توي مۇراسىمىغا نەچچە ئادەم قاتناشتى؟
لېف تولىستوي
بىر ئائىلە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ.نۇرغۇن ئورۇق –تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرى كىلىپ تەبرىكلىشىپتۇ.قوشنا ئۆي خوجايىنى خىزمەتكارىنى چاقىرىپ<< سەن چىقىپ قوشنا ئائىلىدىكى تويغا قانچىلىك ئادەم كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ باق >> دەپتۇ.
خىزمەتكار بىر پارچە قېرى ئىلىۋىتىلمىگەن كۆتەكنى تېپىپ كىلىپ قوشنا ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قويۇپ،ئۆزى پەشتاقتا ئولتورۇپ سەۋرچانلىق بىلەن توي زىياپىتىدىن چىقىۋاتقانلارغا قاراپ ئولتورۇپتۇ.تەبرىكلەشكە كەلگەنلەر كەينى-كەينىدىن قايتىشىپتۇ.ئۆيدىن چىققانلىكى كىشىنىڭ ھەممىسى ھىلىقى كۆتەككە پۇتلىشىپ كىتىپتۇ.پۇتلاشقان ئادەملەر ھەممىسى سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ قويۇپ ئۆز يولىغا كېتىۋىرىپتۇ.پەقەت ياشانغان بىر ئاياللا چىقىپ كېتىۋىتىپ كۆتەككە پۇتلاشقاندىن كىيىن ئورنىدىن تۇرۇپلا ئۇ كۆتەكنى ئىلىپ بىر چەتكە تاشلىۋىتىپتۇ.
خىزمەتكار ئۆيگە قايتىپ خوجايىن بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭدىن << قوشنا ئۆيگە تويغا كەلگەن ئادەم خىلى كۆپمۇ>> دەپ سوراپتۇ.
<< پەقەت بىر ياشانغان مومايلا كەپتۇ>> دىدى خىزمەتكار.
<< بۇ نېمە دېگىنىڭ؟>>
<< بۇ مۇنداق ئىش ،مەن بىر دانە كۆتەكنى قوشنا ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قويوپ قويغان،باشقىلارنىڭ ھەممىسى كۆتەككە پۇتلىشىپ كەتسىمۇ ،ئۇنىڭغا دارىتمىلاپ تىللاپ قويۇپلا،كۆتەك بىلەن كارى بولماي كېتىۋەردى،پەقەت ھىلىقى ياشانغان ئاياللا ئۇ كۆتەككە يەنە باشقىلارنىڭمۇ پۇتلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى باشقا ياققا ئىلىۋەتتى.پەقەت ئادەملا شۇنداق قىلىدۇ،شۇڭا مەن شۇ بىر ئادەمنىلا < ئادەم > دەپ ئاتىلىشقا لايىق كىلىدىكەن دەپ قارىدىم >> دەپتۇ.
بۇئەسەر‹‹ خىللانغان فىليەتۇنلار ›› (经典杂文) ژۇرنىلىنڭ 2013-يىللىق 9- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى:ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت