دىمەڭلار
ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم
ئازغانلارنى يامان دىمەڭلار،
قۇرۇق يەرنى،خامان دىمەڭلار.
نۇقسان تىپىپ، بىراۋدىن دائىم،
قىلغان ئىشى چالا دىمەڭلار.
ۋەيران قىلىپ قىزلار غورۇرىنى،
ئەمدى بۇزۇق،شاپاق دىمەڭلار.
ئېغىزىڭلارمۇ،ساق يۈرسۇن شۇندىن،
ھەممە قېزلارنى،ئوخشاش دىمەڭلار.
ياخشىلارغا ناخشىلار كۆپتۇر،
ئاددىيغىنا ناخشا دىمەڭلار.
بىلىم كۆپتە كىبىرمۇ بولماس،
بىلىم كۆپنى ئاقسا دىمەڭلار.
مۇساپىرىنى غېرىپ دىمەڭلار،
ھەممە گەپنى ۋاجىپ دىمەڭلار.
ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ جان باقسا،
ئالتە شەلىك كۆچمەن دىمەڭلار.
سېنىڭ بېشىڭدىن ئۆتمەسمۇ ئىشلار
سىنىڭ بېشىڭدىن ئۆتمەسمۇ ئىشلار،
باھار،يازۇ قەھرىتان ھەم قىشلار.
بوران-چاپقۇن ئاچىقىنى بىلمەيسەن،
ئۆتمىگەچكە بىشىڭدىن ئىشلار.
بىرنى مەنسىتمەي دىدىڭ ۋەيرانە،
بۇ گىپىڭگە ئەل-يۇرت ھەيرانە.
ئايرىلىپ باقمىغاچ،يۇرتۇڭدىن سەنمۇ،
يۇرتىن ئايرىلغاننى،دىدىڭ سەرسانە.
يىقىلغاننىڭ كەينىدىن،قاقاقلاپ كۈلسەڭ،
مېھىر-شەپقەت ئورۇندا،بايلىقنى سۆيسەڭ.
تېرىشقانغا قەس قىلىپ،ھەسەتتە ئۆلسەڭ،
ئېيتقىنە؟سىنىڭ بېشىڭدىن ئۆتمەسمۇ ئىشلار.
2014-يىلى8-ئاينىڭ17-كۈنى
بۇ تېمىنى،مۇشۇ مۇنبەردىكى، ئاخېرقى ئىلتىجا دىگەن ئەسردىكى موزدۇزغا قارتىپ يازدىم،تەلىم بېرشڭلارننى ئۈمۈت قىلىمەن.