nuri24 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 10:54 AM 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا، ھازىرقى يېزىقىمىزنى ئىشلەت ...
ۋەئەلەيكوم ئەسسالام ئىنىم!
مىنىڭ ئىنكاسىمنى خاتا چۈشىنىۋالغاندەك قىلىسىز. مەن ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى
ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى دەسسەتسەك دىمەكچى ئەمەسمەن،
ئۇنداق قىلىشقا مەن ئۆزۈممۇ قارشى. مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم مۇنداق: (1) ھازىرقى ئۇيغۇر
يېزىقىمىز خەلقئارا ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقىسىدا، جۈملىدىن ئېلىكترونلۇق خەت، ئۇچۇر، ئۈندىدار
قاتارلىقلاردا تېخى ئومۇملىشىپ كەتكىنى يوق، بىر مەزگىل يەنىلا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى
قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. (2) خۈاۋېيغا ئوخشاش بەزى تىلىفۇنلارئۇيغۇرچىنى قوللىمايدىكەن،
ئۇيغۇرچە سېستىما قاچىلىغان بىلەنمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا تىلىفۇن
بىلەن بۇلىدىغان ئۇچۇر، ئۈندىدار قاتارلىقلاردا يەنىلا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى قوللىنىشقا توغرا
كېلىدۇ. (3) بۇرۇن يولغا قويۇلغان ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇرچىنى يازالمايدىغان ياكى تىلىفۇن، كومپيۇتېرلاردا ئۇيغۇرچە خەتنى
چىقىرالمايدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ يا بۇرۇنقى يېڭى يېزىققا، يا ھازىرقى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا
ئوخشىمايدىغان بىرخىل لاتىنچە يېزىق بىلەن ئىنكاس يازىدىغانلىقىنى پات-پات ئۇچرىتىپ
قالىمىز. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
شۇڭا، ئۇيغۇرچە يېزىقنى دەماللىققا قوللانغىلى بولمايدىغان مۇشۇنداق بىر قىسىم ئەمەلىي
تۇرمۇشىمىزدا، ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتى تۈزۈپ چىققان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى
قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىشىمىز توغرا، بۇ ھەرگىزمۇ ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى ئەمەلدىن
قالدۇرۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، «تەتۈر مۇقام توۋلىغانلىق» تېخىمۇ ئەمەس. توغرا چۈشىنىشىڭىزنى
ئۈمىد قىلىمەن.