قىزارغان يوپۇرماق
‹‹ئىزھار››
پەرىشان بولدۇم.
يەنىلا مىنىڭدە سېخىلىق بار.
سەن باھارنى ئەسلىتىپ،سەلىكىن شاماللىرىڭنى باشلاپ دەرگاھىمغا كەلگىنىڭدە ،سېخىلىق بىلەن يوپۇرماقلىرىمىنى شاماللىرىڭغا سوۋغا قىلغان ئىدىم،ئەسلا يوقىتىش ھېس قىلمىغان ئىدىم.ئەپسۇس!بىلمەپتىمەن...سەلكىن شاماللىرىڭنىڭ كېلىشى ،بوران چاپقۇندىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.ئاشۇ خۇشپۇراق سەلكىن شاماللىرىڭىنى باھارىم دەپ بىلىپ لەرزان سۆيىنىپ مەسىت بولۇپ ھەممىنى ئۇنتۇپتىمەن.
قېنى سەلىكىن!
قېنى مەيىن!
قىنى خۇش پۇراق!
قېنى سەن!
ھەممىسى تۈگىدى.
كەتتىڭ.
مەزگىللىك ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن.
ئەمما دەرگاھىمدا سوۋغا قىلغان جۇدۇن،بورانلىرىڭنى قالدۇرۇپ كەتتىڭ.دەرگاھىمغا سىنى باشلاپ،قەلىب دېرىزەمنى ئاچقىنىمغا ئۆكۈنىۋاتىمەن.مەن ئۆزەمنى ئۇنۇتقان ھالدا ھەممە -ھەممىنى ساڭا بېغىشلاشنى،ئۈزۈل-كېسىل تەغدىم قىلىشنى ئەلا بىلىپ خانەمگە كىرىشىڭگە ئىجازەت بەردىم،كىرىپ كەلدىڭ ،ئەمما سەن قوبۇل ئەيلىمىدىڭ،ھاجەتسىز دىدىڭ.ئەمدىلا ياشارغان بىر-ئىككى تال يوپۇرماقلىرىمنىمۇ بوش قويماي چەيلىۋىتىپ يوقالدىڭ.ئۆز-ئۆزەڭدىن پەخىرلىنىۋاتامدىغانسەن!
ساڭا،سەلكىن شاماللىرىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغىنىمنى كۆز يېشىم ئىچىدىن قايتا تېپىۋالدىم.
ناۋادا سەنلا بويرۇق قىلساڭ ھەممە-ھەممىدىن ئايرىلىپ ھوزۇرۇڭدا بولار ئىدىم.
ناۋادا سەنلا بويرىساڭ دەريا بويىغا بېرىپ مەڭگۈلۈك ئۇزاپ كېتەي.
كۆزلىرىم يىراقتىن سىنىڭ مەيىنلىكىڭگە ئىلتىجا بىلەن قاراپ تۇرماقتا.
بىلىمەن سەن ئەمدى كەلمەيسەن ،مەخسىدىڭ بولغان ئاشۇ ئىككى تال يوپۇرماقنى رەزىللەچە بورانلىرىڭ بىلەن ئۇچۇرۇپ سارغايىتتىڭ.
ئېسىڭدە بامۇ،مەن ئاشۇ بورانلىرىڭ ئىچىدە تۇرۇپ <يېشىل يوپۇرماقمۇ ھامان قىزىرىدۇ>دىيەلىدىم خالاس.
سەن ئاشىقىڭنىڭ بۇ سۆزىگە پەرۋا قىلمىدىڭ.
سىنىڭ تەبەسسۇمىڭنىڭ تەسىرىنى بىلدىم،بىلدۈردىڭ.زۇرمرەت يۇلتۇزۇمنى ئىزلەشكە قالدۇرۇپ قويغان،ئاجىز يورۇپ تۇرغان كىچىكىنە قەلىب شامىمنىمۇ بورانلىرىڭ بىلەن ئۆچۈرمەك بولدۇڭ.زۇمرەت يۇلتۇزۇمنى ئىزلەش يولۇمنى توسۇماقچى بولدۇڭ.مىنى قاراڭقۇ تۈن قوينىغا تاشلاپ قويماقنى ئەلا بىلدىڭ.بۇلارنىڭ سىنىڭ مەخسىتىڭ بولۇپ قالغانلىقىغا پەقەتلا ئەقلىم يەتمىدى.
گۈزەللىكىڭنى،خوشاللىقىڭنى،ھەسرىتىڭنى،ھارارەتلىك نۇرىڭنى مىنىڭ كىچىكىنە شەخسىي دۇنيارىمغا ئېلىپ كىرىپ، ئۆچەي دەپ قالغان ھاياتىمنى قايتا جۇلالىتىشنى ئۆزۈڭ ئېيىتقان ئىدىڭ.سەن ئارقاڭغا ياندىڭ.
ئېلاھى قەسىرىڭنىڭ پىنھان ئېشىكىنى ئېچىپ،مىنى تەكلىپ قىلغان ئىدىڭ.تەنھا،يالغۇز خانەڭگە شاملارنى يېقىپ شەخسىي دۇنيارىمىزنى قوشۇۋىتىپ پۈتۈنلۈكنى،بىرلىشىشنى،قوشۇلىشىشنى ئىيىتقان ئىدىڭ.
ئەپسۇس!
پەقەت تەڭرى ئالدىدىلا دىدارلىشىش ئىمكانىيىتىنى قالدۇرۇپ يوقالدىڭ.
سىنىڭدىن ھېچنىمە كۈتمەيمەن.پەقەت ئاخىرقى ئۆتىنىشىم زۇمرەت يۇلتۇزۇمنى ئىزلەش يولۇمنى ئەمدى توسۇمىغىن.زۇمرەت يۇلتۇزۇمنىڭ يۈرىكىمدە قايتا چاقنىشنى،يوپۇرماقلىرىمنىڭ قايتىدىن ياشىرىپ گۈل چېچەكنىڭ قەلبىمدە ئېچىلىشىنى،ۋۇجۇدۇمدا يالقۇننىڭ قايتا يېنىشىنى توساپ قويمىغىن.
يۇلتۇزۇمنىڭ كېچىلەردىن مىنى ئىزلەپ نازلىق ئويغىتىشىنى كۈزەتمىگىن!
مىنىڭ قانائەت ھاسىل قىلىشىمغا پەرۋا قىلمىغىن!
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئاپتۇرى:ئىزھار
ئۈندىدار سالون ئىزدەش نامى:ezharim