مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1729|ئىنكاس: 23

ئاخىرقى ئىلتىجا (مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائاليىتىگە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96400
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1006
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2013-7-26
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 01:46:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچ بولدى،دۇكانلار تاقالدى.يوللاردا ماشىنا-ئاپتىبوسلارنىڭ شاۋقۇن- سۈرەنلىرىدىن باشقا ھىچقانداق تىۋىش ئاڭلانمايتى. يوللاردىكى ئىلىكتىر-چىراغلار بۇ كىچىنى غۇۋا يورتۇپ تۇراتتى. پىيادىلەر يولىدىكى ئاندا-ساندا يايمىكەشلەرلا يايمىلىرىنى يىغىش بىلەن ئاۋارە ئىدى.  يول بويىدىكى موزدۇز يايمىنى يىغىشقا تەييارلىنىۋاتاتتى. ئۇ كىشىنىڭ بۇ  بىر كۈنلۈك كىرىمى  ئاز بولدىمۇ، ياكى باشقا قىيىنچىلىقى بارمۇ قانداق ؟
چىرايىدا  غەمكىنلىك روشەن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. شۇ ۋاقىتتا بىر كىشى كىلىپ ئايىغىنى تىككۈزدى.  كىيىن چىرايىدا مىسكىنلىك، خىجىللىق كەيپىياتى چىقىپ تۇرغان يەتتە ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا كەلدى.
تىككۈچى ئۇستام ئۇنىڭغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن ئايىغىڭنى يامامتۇق:
دىدى.  بالا تولىمۇ خىجىللىق كەيپىياتىدا:
- ھەئە دىدى. بالا ئۇ كىشىنىڭ ئايىغىنى تىككۈچە ساقلاپ تۇردى. كىيىن ئۇستامنىڭ ئىشى تۈگىدى. بالىنىڭ چىرايىدا قان-دىدارى قالمىغانىدى. ئۇستام:
-ئەكىلە ئايىغىڭنى دىدى. بالىنىڭ كۆزىدىن خۇددى ئەمدىلا يىغىشقا باشلىغان يامغۇر تامچىسىدەك ياشلار سىرغىپ چۈشەتتى. بالا تولىمۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئۇستامنىڭ سۆزىگە جاۋاپ بەردى:
- ئاكا يىنىمدا بىر تىيىنمۇ يوق. ئۇستام بالىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپلا تىرىكىپ كەتتى:
- ئەمسە يولىڭغا ماڭ، مەن يايمامنى يىغىمەن. بالا دىدى:
- ئەتە مەكتەپكە ماڭغاندا پۇلنى بىرىپ ماڭاي، مىنىڭ پەقەت مۇشۇلا ئايىغىم بار ئىدى، بەك يىرتىلىپ كىتىپتۇ، تىكىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن:
- ياق. بولدى قايت، بالا ئۇستامنىڭ يايما يىغىۋاتقانلىقىغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدى. ئۇستامنىڭ مۇئامىلىسىدىن ياماپ بىردىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇستام بالىنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماي يولىغا ماڭدى. بالا بۇ كىچىنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرىدا، ئايىغىنى تۇتۇپ يىغلامسىراپ مىدىرلىماي تۇراتتى. ئەتىسى كىشىلەر بالىنىڭ ئايىغىنى شۇ يەردىن تىپىۋىلىشتى. بىراق بالىنى شۇندىن تارتىپ ھىچكىم كۆرۈپ باقمىدى .

دۇنيا  پاسسىپلارنىڭ  قولىدا  ئەمەس ،  بەلكى   ئاكتىپلارنىڭ  قولىدا  چۆرگىلەۋاتىدۇ.  ...  :::
attirim بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 03:40:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 04:22:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ كىچىك بالا بەك كەمبەغەل نامرات ئىكەن،،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ھەم شۇنداق....ئەمما موزدۇز ؛تاش يۈرەك ئادەم ئىكەن .....موزدۇزنىڭ ئايىغىنى تىكىپ بېرىشىنى رەت قىلىشى بالىغا ناھايتى ئېغىر كەلگەچكە  بالىنىڭ يوقاپ كېتىشى ئوقۇرمەنلەرگە قويۇلغان سۇئال ....................................
ئاز ھەم ساز يېزىپسىز ....نەتىجىگە ئېرشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAXNAI2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-16 04:24 PM  


كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1846
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4830
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 06:05:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغرى  قىزنىڭ  تەقدىرىگە  ئوخشاشلا  يىڭى  بىر  فانتازىيە  باشلىنىش   ئالدىدا  تۇرامدۇ ؟
قانداق .........  
ئەسلى  ئايىقى  چۈشۈپ  قالغان  بالا  دەپ   قويسىڭىز  بوپتىكەن  ھە تىمىنى  (چاقچاق)
داۋامىنى   ساقلايمىز  

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1666
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 06:05:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھەجەپ ھە! ۋەقەلىك بەك تېز بۇلۇپ كەتتىمۇ ياكى بۇ يوقاپ كېتىشكە سەۋەپ بولالماسلىقى كېرەكمۇ بىلەلمەي قالدىم. مۇكاپاتقا ئىرشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1635
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7702
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1803 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 06:24:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ئىچىم ئاغرىدى،موزدۇزنى نامرات دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ،ئۇمۇ بىر تىجارەت يولى تۇرسا كىچىك بالا بولغانكىن مەيلى بالام دەپلا ياماپ بەرسە بولمامدۇ ئاياغىنى

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4435
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 766 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 06:37:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھىر مۇھەببەت بۇلىقى ئۈزۈلۈپ قالغاندا بۇنداق ئەھۋالنى يۈز بەرمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ.ئى موزدوز دىگەننى قۇلاق تۈۋىگە كىلىشتۈرۈپ «مانا ئەمىسە..»دەپ قويىدىغان نىمىكەن جۇما....
سۆزلەپلا كىتىپتىمەنيا ئۆزۈمچە..جەمئىيەت ئامانلىقىغا خىلاپلىق قىلغان بۇلۇپ قالماي يەنە،ھىكايە ياخشى يىزىلىپتۇ .تېما ئىگىسىگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 08:21:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملادا خاتالىق ئىغىر....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5290
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7886
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2028 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 08:30:15 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موزدوزنىڭ  ئ‍ېغىزىدىن   ، بېلىقچىنىڭ   قۇڭى  پاكىز   دېگەندەك ئ‍ەجەب رەھىمسىز  موزدوزكەن .

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100265
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 11:43:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي نىمەبولاپ كەتتى؟ موزدوزنى ۋەيران قىلىۋىتىپسىلەرغۇ؟
  قايسى بىر جورنالدا «كۆتەككە باغلانغان ساندۇق» دەپ بىر پوۋىسىت ئوقىغان ئىدىم. شۇ پوۋىسىتتا موزدوزلارنى بەك ئالىجاناپ قىلىپ تەسۋىلەپ كېتىپتىكەنغۇ؟ باش پاناسىز قالغان سەھرالىق كەلگۈندى قىزنى نىكاھلاپ ئالىدۇ. قىز بەك چىرايلىق بولغاچقا بىر پۇلدارنىڭ كۆزى چۈشۈپ، بۇ سەت مايماق موزدوزغا زايە كېتىپتۇ دەپ ئۇ قىزنى ئازدۇرىدۇ، قىزنىڭ باي بىلەن بولغان ئىشىنى بىلگەن موزدوز ئۇنى ئۈچ تالاق قىلىدۇ. قىز ھەيران قالىدۇ. چۈنكى موزدوزدىن باشقا ئادەم شەرىئەت پەرىئەت دىگەننى ئۇنتۇپ قىلىشقان ئىدى. كېيىن ئۇ چوكاننىڭ يېزىدا نىكاھسىز تۇغۇلغان قىزى چوڭ بولۇپ ئىزدەپ كېلىدۇ. ھېلىقى باي ئەر «تۇغماس» ئىكەن ھې ھې  ئاخىرى ئايالنىڭ قىزى بىلەن يىتىپ چىقىدۇ. ھەلەق ھەلەق
مۇشۇ پوۋىسىتنى  ئوقىغاندىن موزدوزلارغا بەكرەك دىققەت قىلىدىغان بولغان ئىدىم. ئالايتەن مەھەللەمدىكى خەنزۇ موزدوزغا ئاياق ياماتماي ئۇيغۇر موزدوزلارغا ئەكىلىپ يامىتىدىغان بولۇپ كەتكەنتىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagdowlat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-16 11:45 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش