|
|
|
|
كۆرۈشكە ئالدىراڭ! ئاقسۇئاتال پۇتبول كۇلۇبى ئىككىنجى نۆۋەتلىك «ئاتال لوڭقىسى»نى تالىشىش ياشلار تەكلىپ مۇسابىقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
ھازىر ئاقسۇ كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتىدا ئاقسۇ ئاتال پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىككىنجى نۆۋەتلىك «ئاتال لوڭقىسى»نى تالىشىش ياشلار تەكلىپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بولۇپ،مۇسابىقە 14-چىسلا رەسمى باشلانغان. بۈگۈن(شەنبە) چۈشتىن كىيىنكى باي-قەشقەر كوماندىلىرى ۋە ئاقسۇ كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتى كوماندىسى -بۈگۈر كومانىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشسا ئەتە(يەكشەنبە)چۈشتىن بۇرۇن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينىلىدۇ. بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپ،شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەككىزكوماندا كەسكىن مۇسابىقىگە چۈشكەن،مۇسابىقە خەۋىرىنى ئۆز-ئارا ئاڭلىغان پۇتبول ھەۋەسكارلىرى نەق مەيدانغا كېلىپ ماھىرلارغا مەدەت بەرگەن ۋە نادىر پۇتبول مۇسابىقىسدىن ھۇزۇرلانغان.بىراق مۇسابىقە خەۋىرىدىن نۇرغۇن پۇتبول ھەۋەسكارلىرى خەۋەرسىز قالغان،بىز بۇ قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسىى خەۋىرىدىن تورداشلارنى خەۋەردارقىلىش مەقسىتىدە بۇ يازمىنى يوللىدۇق. ئەتە يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىككى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ بىرىنجى مەيدان مۇسابىقە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8دە باشلىنىدۇ ئىككىنجى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10 باشلىنىدۇ ،يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ،دۈشەنبە كۈنىدىكى مۇسابىقە چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت8دە بىر مەيدان ۋە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10 دا بىر مەيدان ئۆتكۈزلىدۇ .
مۇسابىقەئۆتكۈزۈلىدىغان ئورۇن:ئاقسۇ كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتۇتى پۇتبول مەيدانى. تەشكىللىگۈچى:ئاقسۇئاتال پۇتبول كۇلۇبى
مۇسابىقە كۆرۈش ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلارنىڭ ئاقسۇ كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتىغا كېلىپ نادىر پۇتبول مۇسابىقىسىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى ۋە ماھىرلارغا مەدەت بېرىشىنى ئۈمىدقىلىمىز،نەق مەيداندىن كۆرۈش ئىمكانىيىتى يوق تورداشلارنى يانفۇنۇم يانفون توربېكەتلىرى ئۇلىنىش دۇنياسى مۇسابىقە تەپسىلاتىدىن خەۋەردار قىلىدۇ .مۇسابىقەتوغرىسىدىكى يەنىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز ئەتىكى مۇسابىقەخەۋىرىمىزدە بولسۇن. يانفۇنۇم يانفۇن تور بېكەتلىرى ئۇلىنىش دۇنياسى http://yanfunum.com/
|
|
|
|
|
|