مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1293|ئىنكاس: 19

ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108970
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2014-8-5
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 07:13:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

关于二极管简单的认识

Simple understanding aboutdiode  

ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا.1  


ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا، ئىككا قۇتۇپلۇق كىرستال لامپىۇ دىيلدۇ.

     二极管خەنزۇچە-

ئىنگلىزچىسى بولسا diode                                                                                                

   ئادەتتەقىسقارتىلىپ ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا دىيىلدۇ.ئېلېكتىرون ئىلىمىدا ،  ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا


بولسا " ئىككى-ئۇچلۇق/قۇتۇپلۇق 120px-Diode_symbol.svg.png

  (يەنى مۇسبەت+، مەنپىي-)  سىممىتىرىك بولمىغان ئېلېكتېرونلۇقئېلمېنېىت/دىتال.


diodes.jpg
dioden.jpg
Fairchild_Semiconductor_1N4732A45441.jpg
diode_portrait_de_web.jpg


1-رەسىم بىرخىل ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ۋەئۇنىڭ توك يولىدىكى بەلگىسى،ئۈستى سول تەرەپتىكىسى ھەرخىلئىكك ىقۇتۇپلۇق لامپلار  

،مەنپىي قۇتۇپ،-Cathode阴极

-  阳极 - مۇسبەت ,Anode

  

         ئادەتتە ئىككى قۇتۇپلۇق كىرستاللامپا ئېدىئال  -كۆڭۈلدىكىدەكھالەتتە - ئەگەرمۇسبەت يۆنىلىشتە(يەنى ئوڭ+ يۆنىلىشتە)   توك-توك ئېقىمى ئۆتسە لامپا ئىككى ئۇچى ئارسىدىكىقارشىلىق چەكسىز كىچىك بۇلىدۇ ،ئەگەر مەنپىي يۆنىلىشتە(يەنى سول- يۆنىلىشتە)توك-توك ئېقىمى ئۆتسە لامپا ئىككى ئۇچىئارسىدىكى قارشىلىق چەكسىزچوڭ بۇلىدۇ.شۇڭلاشقا ئىككى قۇتۇپلۇق كىرستال لامپا ئوڭيۆنىلىشتىلا توك ئېقىمى ئۆتۈشكە يول قويىدۇ.تاق يۆنىلىشلىك ئۆتكۈزۈش رولى بار.شۇنداقبولسىمۇ،ئەمەلىيەتتەئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئۇنچۋالا كۆڭۈلدىكىدەك پەقەت ئۆتكۈزۈش ۋەئۆتكۈزمەسلىك تەك رولىنى نامايەن قىلالمايدۇ.باشقىچە ئېيتقاندا بىرقەدەر مۇرەككەپبولغان تۈز سىزىقسىز ئېلېكتىرون ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىدۇ.بۇسىزىقسىزئالاھىدىلىكى مۇئەييەن ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا تېخنىكىسى تەرپىدىن بەلگىلىنىلىدۇ.

diode-suite.jpg

fwdrev.gif



800px-Diode_pinout_en_fr.svg.png

diode1.gif

2 -  رەسىمدە ئوڭ تەرەپتە كۆرسىتىلگىندەك ئىنچىكە ھالقا سىزىقچە تەرەپ مەنپى قۇتۇپ،''-'' ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.



1.1ئىقتىدارى  ۋە رولى

       ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ مۇسبەت ۋە مەنپى دىنئىبارەت ئىككى ئۇچى بار.توك ئېقىمى پەقەت بىر يۆنىلىشتىلا ئۆتەلەيدۇ،يەنى:-توكئېقىمى مۇسبەت+ قۇتۇپتىن مەنپىي- قۇتۇپقىلائۆتەلەيدۇ،ئەممامەتپىي قۇتۇپتىن مۇسبەت قۇتۇپقا ئۆتەلمەيدۇ.

(ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنىڭبۇ تاق يۆنىلىشلىك توك ئېقىمى ئۆتكۈزۈشئالاھىدىلىكى خۇددى كۆپىنچە ئۆيلەرنىڭ ئىشكىدەك ياكى ئىشىكنى ئالدىڭىزغا تارتسىڭىزلام ئېچىلدىغان ئاندىن ئۆيگە كىرگىلى بۇلدىغان ياكى ئىتتەرسىڭىزلام ئاندىنئۆيگە كىرگىلى بۇلدىغان دەك بىر ئىش ،قايسى تەرەپ ئېچىلسا شۇ تەرەپ ئوڭ يۆنىلىش ياكى مۇسپەت قۇتۇپ دەپ قارىلىدۇ )

      ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ بۇخىل تاق يۆنىلىشلىكلا توك ئۆتكۈش خۇسۇسىيتىنى توك يولدا ئادەتتە-توك توغىرلاش (ئۆزگىرىشچان توكنى تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرۇپ تۇرۇش)ئىقتىدارى دىيلدۇ. ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىن توك ئېقىمى پەقەت بىر يۆنىلىشتىلا ئۆتەلەيدۇ،شۇڭا ئېلېكېتىرونىك توسقۇچ، ئېلېكېتىرونىك قاپقاق دەپ قاراشقىمۇ بۇلىدۇ..

diode1.jpg

fluid_diode.gif



3-رەسىم ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆتكۈزمەسلىك دىن ئىبارەت- ۋىېكليۇچاتېللىقرولى                    

    ئىككى قۇتۇپلۇقلامپىنىڭ ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆتكۈزمەسلىك دىن ئىبارەت- ۋىېكليۇچاتېل لىقتىن سىرتيەنەباشقا  روللىرى بار. دولقۇن تاسقىماق( دېتېكسىيىلىمەكDetection)،توك بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرۇش،ھەرخىلتەڭشەش( مودۇلياتسىيىلەشmodulation).

2.يىرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىلار-semiconductor diodes-半导体二极管

    ئىككى  قۇتۇپلۇق لامپلار ئىچىدە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئىككىقۇتۇپلۇق لامپا بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلۋاتقان ۋە كۆپ ئۇچرايدىغانتىپىتىكى  ئىككى قۇتۇپلۇق لامپايېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئىككى قۇتۇپلۇق لامپابولسا بىرخىل سۈزۈك كىرىستال شەكىلدىكى تىپلىق N-type تىپلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچماتىريالى دىن تۈزۈلگەن،P-type,

  P-N باغ ياكى تۈگۈن دىيىلدىغان باغنى تۈگۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنى تۈزۈلشى شۇ باغنى تۈگۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان

باغ   دىيىلدىغان باغنى   ئۆز ئىچىگە ئالغان -يەنى تۈزۈلشى شۇ باغنى تۈگۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە P-N  بېغى  لامپىنىڭ ئىككى ئۇچىى بىلەن ئۇلانغان بىرخىل ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا.

328px-PN_diode_with_electrical_symbol.svg.png

diode-symbol.gif

SMALL_SIGNAL_DIODE_1N914ATR_100V_200mA_DO.jpg

diode.jpg



5-رەسىم يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا رەسىمى ۋە ئىچكى تۈزۈلىشى توك يولىدىكى بەلگىسى


    تۆۋەندىكى بۇ بەلگىلەرتوك يوللىرىدا يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئىككىپۇتلۇق لامپلارنى ئىزاھلاش ياكى كۆرسىتىش ،ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بەزىئىككى پۇتلۇق لامپلار ئوخشىمايدىغا باشقىچە پەرىقلىق بەلگىلەر بىلەنئىپادىلىنىدۇ،گەرچە پەرىق بەك كىچىك بولسىمۇ

ئىككى پۇتلۇق لامپل.png

فوتوئېلېكترلىك ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا

فوتوئېلېكترلىك ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا

نۇرلىنىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا (LED)

نۇرلىنىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا (LED)

ئىككى قۇتۇپلۇق بېسىم مۇقىملاشتۇرغۇچى لامپا-زېنېر دىئو ...

ئىككى قۇتۇپلۇق بېسىم مۇقىملاشتۇرغۇچى لامپا-زېنېر دىئو ...

تۇنېل دىئودى،تۇنېل ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا

تۇنېل دىئودى،تۇنېل ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا

تىزگىنلىمە ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا (TVS)

تىزگىنلىمە ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا (TVS)

سىغىم ئۆزگەرتكۈچى ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا

سىغىم ئۆزگەرتكۈچى ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا


رەتلىك تىزما شەكىلدىكى تىپىك ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا سىرىتقىقپى ۋە بەلگىسى، رەسىمدىكى ئىنچىكە باغ مەنپى قۇتۇپقا ۋەكىللىك قىلىدۇ .cathode.

12.png

بۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئاساسلىق ئىقتىدارى-رولى-فۇنكسىيەسى

ئىككىقۇتۇپلۇق لامپنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كۆپ ئۇچرايدىغان/ ئاممىباب رولى/فۇنكسىيەسى بولسائېلېكتېر ئېقىمىنى بىر يۆلىنىشتە ئۆتۈشكە يول قويىدۇ،( ئىككى قۇتۇپلۇقلامپنىڭ ئالدى يۆلىنىشى-ئوڭ يۆلىنىشىدېيىلدۇ.)ئەكىسچە قارشىيۆلىنىشتىكى توكنى توسىدۇ.شۇڭلاشقا ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئېلېكتىرونىكقاپقاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنداق تاق يۆنىلىشلىك ئۆتكۈزۈشخۇسۇسىيتى"توك توغرىلاش"rectificationدەپ ئاتىلىدۇ، بۇخىل رولى ئۆزگىرىشچان توكنىمۇقىم توكقا ئۆزگەرتىشتە ئىشلىتىلىدۇ.سىمسىز تېلېگراف، رادىئو قۇبۇللىغۇچىلاردارادىئو سىگناللىرىنى چىقارماققا يەنى مودۇللاش- سىنتونلىماق، بىر تونغاكەلتۈرمەككە ئىشلىتىش رولىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇنداق ئىككى پۇتلۇق لامپلار توكتوغرىلىغۇچنىڭ بىرخىلى. ھالبۇكى،ئىككى قۇتۇپلۇق لامپلارنىڭ ئارانلا ئېچىپ -يېپىش(ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىك) رولىدىن باشقا مۇرەككەپ ھەركەت ئالىتىمۇ بار-ئۇلارنىڭ ۋولتئامپېرلىق خۇسۇسىيەت ئەگرى سىزىقىغا ئاساسەن. يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئىككى قۇتۇپلۇقلامپا پەقەت ۋە پەقەت ئۇنىڭ ئىككى ئۇچىدا توك بېسىمى ياكى توك ئېقىمى ئوڭيۆنىلىشتە ئۆتكەندىلا توك ئۆتكۈزگۈچلۈك رولىنى ئوينايدۇ، ئوڭ يۆلىنىشلىك ئېغىشئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىكى توك بېسىمى چۈشىشى توك ئېقىمى بىلەن ئازراققىنەئۆزگۈرىيدۇ، بۇ ئۆزگۈرىش بولسا ئتېمپۇراتۇرنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن.بۇ خىل ئۈنۈمتېمپۇراتۇرا سەزگۈچى( سېنزور )قىلىپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ ياكى توكبېسىمى سېلىشتۇرۇلمىلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.

ئىككى قۇتۇپلۇق لامپنىڭ ۋولت--ئامپېرلىقخۇسۇسىيەت ئەگرى سىزىقى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ماتېريالنڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ياكىئارىلاش ماددا ماتىريالنى ئارىلاشتۇرۇش ئۇسۇلىغا قاراپ ئوخشىمان شەكىلدە قىلىپبىكىتكىلى بۇلىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇللار ئوخشىمىغان فونكىسىيەلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن مەلۇممەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتلىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئىككى قۇتۇپلۇقلامپلار مەسلەن زېنېر دىئودىتوك بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرۇش تەڭشەشتەئىشلىتىلىدۇ. دىئودى ، بىراقلا ئېشىش دىئودى توكيولىنى يۇقىر بېسىملىق توك يولىدىن قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، تۇنېلدىئودى ، گۇن دىئودى،رادىئو چاستوتىسىنى ھاسىل قىلىش-تەۋرەنمە چاستوتا دا ئىشلىتىلىدۇ، نۇرلىنىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا (LED)يۇرۇقلۇق ھاسىل قىلىش ئۈچۈنئىشلىتىلىدۇ، تۇنېل دىئودىمەنپىي قارشلىقنى كۆرسۈتىش ئۈچۈنئىشلىتىلىدۇ،تۇنېل دىئودىنىڭ بۇخىل خۇسۇسىيتى ئۇنى ھەرخىل توك يوللىرىداقوللىنىشچان قىلغان.


تارىخى

                  تېرمىئونىك، ئىسسىقئىئونلۇق-ۋاكۇم دىئودى ۋە قاتتىق ھالەتىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ دىئودىلىرى ئايرىم ئۆزئالدىغا تەرەققى قىلدى، ئالغا باستى،تەخمىنەن ئوخشاش ۋاقىتتا 1900يىللىرىئەتراپىدا رادىئو قۇبۇللىغۇچ ئالغا ئىلگىرلەپ تەرەققى قىلدى.تاكى 1950يىلىغاكەلگەندە ۋاكۇم دىئودىرادىئولاردا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى،چۈنكى ئىلگىركى نوقتا-باغلىق تىپىدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك دىئودلار يەنى مۈشۈك بۇرۇتىتەكشۈرگۈچلۈكدىئودلارنىڭ مۇقىلىقىتازا ياخشى ئەمەستى،يەنە چۈنكى كۆپ قىسىم قۇبۇل قىلىش ئۈسكۈنىللىرىدە ۋاكۇم دىئودىكۈچەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى-چۈنكى ۋاكوم نەيچەئىچىگە دىئودلارنى ئاسانلار ئورۇنلاشتۇرغىلى بولاتتى.ھەمدە ۋاكوم دىئودىۋە گاز-تولدۇرۇلغانتوك توغرىلىغۇچ بەزى يۇقىرى توك بېسىمى ۋە يۇقىرى توك ئېقىمىنى توغىرلاشنىشۇ ۋاقتىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك دىئودلادىن نەچچە ھەسسە ياخشى بىر تەرەپقىلالايتى.شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى

پايدىلانغان ماتىرياللار:

http://en.wikipedia.org/wiki/Main_Page   ۋىكىپېدىيا دىن Diode دەپ باسسىڭىز مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلانى تاپالايسىز.

http://zh.wikipedia.org/wiki/Wikipedia:%E9%A6%96%E9%A1%B5 دىن 二极管دەپ باسسىڭىز  تاپالايسىز.

https://ug.wikipedia.org/wiki  ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا دەپ باسسىڭىز مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلانى تاپالايسىز.



    بۇ ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆزۈم ئۇيغۇرچە ۋىكىپىدىياغا تۇلۇقلاپ يوللاپ كىلۋاتمەن،بۇندىن كېيىنمۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئىلىكتىر ئۇچۇر كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك ئاممىباپ بولغان ئاساسىي بىلىملەرنى ئىنگىلىزچە ماتىرياللارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ،خەنزۇچە ماتىرياللادىنمۇ قۇشۇمچە پايدىلىنىپ ئانچە مۇنچە بىر نەسىرسىلەرنى يوللاپ تۇرىمەن ،كەڭ قىززىقىشى بار تورداشلارنىڭ ئىلىكتىر-توك،ئىلىكتىرونغا مۇناسىۋەتلىك بىلىمىنىڭ ،چەشەنچىسىنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئېشىشىغا ياردىمى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە ئىلىكتىر-توك،ئىلىكتىرونغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى  مەزمۇنلار ئاساسەن باشقا تىللارغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز يوقلا دىيەرلىكەن،ئىلىم- پەن  كۈندىن -كۈنگە تەرەققى قىلۋاتىدۇ ، كۈندىلىك تۇرمۇش-خىزمەتلىرىمىزدە ئىلمى،پەننى،تېخنىكىلىق بولغان بىلىملەرگە بولغان ئېھتىياجمىزمۇ بارا-بارا ئېشىپ بېرۋاتىدۇ،ئەمما ئىلىم-پەن،ئاساسلىقى تەبئىي پەننلەردىكى سەل يۇقرى سەۋيىلىك بولغان بىلىملەرنى مىللىتىمىزدىن ئىلمىي مەلۇماتلىق بولغان كىشىلەر ،ھەممەيلەن دىگۈدەك ئىنگىلىزتىلى،خەزۇ تىلى،روس،گىرمان،ياپون تىللىرى دىگەندەك تەبئى پەن جەھەتتە تەرەققى تاپقان خەلىقلەرنىڭ تىللىرىدا ئۆگۈنۈپ تۇرمۇش، خىزمەت،تەتقىقات جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كىلۋاتىدۇ(  بۇلۇپمۇ خىزمەت،تەتقىقاتلىرىدا ئەمدى شۇخىزمەتداشلىرى  ئورتاق بىلىدىغان تىلدا بولدىغان گەپ،بۇ ئھتىياج ).ئاناتىلنى قوغداش ،تەرەققى قىلدۇرۇش شوئارىنى توۋلىمىساق بىلىپ بىلمەي ئانا تىل كىرزىسىغا دۇچ كىلدىغان ئەھۋال يۈز بىرىشكە ئاز قېلىۋاتىدۇ.لېكىن ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى ئىلىملەر ،بىلىملەر ئاساسەن دىگۈدەك ئەدەبىيات،دىن،(پەلسەپە،تارىخلار...مۇشۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدە دەپ قاراپ تۇردۇم)ساھەلەردىلا  ئاساسلىق ئورۇندا-يەنى  بۇ جەھەتلەردە ئېھتىياجىمىزدىن ئەپلەپ چىقىدۇ،ھازىر كۆپىنچە تىلغا ئېلىندىغان شوئارلىرىمىز  ئۇيغۇرلارمۇ تەرەققى قىلسا(بۇلۇپمۇ ئىلىم پەنلەردىمۇ،)ھال-كۈنلىرى تېخىمۇ ياخشىلانسا،باشقا دۇنيا مىللەلىرى بىلەن تەڭ زامانداش بىزمۇ ياشاۋاتقاندىكى دۇنيا مىللەتلىرى ئارسىدا ئۆزىگە تىگىشلىك بىر  ئورنى بولسا شاللىنىپ  قېپقالمىسا، خارلىنىپ قالمىسا،  ئارانلاكۆپ ساندىكى دىھقان ،ناخشا مۇزىكا سەنئەتچى能歌善舞 ،كاۋاپچى،نانچى دەپ چۈشىنىلمەي ،بىزدىنمۇ داۋملىق تېخىمۇ كۆپ،ئەركىن سىدىقلار،شۆھرەت مۇتەللىپلەر،مايسەم مۇتەللىپلەر،تاشپۇلات روزىلار،رەيھان بەكتۇرلار،ساھىبجامال دۆلەتلەر،بىلگىجانلار......دەك ئالىم تەتقىقاتچىلار چىقسا.يەنە بىر تىلغا ئېلىندىغان شوئاربولسا ئانا تىلىمىزنى قوغدىساق بۇلاتتى  زامان مۇشۇنداق تەرەققى قىلىۋەرسە بىر كۈنلەردە ئانا تىلمىز ئۇيغۇرتىلى خىرسقا ،كىرزىسقا دۇچ كېلدىكەن دىگەننى بارا-بارا تۇنۇپ يىتىپ،ئانا تىلنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللەت تەركىبىدىكى ھەربىر شەخىس ئازراقتىن بولسىمۇ كۈچ چىقارسا دىگەنلەردىن ئىبارەت.

ھالبۇكى بۈگۈنكدەك دەۋىردە تەبئىي پەن جەھەتتىن تەرەققى قىلمايمۇ دۇنيا مىللەتلىرى ئارسىدا تەرەققى قىلغان مىللەت بوپ سانىلالايمەن  دىيىش  قۇرۇق پو ئاتقاندىن باشقا نەرسە ئەمەس ،بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدىمۇ تەبئى پەنلەردىكى ماتىرياللا كۈندىن كۈنگە توپلىنىپ كۆپەيسە تەرەققى قىلىش ۋە ئانا تىلىمىزنى قوغدىيالاش شوئارلىرىمىز،خىياللىرىمىز،ئويلىغىنلىرىمىز،ئارزۇلىغانلىرىمىز بىر كۈنلەردە ئەمەلگە ئېشىپمۇ قالار ئىنشا ئاللا،ئوقشىمىز كېرەك ھەرقايسى جەھەتتىكى ئىلىملەرنى ئىگەللىشىمىز كېرەك،ئاندىن ھەقنى، ھەقىقەتنى چۈشنەلەيمىز،ئەھۋالىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ......

بۇ مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ ئېلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىۋىردىدۇ،

                                                                                                                                      --قەمىردىن

                                                                                                                    2014-8-16







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wannabescholar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-16 07:26 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88122
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1210
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 09:27:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت ئەزىز قېرىندىشىم ھەقىقەتەن پايدىلنىش قىممىتى بار تېمىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1894
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2319
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3127 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 11:08:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئىنتايىن تەپسىلى يىزىپسىز، كەسىپتىن بۇنداق تەپسىلى تىما يوللايدىغانلار كۆپ ئەمەس...
  سىز دىگەندەك ماتىريالنى ئانا تىمىزدا ھەم باشقا تىلدا كۆرگەندە چۈشىنىش ياخشى بۇلۇپلا قالماي باشقا تىلنى تىخىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرگىلى بۇلىدۇ. بولمىسا كۈپىنچىسى چۈش بىلەن رىئاللىق ئارىسىدا لەيلەپ قالغاندەك بۇلۇپ ئۈگىنىۋاتقان كەسپىنى بەك ئۆزلەشتۈرۈپ كىتەلمەيدۇ...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ۋەتەننى سۆيۈش ئى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28041
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6790
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1798 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 11:17:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھقا شۈكرى ماۋۇ تېما مېسرانىمدىكى پەنگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مەنپەئەتلىك تېما بوپتۇ.
تېما ئىگىسى سىزگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن! بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق مەنپەئەتلىك تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!

دۇئا قلسا ھەرۋاقىت مۆمىن مۇسۇلمان،
تىلەيدۇ دوزاقتىن بولماقنى ئامان.
ۋەلىكىن دوزاقنىڭ ئۆزى ئىتارمىش،
‹‹مەن ئۆزەم قورقىمەن ناداندىن يامان››

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108970
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2014-8-5
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-17 07:53:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمغا تۇنجى قېتىم ئازراق بىر نەرسىەرنى يوللاپ بېقىشىم،راست گەپنى قىلسام  مۇنبەرگە ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە،خەنزۇچە مەزمۇنلارنى ئارلاش ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر نەرسە يېزىپ يوللاش تازا قۇلايلىق ئەمەسكەن،خەت كىرگۈزۈش رەسىملەرنى ماس ھالدا ئۆزى قويۇشنى ئويلىغان جايلارغا قۇيۇش دىگەندەك   ئىشلار تازا بەك قولايلىق ئەمەسكەن.مىسرانىم تور بېتىنىڭ تىز سۈرەتتە تېخىمۇ ئۆزىگە خاس بولغان ،ئەسەر ،مەزمۇنلارنى يوللاش تېخىمۇ قولايلىق بولغان مۇنبەر مۇھىتىنى بەرپا قىلىشتا ياردىمى بولىدىغان جەھەتتلەردكى تېخنىكسنىڭ يۇقىرى كۈتۈرىلىشىگە تىلەكداشمەن.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 582 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-17 12:05:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wannabescholar يوللىغان ۋاقتى  2014-8-17 07:53 AM
مىسرانىمغا تۇنجى قېتىم ئازراق بىر نەرسىەرنى يوللاپ بې ...


قەمىردىن ئەپەندىم، مىسرانىمغا تەبىئى پەن ئەسەرلىرىنى يوللاش ‹‹تازا بەك قولايلىق ئەمەس›› ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي قولايسىز، بولۇپمۇ ماتېماتىكىلق ئەسەرلەرنى يوللىغاندا ئىپادىلەر تەتۈر كۆرۈنىۋېلىپ، ئادەمنى بەكلا جىلە قىلىدۇ. شۇڭا بەزىدە مىسرانىمغا شېئىر-قوشاق ياكى نەغمە-ناۋانىلا يوللىسا بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالىمەن.
ھازىر بىزگە كېرەكلىك تەبىئى پەنگە (بولۇپمۇ ئېلېكترون فىزىكىسىغا) ئائىت ماتىرىياللار بەك ئاز، بۇندىن كېيىن كۆپرەك يېزىپ تۇرارسىز، مېنىڭ فىزىكا ئىلمىدىن تازا خەۋىرىم يوق، شۇنداقتىمۇ بەكلا قىزىقىمەن. ھە راس، ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا بىلەن ئۈچ قۇتۇپلۇق كىرىستال لامپىنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بولاتتى، بولۇپمۇ ھازىرقى يۇقۇرى، يېڭى تېخنىكا ھېسابلىنىدىغان توپلاشتۇرۇلغان توك يولىغا ئائىت ماتىرىياللارغا بەكلا قىزىقاتتىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-17 12:10 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86830
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-17 12:16:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قىز قىدىغان تىما ئىكەن ، ھارمىغايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108970
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2014-8-5
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-17 02:56:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2014-8-17 12:05 PM
قەمىردىن ئەپەندىم، مىسرانىمغا تەبىئى پەن ئەسەرلىرىن ...
ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ مۇسبەت ۋە مەنپى دىن ئىبارەت ئىككى ئۇچى بار.توك ئېقىمى پەقەت بىر يۆنىلىشتىلا ئۆتەلەيدۇ،يەنى:-توك ئېقىمى مۇسبەت+ قۇتۇپتىن مەنپىي- قۇتۇپقىلائۆتەلەيدۇ،ئەممامەتپىي قۇتۇپتىن مۇسبەت قۇتۇپقا ئۆتەلمەيدۇ.
(ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ بۇ تاق يۆنىلىشلىك توك ئېقىمى ئۆتكۈزۈش ئالاھىدىلىكى خۇددى كۆپىنچە ئۆيلەرنىڭ ئىشكىدەك ياكى ئىشىكنى ئالدىڭىزغا تارتسىڭىزلام ئېچىلدىغان ئاندىن ئۆيگە كىرگىلى بۇلدىغان ياكى ئىتتەرسىڭىزلام ئاندىن ئۆيگە كىرگىلى بۇلدىغان دەك بىر ئىش ،قايسى تەرەپ ئېچىلسا شۇ تەرەپ ئوڭ يۆنىلىش ياكى مۇسپەت قۇتۇپ دەپ قارىلىدۇ )

ئۈستىدىكى  يازمامدىكى  A,B ھەرىپ بىلەن ئىپادىلەنگەن يۇرىغان يۇرىمىغان ئىككى تال كىچىك لامپا بار رەسىمنى كۆردىڭىزمۇ   ،ئاندىن C-A دەپ بەلگە قۇيۇلغان ئىككى پۇتلۇق لامپا بار  لامپىنىڭ ئاستى ئۈستىدىكى ئىككى خىل قۇيۇلىشىغا قاراڭ،بىرسىدە ئاق ھالقىسىمان  سىزىقچە يۇرىغان پوزا تەرەپكە يېقىن        
ئەمەلىيەتتەرەسمدىكى ئ ىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىن توك A-C ئا دىن سى غا  ئۆتسە پوزا ئاندىن يۇرىيدۇ
C-A   سى دىن ئا غا ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىاتوك ئۆتكىزمەيدۇ.

ئۈچ پتلۇققا مۇناسىۋەتلىك ئازراق يېزىپ رەتلەپ  تەرجىمە قىلىپ دىگەندەك قىلۋاتقان  بىردەمگىچە يوللايمەن ئىنشا ئاللاھ.



بۇندىن كىيىن داۋاملى ئىككى ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا  ۋە شۇلاردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن توك يولىدىكى زاپچاس ،دىتاللارغا مۇناسىۋەتلىك نەرسەلەرنى داۋاملىق يوللاپ   مۇشۇ ئىلىكترون ھەققىدە ئۈزۈم ئۈگەنگەچ ئىزدەنگەچ بىر نەرسىلەرنى يوللاپ تۇرىمەن  ، بۇ نداق مەزمۇنلارغا قىززىقىشى بار دوستلارنىڭ  ۋاقتى چىققاندا يازغان نەرسىللىرىمنى ئانچە -مۇنچە تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرشىنى ئۈمۈد قىلمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wannabescholar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-17 07:39 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1143
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-17 05:29:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن ،مەكەپتىكىدىن مولراق بىلىملەرگە ئىگەبولدۇم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108970
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2014-8-5
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-17 07:08:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىدە مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسىرىگە ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ۋە ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا توغىرسىدا ئانا تىلىمىزدا بىر قەدەر تۇلۇق بولغان ئىلمىى ئىزدىنىش ،رەتلەش،ئېلىپ بارغان ئاساستا بىر  ئۇزۇنراق بىر مەزمۇن يوللاپ قاتناشتۇراي دېگەن ،قارسام ئەدەبى ئەسەر تۈرىگە تەۋە بولغان  بىر نەرسىلە بولسا ئاندىن قاتناشقىلى بولغۇدەك(خاتا چۈشىنىۋالمىغان بولسام)،شۇنىڭ بىلەن ئاستا ۋاز كەچتىم   بالون قاپىيە پەيلاسوپ كالان بولمىغاندىكى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش