ئەينەككە قاراپ سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش
ئەينەككە قاراش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزىنى تۈزەشتۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن،يەنە ئۆزىنىڭ چىرايىدىن سالامەتلىك ئەھۋالىنىمۇ بىلگىلى بولىدۇ.
1.كۆز چانىقى قىزىرىپ ئىشىشىپ كېتىش.بۇ بۆرەك ئاجىزلاپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ،تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك.
2.قاپاق تارتىش.بۇ نېرۋا چارچىغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ،دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
3.كۆزى قىزىرىپ قېلىش.بۇ ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ،خاتىرجەم ئۇخلاشقا دىققەت قىلىش لازىم.
4.كۆز چاناقلىرى قارىيىپ كېتىش.بۇ ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كتىشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ،دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
5.كالپۇك ىسارغىيىپ قېلىش.بۇ يۈرەك ئاجىزلاپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ،بۇ ئەھۋالدا تاماكا چېكىشنى تاشلاپ،دورا ئىچىپ بېرىش كېرەك.
6.تېرە سارغىيىپ قېلىش.بۇمۇ يۈرەك ئاجىزلاپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ،ھاراق ئىچمەسكىك كېرەك.
7.تېرىدە داغ پەيدا بولۇش.بۇ ۋېتامىن C,Bلارنىڭ يېتىشمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، مېۋە-چىۋە،كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
8.چىش مىلىكى قاناش.بۇ ۋىتامىنCيېتىشمىگنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ،كۆكتاتنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
9.تىلى ئاقىرىپ قېلىش.بۇ ئاشقازاندا كېسەل بارلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ،بۇنداق ئەھۋالدا ئۇزۇقلىنىشنى تەڭشەپ،خام،سوغۇق،قاتتىىق،ئاسان ھەزىم بولمايدىغان نەرسىلەرنى يىمەسلىك كېرەك.
10.تېرە يىرىكلىشىپ كېتىش.بۇ بەك ھېرىپ-چارچاپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ،دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىپ،داۋاملىق خىزمەت قىلماسلىق كېرەك.
مەنبە:بىلىم كۈچ ژۇرنىلىدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tirikjassat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-16 11:45 AM