نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى گارسىيا ماركوز ئالەمدىن ئۆتتى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! \7 m, E2 t% W# T! E4 j$ I3 w6 cفىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1982- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، كولومبىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى، مۇخبىر گابرىيېل گارسىيا ماركۇز 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى سەھەردە مېكسىكىدا 87 يېشىدا ۋاپات بولدى. گارسىيا ماركۇز 1927- يىلى كولومبىيەدە تۇغۇلغان، ھاياتىدا يەنە مۇخبىرلىقمۇ قىلغان. 1982- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «يۈز يىل غېرىبلىق» سېھرىي رىيالىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان تىپىك ئەسەر.7
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' p1 a" x. } @; G. f
4- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى خەۋەرلەردە گارسىيە ماركۇزنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتكەن. مېكسىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گارسىيا ماركۇزنىڭ 1999- يىلى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئامېرىكىدا خىمىيەلىك داۋالانغاندىن كېيىن بەدىنىدىكى ئۆسمە كىچىكلىگەن. بۇ يىل 3- ئايدا گارسىيا ماركۇزنىڭ ئۆپكىسى ۋە سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىپ قېلىپ، مېكسىكىدا داۋالانغان. دوختۇر ئۇنى قايتا تەكشۈرگەندە بەدىنىدىكى راكنىڭ ئۆپكە، جىگەرلىرىگە كېڭەيگەنلىكىنى بايقىغان. 4- ئاينىڭ 8- كۈنى گارسىيا ماركۇز دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىدە داۋالانغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% v% Z# E ` t9 @) V
گارسىيا ماركۇزنىڭ «يۈز يىل غېرىبلىق» (غۇپۇر نۇرىدىن تەرجىمە قىلغان) ناملىق رومانى، «پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ»، «ئالدىنئالا پۇر كەتكەن قاتىللىق دېلوسى» (زۇلپىقار بارات ئۆزباش تەرجىمە قىلغان)، «ئېلوندىرا ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى» (ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمە قىلغان) قاتارلىق پوۋېستلىرى ۋە خېلى كۆپ ھېكايىلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 U- ]0 ~3 K& y2 N& B' Y+ X4 qئۇنىڭ يەنە يەنە بىر مەشھۇر رومانى «خولېرا دەۋرىدىكى مۇھەببەت» ئەدەبىي تەرجىمە ژۇرنىلىدىكى گۈلجەننەت ئىسمايىل ھەدىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشرگە تاپشۇرۇلدى، رومان مۇشۇ يىل ئىچىدە نەشردىن چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- _, c6 r' x) w1 k8 }
ئۇنىڭ يەنە 2011- يىلى نەشردىن چىققان «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» ناملىق كىتابىنى قۇدرەت بارات تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تاپشۇردى. «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» ناملىق بۇ كىتابنىڭ تۇنجى نەشرىگە گارسىيا ماركۇزنىڭ 22 پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى ئۇنىڭ رېئال تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدىكى نۇتۇقلىرى: يەنى ئۇنىڭ 1944- يىلى 17 يېشىدا گىپاگىرا ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرىدىغان چېغىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن تارتىپ، 2007- يىلى 80 ياشقا تولغان چېغىدا ئىسپانىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىدە پادىشاھ ۋە خانىشنىڭ ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ r% l6 ]9 L$ d; ^
گارسىيا ماركۇز «مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ كىتابىدا: «مېنىڭ نەزەرىمدە نۇتۇق سۆزلەش ــ ئىنسانىيەتكە ۋەدە قىلىنغان ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش. مەن شۇنچە يۈكسەك شۆھرەت تۈۋرۈكىگە باغلىنىپ قېلىپ نېمىمۇ قىلارمەن؟» دەپ سوئال قويغان.1
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 @( [2 r: S3 r' v3 \! Xئۇ كىتابىدىكى ئىككىنچى ماقالىسى ـــ «مەن يېزىقچىلىققا قانداق كىرىشىمەن» دە ئۆز نۇتۇقىنى ئاڭلاۋاتقان تاماشىبىنلارغا: «مەن يېزىقچىلىققا كىرىشكەندە سەھىنىگە چىقىشقا مەجبۇرلانغان چېغىمدىكىدەك تۇيغۇدا بولىمەن» دەپ يازغان. ئۇ 1970- يىلى «يۈز يىل غېرىبلىق» ناملىق رومانى بىلەن مەشھۇر يازغۇچىغا ئايلانغان. يەنە مۇشۇ ئەسىرى بىلەن 1972- يىللىق رومۇلو گاللېگوس (Rómulo Gallegos)خەلقئارا رومان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ: «مەن بۇرۇن ئۆزۈمگە بىرى، ھەرقانداق مۇكاپاتنى رەت قىلىمەن؛ يەنە بىرى، مەڭگۈ نۇتۇق سۆزلىمەيمەن دەپ ۋەدە بەرگەن» دېگەنىدى. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ ۋەدىسى 10 يىلدىن كېيىن ئۆزگەرگەن. ئۇ نوبېل ئەدەبىياتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا چوقۇم نۇتۇق سۆزلىمىسە بولمايتتى. نەتىجىدە «لاتىن ئامېرىكىسى جەمئىيىتى» دە سۆزلىگەن نۇتۇقى ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىگە ئايلانغان. نۇتۇق سۆزلەش ــ كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 l# Y' s% O N" G9 qئۇنىڭ بۇ كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇن ئېلان قىلىنمىغان. گارسىيا ماركۇز چېچىلىپ ياتقان ياكى ئاللىبۇرۇن ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بۇ ماقالىلىرىنى ئوقۇغاندا: « بۇ نۇتۇقلىرىمنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقىدەك شۆھرەتلىك يازغۇچىغا ئايلانغانلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم» دېگەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* e' C4 v4 w$ c2 j! z$ t
پاساھەت بلوگىدا گارسىيا ماركوزنىڭ «پولكوۋنىكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ» (زۇلپىقار بارات ئۆزباش تەرجىمە قىلغان)، «ئېلوندىرا ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي مومىسى» (ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمە قىلغان) ناملىق ئىككى پارچە پوۋېستى ئېلان قىلىنغان
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ~/ o' [0 R/ T
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 Y7 ]& e2 e# R
مەنبە يازغۇچىلار تورى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 F: i3 F, L8 O8 ?0 c0 e* Y- V1 ` بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-16 03:10 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 x& r" d& a$ H3 ]/ Z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* }) V8 M7 I! j$ `$ w9 I