|
|
|
|
تۈركمەنىستاندىكى ‹‹دوزاق دەرۋازىسى››
تۇركمەنىستاندىكى قارا قۇم چۆللۈكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا دەرۋازا كەنتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك كەنت بار، بۇ كەنت ئاقال ئوبلاستىغا تەۋە بولۇپ، پايتەخت ئاشىقئابادنىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن 260 كىلومېتىر يىراقلىقتا. 350 دەك نوپۇسقا ئىگە بۇ كەنت ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تېكى مىللىتىدىن بولۇپ، يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كەنتنىڭ ئەتراپىدا مول تەبىئى گاز بايلىقى بولۇپ، بۇ جايدىكى ئۈچ ئورۇندا تەبىئى گاز ئازگىلى بار، بىرى كۆيۈۋاتقان ئازگال، بىرى سۇ ئازگىلى، يەنە بىرى پاتقاق ئازگىلى.
كۆيۈۋاتقان چوڭ ئازگالنى يەرلىكلەر ‹‹دوزاق دەرۋازىىسى›› دەپ ئاتايدۇ، بۇنداق ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ: بىرىنچىدىن، بۇ يوغان ئازگالنىڭ ئوتى كىشىگە دوزاق ئوتىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ كەنتنىڭ ئىسمى ‹‹دەرۋازا كەنتى›› دەپ ئاتالغاچقا، ئازگالنىڭ ئىسمىغا يېقىنلىشىدۇ. ئۈچىنچىدىن، تەبىئى گازنىڭ كۆيۈپ بولالمىغان قالدۇقى ئەتراپنىڭ مۇھىتىنى يامانلاشتۇرىۋەتكەن بولغاچقا، ئەسلىدىنلا ناھايىتى نامرات بولغان بۇ كەنتتىكى ئاھالىلەر 2004-يىلى مەجبۇرى كۆچۈرۈلۈپ، كەنت خارابىلىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى كۆچۈپ بېرىپ ماكانلاشقان جايغا ‹‹يېڭى دەرۋازا كەنتى›› دەپ نام بېرىدۇ.
1971-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەبىئى گاز قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى دەرۋازا كەنتىنىڭ شىمالىغا 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، يەر ئاستىدىن قويۇق تەبىئى گاز ئېتىلىپ چىقىۋاتقان بىر تۆشۈكنى بايقايدۇ. ئۇلار بۇ تۆشۈكنى بۇرغىلاش جەريانىدا، تۆشۈك ئەتراپىدىكى توپا-شېغىلنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشى بىلەن دىئامېتىرى تەخمىنەن 70 مېتىر كېلىدىغان يوغان ئازگال پەيدا بولىدۇ. تەبىئى گازنىڭ سىرىتقا چىقىپ كېتىپ مۇھىت بولغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلار ئېتىلىپ چىققان تەبىئى گازنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى قارار قىلىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئۇلۇغ ئوت 1971-يىلدىن تا ھازىرغىچە توختىماي كۆيىدۇ، ئوت يالقۇنى ئون نەچچە ئېنگىلىز مىلى يىراقلىقتىنمۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، شۇندىن بۇيان بۇ كۆيۈۋاتقان ئازگال ‹‹دوزاق دەرۋازىسى›› دەپ ئاتىلىپ قالىدۇ.
ئۇنداقتا تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتى بۇ گازنى ئېچىپ پايدىلانماي، نىمىشقا بىكاردىن-بىكار كۆيدۈرىۋېتىدۇ؟ چۈنكى بۇنىڭدىن پايدىلانغىلى بولمايدۇ، بۇنداق ھادىسىلەر جاڭڭالدىكى تەبىئى گاز ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر قۇدۇق بۇرغىلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن تەبىئى گاز ئېتىلىپ چىقسا، يېقىن ئەتراپتا گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ياكى زاپاس ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى بولمىغاچقا، ئۇنى ھېچنىمىگە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. قۇدۇقنى تىندۇرىۋېتەي دىسە، تېخنىكا ۋە ئىقتىساد يېتىشمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا گازنى كۆيدۈرىۋەتمەي بولمايدۇ. بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ، ئۇنى كۆيدۈرىۋېتىش كۆپ مىقداردىكى يىغىلىپ قالغان تەبىئى گازنىڭ مۇھىت بۇلغىشى ياكى تاسادىپى پارتلاپ كېتىشىدىن جىق ياخشى ئەمەسمۇ.
سۈنئى ئازگالغا تەتقىقاتچىلار ئوت قويۇۋەتكەندىن كېيىن بۇ ‹‹دوزاق ئوتى›› 40 نەچچە يىل توختىماي كۆيىدۇ، بۇ جەرياندا قانچىلىك تەبىئى گازنىڭ كۆيۈپ بولغانلىقىنى ياكى يەنە قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن كۆيۈپ تۈگەيدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئازگالدىكى گاز زاپىسى ھازىرمۇ ناھايىتى تولۇق بولۇپ، كۆيدۈرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدىكەن.
بۇندىن بۇرۇن يېزىلغان ئاخبارات خەۋەرلىرىدە ‹‹دوزاق دەرۋازىسى›› ئۆزبېكىستاننىڭ دەرۋازا بازىرى دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك بىر بازىرىغا يېقىن جايدا دەپ ئېلىنغان، ئەملىيەتتە بۇ ‹‹دوزاق دەرۋازىسى›› تۈركمەنىستان چىگرىسى ئىچىدە، چۈنكى ئۇنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى شىمالىي پاراللىل 40°15'8.90" بىلەن شەرقي مېردىيان 58°26'24.00" نىڭ كېسىشكەن نۇقتىسىغا جايلاشقان.
ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا ئوبلاستىدىكى ئورتا بۇقا نېفت-تەبىئى گاز قۇدۇقىغا 1966-يىلى ئوت كەتكەندە، سوۋېتلىكلەر بارلىق تېخنىكىلىق ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ ئوتنى ئۆچۈرەلمەي، 1966-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 30 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بىر يادرو بومبىنى يەر ئاستىدا پارتىلىتىپ، بۇ قۇدۇقنىڭ ئېغىزىنى ئېتىۋەتكەن ئىدى، شۇڭا بەزىلەرنىڭ ‹‹دوزاق دەرۋازىسى›› ئوزبېكىستاندا دىيىشى پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس.
بۇ يادرو بومبىنى پارتىلىتىپ ئوت ئۆچۈرۈش جەريانىنىڭ سىن كۆرۈنىشى.
‹‹كۈزەتكۈچى تورى››دىن تەرجىمە قىلىندى
ئۇلانما: http://www.guancha.cn/Third-World/2013_11_22_187506.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-16 10:04 AM
|
|
|
|
|
|