|
|
|
|
يۇيۇلما نۇسخا
تەڭگە تەمرەتكە دۇنيادىكى ھەممە دۆلەت ۋە ھەر قايسى ئىرىق مىللەتلەردە ،ھەر خىل ياشتىكىلەردە ۋەھەممە پەسىللەردە دائىم ئۇچرايدىغان،ئوڭايلا قايتا قوزغىلىدىغان،سوزۇلما خاراكتىرلىك،ياللۇغلىنىشچان تىرە ياللۇغى بولۇپ،خەلىق ئىچىدە قاسراقلىق تەمرەتكە دەپ ئاتىلىپ كەلگەن؛ئۇيغۇر تىبابىتى كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە بولسا قۇبائى مۇتقەششىرە دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ كىسەل ئەتىياز ۋە قىش پەسىللىرىدە ئوڭاي پەيدا بولىدۇ ياكى ئېغىرلىشىدۇ،ياز، كۈز پەسىللىرىدە يىنىكلەيدۇ.
تۆۋەندە مەن تورداشلاغا مۇشۇ كىسەلگە ياخشى ئۈنۈم قىلىدىغان بىر يۇيۇلما نۇسخىنى تەۋسىيە قىلماقچى.بۇ بىر نەچچە مۇشۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلاغا ئىشلىتىپ ئۈنۈمى كۆرۈلگەن نۇسخا.
تورداشلانىڭ پايدىلنىىشى ئۈچۇن سۇندۇم .
شاھتەررە 100گىرام،ئەمەن 80گىرام،رەۋەن60گىرام،ئاقلەيلى ئۇرىقى 60گىرام،يالپۇز 40گىرام،گۈلدارچىن 40گرام،سۇمبۇل60گىرام .
دورىلاردىن قائىدە بويىچە قاينىتىپ1000مىللىلىتىر قايناتما تەييارلىنىپ .ئىلمان ھالەتكە كەلگەندە ،بۇ يۇيۇلما بىلەن يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ.
|
|
|
|
|
|