىپ تۇرساڭ» دەپ تاپىلاپ قويۇپ، ئىككىلەنمەي ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغان. قەھرىمان ئىسمائىل مۇھەممەت جەڭدە ئەزىمەتلەرچە شېھىت بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ شانلىق ئىش –ئىزلىرى مەملىكەتنىڭ ھەممىلا يېرىدە كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش قاناتيايدۇرۇلدى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا كوماندىر بولغان ئوتدىلىنىيە «قەھرىمان ئىسمائىلمۇھەممەت ئوتدىلىنىيىسى» دېگەن نام بىلەن ئاتالدى.      پارتىيەتەشكىلاتى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى قەھرىماننىڭ ئانىسى گۈلنارخان ۋە قىزىئانارگۈلنىڭ تۇرمۇشىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ئائىلە ئىگىلىكىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقاياردەم بەردى. قىزى ئانارگۈل 15 ياشقا كىرگەن ھامان، ئۇنى ئاتىسى ھايات ۋاقتىداكۈرەش قىلغان خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قوينىغا ئېلىپ، نۇقتىلىق تەربىيىلەپ بىرھەربىي دوختۇر قىلىپ يېتىشتۈردى. ئانارگۈل كېيىن شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا قاراشلىق12 – ھەربىي دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى كۆپ يىل ئىشلەپ، يېقىنقىيىللاردا پېنىيىسىگە چىقتى. قەھرىماننىڭ قېرىندىشى ئەمەت مۇھەممەت ئاكىسىنىڭشانلىق ئۈلگىسى بويىچە دېھقانچىلىق سېپىدە باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەپ، ئۆز كەنتىگەسېكرىتار بولغانىدى. ئۇ دېھقانلارنى توغرا يول بىلەن ھاللىنىش يولىغا يېتەكلەپماڭغاچقا، كۆپ يىل قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەركوممونىست»، «دېھقانلارنى بېيىش يولىغا باشلىغان ياخشى يېتەكچى» دېگەن شان –شەرەپلەرگە ئېرىشىپ كەلدى.



4.ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ئاسارەت ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ




  1962– يىلى كەچكۈزدە جۇڭگو – ھىندىستان چېگرىسىدا بولغان ئۇرۇش، ھىندىستان ئارمىيىسىبىلەن جۇڭگو ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇئەنگىلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئەينى زامانلاردىكى جۇڭگوغا قاراتقان دۈشمەنلىشىشسىياسىتى ۋە تاجاۋۇزچىلىق – كېڭەيمىچىلىك جىنايەتچلىرىنىڭ ئاسارىتى، تېگى –تەكتىدىن ئېيتقاندا، جاھانگىرلىك سىياسىسىنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانبىر قېتىملىق قوراللىق توقۇنۇش بولۇپ، تاجاۋۇزچىلىق بىلەن تاجاۋۇزچىلىققا قارشىھەققانىي قارشىلىقنىڭ كۈچ ئېلىشىشى؛ بىر مەيدان سىياسى، ھەربىي، دېپلوماتىيەكۈرەشلىرىنىڭ يۇغۇرىلمىسىدىن ئىبارەت ئىدى.       شۇقېتىملىق ئۇرۇشتا، گەرچە، ئېلىمىز ھۆكۈمىتى يوللۇق ھالدا، سىياسىي ۋە دېپلوماتىيەجەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇپ كەلگەن، ئارمىيىمىز ھەر بىر توقۇنۇش، ھەر بىرجەڭدە غەلىبىگە ئېرىشىپ، ئاخىرىقى ھېساپتا تاجاۋۇزچىلارنى ئۆمۈلەپ چىققان ئۇۋىسىغاقوغلىۋەتكەن، ئۇلار مۇتىھەملىك بىلەن ئىگىلىۋالغان زېمىنلىرىمىزنى قايتۇرىۋالغانبولسىمۇ، لېكىن، بۇ ئۇرۇش ئېلىمىزگە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە سىياسى،ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتىن زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى؛ بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتۈپەيلىدىن، ئېلىمىزدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، ئارمىيىدىن يەرلىككىچە جىددىيسەپەرۋەرلىك يۈرگۈزۈلۈپ، ئاساسى مەۋقەنىڭ نۇقتىلىق بىر قىسمىنى مۇشۇ ئىشقاقارىتىشقا توغرا كەلدى؛ دەل شۇ مەزگىلدە ئەسلىدىلا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنىڭدەردىنى تارتىۋاتقان ھۆكۈمەت ۋە جۇڭگو خەلقى يەنە ناھايىتى زور خىراجەت چىقىرىپ،ئۆزىمىزنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بېرىشنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە مەجبۇربولدى؛ بىگۇناھ، تېنچ خەلق ئۇرۇشتىن ناھايىتى تەشۋىشلەندى، ئالدىنقى سەپنى قوللاشئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە زورۇقتى؛ جەڭ داۋامىدا، ئادەمكۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مەبلەغ جەھەتتىن خېلى كۆپ قۇربان بېرىشكە توغرا كەلدى..... بۇجەھەتتە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى تارتقان زىيان تېخىمۇ ئېغىر، ھىندىستان خەلقىنىڭتارتقان ئازاب – ئوقۇبەتلىرى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى، ئەلۋەتتە.
  ئۇرۇش،ئىستىمال مەنىسىدىن تارتىپ بارلىق ئاقىۋەتلەرگىچە پاجىئە دېمەكتۇر. 1962 – يىلدىكىئۆزىمىزنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بېرىش ئۇرۇشى ئېلىمىز ھۆكۈمىتى ۋە ئېلىمىزخەلقىگە نۇرغۇنلىغان زىيان ۋە پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىنمەسىلىگە دىئالىكتىك ماتېرىيالىزملىق نۇقتىنەزەر بىلەن قارىغاندا، ئۆز نۆۋىتىدە،ئۇ بىزگە يەنە بەزى قىممەتلىك ھاسىلاتلارنىمۇ ئېلىپ كەلدى. مەسلەن: بۇ قېتىمقىئۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىقئارمىيىسى ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىيەت ۋەكىلى، تېنچلىق تەرەپدارى، ئۆزلىرىگە تەۋەئۇرۇشنىڭ ئادالەتلىك ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى، مۇستەقىل، ئۆز – ئۆزىگە خوجا، غورۇر –ئىپتىخارلىق، جەڭ- نىزالارنى خالىمايدىغان، ئەمما، مەجبۇرىي تېڭىلغاندا ئۆزلىرىنىقوغداپ قايتۇرما زەربە بېرىشكە ھەقلىق ۋە ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل دۇنياغابىلدۈرۈپ، خەلقئارادىكى ئورنىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى ۋە مۇستەھكەملىدى؛ئازادلىقتىن بۇيانقى ئون نەچچە يىللاپ تېنچ قۇرۇلۇش دەۋرىدە خاتىرجەم ئۆتۈۋاتقانجۇڭگو خەلقىنى بىر قېتىم سەگەكلەشتۈرۈپ ۋە تەربىيىگە ئىگە قىلىپ، تېنچلىق ۋە بەخت –سائادەتنى نورمال داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن دائىم ھوشيار تۇرۇشقا، ئىتتىپاقلىشىپئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا توغراكېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى؛ بۇ ئۇرۇش خەلق ئازادلىق ئارمىيىمىز ئۈچۈنبىر قېتىملىق ئۆزىنى دەڭسەش، چېنىقىش ۋە ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پۇرسىتى يارىتىپبەردى؛ ئارمىيە، خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلىكىگە بولغان تونۇشنىھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈردى.....
شۇقېتىمقى جەڭدە ئارمىيىمىز مەلۇم دەرىجىدە تالاپەتكە ئۇچراپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەرئوغلانلىرىنى قۇربان بەرگەن، ئوفېتسېر، ئەسكەرلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى مېيىپ بولغانۋە يارىلىنىپ ئازاب تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئارمىيىمىزنىڭ پىداكارلىق بىلەنقەھرىمانە جەڭ قىلىپ سىناقلاردىن ئۆتكەن، تۆھپە ياراتقان ئوغلانلىرىنىڭھېسابىسىزلىقى بىلەن خەلقىمىزنىڭ تېخىمۇ پەخىرلىنىشىگە، سۆيۈشىگە ۋە ھېمايە قىلىشىغائېرىشتى. جەڭدىن كېيىن، بىزنىڭ ئاتلىق 3 – پولكتىكى بىر تۈركۈم كۈرەشقەھرىمانلىرى، مۇنەۋۋەر كوماندىرلار قېرىنداش قىسملاردىكى سەپداشلار بىلەنيۇقىرىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىشغا ئاساسەن، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى چوڭشەھەرلىرىگە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ئىدارە، مەكتەپ، زاۋۇت، كان،كارخانا، خەلق كوممۇنالىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىغا نۆۋەت بىلەن بېرىپ، ئۇدا تۆتئايلاپ، شۇ قېتىمقى جەڭ ئەھۋالىدىن دوكلاد بەردى. جاھانگىرلىك ۋە ئەكسىيەتچىلەرنىڭئۇرۇشخۇمار تەبىئىتى، كوماندىر ۋە جەڭچىلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن ناچار تەبىئىي شارائىتۋە پايدىسىز ئەھۋالدا، زېرەكلىك ۋە پىداكارلىق بىلەن جەڭ قىلىپ، تاجاۋۇزچىدۈشمەننىڭ كۈلىنى كۆككە سورىغان قىزىقارلىق جەڭ ھىكايلىرىنى، ئىنقىلابى قۇربانلارۋە كۆرەش قەھرىمانلىرىنىڭ ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغانتەسىرلىك ئىش – ئىزلىرىنى قايىل قىلارلىق ھەقىقىي پاكىتلار بىلەن سۆزلەپ، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى. گازارما رايونىدا قالغان سەپداشلار بۇقېتىمقى جەڭگە قاتنىشىش تەسراتلىرىنى كەڭ- كۇشادە سۆزلىشىپ، غالىبىيەتتەجىرىبىلىرى بىلەن ئوڭۇشسىزلىق ساۋاقلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ چىقتى ۋە ھەربىيمەشقنى يېڭى پەللىگە كۆتىرىپ، ھەر قانداق شارائىتتا دۈشمەنگە زەربە بېرىشئىقتىدرىنى ئۆستۈردى. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەر كەسپتىكىلەر ئازدلىق ئارمىيىدىنئۆگۈنىش، كۈرەش قەھرىمانلىرىنى ئۈلگە قىلىش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىشۋە تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈش بويىچە زور داغدۇغا قوزغاپ، نەتىجە ۋە مول – ھوسۇلشادلىقىغا تولغان يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى .....
پەرزەنت قوشۇنىمىزنىڭ ئۆزىمىزنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭىدىكى ئاجايىپ تۆھپىلىرىمەڭگۈ ئۆچمەيدۇ!
ۋەتەننى قوغداش جېڭىدە ئەزىز ھاياتنى تەقدىم قىلغان مۇنەۋۋەر ئوغلانلىرىمىزنىڭ نامى ئەلقەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ!



ماقالىدا چېلىقىدىغان نۇقتىلىق نام –ئاتالغۇلارغا ئىزاھات:




1›جالاۋھەرلال نېھرۇ (1964 – 1889)
ھىندىستان باش مىنىستىرى (1964 – 1974)ھىندىسستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ھىنىدىستان ئاللائابادتتىكى براھمان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەنگىلىيىنىڭ كېمبېرىچئونۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئادۋۇكاتلىق سالاھىيىتىگە ئىگە. 1920 – يىلى مۇخەنداسگەندى رەھبەرلىكىدىكى غەيرىي زورلۇق كۈچى ھەمكارلاشماسلىق ھەركىتىگە قاتناشقان.1928 – يىلى 11 – ئايدا بوسى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن ھىندىستان مۇستەقىللىقئىتتپاقىنى قۇرغان. 1929 – يىلى خەلق كونگېرسى پارتىيىسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە نەزەربەند ئاستىدا ياشىغان.1946 – يىلى 9 – ئايدا ھىندىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى،مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ تۇنجى باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقىنى ئۆتىگەن. (بىرتوملۇق ئۇيغۇرچە «دۇنيا تارىخ لۇغىتى» نىڭ 1001 – بېتىدىن)

2›مېكىماخۇن سىزىقى: بۇ ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگونىڭ شىزاڭ قاتارلىقرايونلىرىغا تاجاۋۇر قىلىپ ئىگىلىۋېلىش قەستىدە ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش «جۇڭگو– ھىندىستان چېگرا سىزىقى» بولۇپ، ئۇ سىملا يىغىنىدا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلىئارتۇر ھېنرى مېكماخۇن (1893 – 1862) بىلەن شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى جۇڭگومەركىزى ھۆكۈمىتىدىن مەخپىي تۇتۇپ، 1914 – يىلى 3 – ئاينىڭ 24 – كۈنى دېھلىدامەخپىي ئىمزالىغان ھۆججەت، بۇ ھۆججەت سىملا يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىگە زادىلاقويۇلمىغان. بۇ سىزىق، غەرىپتە بوتان چېگىرىسىدىن، شەرىقتە جۇڭگو– ھىندىستاننىڭشەرىقى قىسم چېگرا رايونلىرىغىچە ئۇزارتىلغان. ئەزەلدىنلا جۇڭگوغا تەۋە 90 مىڭ كۇۋادراتكىلومېتىرلىق زېمىن ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھىندىستانغا تەۋە قىلىپ قويۇلغان.ئەنگىلىيە بىلەن شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى يوشۇرۇن ئىمزالاشقان بۇ ھۆججەتنى ئەنگىلىيەھۆكۈمىتى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالماي كەلدى. خەرىتىدىكى ئەسلى چېگرا سىزىقىنىمۇئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئەزالدىنلا بۇ سىزىقنىئېتراپ قىلمىدى. بەلكى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە كېيىن ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇسىزىقنىڭ دائىرىسىدىكى جايلارغا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا ئېتراز بىلدۈرۈپكەلدى. (بىرتوملۇق ئوكيانۇسنىڭ 1943 – بېتى)

3›گارنىزۇن باتالىيۇن: خەنزۇچە جىڭبېي يىڭ. كىچىك (شۆبە) ھەربىي رايونلارغا بىۋاستەقاراشلىق ئىچكى ئامانلىق قوغداش ۋە شەھەر مۇداپىئە قىسمى .

4›قەشقەر خاڭدى: قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، كونا شەھەرناھىيىسىگە قاراشلىق بىر كەنت نامى بولۇپ، شەھەر مەركىزىگە 8 كىلومېتىر كېلىدۇ.سابىق مىللىي ئاتلىق 3 – پولىك خاڭدىدىكى گازارما رايوندا تۇراتتى.

5›ئاقاس داۋان: شىنجاڭ – شىزاڭ تاشيولىنىڭ 110 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدىكى 1 – چوڭ داۋان. ئۇ دېڭىز يۈزىدىن 3700 مېتىر ئېگىزبولۇپ، تولىمۇ تىك، تار، جىددى ئايلانمىلىرى كۆپ، خەتەرلىك ئۆتكەل.

6›سېرىق داۋان: شىنجاڭ – شىزاڭ تاشيولىنىڭ 206 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدىكى 2 – چوڭ داۋان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 5040 مېتىرئېگىز. ھاۋاسى شالاڭ، ئىس – تۈتەكلىك، ئاپەتلىك ئېگىزلىك.

7›كۆكئارت داۋىنى: شىنجاڭ – شىزاڭ تاشيولىنىڭ 335 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدىكى 4 – داۋان، دېڭىز يۈزىدىن 4060 مېتىر ئېگىز،پادىيۇملىرى تىك، دائىم توپا – تاشلار گۆمۈرۈلۈپ تۇرىدىغان تىك تاغ داۋىنى.

8›كەڭشىۋەر: قارا قۇرۇم تاغلىرى ئۈستىدىكى ساييايلاق بولۇپ، شىنجاڭ – شىزاڭتاشيولىنىڭ 435  كىلومېتىرلىق بۆلىكىگەجايلاشقان، بۇ جايدا ھەربىي، يەرلىك قاتناش بېكەتلىرى، تاشيول ئاسراش پونكىتى بار.1962 – يىلى ئۆزىمىزنى قوغداپ، قايتۇرما زەربە بېرىش قوماندانلىق شىتابى مۇشۇجايغا ئورۇنلاشقان، شۇ جەڭدە شېھىت بولغان ئىنقىلابى قۇربانلارمۇ دەل مۇشۇ يەرگەدەپنە قىلىنغان.

9›كۈدە: بۇ تىپىك جەنۇبىي شىنجاڭ شىۋىسى بولۇپ، خەنزۇچە «جۇسەي» دېيىلىدىغان كۆكتاتنامى، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنۋاتقان «كۈدە» قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ھاۋاسىساپ، سۈيى ئەلۋەك، ئوت – چۆپلىرى بولۇق تاغ جىلغىسى بولۇپ، شىنجاڭ – شىزاڭتاشيولىنىڭ 135 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە. بۇ جايدا ھەربىي ۋە يەرلىك قاتناشبېكەتلىرى، تاشيول ئاسراش پونكىتى بار، شاۋقۇنلۇق گۈزەل خالاستان دەرياسى كۈدىدىنئېقىپ ئۆتىدۇ.

10›مازار دارا: ئۇ قارا قۇرۇم تاغلىرى ئارىسىدىكى سۈرلۈك،ئاپەتلىك جىلغا بولۇپ،شىنجاڭ – شىزاڭ تاشيولىنىڭ 310 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە، بۇ جىلغا  تاشقۇرغان ۋە پاكىستان زېمىنلىرىغا تۇتىشىدۇ.

11›شەيدۇللا: «سۆگەتقۇرۇل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىلگىرى ئۇ خەرتىلەرگە «سەنشىلى يىڭگاڭ» (三十里营房) دەپ چۈشۈرۈلگەن، ئۇشىنجاڭ – شىزاڭ تاشيولىنىڭ 365 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدىكى سۆگەتلىك ئاۋات ئۆتەڭ. گوما ناھىيىسىگە تەۋە.ئازادلىقتىن ئىلگىرى بۇ جاي شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا مۇداپىئەقاراۋۇلخانىسى بولغان. بۇ جايدا ھەربىي ۋە يەرلىك قاتناش بېكەتلىرى، تاشيول ئاسراش ئوچاستىكىسى ۋە چېگرا مۇداپىئە دوختۇرخانىسى بار. ئاپتور 70 – يىللاردا مۇشۇئۆتەڭدە تاشيول ئوچاستىكا رەھبىرى بولغان.

12›تيەنفاڭچۈي: ئەينى يىللىرى پۈتكۈل قارا قۇرۇم – گاندىس – ھىمالايا مۇداپىئە قوغداشخىزمىتى شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ زېممىسىدە بولۇپ، تيەنفاڭچۈى، كوڭفاڭچۈي،ئافاڭچۈي دەيدىغان ئۈچ چوڭ مۇداپىئە رايونىغا ئايرىلغان. تيەنفاڭچۈى بىلەنكۇڭفاڭچۈي (كۆپ قىسمى) شىنجاڭ زېمىنى تەۋەسىدە، ئافاڭچۈي ۋە كۇڭفاڭچۈينىڭ بىرقىسمى شىزاڭ ئالى رايونى تەۋەسىدە ئىدى.

13›تيەنۋېنديەن : يەنى «ئاسترونومىيىلىك نۇقتا». تيەنفاڭچۈي دائىرىسىدىكى جۇدۇن –چاپقۇنلۇق، قارا – مۇزلار بىلەن قاپلانغان، يەر شارائىتى ئىنتايىن خەتەرلىك تاغئېغىزى. دېڭىز يۈزىدىن 6000 مېتىرغا يېقىن ئېگىز. بۇ جاينىڭ نىمە سەۋەپتىن «تيەنۋېنديەن»دەپئاتىلىپ قالغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق.

14›ئەزىزۇپ قاسىم (1994 – 1926) ئاتۇشتىن. گېنرال مايۇر. 1946 – يىلى «ئۈچ ۋىلايەتئىنقىلابى» مىللىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ئىزۋوت كوماندىرى، روتا كوماندىرى، پولىكشىتاپ باشلىقى، مىللىي ئاتلىق 3 – پولىك كوماندىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايون پىيادەئەسكەرلەر مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قۇمۇل شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى،قوشۇمچە قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ئۈرۈمچى قىسىملىرىنىڭمۇئاۋىن قوماندانى، مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 6 -، 7 -، 8 – نۆۋەتلىككومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭ «قىلىچ» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «مارشالئىلھامى» ناملىق ئەسلىمىلەر توپلىمى، «ئۇرۇش ۋە قوماندانلىق» ناملىق ھەربىي ئىلمىيتەتقىقات ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان.

15›يو فۇگۇڭ: خەنزۇ، شەنشى شيەنياڭدىن، 1945 – يىلى ئىنقىلاپقا قاتناشقان. سابىقمىللىي 3 – ئاتلىق پولكىغا ئۇزۇن يىل سىياسىي كومىسسار بولغان، كېيىن پىيادە 6–دېۋىزىيىنىڭ كوماندىرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ شىتاپ باشلىقىۋەزىپىلىرىدە بولۇپ ۋاپات بولغان، ئۇ ئاز سانلىق مىللەت قوشۇنى ئىچىدە خىزمەتقىلغان مۇنەۋۋەر خەنزۇ رەھبەر.

16›مەتقاسىمۇۋ ئابدۇقادىر: 1926– يىلى ئاتۇش ئازاقتا توغۇلغان. 1945 – يىلى 8 – ئايدانىلقا ناھىيىسىدە «ئۈچ ۋىلايەت ئىقنىلابى» غا قاتنىشىپ، مىللىي ئارمىيەئوتدىلىنىيە كوماندىرى، ئېزۋوت كوماندىرى، روتا كوماندىرى، خەلق ئازدلىق ئارمىيىسىبىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن، مىللىي ئاتلىق 3 – پولكتا روتا كوماندىرى، ھەربىي تەلىم– تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن شىتاب باشلىقى، مۇئاۋىن پولك كوماندىرى،يەكەن ناھىيىلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دائىمىيئەزاسى، قەشقەر شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. ئىلگىرى – كىيىن1 - ، 2 - ، 3 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ ئالاھىدە خاتىرىگە ئېلىنغان.

17›ستانكىۋاي پىلموت : ئۇ ئېغىر پىلموت (جۇڭجىچياڭ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىتۋۇلى ۋەزاتۋۇرى ئارلىقىغا ئوق ئۆتمەس پولات دالدىلىغۇچ تاختا ئورنىتىلغان، كىچىك بىر جۈپتۆمۈر چاقى بار، زەربە بېرىش ئۈنۈمى يۇقىرى پىيادىلەر قورالى.

18›ناۋۇتچىك:قۇرۇلغا ئالغۇچى پىلموت ئۇستىسى. پومناۋۇتچىك– پىلموتچىكنىڭ ياردەمچىسى.

19›ھەربىي ۋەزىپە ئاتالغۇلىرى: ئەينى يىللاردا ، جۇڭگو ئىنقىلابى سابىق سۆۋىتئىتتىپاقىنى ئۈلگە قىلغانلىقتىن، نۇرغۇن ئىشلار شۇلارنىڭ ئەندىزىسى بويىچە بولغانھەتتا، ئارمىيە تۈزۈلمىسى، ھەربىي ئونۋان، ئەمەل – مەنسەپ ناملىرىمۇ شۇلارنىڭقېلىپى بويىچە بولغان. «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ئارمىيىسىدە ۋە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ60– يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە بولغان ۋاقىتلاردا ئازدلىق ئارمىيە مىللىي قىسىملىرىدىمۇكۆپىنچە ئاتالغۇلار روسچە ئىدى. كېيىن تەدىرىجى خەنزۇچىسى ئومۇملاشتى.


شۇكەملەردىكى بەزى ئاتالغۇلاردىن كىچىك لۇغەت





1 .كومپولكا – (تۇەنجاڭ) – پولك كوماندىرى
2.زامپولكا – (فۇتۇەنجاڭ) – مۇئاۋىن پولك كوماندىرى
3.كومىسسار – (جېڭۋېي) – يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي رەھبەر
4.ناچالنىك شىتاب – (سەنمۇجاڭ) – ھەربىي مۇشاۋىر، شىتاب باشلىقى
5.شىتابىس – (سەنمۇ) – ھەربىي مەسلىھەتچى، شىتاب ئوفىتىسېرى
6.كومبات – (يىڭجاڭ) – باتالىيۇن كوماندىرى
7.زامكومبات (ياكى زامبات) – (فۇيىڭجاڭ) – مۇئاۋىن باتالىيۇن كوماندىرى
8.ئىنسترۇكتۇر – (جياۋداۋيۈەن) – باتالىيۇن سىياسىي رەھبىرى
9.كومروت- (ليەنجاڭ) – روتا كوماندىرى
10. زامروت، زامكومرۇت – (فۇليەنجاڭ) – مۇئاۋىن روتا كوماندىرى
11.پولترۇك – (زىداۋيۈەن) – روتا سىياسىي يېتەكچىسى
12.پومكوم (پومكوم ئېزۋوت) – (پەيجاڭ) – ئېزۋوت كوماندىرى
13. زامكوم (زامكوم ئېزۋوت) – (فۇپەيجاڭ) – مۇئاۋىن ئېزۋوت كوماندىرى
14. زاپخوز – (گۈەنلىيۈەن) – ئاساسى قاتلام تەمىنات ئوفېتسېرى
15.ئودىلكوم – (بەنجاڭ) – ئوتدىلىنىيە كوماندىرى
16.زامئودىلكوم- (فۇبەنجاڭ) – مۇئاۋىن ئوتدىلىنىيە كوماندىرى
17.سىترۇي – (جىخې) – رەتكە تىزىلىش، ھەربىي قىياپەت
18.تېرۋۇگا – (جىڭباۋ) – جىددى تەييارلىنىش سىگىنالى، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى
19.پروپۇسكا - (كولىڭ) – پارۇل، شەرتلىك بەلگە، مەخپىي ئالاقە سۆزى
20.چاسۋوي – (زەنگاڭ، ساۋبىڭ) – قاراۋۇل، كۈزەتچى، پوست
21.رازۋۇدەش – (دەيساۋ) – قاراۋۇللۇق نۆۋەتچىسى
22.نار – (فۇبەن، بەنچۇاڭ) – تۇتاش تاختا كارۋات
23.گېتىل – (دەنىي، زاۋىي ) – ھەربىيىلەرنىڭ يالاڭ چاپىنى
24.پىلاش – (يۈيى، فېڭيى) – يامغۇرلۇق، شامالدىن دالدىلاش كىيىمى
25.گەلەپى شىم – (ماكۇ) – ئاتلىق ئەسكەرلەر ئىشتىنى
26.ئىسكارخۇت – (داتوشېي) – ئىچى يۇڭلۇق قىشلىق ئاياق
27.باكلاشكا- (شۈيخۇ) – سودان، ئۇسسۇزلۇق قاچىسى
28. كورۇشكا – (گاڭزا) – تۈنىكا چاي قاچىسى
29. تېرمۇس – (نۇەنخۇ) – چايدان، قايناقسۇ قاچىسى
30.مىزگان – (جۈنخاۋ ) – ھەربىي سىگنال كارنىيى
31.پراۋۇركا – (ۋەن ديەنمىڭ) – كەچلىك يوقلىما
32.ئوسكولكا – (دەنپيەن) – گىرانات ياكى زەمبىرەك ئوقىنىڭ پارچىسى
33.سانچاست – (ۋېيسىڭدۈي) – ساقلىقنى ساقلاش ئورنى، ھەربىي شىپاخانا
34.ۋىتچاست – (شۇيىزەن) – ھەربىي مالدۇختۇرخانىسى
35.ئوبۇرنى – (سېسو) – ھاجەتخانا، تەرەتخانا، خالىي جاي، (خالا)
36.ئاتسىتات – (گۇڭيىڭجىڭ) – ھەربىلەرنىڭ تەمىنات كىنىشكىسى، تەمىنلىنىش ئىسپاتى
37.گازارما – (يىڭفاڭ) – ئەسكەرلەر ئولتۇراق رايونى، ھەربىي قونالغۇ
38.ئۇستاپ – (تياۋلې، تياۋلىڭ) – ھەربىي نىزام، قائىدە
39.مىشنا – (بازا) – قارا، نىشان، ئېتىش مەشقىدە قۇرۇلغا ئېلىش بەلگىسى
40.زاستاۋا – (بيەنفاڭ ساۋسۇ) – چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسى
41.بىناكول – (ۋاڭيۇەنجىڭ) – دۇربۇن، يىراقنى كۈزىتىش ئەسۋابى
42.ساپىيۇر – (گۇڭبىڭ) – ئىشچى ئەسكەر، قۇرۇلۇش قىسم جەڭچىسى
43.نارەت – (چىڭۋۇ) – مۇلازىمەت تىپىدىكى پارچە خىزمەت
44.سىۋەز – (تۇڭشۇنيۈەن) – خەۋەرچى، يۈگۈر – يېتىمچى ئەسكەر
45.پاترول – (شۈنلوبىڭ) – چارلىغۇچى ئەسكەر، تەرتىپ نازارەتچىسى
بۇماقالىنى يېزىشتا پايدىلانغان مەنبەلەر ۋە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن زاتلار

1.«خەلق ئارمىيىسى شىنجاڭدا» شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1991 – يىلى 1 – نەشىرى 1 –بېسىلىشى
2 .«كۈرەش قەھرىمانلىرىدىن ئۆگىنەيلى» شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي بۆلۈمى 1970 –يىلى قىسىملارغا تارقاتقان ئىدىيىۋى – سىياسى تەربىيە ئوقۇشلۇقى  .ئاتلىق 3 – پولىك سابىق سىياسىي كومىسسارى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىنسىياسىي كومىسسارى، گېنرال جاڭ مىڭرۇنىڭ سابىق ئاتلىق 3 – پولك ھەققىدىكى تارىخ –تەزكىرە ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە كۆچۈرۈلمىسى
3.بۇ ماقالىدىكى ئاساسى ۋەقەلىك بىلەن تەمىنلىگەن، 1962 – يىلىدىكى جەڭنىڭ بىۋاستەقاتناشقۇچىسى، كورلا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ پېنسيونېرى، مەرھۇم روزى ئايۇپ ئاكا،بۇ ماقالىنى مۇھىم مەلۇمات بىلەن تەمىنلىگەن 1962 – يىلىدىكى جەڭنىڭ بىۋاستەقاتناشقۇچىسى، شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئونۋېرستېتى ئىقتىساد - قانۇنفاكولتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، دوتسېنت، قەدىردان ئۇستازىم ئابدۇرېشىت ناسىرى ئەپەندى ۋە قاغىلىق تاشيول باش ئوچاستىكىسى ماددىي ئەشيا – ماتېرىيال بۆلۈمىنىڭ باشلىقى،كونا خىزمەتدىشىم، ئۇكا دوست يۈسۈپ ھاجى قۇربان ئەپەندىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
2003 – 2010 – يىللار. كورلا   





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1000
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 04:18:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بىر تارىخلىرىمىزدىن خەۋەردار بوپتىمەن....
ئىسمايىل ئەمەت بىلەن بىر يۇرىتلىق چىقىپ قالدىم يا

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7558
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7681 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 05:25:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخى ئىشلارنى بىلىشىمىزدىكى ياخشى يازما.يازمىدىكى  ھەربىي ئاتالغۇلارنىڭ ، ئەينى ۋاقىتتا روسلارنىڭ تەسىرىدىن شۇنداق ئاتالغانلىغىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر  تونۇپ  يەتتىم.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93838
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 513
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 05:54:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇرۇشقا ئائىت خىلى ئاڭلىدىم لىكىن مۇنداق  تەپسىلى يىزىلغانلىرنى كۇرمەپتىكەنمەن     رەخمەت  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90729
يازما سانى: 320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1249
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 06:29:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت !!!! بەك ياخشى تارىخىي يازمىكەن . كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم .

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4382
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1656 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 07:00:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە مارشال ئاكا، كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108360
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 98
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2014-7-11
ئاخىرقى: 2014-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 10:11:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇرۇش توغرۇلۇك خىلى ئاڭلىغان بۇ ئەڭ تەپسىلى يىزىلغىنىى بۇپتۇ رەخمەت سىزگە كوپ نەرسىلەرنى بىلۋالدۇك

ئۆلۈم ئۇ بىر يىڭى ھاياتلىقنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103796
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 10:14:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايا توۋا...ماندا ئۇرۇشنىڭ بولغانلىقىنى ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن

كىتاپ ئوقۇمىساڭ ،ھەرقانچە يول يۈرگىنىڭ بىلەنمۇ سەن بىر پوشتالىيۇن...
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 823 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 10:24:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1379
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 11:51:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي.....

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ھۆ-تاڭ + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش