ئەرلەر تازىلىق ئۆيىگە تاشلانغان جەسەت
(رازىۋىدكا ھىكايە)
راخمانجان رۇسۇل سۇلتانى
ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكىنىگە بىر ئايدىن ئاشقان تورانقىزنىڭ جەسىدىنىڭ ئەرلەر تازىلىق ئۆيىدىن تېپىلىشى تېخى ئەمدىلا بېسىققان ئونۋىرستېتىكى پاتپاراقچىلىقنى يەنە ئەۋجىگە چىقىرىۋەتتى، بالا دەردىدە تولا يىغلاپ يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ بىر موردا، بىر سۆڭەككە ئايلىنىپ قالغان ئايخان ئاچىنىڭ قان بېسىمى تېخىمۇ ئۆرلەپ بالنتسىدا يېتىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزى يۇمۇلغان بولۇپ، كۆكىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ھەركەت قىلىۋاتقىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ھېچكىم ئۇنى تىرىك دىمەيتتى. ئايخان ئاچىنىڭ بۇ ھالىتى ئوتتۇز نەچچە يىللىق قەدىنىسى ھامۇت ئاكىنى تېخىمۇ ئازاپلاپ، ئارزۇلۇق قىزىنىڭ دەردىدە يۈرىگىنى لەختە-لەختە زەرداپقا توشقۇزىۋەتكەنىدى. ئايخان ئاچا تىللىرىنى ئۆمەللەپ بىر نەرسە دېگەندەك قىلغان بىلەن ھېچكىم ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئوقالمايتتى، ئۇ بىر ئايدىن بۇيان تولاپ يىغلاپ يېشى قورۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۆچەي دەپ قالغان جىن چىراغدەك پىللىداپ قالغان ئىككى كۆزىدىن نۇر قېچىپ، ئاجىز يۈرىگى لەختە-لەختە زەرداپقا تولغانىدى. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ھېچكىم ھېچكىمگە گەپ قىلمايتتى، قۇتقۇزىۋاتقان دوختورلارمۇ كۆزىدە سۆزلىشەتتى. بورنىدا ئوكسىگىن، بەدىنىدە يۈرەك رېتىمىنى، قان بېسىمىنى ئۆلچىگۈچلەردىن چىقىۋاتقان قىزغۇچ نۇرلار، پەردىسى تولۇق چۈشۈرىۋېتىلگەن كىسەلخانىنى بىر خىل قىزغۇچ رەڭگە كەلتۈرۈپ قويغانىدى. بىچارە ئانا ھۇشىغا كەلگەن بولسا كېرەك، بىلىنەر-بىلىنمەي مىدىراپ، ھامۇت ئاكا تەرەپكە ئالاقىزادىلىك بىلەن قاراپ قويدى-دە، قېتىپ تارشىدەك بولۇپ كەتكەن قوللىرى بىلەن قول ئىشارىتى قىلدى، ئۇنىڭ ئاغزى موتولدايتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ بىرەر تەلىپىنى چۈشەندۈرمەكچىمۇ-قانداق، ئۇ گەپ قىلماي ئاغزىنىلا مىدىرلاتقاچقا، نېمە دىمەكچى بولغىنىنى ھېچكىم تاپالمىدى. ئۇ يەنە قول ئىشارىتى قىلدى، ئاغزىنى موتولداتتى، ئۇنىڭ نېمە دىمەكچى بولغانلىقىنى ھامۇت ئاكا چۈشەندى. ئۇ ھامۇت ئاكىدىن پەردىلەرنى قايرىپ دەرىزىنى ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى، بەلكىم ئۇ قوياش نورىنى، پەرۋەردىگار ياراتقان پۈتكۈل ئالەمنى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم كۆرۈۋالماقچى بولغان بولسا كېرەك، ھامۇت ئاكا پەردىنى قايرىدى، ئۇ كۆزىنى خىرە ئاچتى، ئەمما سىرىتىنىڭ ھاۋاسى تۇتۇق بولسا كېرەك، تېخى ئەمدىلا سۈزۈلەي دېگەن تاڭ خۇددى مۇشۇ بىچارىنىڭ جان ئۈزەي دەپ قالغان ھالىتىگە ئوخشاش تۇتۇق ئىدى.
ھامۇت ئاكىمۇ دەرىزە ئالدىدىن كەتمەي سىرتقا قارىدى، ئاسمان خۇددى قارا بۆك كېيىۋالغاندەك تومان بىلەن قاپلانغانىدى. بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى ئېچىنىشلىق ھالەتتە بولۇپ، كېچىدىن بىرى ياغقان يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى...
دېزىدىن ئۆي ئىچىگە چۈشكەن ئاجىز تاڭ نۇرى ھەرخىل ئۆلچىگۈچ ئەسۋابلارنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرى بىلەن بەسلەشكەندەك ئۆي ئىچىنى تېخىمۇ سۈرلۈك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانىدى، سەكراتتىكى ئايخان ئاچا چوڭقۇر ئويغا پاتقان، قاتتىق ھەسرەتلەنگەن ھالدا ھامۇت ئاكىغا تويماي قاراپ، بېشىنى بىلىنەر-بىلىنمەس لىڭشىتتى-دە، بۇ رەھمسىز دۇنياغا چىدىمىغاندەك، كۆزى ئوچۇق ھالاتتە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى...
X X X
تورانقىز ئىچكى ئۆلكىنىڭ مەلۇم مەركىزى شەھرىدىكى بىر ئونۋىرستېتنىڭ خىمىيە پاكولتېتى 2-يىللىقىنىڭ ئەلا ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، مۇندىن بىر ئاي بۇرۇن ياتىغىدىن چىقىپ كېتىپ ئىز-دىرەكسىز يوقاپ كەتكەن، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان مەكتەپ ئۇنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئائىلە ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادى شارائىتى قاتارلىقلارنى سۈرۈشتە قىلىپ، بىر قانچە كۈنگىچە سۈرۈشتە قىلىش، مەكتەپ ئامانلىق باشقارمىسى، سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىنى ھەركەتلەندۈرۈپ، ئالاقىلىششقا تېگىشلىك ھەممە كىشلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىزدىگەن بولسىمۇ ئەمما ھېچقانداق يەردىن ئۇنىڭ ئىز-دىرىكىنى ئالالماي ساقچىغا مەلۇم قىلدى. ساقچىلار ئىشنى ساۋاقداشلارىدىن ئەھۋال ئىگىلەش، ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلىدىغان، يېقىن ئۆتىدىغانلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بىرەر پايدىلىق يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمەي، ئاخىرى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەكەلدۈرۈپ بىرگە ئىزدىگەن بولسىمۇ يەنىلا دېڭىزغا چۆككەن تاشتەك ھېچقانداق ئامال قىلالمىدى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى مەكتەپ ۋە ج خ ئورۇنلىرى چىقارغان ئادەم ئىزدەش ئېلانىدىن باشقا ئەگەر قىزى توغرىسىدىكى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 200 مىڭ يۈەن سۆيۈنچە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئېلان بەرگەن بولىسمۇ ئۈنۈمى بولمىدى، ج خ ئورۇنلىرى بۇنىڭغا قاراپ «باشقىلار تەرىپىدىن قەستكە ئۇچرىغان...» دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىپ دېلونى ئاخىرلاشتۇراي دېگەن بىر كۈنى مەكتەپنىڭ بىر تازىلىق ئىشچىسى دېلو مەلۇم قىلىپ مەكتەپنىڭ يېڭىدىن سېلىنىپ، تېخى ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇلمىغان ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ بەشىنچى قەۋەتتىكى ئەرلەر تازىلىق ئۆيىدە بىر جەسەتنى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، مەكتەپ، ج خ ئورونلىرىنى يەنە بىر قېتىم پاتپاراق قىلىۋەتتى.
ئۇ كۈنى مەكتەپ خوجىلىق بۆلۈمى تازلىقچىلارغا بىنانى تازىلاپ ئۆتكۈزۈپ ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانىدى، بىنانىڭ 5-قەۋىتىنى تازىلاشقا مەسئۇل بولغان بىر تازىلىق خادىمى 5-قەۋەتنىڭ كارىدورنى تازىلاپ بولۇپ، ئەرلەر تازىلىق ئۆيىنى تازىلاش ئۈچۈن تازىلىق ئۆيى ئىشىگى ئالدىغا بارغاندا، ئەرلەر تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىگى قىيا ئوچۇق تورغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال تازىلىق ئۆيى ئىچىگە كىرىشىگە يېرىم يالىڭاچ پېتى ياتقان بىر جەسەتنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ۋارقىراپ ئادەم چاقىرىدۇ ھەم باشقا تازلىقچىلار بىلەن بىرگە ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ.
دەرھال يېتىپ كەلگەن ساقچى تەرەپنىڭ ئىنچىكە تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىگى ئالدىدا ئاللىبۇرۇن قورۇپ قالغان قوسۇق بار بولۇپ، تازىلىق ئۆيى ئىچىدە تورانقىز خۇددى ئۇخلاۋاتقاندەك ئوڭدىسىغا ياتقان. ئۆلگۈچىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە كوپتا بولسىمۇ ئەمما ئايىغىدا كېيىم يوق، ئۆلگۈچىنىڭ جىنىسى ئەزاسى ئەتراپىدا قان داغلىرى بار بولۇپ، ئۆلگۈچىنىڭ كالتە ئىشتىنى قېشىدا تاشلاپ قويۇلغان، كالتە ئىشتاندىمۇ قان داغلىرى بار، ئۇنىڭ ئاياغ كېيىمى، پايپىقى ۋە ئۇزۇن شىمى جەسەتتىن بىر مېتىر يىراقلىقتىكى تامنىڭ قېشىدا رەتلىك قويۇلغان، ئاياغ كېيىم بىلەن پايپاقنىڭ يېنىغا بىر دانە بانكا كارتىسى تاشلانغان...
رازۋىدكا خادىملىرى تورانقىز توغرىسىدا ئىگىلىگەن ئەھۋال ۋە نەخ مەيداننى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن «ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان» دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىۋىدى، بۇ يەكۈنگە مەكتەپ ۋە تورانقىزنىڭ دادىسى ئەسلا قۇشۇلمىدى، ئۇلارنىڭ گۇمانى؛ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان بولسا نېمە ئۈچۈن ئاياغ تەرىپى يالىڭاچ تۇرىدۇ؟ ئۇنىڭدىكى قان داغلىرى قەيەردىن كەلگەن؟!
ساقچى تەرەپ ھەممە تەرەپ قايىل بولغىدەك يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن جەسەتنى يېرىپ تەكشۈرمەكچى بولىۋىدى، بۇنىڭغا تورانقىزنىڭ دادىسى ھامۇت ئاكا بىزنىڭ ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ قۇشۇلمىدى، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ ج خ خادىملىرى موتوخەسىس تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق جەسەتنى يارمايمۇ ئاشقازان سويۇقلىقىنى شۈمۈرۈپ تارتىپ چىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاشقازىنىدىن خېلىپ كۆپ مىقدارىدا ئانىلىن چىقتى، ئانىلىن سىرغا ۋە بوياققا ئىشلىتىدىغان بىر خىل خىمىيىلىك سويۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ زەھىرى ناھايىتى كۈچلۈك خىمىيىلىك ماددا ئىدى.
رازۋىدكىچىلار ئەمدى ئۇلارنى قايىل قىلارمىز، دەپ ئويلىغانىدى، بىراق مەكتەپ ۋە ھامۇت ئاكىنىڭ گۇمانىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى؛ ئاشۇنداق ئەلاچى ئوقۇغۇچىنىڭ، نورمال بىر ئادەمنىڭ ھېچگەپتىن ھېچگەپ يوقلا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى مۇمكىنمۇ؟ مۇمكىن دەپ قارىساق، ئۇنىڭدىكى قان داغلىرى ۋە ئانىلىن قەيەردىن كەلدى؟ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئادەم ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ غورورىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلايدۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ نېمە ئۈچۈن يالىڭاچ پېتى ئوڭدىسىغا ياتىدۇ؟!
ج خ خادىملىرى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدەشكە بەل باغلاپ، تورانقىزنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان تەپسىلاتلارغىچە تەكشۈرۈشكە ئاتلاندى...
X X X
ھامۇت بىلەن ئايخان شىنجاڭنىڭ چەت بىر شەھرىدىن بولۇپ، ھامۇت شەھەر ئىچىدە كىچىك تىجارەتچى، ئايخان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، تورانقىز ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى پەرزەنتى بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئوغول پەرزەنتى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىپ، ئىككەيلەن بالا دەردىدە تولا يىغلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدىمۇ بىر قانچە يىلغىچە بالا يۈزى كۆرمىدى، ئۇلار كۆزى كۆرگەن، قۇلىقى ئاڭلىغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلدى، تېۋىپ، دوختۇرلارغا كۆرۈندى، «كونىلىق» لارنىڭمۇ ھەممىنى قىلدى، پەرۋەردىگاردىن كېچە-كۈندۈز تېلىدى، ئۇلارنىڭ پەرزەنت كويىدا قىلغان ئىبادەتلىرى پەرۋەردىگارنى تەسىرلەندۈردىمۇ ياكى بىرەر «دورا» پايدا قىلدىمۇ تورانقىزنىڭ ئىككى ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ يەتتىنچى يىلى ئايخان قورساق كۆتۈرۈپ تورانقىزنى تۇغدى، ئايخان تۇغدى دېگەندىن كۆرە ئاغزىدىن «كاكىلدىدى» دېگەن تۈزۈك، شۇڭا ئۇلار نۇرغۇن تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن بۇ بالىسىنىڭمۇ «تۇرماي» قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىسمىنى «تۇرانقىز» قويدى.
ئايخان ئوقۇتقۇچى بولغاچقا تورانقىزنى بىر قوللۇق تەربىيلىدى، بەش ياش ۋاقتىدىلا ساۋادىنى چىقاردى، ئۇلارنىڭ ئەجرىگە لايىق تورانقىز باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ سىنىپ بويىچىلا ئەمەس مەكتەپ بويىچە ئەلاچى ئوقىدى...
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقى ئىدى، ئايخان يېقىندىن بۇيان قىزىنىڭ كەيپىياتىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىگىنى بايقاپ تولىمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلدى، ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئىدى، تورانقىز مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ئانىسىغا باش ئىشارىتى قىلىپ قويۇپلا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، بۇ ئىشتىن ئەجەپلەنگەن ئانا ئارقىدىنلا قىزنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىۋىدى، تورانقىزنىڭ بىر ۋاراق قەغەزنى تۇتقىنىچە قار-يامغۇر يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدى؛
-قىزىم، ساڭا بېرەر ئىش بولدىمۇ؟- ئايخان ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي دەرھال سورىدى.
-...،- تورانقىز جاۋاب ئورنىغا تېخىمۇ يىغلاپ كەتتى.
-قىزىم، ھەر قانداق گەپ بولسا ئاناڭغا ئېيىتقىن، ئىككىمىز بىر بولساقلا ھەل قىلالمايدىغان مەسىلە يوق،- ئايخان قىزىنى باغرىغا باستى.
-بۈگۈنكى ئالى مەكتەپ تەقلىدى ئىمتىھان ئالغان ئىدى، بىراق مەن ياخشى جاۋاب بېرەلمىدىم،- تورانقىز بىرنى ئۇلۇغ –كىچىك تىنىپ بىر ۋاراق قەغەزنى پورلاپ كارۋات يېنىغا قويۇلغان تومپوچكا ئۈستىگە تاشلىدى.
ئايخان قىزىغا تەسەللى بېرىۋېتىپ ئۇنىڭ كۆڭلىغا بىر ئىش كەلگەندەك ھېلىقى پۇرلاپ تاشلىغان قەغەزنى ئاچتى، ئۇ قەغەزدە «ئەركىن، سىز بەك ئەقىللىق ئىكەنسىز» دېگەن خەت بار ئىدى، ئايخان خەتنىڭ تورانقىزنىڭ پوچوركىسى ئىكەنلىگىنى تونىدى، ئۇ يەنە قارىۋىدى، تانوش بىر پوچوركا، ئۇنىڭغا «تورانقىز، سىزمۇ قالتىس ياخشى قىز، بىز دېگەن ساۋاقداش ھەم پارتىداش تۇرساق، ئۆز-ئارا يارىدەم قىلىش دېگەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش...» بۇ پۇچوركا ئايخانغا ناتونۇش بولۇپ، ئۇ بىرەر ساۋاقدىشىنىڭ پوچوركىسىدەك قىلاتتى.
-ئەركىن دېگەن كىم؟- ئايخان تورانقىزدىن سورىدى.
تورانقىز ئاچچىغى كەلگەندەك جاۋابمۇ بەرمەي ئارقىسىنى قىلىپ يېتىۋالدى.
ئايخان ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش تەجىرىبىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى پىسخولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىلىرىگە ئاساسەن قىزىنىڭ ھازىر دەل «ياشلىق باھارىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ۋاقتى» ئىكەنلىگىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئادەتتىكى مۇناسىۋەتتە ئەمەسلىگىنى پەملىدى بولغاي، يوقارقى ئەھۋالنى ھامۇتقا تەپسىلى ئېيتىش، قانداق قىلىش، قىزىغا قانداق تەربىيە قىلىش توغرىسىدا قاتتىق ئويغا پاتتى...
X X X
رازۋىدكا خادىملىرى ھامۇتنىڭ بۇ بايانىدىن ناھايىتى ئىشەنچلىك يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەندەك تۇيغۇغا كېلىپ، تورانقىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقداشلىرى، سىنىپ مودىرى ئارقىلىق دېلوغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىردى...
-ھەي، بۇ ئىشقا سەل قاراپتىمىز،- دېدى جىنايى ئىشلار ساقچىسى ئەترىدىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە تورانقىز دېلوسىغا مەسئۇل ساقچى ۋاڭ جاۋ يوڭ يوتىسىغا بىرنى ئۇرۇپ،- تورانقىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يانفون بىلەن ئالاقىلاشقان ئادەمىنىڭ ئىسىمىمۇ دەل ئەركىن ئىدى، بىز ئەركىننى بۇ دېلو بىلەن چېتىپ تەھلىل قىلساق ۋە تەكشۈرسەك بەلكىم دېلودا بۆسۈش بولار...
ئەركىن باشقا بىر ئۆلكىنىڭ مەركىزىدىكى بىر ئونۋىرستېتنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ دەل تورانقىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ئىدى.
ئەركىن چاقىرتىپ كېلىندى، ئۇنىڭ دېگەنلىرى بىلەن ھامۇتنىڭ دېگەنلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، دېلودا خېلى ئىلگىرلەش بولدى...
ئەركىن تورانقىز بىلەن بىر شەھەردىن بولۇپ، ئۇ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى باشقا مەكتەپتە ئوقۇغان ئىدى، لېكىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىقىنىڭ ئاخىرقى ئوقۇش ماۋسۇمىغا كەلگەندە، بۇ مەكتەپنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى يوقىرى بولغاچقا، مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئۇ مەكتەپكە ئالمىشىپ كېلىپ دەل تورانقىزنىڭ سنىپىغا كىردى، سىنىپ مودىرى ئەركىننى تورانقىز بىلەن بىر پارتىغا ئورۇنلاشتۇردى...
ئەركىن بۇ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئالى مەكتەپ تەقلىدى ئىمتىھان ئېلىندى، ئىمتىھاندا يىللاردىن بۇيان بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقان تورانقىز ياخشى نومۇر ئالالماي، ئۇنىڭ پارتدىشى ئەركىن بىرىنچىلىكنى تارتىۋالدى.
نەتىجە ئېلان قىلىنىشى بىلەن سىنىپتىكى ئەمەس مەكتەپ بويىچە ھەممە ئوقۇغۇچى تورانقىزغا قاراۋاتقان، سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆز-ئارا كوسورلاشقان گەپلىرىمۇ تورانقىزنىڭ غەيۋىتىنى قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ بېشىنى كۆتۈرەلمىدى، باشقا پەنلەردىن تۆۋەن نومور ئېلىپ قالسىغۇ كارايىتى چاغلىق، ئۇ ئەزەلدىن تولۇق نومور ئېلىپ كېلىۋاتقان ماتېماتكىدىن بەكلا تۆۋەن نومور ئېلىپ قېلىشى ئۇنىڭغا بەكلا ھار كەلگىنىدى، «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دېگەندەك، ئاران تۇرغاندا ماتىماتكا مۇئەللىمىنىڭ «تورانقىز، ئاتمىش نومور دېگەن قانداق بولىدۇ، دەپ كۆرۈپ باققىڭىز كەلدىمۇ، سىنىپىمىزنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزدىڭىز..» دېگەن تەنقىدى ئۇنىڭ جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى، قاتتىق زەربە بولدى...
تورانقىزنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىگىنى كۆرگەن ئەركىن بىر كۈنى تورانقىزغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېدى؛
-بۇ ئىمتىھان دېگەن بىر تەقلىدى ئىمتىھان، تىرىشسىڭىزلا دۆلەتلىك ئىمتىھاندا چوقۇم ياخشى نومۇر ئالالايسىز، مەن سىزگە يارىدەملىشىپ تەكرار قىلىشىپ بېرەي...،- ئەركىن تورانقىزغا قارىمىسا بوپتىكەن، ئۇ تورانقىزغا قاراپلا شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەنلىگىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ بىلەرمەنلىك قىلىپ قويغانلىقىغا خىجىل بولدىمۇ دەرھال كەچۈرۈم سورىدى،- كەچۈرۈڭ، مەن... مەن... ھەرگىزمۇ...،- ئەركىن دۇدۇقلاپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى.
-كەچۈرۈم سورىغىدەك ئىش يوق،- دېدى تورانقىز نېمە دېيىشىنى بىلمەي تېخىمۇ خىجالەتتە قالغاندەك،- رەخمەت سىزگە، مەن چوقۇم تىرىشىمەن...،- تورانقىزنىڭ كۆزىدىن ئاققان ئىككى تامچە ياش ئۇنىڭ زىنىقىغا سىڭىپ كەتتى...
شۇ كۈندىن باشلاپ ئەركىن ھەر كۈنى دەرىستىن سىرتقى چاغلاردا تورانقىزغا كولسولتاتسىيە قىلىپ بەردى.
بىر كۈنى ئۇلار دەرىستىن چۈشۈپ مەكتەپنىڭ باغچىسىغا ماڭدى، ئۇلار ئوقۇۋاتقان مەكتەپ شەھەر بويىچە «باغچىلاشقان مەكتەپ» نامىنى ئالغان بولۇپ، ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق باغچىلاشقان مەكتەپ ئىدى. ھەر خىل مەنزىرە دەرەخلىرى بىلەن قاپلانغان بۇ باغچىنىڭ ئاستىدىكى يۇمران ئوت-چۆپلەر قىش-ياز ياپيېشىل توراتتى، چىملىقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ھۆپپىدە ئېچىلغان ھەر خىل گۈللەردىن ئاجايىپ شەكىللەر چىقىرىلغان بولۇپ، شۇئارلارمۇ گۈل ئارقىلىق يېزىلغانىدى. ئاسپالىتلاشتۇرۇلغان چىغىر يوللارمۇ رەڭگارەڭ گۈللەر ئارىسىدا قوڭور رەڭلىك لېنتا ھاسىل قىلغانىدى. تەكشى قىرقىلغان پاكار-پاكار ھەرخىل مەنزىرە دەرەخلىرى خۇددى چىرايلىق كېيىنىپ تويغا ماڭغان قىزلارغا ئوخشايتتى، ئۇ باغچىدا يەنە فونتان، شىپاڭ، گۈل جاھازلىرى ۋە قارىغايزارلىقلار بار بولۇپ، قارىغايزارلىقتىكى ھەر خىل قۇشلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىر خىل ناخشا-مۇزىكا سىمفونىيىسى ھاسىل قىلىپ، دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىيالارنى يېنىك تىترىتەتتى، ئۇلار شىپاڭغا كېلىپ ئولتۇرۇشىتى، شىپاڭدىن 10 نەچچە مىتىر يىراقلىقتا بىر چوڭ كۆلچەك بار بولۇپ، كۆلچەك فونتان ئۈچۈن ياسالغانىدى، فونتان ئېتىلىپ چىقمىغان چاغلاردا، تىپتىنچ، ئەينەكتەك ھەسەن-ھۆسەن رەڭگىدىكى كۆل سۈيى سۇغا ئەمەس، بەلكى ئېرىتىلگەن ئەينەككە ئوخشايتتى، مۇشۇنداق جىمجىت چاغدا قارىغان ئادەم ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە ئىنتايىن مۇستەھكەم بولغان يەر شارىنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغاندەك ھېس-تۇيغۇغا كېلەتتى، ئۇلار بارغاندا غور-غور شامال چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ شامال كۆل يۈزىدە دولقۇنسىمان قورومىلار ھاسىل قىلالمىغانىدى، كۆلدىكى سۇ يۈزى تىپ-تىنچ بولغاچقا سۇنىڭ سۈزۈكلىكىدىن كۆلنىڭ تېگى كۆرۈنۈپ تۇراتتى ۋە ئەركىن ئۈزۈپ يۈرگەن توپ-توپ بېلىقلارنى كۆرگىلى بولاتتى...
ئۇلار ئۈن-تىنسىز يوقارقى مەنزىرىلەرنى خېلىغىچە كۆزى، سەزگۈسى بىلەن تاماششا قىلغاندىن كېيىن تەكرارغا چۈشۈپ كەتتى، گەرچە ئۇلار بۇ شىپاڭغا بىر قانچە قېتىم كېلىپ تەكرار قىلغان بولسىمۇ ئەمما بۇ قېتىم تورانقىزغا باشقىچە بىلىنىپ، تەكرار ئۇنىڭ مېڭىسىگە زادىلا چۈشمىدى، ئۇنىڭ بىر نەرسە يازغان قولى تىترەيتتى. بۇ ئۆزىچىلا بولماستىن تورانقىز بىلەن ئەركىن ماتىماتكا كىتاۋىنىڭ بېتىنى ئۆرۈش ئۈچۈن تەڭلا قولىنى سوزۇپ، ئىككەيلەننىڭ قولى بىر-بىرىگە تېگىپ كەتتى، بىر پارتىدا ئولتۇرغان ساۋاقداش دېگەننىڭ قولى تىگىپ كېتىش ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشى تەبىئى، بىراق بۇرۇنقى تېگىپ كېتىش بۇ قېتىمقىغا ھەرگىز ئوخشمىدى، ئەركىن بەلكىم سەزمىگەن بولسا كېرەك، ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى، بىراق قولىنىڭ تېگىشى بىلەن تورانقىز ئۆزىمۇ تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغان بىر خىل سىزىم دەسلەپ ئۇنىڭ مىڭىسىدىن يۈرىكىگە، ھايال ئۆتمەيلا خۇددى سىماپتەك پۈتۈن بەدىنىگە تاراپ، تاپىنىدىن، قوللىرىنىڭ بېغىشىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندەك بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى ئوت ئېلىپ كەتتى. ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بىر سۇئالنى ئىشلىگەن قەغزىنىڭ بوش يېرىگە «ئەركىن، سىز قالتىس ئەقىللىق ئىكەنسىز» دېگەن خەتنى يازدى ۋە ئۇنى ئەركىننىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قويدى. ئەركىن بۇنىڭغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىدى ۋە ئويلانمايلا تورانقىز يازغان خەتنىڭ ئاستىغا «تورانقىز، سىزمۇ قالتىس ياخشى قىز، بىز دېگەن ساۋاقداش ۋە پارتىداش تۇرساق، ئۆز-ئارا يارىدەم قىلىش دېگەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش...» دېگەن خەتنى يازدى.
ئەركىننىڭ بۇ جاۋابى خۇددى غايەت بىر قورام تاشتەك تورانقىزنىڭ ئەمدىلا سۈرگەن ياكى ئەمدىلا تۇتاشقان سۆيگۈ ئوتىنى ئۈستىدىنلا بېسىۋالغانىدى...
X X X
تورانقىز ئەركىن بىلەن بىر مەكتەپكە قوبول قىلىنىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى، شۇڭا تورانقىزنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن ئۇلار ئارزۇلىرىغا ئوخشاش يازدى، بىراق، ئىككەيلەننىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى نومۇر پەرقى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما ئەركىنگە شەرقى شىمالىدىكى بىر ئونۋىرستېتىنىڭ تورانقىزغا جەنۇبى جۇڭگۇدىكى بىر ئونۋىرستېتتىن چاقىرىق كېلىپ، تورانقىزنى تېخىمۇ ئۈمۈدسىزلەندۈرۈپ قويدى، تورانقىز مۇھەببەتنىڭ رەھمسىز دولقۇنى ئىچىدە، غېرىپلىقنىڭ ئەلەملىك تۇيغۇلىرى تومور-تومورلىرىدا شۈرۈلداپ ئاققاندەك ھېسياتتا ئەركىنگە خۇشمۇ دىيەلمەي ئۆزى يالغۇزلا يېڭى مەكتەپكە بېرىپ، ھاياتىدا ئېرىشىش بىلەن، يوقۇتۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىگىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.
شۇنداق ئۇ ئېرىشكەندە خوشال بولغان، ئەمدى يوقاتقاندا قاتتىق ئازاپلاندى...
ھەربى مەشىق ئاخىرلىشىپ ئوقۇش باشلانغىلىمۇ بىر ئايدىن ئاشتى، تورانقىز ئەركىننىڭ كونا يانفون نومورىغا بىر قانچە تېلېفون قىلماقچى بولدى-يۇ، يەنىلا ئۆزىنى تۇتىۋالدى، ئەگەر ئەركىننىڭ پوزىتسىيىسى باشقىچە بولسا ئۇ تېخىمۇ تۈگىشىپ، ئۆزىنى قويىدىغانغا يەر تاپالماي قېلىشىنى ئوبدان بىلەتتى، شۇڭا ئۇ ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيگۈچە ئوتنىڭ تېشىدا كۆيۈپ تۇرۇشنى توغرا تاپتى، ئۇ گەرچە يانفونىغا شۇ جاينىڭ يېڭى نومورىنى كېلىپلا سېتىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئەركىننىڭ يېڭى نومورىنى بىلەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، پۇل كەتسىمۇ كونا نومۇرنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتاتتى.
بىر كۈن چۈشلۈك تاماققا ماڭغاندا تورانقىزنىڭ يانفونىغا بىر ئۇچۇر كەلدى، ئۇ قاراپلا ئەركىندىن كەلگەنلىگىنى كۆرۈپ، يۈرىگى قىنىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك قاتتىق سوقۇپ، كۆزىدىن ئىككى تامچە خۇشاللىق يېشىنىڭ سىرغىپ چۈشكەنلىگىنىمۇ سەزمەي قالدى، گەرچە ئۇچۇر بەك ئاددى ھەم ناھايىتى قىسقا بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىمى ئەركىن ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى، بۇ تورانقىزنىڭ نەزىرىدە «يەنىلا ئۈمۈد بار» دېگەننى چۈشەندۈرەتتى.
شۇنىڭدىن بۇيان تورانقىز بىلەن ئەركىن قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىقلا ئالاقىلىشىپ تۇردى، ئەڭ يامىنى تورانقىز ئىككى-ئۈچ قېتىم قىسقا ئۇچۇر بەرسە ئەركىن بىر قېتىم ئۇچۇر قايتۇراتتى، ئۇنىڭ قايتۇرغان ئۇچۇرى تولىمۇ ئاددى بولۇپ، تورانقىزدىن ئەھۋال سوراپ قويۇش بىلەنلا ئاخىرلىشاتتى.
ئۇلارنىڭ قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئالاقىلىشى ئەنە شۇنداق داۋاملىشىپ كېلىۋاتاتتى، بىر كۈنى ئەركىندىن بىر قىسقا ئۇچۇر كېلىپ، تورانقىزنىڭ ئۈمۈدۋار كاللىسىنى ئېلەشتۈرىۋەتتى، ئۇنىڭ ئۇچۇرىدا ئەركىن ياخشى كۆرىدىغان بىر قىزنىڭ تورانقىز ئوقۇۋاتقان شەھەردىكى باشقا بىر ئونۋىرستېتتا ئوقۇيدىغانلىقى، ئۇ قىزنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مەكتەپتە مىللى ئوقۇغۇچى بەك ئاز بولغاچقا، ئۇ قىزنىڭ تولىمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ، قىينىلىپ قالغانلىقى، مۇمكىن بولسا ئۆزىنىڭ ئورنىدا ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويۇشىنى ئۆتۈنگەنىدى.
بۇ ئىش تورانقىزغا بەك ئېغىر كەلدى، تۆۋە، ئۆزى چىن يۈرىگىدىن سۆيگەن بىر ئادەم تۇيۇقسىز ئۇنداق دېسە، تورانقىزنىڭ يۈرىگى قانداق بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ قارىغاندا يەنىلا ئادەم رەھىمسىز، يۈرەك چىداملىق ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولماي، يۈرەك دېگەن مىتالدىن ياسالغان بولسا ھازىرقى بېسىمنىڭ يېرىمچىلىك بېسىم بولغاندىمۇ يېرىلىپ كەتكەن بولاتتى، ئەمما تورانقىزنىڭ يۈرىگى يەنىلا بەرداشلىق بەردى...
شۇ كۈندىن باشلاپ تورانقىز باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلاندى، ئۇ ئىنتايىن كەمسۆز بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم يوقىدى، جاۋغىيىدا كۈلگەندە چىقىدىغان ئىككى تەرىپىدىن يىراقتىنلا كۆرىنىدىغان زىناقنى پەقەتلا كۆرگىلى بولمىدى، ياتاقنىڭ گىرىم ئەينىگى ئالدىغا كېلىپ، ئۇزاققىچە گىرىم قىلىدىغان ئەھۋال تامامەن يوقىدى، ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى، ياتاقداشلىرى بۇنىڭدىن ھەيران ئىدى، ئۇ دەرستىمۇ چىكىنىپ كەتتى، ئۇ خىيال سۈرۈپ بىر يەردە ئولتۇرسا باشقىلار ئۇنى چاقىرمىغىچە سائەت-سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى، ئۇ ئەنە شۇنداق مەڭگۈ كونىرىمايدىغان ياكى يىراقلاشقىلى بولمايدىغان، ھەر دەقىقە ھەلقۇمدىن ئېلىپ تۇرىدىغان تۈگىمەس ئازاپقا قالدى. ھەي، بۇ دۇنيانىڭ رەھىمسىز دولقۇنلىرى ئۇنى ھەرخىل ئازاپ، ھەسرەت-نادامەت دۈۋىلىنىپ قالغان قىرغاققا سۆرەپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى، كۆيۈك ئوتنىڭ ئەلەملىك تۇيغۇلىرى ئۇنىڭ تومور-تومورلىرىدا شۈرۈلداپ ئاقاتتى، مىخقا ئۈسسۈپ، تىكەنگە دەسسەپ، ئاچچىق يۈتۈپ ياشاۋاتاتتى، «مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز، كۆپرەك غەمخورلۇق قىلارسىز...» دېگەن نېمە گەپ ئەمدى؟ بەزىدە ئەقىل بىلەن ئازاپ بىر يەردە ئوخشايدۇ! چىن يۈرۈكىدىن سۆيگەن ئادىمى ئاشۇنداق دېسە، ئۇنىڭ قىلغىنى خەنجەرنى قولىغا تۇتقۇزۇپ «يۈرەككە سانجا» دېگەندەكلا بىر ئىشقۇ؟!
تورانقىز زادىلا ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزەلمىدى ۋە ياكى زادىلا بولدى قىلالمىدى...
ياتاقداشلىرى ئۇنىڭ مەيلى دەرس ۋاقتىسى بولسۇن ياكى دەرىستىن چۈشكەندە داۋاملىق يانفون ئوينايدىغان، بىر خىل ئۇچۇرنى يېزىپ، ئۇنى يەنە ئۇچۇرىۋېتىدىغانلىقىنى، بەزىدە پارچە-پۇرات قەغەزلەرگە بىر نەرسىلەرنى يېزىپ، ئارقىدىنلا ئۇنى جىجىۋىتىۋاتقانلىقىنى سىزىپ، ئۇنىڭدىن ئەنسرەپ قالدى، ئۇنىڭ يېقىن ساۋاقداشلىرى سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇ گەپ –سۆز قىلماي كۆز يېشى بىلەنلا جاۋاب قايتۇراتتى...
تورانقىزنىڭ بۇ ھالىتىدىن ئەنسىرىگەن يېقىنلىرى بىر كۈنى ئۇ يېزىپ، يازغانلىرىنى جىجىلاپ ئۆچۈرۈپ پۇرلاپ ئەخلەت سىۋىتىگە تاشلىۋەتكەن قەغەزلەرنى تەكشىلەپ، ناھايىتى تەستە «دادا، ئانا، سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن، ئادەم مۇنداق ئازاپ ئىچىدە ياشىغاندىن كۆرە بۇ دۇنيادىن ئۆلۈپ تۈگەشكەن ياخشى ئوخشايدۇ...» دېگەنلەرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىرەر بولمىغور ئىش تېرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ «بىز دېگەن يېقىن دوستلار، قانداق قېيىن مەسىلىگە يولۇققان بولساڭ بىزگە دېگىن، بىز يارىدەم قىلىمىز» دېگەندە ئۇ ھېچ نەرسە دېگىلى ئۇنماي، يىغلاش بىلەنلا جاۋاب بەردى...
تورانقىز ئەنە شۇنداق بوروقتۇملىق ئىچىدە بىر كۈننى ئەمەس، بىر سائەتنىمۇ قېيىندا ئۆتكۈزۈپ، بىر ماۋسومنى ناھايىتى تەستە ئاخىرلاشتۇردى، بىر كۈنى ئۇ ئاتا-ئانىسىغا تېلېفون بېرىپ، ئۆيىنى، ئاتا-ئانسىنى ئىنتايىن بەك سېغىنغانلىقىنى، ھازىرلا ئۇچۇپ بارغۇسى كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى..
6-ئاينىڭ 15-كۈنى دەرستىن چۈشكەن تورانقىز تاماققىمۇ بارماي ئۇدۇل ياتىقىغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە كارۋاتتا دۇملاپ ياتىدۇ، ياتاقداشلىرى تاماقنى يەپ قايتىپ كىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورىغاندا يەنىلا گەپ قىلمايدۇ. شۇ ئارىلىقتا تورانقىزنىڭ يانفونى سايرايدۇ. ئۇ يانفونىنى خېلىغىچە ئالمايدۇ، بىر ياتاقدىشى ئۇنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن ئۇ خوشياقمىغاندەك يانفون نومورىغا قاراپلا ياتقان ئادەم دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، كارىدورغا چىقىپ سۆزلىشىدۇ، ئۇ تېلېفون ئەركىندىن كەلگەن بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ ھەربىر ھەركىتىگە دىققەت قىلىپ تۇرىۋاتقان ياتاقداشلىرى ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئوغورلىقچە ئاڭلايدۇ، گەرچە تېلېفوندا تورانقىز كۆپ گەپ قىلمىغان بولسىمۇ، ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ «ماقول، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئۇنىڭغا پۇل تېپىپ بېرىمەن، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!» دېگەن گەپنىلا قىلىپ تېلېفوننى قويىۋىتىدۇ، ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ ناھايىتى تىترەپ چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىشىغا، ئۇ يىغلىغان پېتى ياتاققا قايتىپ كىرىپ، گەپ-سۆزمۇ قىلماي دۈملا يېتىۋالىدۇ.
بىر ياتاقدىشى ئۇنىڭدىن ئەنسرەپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغىنىدا ئۇ توغاننى بۇزۇپ قاچقان بەڭۋاش سۇدەك تەرەپ-تەرەپتىن ئېقىۋاتقان كۆز يېشىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان يېقىن بىر ساۋاقدىشىنىڭ بۇ شەھەردىكى باشقا بىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر قىز ساۋاقدىشى ئۆيىگە قايتىدىغان پويىز بېلىتى ۋە يولدا خىراجەت قىلىدىغان پۇللىرىنى يوقۇتۇپ قويۇپ ھازىر پويىز ئىستانسىدا ئىلاجىسىز تۇرۇپ قالغانلىقىنى، شۇڭا ئارتۇق پۇل بولسا بېرىپ تۇرۇشنى ئېيىتقانلىقىنى، دەپلا چامداندىن بانكا كارتىسىنى ئېلىپ، ياتاقتىكى ياتاقداشلىرىنىڭ ھېچقايسىغا گەپ قىلمايلا چىرايى ئۆڭگەن پېتى ئالدۇرۋۇشلاپ ياتاقتىن چىقىپ كېتىدۇ...
X X X
ئەركىننى چاقىرتىپ كەلگەندىن كېيىن دېلودا خېلى زور ئىلگىرلەش بولىدۇ، لېكىن ئەركىننىڭ قىز دوستىغا پۇل ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلىپ، بانكا كارتىسىنى چامداندىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن تورانقىز نېمە ئۈچۈن كارتىدىن پۇل ئېلىشقا بارمايدۇ؟!
رازۋىدكىچىلار يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرىۋاتقاندا بىر ساۋقداش مۇنداق بىر ئىشنى ئىنكاس قىلىدۇ؛ تورانقىز ياتاقتىن چىقىپ كەتكەن كۈنى ئۇ مەكتەپنىڭ دەرەخزارلىقىدا خۇددى نىرۋىسىدىن ئاداشقان ئادەمدەك ئالدى-كەينىگە مېڭىپ يۈرگەنلىگىنى، بەزىدە جايىدىلا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ بېشىنى قاماللىغانلىقىنى، يەنە بىر ئازدىن كېيىن مەكتەپنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان ئوقۇتۇش بىناسى تەرەپكە كىرىپ كەتكەنلىگىدىن ئىبارەت يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
مەكتەپنىڭ يېڭى ئوقۇتۇش بىناسىنى بېزىگەن خوجايىن تېخىمۇ مۇھىم بىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ: يەنى بىر ئايدىن كۆپرەك ئىلگىرى ئۇ بىنانىڭ سىرچىلىق، بېزەكچىلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرىۋېتىپ، 4-قەۋەت كاردور دەرىزىسىدىن بىر قۇتا ئانىلىن تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى «بەلكىم سىر تەڭشىگەندە سىرغا قوشۇپ ئىشلىتىپ، قۇرۇق قۇتىنى قويۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ قاراپ ئېرەن قىلمىغانلىقىنى، ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ قۇتىنىڭ يوق تۇرغانلىقىنى ئىنكاس قىلىدۇ.
رازۋىدكىچىلار مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن ئانىلىننىڭ زەھەرلەش كۈچى يوقىرى ھەمدە غىدىقلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك خىمىيىلىك سويۇقلۇق ئىكەنلگىنى ئۇققاندىن كېيىن، تورانقىزنىڭ ئانىلىننى ئىچىپ ئۆلگەنلىگىنى بېكىتىش بىلەن بىرگە تورانقىزنىڭ دادىسىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان قان داغلىرىنى DNA لىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق قاننىڭ تورانقىزنىڭ قېنى ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مۇنداق تەھلىل قىلىدۇ؛ تورانقىزغا ئۆزى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەن ئادىمى تېلېفون قىلىپ قىز دوستىغا يارىدەم قىلىشنى ئېيىتقاندا دەسلەپ ئۇ ئويلانمايلا يارىدەم قىلىشقا ۋەدە قىلىپ بانكا كارتىسىنى ئېلىپ ياتاقتىن چىققان، ئەمما ياتاقتىن چىققاندىن كېيىن ئىدىيىسىدە قاتتىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نىرۋىسى كونتىروللىقىنى يوقۇتۇپ مەقسەتسىزلا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلمىگەن ئوقۇتۇش بىناسى تەرەپكە ماڭغان... ۋە ياكى بىنانىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىن ئۆزىنى تاشلىۋېلىشنى ئويلىغان، ئەمما ئۇ بىنانىڭ 4-قەۋىتىگە چىققاندا كارىدور دېزىسىدىكى ھېلىقى قۇتىغا كۆزى چۈشۈپ، مەقسەتسىزلا قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئاچقان ۋە سۇغا ئوخشاش رەڭسىز سويۇقلۇقى ئىچكەن، ئۇ خىل خىمىيىلىك سويۇقلۇقىنىڭ غىدىقلاش كۈچى ناھايىتى ئۆتكۈر بولغىنى ئۈچۈن دەرھال ھېيىزىنى ھەيدەپ ئىچ ئىشتان ۋە تېشىدىكى شىمىنى بويىغان، تورانقىزنىڭ شەخسىيىتى بەكلا كۈچلۈك بولغىنى ئۈچۈن ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا پاك كېتىشنى ئويلاپ 4-قەۋەتنىڭ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ «كېتىش» نى ئويلاپ ئاياللار تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىگىنى ئىتتىرىگەندە تاقاق، ئۇ ئەرلەر تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىگىنى ئىتتىرىگەندە ئۇمۇ تاقاق، شۇڭا ئۇ 5-قەۋەتتىكى ئاياللار تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىگىنى ئىتتىرىگەندە ئۇمۇ تاقاق، شۇ جەرياندا ئانىلىن سويۇقلىقى تەسىر قىلىپ قوسقان، ئۇ دەرھال ئەرلەر تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىگىنى ئىتتىرىگەندە، ئەرلەر تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىگى ياخشى تاقالمىغانمۇ ئېچىلىپ كەتكەن، ئۇ كالتە ئىشتان ۋە شىمىنى سېلىپ ئۇنى يۇيۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئاياغدىكى كېيىملىرىنى سېلىپ، جۈمەكنى ئاچقاندا، جۈمەكتە سۇ يوق بولۇپ چىققان...
-تورانقىزنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە مەن سەۋەبچى،- دېدى ئەركىن ئۆزىنى ئېيىپلاپ،- ئەگەر تورانقىزنىڭ ئۇنداق ماڭا تۇيدۇرماي ئىچىدە كۆيۈپ يۈرگەنلىگىنى سىزەلگەن بولسام، بۇ خىل يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقمىغان بولاتتى...
دېلو ئاخىرلاشتى، ئەمما ئۇ كىشىلەرگە بولۇپمۇ ياشلارغا ناھايىتى كۆپ سۇئاللارنى قالدۇردى...
2014-يىل ئىيۇل-پەيزاۋات.
http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=18803