مەڭ كۆپ بولسا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بۇلۇش خەۋىپى يۇقىرى بۇلىدۇ(يېڭى بايقاش)
(ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.)
مەڭنىڭ كۆپ بۇلۇشى ئىھتىمال سالامەتلىككەتەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.ئامرىكىنىڭ “تۇرمۇش ئىلمى”تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،ئامرىكا ھىندىئاننا ئونۋىرسىتىتىنىڭ ئېپىدېمىئولوگىيە ئالىمى ۋە راك تەتقىقات مۇتەخەسىسى ئېلىپ بارغان ئىككى تۈرلۈك كەڭ دائىرىلىك ئۇزاق مۇددەتلىك تەتقىقاتىدا ئاياللارنىڭ تېرىسىدىكى مەڭنىڭ سانى ۋە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بۇلۇش خەۋىپىنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايقىغان.
بىرىنچى تۈرلۈك تەتقىقاتتا،تەتقىقاتچى خادىم ئامرىكىدىكى يېشى 40تىن 65كىچە بولغان 75مىڭ ئاياللارغاقارىتا قەرەلى 24يىللىق داۋالىنىشتىن كىيىنكى زىيارەت ئېلىپ بېرىپ،ھەر بىر ئايال سول بىلىكىدە پەيدا بولغان دىئامىتىرى 3مىللىمىتىردىن يۇقىرى مەڭنىڭ سانىنى خاتىرىلىگەن.سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باشقا خەتەرلىك ئامىللار (تۇنجى قېتىم ھەيىز كۆرگەن ۋاقىت ۋە تۇنجى قېتىم ھامىلدار بولغان يېشى،كىلىماكتىرىيە يېشى)نى كونتىرول قىلغاندىن كىيىن، تەتقىقاتچى مېڭى بولمىغان ئاياللارغاسېلىشتۇرغاندا مەڭ سانى ئەڭ كۆپ (15تال ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ) بولغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىماللىقى %35 تىن ئېشىپ كىتىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئىككىنچى تۈرلۈك تەتقىقاتتا،يېشى 39دىن 66كىچە بولغان 90مىڭغا يېقىن فىرانسىيە ئاياللىرىغا قارىتا قەرەلى 18يىللىق داۋالىنىشتىن كىيىنكى ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىش ئېلىپ بارغان،ھەمدە ئۇلاردىن“يوق،ناھايىتى ئاز،كۆپ ۋە ئىنتايىن كۆپ”قاتارلىق سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېرىسىدە پەيدا بولغان مەڭنىڭ سانىنى ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلغان.تەھلىل قىلىش نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە،ئۇ دوكلاتتا ئىنتايىن كۆپ مېڭى بولغان ئاياللارنىڭ مېڭى يوق ئاياللارغا قارىغاندا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بۇلۇش ئىھتىماللىقى %13تىن ئېشىپ كەتكەن؛تەتقىقاتچى خادىملار يەنە مەخسۇس ھەيىز ئاياقلاشقان ئاياللارنى كۈزەتكەن بۇلۇپ،نەتىجىدە ئىنتايىن كۆپ مېڭى بولغان ئاياللارنىڭ مېڭى يوق ئاياللارغا قارىغاندا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بۇلۇش ئىھتىماللىقى %34تىن ئېشىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
«ئاممىۋى ئىلىم-پەن كۈتۈپخانىسى قەرەللىك ژورنىلى—تىببى پەن قىسمى»دە ئېلان قىلىنغان بۇ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە،مەڭ ئىھتىمال سۈت بېزى راكى خەۋىپىنىڭ بىر بەلگىسى بۇلۇشى مۇمكىنلىقى،بۇنىڭ مەڭنىڭ سانى بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى جىنسى ھورمۇن تەركىبىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغانلىق سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى،مەڭنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئانىلىق ھورمۇن ۋە ئاتىلىق ھورمۇن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بۇلۇپ،ئاسانلا ھورمۇن ئاجىرىتىپ چىقىرىش تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ راك پەيدا قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azgun805 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-15 12:26 PM