مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5905|ئىنكاس: 40

ھىندىستانچە 19×19 كەررە يادلاش (بىلىۋېلىڭ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 02:57:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
             ھىندىستانچە 19X19 كەررە يادلاش ئۇسۇلى 

باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن كەررە يادلاش تولىمۇ مۈشكۈل بىر ۋەزىپە. بەلكىم بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، جوڭڭولۇق ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنىڭ 9X9 كەررىسىنى يادقا بىلگەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ يۈرگەندە، ھىندىستان بالىلىرى  19X19 كەررىسىنى يادلاپ بولغان بولىدۇ.

3442rgHkTY_n.jpg


ھىندىستاننىڭ تەرەققىياتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شۇنداق تىز بولىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئارفىمېتىكا دەرسلىكىدە كۆپەيتىش كەررىسى 1X19 شەكلىدە بولىدۇ، بالىلار 9X9 كەررىسىنى جوڭگو بالىلىرىغا ئوخشاش يادلايدۇ، ئۇنداقتا ھىندىستان بالىلىرى 11دىن 19 غىچە بولغان كەررە نەتىجىسىنى قانداق ئېسىدە ساقلايدۇ؟

سىز پەقەت تۆۋەندىكى ماتېماتىكىلىق ئىپادىگە دىققەت بىلەن قارىسىڭىزلا بۇنىڭغا جاۋاپ تاپالايسىز (بۇ يەردىكى X كۆپەيتىش بەلگىسىنى بىلدۈرىدۇ):

13X12=?
بۇنىڭ ھىندىستانچە ھىسابلاش ئۇسۇلى مۇنداق:

1-قەدەم: ئاۋۋال 13 كە 2 نى قوشىسىز.

13+2=15

2-قەدەم: ئاندىن 15 كە 10 نى كۆپەيتىسىز (ئەمەلىيەتتە كەينىگە 0نى قوشۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ).

15X10=150

3-قەدەم: ئاندىن 3نى 2 گە كۆپەيتىسىز.

3X2=6

4-قەدەم: ئاخىرىدا 2-قەدەمدىكى نەتىجىگە 3-قەدەمدىكى نەتىجىنى قوشىسىز.

150+6=156
 
2.jpg

‹‹ ماتېماتىكا مۇئەللىمنى-زە...  مۇشۇنداق نەرسىلەرنى  نىمىشقا ماڭا ئۈگەتمەيدىغاندۇ؟››


مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئۇلار 11X11 دىن 19X19 غىچە بولغان كۆپەيتىش كەررىسىنىڭ نەتىجىسىنى ئاسانلا ھىسابلاپ چىقالايدۇ.

163527d0dttkjykyg6mtjy_副本.jpg

‹‹بەك قالتىسكەن!››

ئەمدى تۆۋەندىكى ئىپادىلەر ئارقىلىق مەشقنى پىششىقدايمىز:

14X13 :
14+3=17 ①
17X10=170②
4X3=12③
170+12=182④

16X17 :
16+7=23①
23X10=230②
6X7=42③
230+42=272④


19X19 :
19+9=28①
28X10=280②
9X9=81③
280+81=361④

يۇقۇرىدىكى ئىپادىدىن مەلۇم قانۇنىيەتنى ئىگىلىۋالغان بولسىڭىز، 100 ئىچىدىكى كەررە نەتىجىسىنىمۇ ئاسانلا ھىسابلاپ چىقالايسىز:

23X26=598

23+6=29
29X20=580
3X6=18
580+18=598

32X34=1088

32+4=36
36X30=1080
2X4=8
1080+8=1088

68X63=4284

68+3=71
71X60=4260
8X3=24
4260+24=4284

91X96=8736

91+6=97
97X90=8730
1X6=6
8730+6=8736

مانا، مانا بىردەمدە بىلىپ بولدى، ئۇتان، ئۇتان! دوستلىرىڭىزغا ئۈگۈتۈپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ ھە، تاتلىق، تاتلىق!!!

تور بەت ياكى سالون ئىگىلىرى ئەۋلاتلارنى ياخشى تەربىيىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەنبەئەنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە يۆتكىۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئەسلى مەنبەئە: مالىيە ئىقتىساد تورى
كۆچۈرۈلگەن مەنبەئە: خەۋەر مەركىزى تورى
تورغا چاپلانغان ۋاقتى: 2014-8-13
كۆچۈرۈش ئۇلانمىسى: http://www.bzcm.net/news/2014-08/13/content_1552966.htm
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-15 07:26 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ili~oghli + 50 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 02:27:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماماتىماتىلىق ئىپادىلەرنى تەھرىرلەشكە باشقۇرغۇچى قابىلجان خېلى كۈچەپتۇ، ھەشقاللا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 752
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5054
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3081 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 08:38:49 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ئۇسۇل بولدىكەنغۇ !

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108975
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 123
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2014-8-6
ئاخىرقى: 2014-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 09:41:03 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇسۇلنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم. ئادەتتە بۇنى ھىساپلاشنىڭ بىر قانچە ئۇسۇلى بار.
بىرى: مەكتەپتە ئۆگەنگەن بۇيىچە بىۋاستە كۆپەيتىش.
يەنە بىرى: چوڭلار كۆپ ئىشلىتىدىغان سان پۈتۈنلەش ئارقىلىق كۈڭۈلدە ھىساپلاش.
شۇنداق قىلىپ ئۈچ خىل ئۇسولدا ھىساپلىيالايدىغان بولدۇق. ھىندىستان ماتىماتىكىسىنىڭ داڭقىنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغان.

ئۈندىدار; 1498134577  بىلوگ ئادرىس كودى: ۋۋۋ. بېەمۇرھد.ۋڭش.غومئيھچۇپقھن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4605
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 09:41:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ! بۇ ئۇسۇلمۇ بولىدىكەن-ھە! تېما ئىگىسى رەھمەت سىزگە!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 10:10:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gvlbargi0999 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-16 09:41 AM
پاھ! بۇ ئۇسۇلمۇ بولىدىكەن-ھە! تېما ئىگىسى رەھمەت سىز ...


ماڭا رەھمەت ئېيتماڭ، ئوڭايسىزلىنىپ قالىمەن.
بۇ ئۇسۇلنى مەنمۇ ياقتۇرۇپ قالغاچقا، بالىلىرىمىزغا پايدىسى تېگەمدىكىن دەپ  باشقا تور بەتلەردىن تەرجىمە قىلىپ قويغان، ھىسابلاش ئۇسۇلىنى بايقىغۇچىنى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن، بەلكىم ھىندىستادىكى بىر مىليارد 300 مىليون ئاھالىنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر كىشى بولىشى مۇمكىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-16 10:13 AM  


باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5403
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2251 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 10:12:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىندىستانچە دېمىسىمۇ كىچىكىمدىن بېلەتتىم بۇنى...

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 10:21:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-16 10:12 AM
ھىندىستانچە دېمىسىمۇ كىچىكىمدىن بېلەتتىم بۇنى...


كەچۈرۈڭ ئەكەك، ماتىماتىكىغا بەك ئۇستىلىقىڭىزنى بىلمەي قاپتىمەن. مەن تېخى ئۈلۈشكۈن (13-چىسلا) خەنزۇچە توربەتلەرگە چاپلانغان بۇ خىل ھىسابلاش ئۇسۇلىنى سىزنى دەپ ئەمەس، بەلكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان سەبىي بالىلىرىمىزغا ئانچە-مۇنچە ياردىمى بولامدىكىن دەپ يوللىغان.

ساقام، ئۇستىلىقىڭىزنى بۇ يەردە پەش قىلمىسىڭىزمۇ، بىلگەندىكىن ماۋزۇنى كۆرۈپلا كىرمىسىڭىز بولاتتى ئەمەسمۇ؟ كاللىڭىز جايىدا بولسا، بۇ يەردە بىلجىرلاپ يۈرمەي، باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ ئۆزىڭىزنىڭ تەڭ-تۇشلىرى ئالدىدا ماختىنىڭ.

سىزدەكلەرنىڭ دەستىدىن باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى بارغانسېرى چېكىنىۋاتىدۇ، ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس......

‹‹ھىندىستانچە›› دىگەن سۆزگە كەلسەك، ئەسلى يازمىدا شۇنداق دىيىلىپتىكەن، مەن سىزگە ئوخشىمىغاچقا، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەپ، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئەينەن تەرجىمە قىلغان، ئىشەنمىسىڭىز تېما ئاستىدىكى ئۇلانمىنى كۆرۈپ بېقىڭ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-16 10:57 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 10:41:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ   ھەقىقەتەن ئىسىلكەن . بالىلىرىمىزغا پايدىلىقكەن .

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-16 10:46:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزدىن بەك سۆيۈندۈم،بۇيىل 2-يىلللىقا دەرسكە كىرەتتىم.كۆپەيتىش كەررىسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ ئەستە ساقلىمىغى ھەقىقەتەن قىيىن،تېمىڭىزدىن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىۋالغاندەك بولدۇم.ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر.....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش