مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3724|ئىنكاس: 12

ھوۋقۇش ھوۋلىغان كېچەلەر(3) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98045
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 07:03:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھوۋقۇش ھوۋلىغان كېچەلەر


مۇئەللىپ-ئابدۇللا سالامەت قاشتېكېن


بىرىنچى ئىشىك-فىتنە سىنىقى

3

سەن ئاشۇنداق غەلىتە ئىشلارنى خىيال قىلىۋېتىپ ئاستاغىنە ئاشىقىڭغا تېلېفۇن قىلدىڭ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن ئۇزۇن دائىملىق دىيىلىدىغان سۆيگۈ پاراڭلىرىڭلاردىن تارتىپ ھېلىقى شوجاڭنىڭ كېلىپ داداڭ بىلەن سۆزلىشىپ كەتكەنلىكىگىچە سۆزلىدىڭ، لېكىن، ئۇمۇ بەك ئىنچىكىلەپ سوراپ كەتمىدى، سەنمۇ باياتىنقى بەزى ئىشلىرىڭنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ سېلىشتىن ئۆزەڭنى تۇتۇۋالدىڭ، ئاندىن ھېلىقى ئايالچە موتۇتسىكىلىتنىڭى پارىڭىنى قىلىپ كىملەرنىڭ نىمىلەرنى دەپ قانداق مەسلىھەت بەرگىنى، ئاناڭنىڭ، ئاندىن داداڭنىڭ نىمىلەرنى دىيىشكەنلىرىنى، كۆڭلۈڭنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى سۆزلىدىڭ، ئۇ بولسا، توك ھارۋىسىنىڭمۇ ئۇبدان نەرسە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قولىقىنىڭ يۇمشاقلىقىنى، ئۇنىڭ ھەيدەشنى ئۈگىنىشنىڭ بەكمۇ ئاسان ئىكەنلىكىنى دەپ كېلىپ سېنىمۇ ئۇ قارارلارغا قوشۇلۇشقا بىر دەمدىلا ھايت دىگۈزۈۋەتتى. ئۇندىن كېيىن سەن بۈگۈن ئاناڭنىڭ مىجەزىنىڭ، بولۇپمۇ، كەچلەر مابەينىدە غەلىتەرەك بولۇپ قالغانلىقىنى، ئاچا-سىڭىل ئىككىڭلارنى ئاغزىغا كەلگەنچە تىللاپ قوغلىغانلىقىنى بايان قىلدىڭ. ئۇساڭا قىزىقچىلىق قىلىپ :

-ئۇلارنى بۈگۈن ئۆز ھالىغا قويغىنىڭ ئوبدان بولۇپتۇ، بۈگۈن كۈنگە پەيشەنبە، ئۇنىڭ ئۈستىگە داداڭ ئەرتە شەھەرگە بىر كەتسە بىرەر ئايلاردا كېلەلەيدۇ… مەنچە ئەتە ئاناڭ ناھايتى ھەلىم، ئوڭلۇق ئانىغا ئايلىنىپ قوپىدۇ، سەنمۇ چوڭ بولدۇڭ، ئەمدى بۇندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشنى ئازدۇر- كۆپتۇر بولسىمۇ ئۈگىنىۋالغىن، بولامدۇ؟-دىدى.

-ھە، ھە نىمە بولسا ئۇبدان بولۇپ قوپىدىكەن، يوغان! ئۆزلىرى دىگەندەك قىلاي، ماقۇلمۇ؟-دەپ ئەركىلىدىڭ .

-بۈگۈن-ئەرتە سەنمۇ ئەرگە تەگسەڭ ئاندىن ئۇ ئىشلارنى ئۇبدان بىلىپ قالىسەن…

-ۋاييەي، ھېلىقىدەك ئىشلارنىمۇ، قاچان بىلمىگەن ئىشتى ئۇ، بەزىدە سىز بىلەن پەقەتلا تۇنۇشمىغان بولسام بولۇپتىكەنمۇ تاڭ دەپ قالىمەن، شۇنداق قىلسام مەن سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالماس ئىدىم دەپ ئويلايمەن، ئىشقىلىپ، توي كۈنىدىن بەك ئەنسىرەيمەن.

-ماڭا ئۆچ بولۇپ كەتتىڭمۇ؟

- ئۆچ بولۇپ كەتتىم دىگىنىم ئەمەس بۇ لېكىن ئەنسىرەيمەن شۇ، ناۋادا ئەرتە ئۆگۈن قارىم مېنى پەللىكىمگە تېپىپ قوغلاپ چىقارسا قانداق قىلارمەن دەيمەن.

-ئانداق قىلاتتىڭ، ماڭا تېگىسەن شۇ، ئەنسىرىمە، قارىمغا دەپ قويايمىكىن يا.

-شۇنداق قىلىڭ بولسا، مېنى ياخشى كۆرسىڭىز شۇنداق قىلىڭ…

-بىلەمسىز، خەقنىڭ ھەر-ھەر ئازارىغا پەرۋا قىلمايمەن، لېكىن سىزنىڭ زەررىچە ئازارىڭىزنى كۈتىرەلمەيمەن جۇمۇ، سىزنى نىمىشقا شۇنچىۋالا ياخشى كۈرۈپ قالارمەن دەيمەن…

-مېنى مەن سېنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۈرەمسەن؟

-ياخشى كۆرمىگەن بولسام ئاۋازىڭىزنى بولسىمۇ ئاڭلىغىلى تېلېفۇن قىلىپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەي كۈزۈمگە ئۇخلار ئىدىم مۇنداق.

-شۇنداق بولغانكىن، ماڭا بىر تېگىپ قويساڭچۇ ئەمىسە…

مېنىڭ شۇنداق قىلغۇم يوقما، لېكىن، ئامال يوق،مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بەك جىق، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنى خار قىلغۇم يوق، بۇ دىگەن ئالاھىي قىسمەت، ئۇنىڭغا ئامال يوق. لېكىن سىزنى مەڭگۈ سۈيىمەن، مەڭگۈ سېغىنىمەن، مەڭگۈ ئەسلەيمەن.

-ماڭا شۇ گېپىڭلا كۇپايە…مەن سېنىڭ مۇشۇ بىر ئېغىز گېپىڭ ئۈچۈنلا مۇشۇنداق سەرسان ياشاۋاتىمەن، مەن مۇشۇ بىر ئېغىز بىر گېپىڭ بىلەنلا ئۆزەمنى ھۆر ئادەم مەيدىسىدە ئەركەك تۈكى بار ئەر دەپ سانايمەن…بىلەمسەن، بەزىدە ئۆزەمنى بەكمۇ بىچارە ئادەم دەپ ساناپ قالىمەن، ئاناملارنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى مەڭگۈ ئەپۇ قىلالمايمەن، ئانام بۇ قېتىم مېىنىڭ كۆڭلۈمنى بەك قاتتىق ئاغرىتتى، مەن روھىي جەھەتتە بەربات بولۇش دوقمۇشىدا سېنىڭ ئاشۇ بىرتال مەختۇمسۇلانىڭ چېچىدەك كىرپىكىگگە ئىلىنىپلا توختاپ قالدىم…

-بەربات بولماڭ، بولامدۇ، مەن سىزنىڭ ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان چۈشكۈن گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىغۇم يوق، مەن كۆڭلۈمدىكى ئادىمىمنىڭ جۇشقۇن، ئۈمىدۋار بولۇپ دوست دۈشمەننىڭ ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن، ھېچبولمىسا ئىشخانىڭىزدىكى ھېلىقى پىت ئۈچەي خانىملارنىڭ ئالدىدا، بولۇپمۇ،  ئىش ئۇرنىڭىزدىكى ئاشۇ ئوڭلۇق خانىم تۇغقىنىمىزنىڭ ئالدىدا بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، سىزنى سۈيىمەن…

-مەنمۇ شۇ، مەن مۇشۇ كەملەردە پەقەت سەن بىلەنلا، سېنىڭ رىغبىتىڭ بىلەنلا مۇشۇنچىلىك ياشاپ كەلدىم، بولمىسا چوقۇم تۈگىشىپ كېتەتتىم مەن، بىلەمسەن، گۈزەل پەرىشتەم…- ئۇنىڭ مۇشۇنداق  ھاياجانلانغاندىكى گەپلىرى بەكلا پاساھەتلىك ئىدى. ھازىر بۇنداق گەپلەرنى سەن تولا ئاڭلاپ كەتكەن، لېكىن، يەنە ھەر قېتىم تىڭشىساڭ يەنە ھاياجانلىناتتىڭ، قانلىرىڭ قىزىپ ئۈگە- ئۈگىلىرىڭ بوشىشاتتى، دەسلەپكى چاغلاردا ئۇنىڭ گەپلىرىدىن يۈرەكلىرىڭ ئېرىپ كۆزلىرىڭگە لىقلا ياش تولاتتى، چۈنكى، سەن گەرچە ئۆزەڭنى قانداقلا بولمىسۇن بەختلىك ياشاۋاتىمەن دەپ ئويلىغىنىڭ بىلەن ئۆيۈڭدە ئاناڭنىڭ مىجەزى خۇددى بۇلۇتلۇق ئاسماندەك قەدەمدە بىر ئۆزگىرىپ تۇراتتى، ھېلى بۇلۇتلىنىپ گۈلدۈر- قاراس قىلىپ بوران چىقاتتى، ھېلى ئاسماندىكى قوچقارلار ئۈسسۈشۈپ يامغۇر ياغاتتى، ھېلى يامغۇر توختاپ ھاۋا ئانچە-مۇنچە ئېچىلىپ قالاتتى، لېكىن، سەن ئاناڭنىڭ بۇ كىنو ئارتىستلىرىدەك مىجەزىنى ئۆزگەرتىپ بولالمايتتىڭ، ئۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شۇڭا،سەن ئاناڭنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش كۈرۈپ ئىش كۈرۈپ كۈنۈپ كەتكەن، ئاناڭنىڭ ياخشى جايلىرى كۆپ بولسىمۇ لېكىن، ئۆيۈڭلاردا سېنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش يوق ھېسابتا ئىدى، سەن تاكى ئۇنى يۇشۇرۇن ياقتۇرۇپ قېلىپ كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگەن ئاشۇ ئون يەتتە يېشىڭغا قەدەر  بىركىمنىڭ سېنى ماختاپ باققىنىنى بىلمەيتتىڭ، سېنىڭ ئۇنى بىلىپ- بىلمەي  ياقتۇرۇپ قېلىشىڭغىمۇ ئۇنىڭ دەرسخانىدا سورىغان قايسىبىر سۇئالىغا قول كۈتىرىپ بەرگەن، لېكىن توغرا بولمىغان جاۋابىڭ ئۈچۈن سېنىڭ دادىل قول كۈتۈرگىنىڭنى ماختاپ قويغىنى، يەنە قاچاندۇر دەرسخانىدا مەكتەپكە كەلمىىگەن قايسىبىر نۆۋەتچى قىزلارغا ۋەكالىتەن سىنىپنى تازىلاپ سۇ سېپىپ قويغىنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىڭنىڭ سېنى ئىشچان، چىۋەرلىكتە ماختاپ باشقىلارنىڭ سېنىڭ مۇشۇنداق خالىس روھىڭدىن ئۈگىنىپ تازىلىقنى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى رىغبىتى، قاچاندۇر ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدىن چىقىپ بولغاندا سەن دەرسخانىنىڭ دەرىزىلىرىنى ئېتىپ ئىشىكنى قۇلۇپلاپ ھەممىنىڭ ئاخىرىدا قايتقىنىڭغا ئوقۇتقۇچۇڭنىڭ قاراپ تۇرغىنى، ئاندىن شۇ ھەپتىلىك سىنىپ يىغىنىدا باشلانغۇچتىن تارتىپلا پارتىداش ئوقۇغان دوستۈڭ ئايتىللا بىلەن ئىككىڭلارنى ئاتايىتەن ئىسمىڭلارنى تىلغا ئېلىپ :« مەسئۇلىيەتچان، باشقىلار بىلەن بەس سېلىشمايدۇ، خالىس ئىشلەش روھى يۇقىرى، تىرىشچان، تازىلىقنى، پاكىزلىقنى قىزغىن سۈيىدۇ، ئېغىر-بېسىق، باشقىلار بىلەن جىدەللەيمەيدۇ، يول قويۇشنى بىلىدۇ، باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ شۇلاردەك بولۇشى كېرەك…»  دەپ ئۇچۇرۇپ ماختىغىنى دىگەندەك ئىشلار سەۋەب بولغان ئىدى… قاچاندۇر ئۇ : «تېلېفۇنۇمنىڭ توكى بولالماي قالدى…» دەۋېتىپ تېلېفۇن ئۈزۈلۈپ قالدى. ئاندىن قارىمىڭغا تېلېفۇن باستىڭ، ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ تېلېفۇنى ئېتىك بولۇپ چىقتى. ئاشىقىڭغا يەنە قايتۇرۇپ تېلېفۇن قىلدىڭ، ئەپسۇسكى :«…سىز چاقىرغان ئابۇنت ۋاقتىنچە ئۇلانمىدى…» دىگەن سالام سۆزىدىن كۆڭلۈڭ يېرىم بولۇپ تېلېفۇننى تاشلىدىڭ، ئاشۇ يەتتىنچى يىللىقىنىڭ ئىككىنچى ماۋسۇمىنىڭ ئاخىرلىرى ئىدى، سىنىپتىكى پاكار، شۇخ، گەپ قىلسا گېپى تۈگىمەيلا كۈلۈپ تاشلايدىغان، كۈلۈپ كېتىدىغان بولسا تېلىقىپ ئۆزىنى توختىتالمايدىغان قارامتۇل ئوغۇل ساۋاقدىشىڭنىڭ ئانىسىنىڭ كۆز يۇمغانلىق خەۋىرى بىلەن ئۇ مەكتەپكە كەلمەي قويدى، ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندە سىنىپتىكى قايسىبىرى ئۇ ساۋاقداشنىڭ ئانىسىنىڭ يەتتە نەزىرىنىڭ خەۋىرىنى ئەكەلدى، شۇ كۈنى ھەممەيلەن  شۇ نەزىر مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئۈيىگە يوقلاپ بېرىپ قارىسىنى ئۇشتۇپ كەلمەكچى بولدۇڭلار، بۇ ئىشلارنى سىنىپتىكى مۇھەممەتتۇختى دەيدىغان ئىگىز بوي، يوغانباش  سىنىپ باشلىقىڭلارنىڭ مۇئەللىمگە مۇشۇنداق تەكلىپ بېرىشى بىلەن مۇئەللىم چۈشتىن كېيىنكى دەرس ۋاقتىنى ئېلىپ تەشكىللىگەن ئىدى.  ئۇيەرنىڭ ئارىلىقى خېلى بار ئىدى، سىنىپتىكى نۇرغۇن ئوغۇل بالىلارنىڭ ۋېلىسپىتلىرى بولسىمۇ يەنە نۇرغۇن بالىلار ئۈچ چاقلىق كىرا موتوتسىكىلىتلىرىدا مەكتەپكە كەلگەچكە ئۇلارنىڭ قاتنىشى يوق ئىدى، ئاخىرى يەنە سىنىپتىكى ئوغۇللاردىن ئىككىسى چىقىپ  كىراكەشلەردىن ئىككىنى ياللاپ ئەكەلدى، ئۆيى ئۇدۇل كەلمەيدىغان بالىلارنى مۇئەللىم ئۆيىگە قايتىشقا قويۇپ بەردى، پەقەت ئىككى دانە كىرا ئۈچ چاقلىق موتۇتسىكىلىتىغا توشقۇدەك بالا قالدى، ئوغۇللار بىرىدە، قىزلار بىرىدە مېڭىشقا تەييار بولدى، دەل شۇچاغدا مۇئەللىمىڭ ئۆزىنىڭ ئادەتتە مىنىدىغان موتۇتسىكىلىتى بىلەن ئۇلارنىڭ قېشىدا پەيدا بولدى.

-سىزمۇ بارامسىز ، مۇئەللىم؟-دىدى مۇھەممەتتوختى.

-بارمىسام قانداق بولىدۇ؟

-ماۋۇ ئايگۈزەل بىلەن ئادىلەم ئىككىسى مۇئەللىم كەلسە شۇنىڭ موتۇتسىكىلىتىغا مىنىۋالىمىز دەپ سىزنى تالىشىپ ماۋۇ موتۇرغا چىققىلى ئۇنىماي تۇرغان، ھە نىمە بولسا كېلىپسىز،-دىدى بابۇر ئاتلىق قىزىقچى ساۋاقدىشىڭ  چاخچاق قىلىپ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇنچتىنمۇ ياكى باشقىچە ئەندىشىدىنمۇ، ئەيتاۋۇر، يۈرىكىڭ ئېغىزىڭغا تىقىلغان ئىدى، دىمىسىمۇ پەقەت سەنلا تېخى موتۇتسىكىلىتتىن ئۇرۇن ئالمىغان ئىدىڭ، سىنىپتا ئايگۈزەل ئاتلىقتىن يەنە ئۈچى بولغاچقا ئۇلار بىر- بىرىگە قارىشىپ قايسىمىزنى دەۋاتقاندۇ دەپ بولغۇچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئىگىزبوي كەلگەن شۇ ئاتلىق بىرى موتۇتسىكىلىتتىن سۇغۇرۇلۇپ چۈشۈپ بولغان ئىدى.

-ئۆزلىرى ئوبدان ئۇرۇن ئېلىپلا، ئايگۈزەل خېنىم، ئۇرۇنلىرىدا ئولتۇرۇۋەرسىلە سىلى، ماۋۇ ئادىلەم پاتماي قالغان ئوخشايدۇ، ئۇنى مەن ئالغاچ ماڭاي،-دىدى مۇئەللىم قىزىقچىلىق قىلىپ. سەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندەك داڭقېتىپلا تۇرۇپ قالغان ئىدىڭ، چۈنكى سەن باياتىنقى گەپنى راست دەپ قالغان ئىدىڭ.

-ياق، مەن مۇئەللىم بىلەن بىللە ماڭىمەن دەپ تۇرمىغان، شۇ پاتماي قېلىپ… -دىگەن ئىدىڭ سەن قىزىرىپ- تاتىرىپ ، گېپىڭنىڭ ئايىغىنى تاپالماي كېكەچلەپ تۇرۇپ.

-ئوخ…خو، مانا، دەل تېپىپتىمەنمۇ،-دىدى ئۇ بالىلارغا قاراپ ۋە سىنىپتىكى ھېلىقى چۈجە لەقەملىك، بايا مۇئەللىمگە چاخچاق قىلغان بابۇرغا چاخچاق قايتۇرۇپ دىدى،- ھەي، بابۇر، سەن ئاۋۇ قوندىقىڭغا قونغاچ تۇرامسەن يا، ماۋۇ ئادىلەم سېنىڭ ئورنۇڭدا ئولتۇرسۇن…

بالىلار پاراقشىپ كۈلۈشتى.

-تېخى پىشىن ۋاقتى بولدى، مۇئەللىم، قونداققا چىقىدىغان ۋاقىت بولمىدى،-دىدى ئۇمۇ بوش كەلمەي.

-قوندىقىڭغا بالدۇرراق چىققاچ تۇرامسەن يا، بابۇر ئاداش،-دىدى ھېلىقى سىنىپ باشلىقى.

-قوندىقىم بەك يوغان ئەمەس، ئاداش، كەچتىراق بارساممۇ بىر ئۇچۇپلا چىقالايمەن،-دىدى ئۇمۇ بوش كەلمەي، گەپ قىلغان ساۋاقدىشىنىڭ ئاتا جەمەت لەقىمى «يوغان» بولغاچقا ئۇمۇ ئاشۇنى قېتىپ گەپ قايتۇرغان ئىدى.

-قوندىقىڭ كىچىك ئوخشايدۇ، ماۋۇ پەرھات قونۇپ سۇندۇرۇۋەتمىسۇن يانا، قوندىقىڭنى سەل يۇغىنىتىۋال، ئاداش، قوندىقىڭ سۇنۇپ كېتىپ تۇرغايدەك قۇمۇشنىڭ تۈۋىدە تۈنەپ قالساڭ كېچىلىرى تۈلكە كېلىپ سېنى ھام دەۋەتمىسۇن  يەنە،-بالىلار پاراقشىپ كۈلۈشتى، چۈنكى، ھېلىقى پەرھاتنىڭ ئاتا جەمەت لەقىمى خۇراز، ئەكبەرنىڭ لەقىمى تورغاي، يەنە بىرەيلەننىڭ لەقىمى بولسا تۈلكە ئىدى.

-بابۇر بۇ چاخچاققا تىنالماي تۇنجۇقۇپ قالىدىغان بولدى، ھوي، پەرھات، ماۋۇ چۈجەڭنىڭ يۈرىكىگە تۈكۈر، ئۈلۈپ قالمىسۇن يەنە،-دىدى مۇئەللىم.

-مەيلى ئەمەسمۇ، بىرەر چۈجە دىگەن ئۈلۈپ قالسا قورۇما قىلىۋېتىمىز، مۇئەللىم،-دىدى ھېلىقى تۇرغاي لەقەملىك ئەكبەر. بابۇر بىرنىمە دىگۈچە قىزلاردىن ئامانگۈل گەپ قاتتى:

-چۈجە قورۇمىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ماۋۇ تۈلكىنىڭ لېۋىنى تامشىتقىنىنى كۈرۈڭلار، بالىلار، ئېغىزىغا سېرىق سۇ يىغىلىپ قالدى بۇنىڭ ئەينا،- كۈلكە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. چاخچاق كۈتۈرمەيدىغان ئېغىر بېسىق، تۈلكە لەقەملىك ئابلەت بولسا بۇ  چاخچاققا ئاۋۋال قىزاردى، لېكىن، بالىلار ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي كۈلۈشۈۋەردى. ئابلەتمۇ ئاخىرى بولالماي:

-چوقاڭنى بىر چوقۇيدىكەنمەن ئۆتكەنكىدەك ھېلى بىكار سېنىڭ،-دەپ قىزىقچىلىقنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقاردى. چوقا دىگىنى ھېلىقى ئامانگۈلنىڭ لەقىمى ئىدى، ئۇنىڭغا بىرەر ئاي بۇرۇن خوشنا سىنىپتىن بىرىنىڭ تەلەپ قويۇپ باققانلىقىنى بالىلار بىلىشەتتى،  لېكىن ئۇبالىنىڭ لەقىمىنىڭ سار ئىكەنلىكىنى سىنىپتىكى ھەممەيلەن بىلىپ كەتمەيتتى، «ئەسكى تام تۈۋىدىن ھۇشۇر تاز قوپۇپتۇ» دىگەندەك ئابلەت پوسسىدە گەپنى ئۇيەرگە تارتتى. بۇگەپنىڭ مەنىسىنى بالىلار بىر- بىرىدىن سورىشىپ بىلىپ ، بىلگەنسىرى كۈلكىلەر ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ كېتىۋاتاتتى.

-چاخچاق چاخچاق پېتى بولسۇن، چاخچاققا چىدىمايدىغانلار ياق-ياق دەپ ئاۋۋال قول كۈتۈرۈڭلار، قول كۈتۈرگۈچىلەرگە چاخچاق قىلماڭلار،  ئەگەر ئۇنداق بولماي جاق-جاق بولۇپ قالسا ئۇبدان بولمايدۇ،-دىدى مۇئەللىم قاپىقىنى سەل تۈرۈپ.

-ئەگەر ئۇنداق بولۇپ قالىدىغان بولسا دۈشەنبە كۈنى ئىشخانىدا ئىنەك-مىنەكلەرگە ۋاق-ۋاق بولۇپ قالىدۇ…

-يەنىلا بابۇر تاپىدۇچۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى،-دەپ مۇئەللىم ئۆزى باشلىغان گەپنى ئۆزى يىغدى. كۈلكە پەسكۇيغا چۈشتى، شۇ ئارىدا ھېلىقى ئايگۈزەل دەپ قالدى:

-مۇئەللىم، ئادىلەم ئىككىمىزنى ئالغاچ ماڭسىڭىز بولۇۋېرىتتى، مەنمۇ قىستىلىپ پاتماي ئاران پاتقان…-دىدى ھېلىقى قىز.

-ھەي، قىزلار، ماۋۇ ئايگۈزەلنى ئايۋاندا ئولتۇرغاندەك ئازادە ئولتۇرغۇزۇپ ئاپىرىڭلار، بولامدۇ، ناۋادا سەل بودەك بولۇپ قالغان بولسا ئىش بارمۇ نىمە تېخى بۇنىڭغا،- مۇئەللىم ئۈڭىنى بۇزماي تۇرۇپ شاكىراپ گەپ قىلدى گېپىنىڭ ئايىغىدا ۋە ساڭا قاراپ:

-ھوي، ئادىلەم خېنىم، ئۆزلىرىگە قاراپ تۇرامدىم مەن، تاق-تاق بولسىلا مۇنداق، ماۋۇ ئەسكى مۇتۇرنىڭ تالاشتا قالغىنىنى كۆرمىدىلىما، كۈتىرىپ ئەكىلىپ مىندۈرۈپ قويامدىم يا،-دىدى، سەن ئەندىككەندەك ئالدىراپ كېلىپ ئۇنىڭ موتۇتسىكىلىتىنىڭ كەينىگە مىنگەشتىڭ، قەشقەردە ئوقۇغان بۇ مۇئەللىمنىڭ بەزىبىر گەپ سۆزلىرىنىڭ ئۆزى چىرايلىق ،لېكىن، بەزىدە بەك قۇۋۋەتلىك، بەزىدە شاكىراپ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بالىلار ئانچە-مۇنچە بىلىپ قالغان ئىدى، شۇڭا، بالىلار ئۇنىڭ ئاشۇنداق  سىپايە گەپلىرىدىن ئۇلار ئەندىكەتتى. سەنمۇ شۇنداق ئىدىڭ…ئۇ ئاشۇنداق گەپلىرى بىلەن چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ تەنقىد قىلىشقا ئۇستا ئىدى، ئۇنىڭ ئاشۇنداق گەپلىرى بىلەن تاقاراشقان ھامان تېخىمۇ چىرايلىق سېسىق گەپلەر يامغۇردەك ياغاتتى… شۇڭا سەنمۇ ئالدىراپ ئۆزەڭنى بىلدىڭ. ئۇ ئاستا قوزغىلىپ يۈرۈپ كەتتى…

بالىلار بىلەن بىللە مېڭىش كۈڭۈللۈك ئىدى، لېكىن سەن بۇ ئوقۇتقۇچۇڭنىڭ ئۇيەرگە بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئابايام پەرەز قىلغان ۋە :«ئۇنىڭ كەينىگە مىنگىشىۋالسام بەك  ياخشى بولاتتى» دەپ خىياللا قىلغان ئىدىڭ. شۇ خىيالىڭغا ئاساسەن كىرا موتۇتسىكىلىتىغا ھەر ئېھتىمالغا قارشى كېيىنرەك چىقىشنى ئويلاپ تۇرغان ئىدىڭ، ئويلىغىنىڭنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىنى كۈرۈپ سەل ھۇدۇققان بولساڭ، ھېلىقى ئايگۈزەل ئاتلىق ساۋاقدىشىڭنىڭ ئاستا ئورنىغا قايتىپ بېرىپ ئولتۇرغنىنى كۈرۈپ سەل روھلاندىڭ. سۈرئەت تىزلەشتى، يىڭى ماي بېسىلغان بۇ ماي يولىنىڭ قەدەمدە بىر سۈرئەت چەكلەش ئۈچۈن ئاھالىلەر ئۆزى سمۇنتلاپ قويۇپ قويغان چاقمالارغا كەلگەندە ئۇ موتۇتسىكىلىتنى قاتتىق تۇرمۇزلايتتى ياكى: «چىڭ ئولتۇر» دەپ قويۇپ قاتتىق –قاتتىق چېقىپ ئۆتكۈزۈپ كېتىۋىرەتتى. بۇنداق چاغلاردا سەن موتۇتسىكىلىتتىن ئۇچۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭ بېلىدىن مەھكەم تۇتۇپ چىڭ چاپلىشاتتىڭ، ئاندىن چاقمىدىن ئۈتۈپ بولغان ھامان دەرھال ئۆزەڭنى تارتىۋالاتتىڭ: «ھەجەب چىڭ قوچاقلاپ كېتىپتىمەنا، نىمە دەپ ئويلاپ قالغاندۇ، ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن…» خىيالىڭنىڭ ئايىغا چىقماي يەنە بىر چاقمىغا دۇچكىلەتتىڭ، ئۇ يا تۇرمۇزلايتتى، يا يەنە ئۆتكۈزۈپ كېتەتتى، تۇرمۇزلىسا سەن يەنە ئامالسىز ئۇنى چىڭ تۇتۇۋېلىشقا مەجبۇر بولاتتىڭ، لېكىن، ئۇ پەرۋاسىز كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى، سەن ئامالسىز گەپ تەشتىڭ:

-مۇئەللىم، ئاستىراق ھەيدىگەن بولسىڭىز، بۇ چاقمىنىڭ جىقلىقىدا ئۈچىيىم ئالمىشىپ قالغىلى قوپتى مېنىڭ،- گېپىڭنىڭ ئاخىرى يىغلامسىرىغان تەلەپپۇزدا چىقتى.

-ھوي، نىمە بولدى ساڭا، قىزىتماڭ ئېشىپ قالمىغاندۇ، مەن ناھايتى نورمال سۈرئەتتە شۇ ئاران قىرىق بەش بىلەن ئەللىكنىڭ ئارىلىقىدا مېڭىۋاتىمەنغۇ، بۇ خەق يولىمىز مايلاشتى دەپ تاس قېلىپتۇ ھەممىسى ئۆيىنىڭ ئالدىغا بىردىن چاقما ياسىۋالغىلى، ئەنە قارا، ماي يولى تۈگىدى، ئەمدى تاشيولغا چىقتۇق چېقىش دىگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئەمدى كۆرگۈدەكسەن…سېنى مەن ئالغاچ ماڭغىنىمدىن پۇشايمان قىلدىڭمۇيا.

-ياقەي، خوش بولدۇم تېخى…

-ئۇنداق بولسا بولۇپتۇ،- يولۇڭلار تەكشى تىزلىكتە داۋام قىلاتتى، يوللارغا يىڭى قويۇلغان، تەكشىلەنمىگەن تاشلار سېنى داۋاملىق سىلكىپ تۇراتتى،-چىڭ ئولتۇر، مېنى چىڭ تۇتۇۋال،-دەيتتى ئۇ پات- پاتلا. مانا، بۇ ئەسكى تاشيولمۇ تۈگەپ يۇماق تۇپىلىق يولغا قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كېلىپ قالدىڭلار، بۇ يەر دەل سەن تەۋە كەنت بىلەن ھېلىقى ئانىسى قازا قىلغان ساۋاقدىشىڭ تەۋە كەنتنىڭ پاسىلىدىكى سۇغىرىش ئېرىقىغا سېلىنغا بىر سىمۇنت كۆۋرۈك  يېنىدا توختاپ ئۇلارنى ساقلىماقچى بولدۇڭلار،  چۈنكى، كەينىڭلاردىكى بالىلار ئۇيەرنى بىلمەيتتى، مۇئەللىم ئېرىقنڭ ئۇ تەرىپىگە ئۈتۈپ ئۆزىنى تەڭشەپ كەلدى ۋە سورىدى:

-سېنىڭ ئۈيۈڭ قايسى تەرەپتە، ئادىلەم؟-ئۇ كېلىپ مۇتۇتسىكىلىتقا يۈلەندى ۋە ساڭا قارىدى.

-ئەنە ئاۋۇ تەرەپتە، باياتىن بىزنىڭ ئۆينىڭ كەينىدىن ئۆتتۇق، ھېلى قايتقۇچە ئۆيگە كىرىپ ماڭارسىز، مۇئەللىم؟-سەن ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدىڭ، كۆزلىرىڭلار ئۇچراشقاندا بولسا سەن ئۆزۈڭنى قاچۇردۇڭ.

-ئاران كەلگەندە كىرمەي بولامدۇ؟ لېكىن تەكلىپ قىلمىساڭ ئامال يوق…

-تەكلىپ قىلىۋاتىمەنغۇ مانا، ئۆتكەندە ئاتايىن دىسەم كەلگىلى ئۇنىمىدىڭىز ئاينا. باغدا شۇنداق تاتلىق جانانە ئۈرۈك پىشىپتىكەن، سىزنى ئاتايىن كېلىپ نەچچىنى يەپ كېتەرمىكىن دەپ ئاتايىن دەپ تەكلىپ قىلىپتىم بولمىسا ئاينا…

-تۈگەپ كەتمىگەندۇ ئۇ جانانەڭدىن تېخى.

-تۈگىمىدى، تازا پىشىپ تەمى ئېغىزىڭزدا قالغۇدەك بولۇپ قالدى.

-ئۇنداقتا، ھېلى مېنى ئاشۇ تەمى ئېغىزىمدا قالىدىغان ئۈرۈكۈڭدە مېھمان قىلىسەن، ھە.

-چاتاق يوق،- ئاڭغىچە بالىلار ئولتۇرغان موتۇتسىكىلىتمۇ يېقىنلاپ قالدى، ئۇ موتۇتسىكىلىتنى قوزغاتتى، سەن ئۇنىڭ كەينىگە مىنگەشتىڭ، بالىلار ساڭا ئەگىشىپ ماڭاتتى، سەن بولساڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدىڭ، تۇرۇپلا ئۆزەڭدىن خوش بولۇپ قالدىڭ، باياتىن ھېلىقى ساۋاقدىشىڭنىڭ ئاقساقاللىق قىلىپ دەككىسىنى يېگىنىگە «خوپ بولدى» دەپ قويدۇڭ ئىچىڭدە ۋە ئۆزەڭچە دىمىقىڭدا كۈلۈپ قويدۇڭ.

-چىڭ ئولتۇر، ئادىلەم، ھە، ماۋۇ يۇمشاق تۇپىلىق يولدا ئاستا ماڭسا ئادەم تېيىلىپ كېتىدىكەن، تىزراق ماڭىلى،-دىدى ئۇ ۋە سۈرئەتنى تىزلەتتى، سەن بولساڭ ئۇنىڭغا چىڭ يېپىشتىڭ، يۇمشاق يولدا موتۇتسىكىلىت يىلانباغرى سىلكىنىپ ماڭاتتى. سىلەر يەنە بىر دوقمۇشقا بېرىپ توختىغىنىڭلاردا بولسا :«موتۇتسىكىلىت قۇمدا سىيرىلىپ تېيىلىپ كەتسە يىقىلىپ كېتەرمىزمىكىن دەپ بەك قورقتۇم» دەپ دادلاندىڭ. ئۇ بولسا ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى. شۇ كۈنى ئۇ ھېلىقى ساۋاقدىشىڭنىڭ ئۆيىدىكىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە يىغىلغان ئەل-جامائەت بىلەن كۈرۈشۈپ ئاندىن ئۆيىگە كىردى ۋە ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆرپىگە چىقىپ :«ئامەنەرەسۇلى» دەپ باشلىنىدىغان ئۇزۇن بىر ئايەتنى قىرائەت قىلدى ، قىزلار بىر تەرەپتە، ئوغۇللار يەنە بىر تەرىپىدە ئولتۇردى ۋە مىھمان بولۇپ قايتىشتىڭلار، ئۇ سىرتقا چىقىپ بولۇپلا يېقىن ئەتراپتىكى بالىلار ئۆيلىرىدە قېپقىلىشنى، باشقا كەنتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بولسا مۇشۇ موتۇتسىكىلىتنى كىرا قىلىپ ئۇدۇل ئۆيلىرىگە قايتىپ ئەرتە مەكتەپكە كېلىشنى تاپىلاپ قويۇپ بەردى، ئاندىن ئىككىڭلار ئالدىن يۈرۈپ كەتتىڭلار، تاشيولدىن ئۈيۈڭگە قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە سەن:

-ئانام ئۆيدە بولسا كەچتە كوتۇلدىغىلى تۇرىدۇ، داداملارمۇ ھەقىچان بۇ ئىسسىقتا ئۆيدە بولۇشى مۇمكىن، ئەڭ ياخشىسى، ئۇدۇل باغقىلا بارىلى، سىزنى شۇيەردە جانانە بىلەن مىھمان قىلاي، بولامدۇ،-دىدىڭ.

-تەكلىپ قىلغان ئادەم سەن، سەن نىمە دىسەڭ شۇ بولسۇن.

- لېكىن، موتۇتسىكىلىتنى مۇشۇ يول بويىدا قويۇپ قويىلى، بىزنى باشقىلار كۈرۈپ قالماس.

-كۈرۈپ قالسا نىمە بولاتتى؟-ئۇ موتۇتسىكىلىتنى يول بويىدا تېرەپ قويۇپ سەن كۆرسەتكەن يول تەرەپكە ماڭدى. سەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ چامداپ ماڭدىڭ، لېكىن نىمىشقىدۇر نەپەسلىرىڭ ئۆزەڭگە بويسۇنمىغان ھالدا تىز ئىدى، يۈرىكىڭ ئەنسىز سوقاتتى، «خۇدايىم، بىركىم كۈرۈپ قالمىغاي» دەيتتىڭ بۇرنۇڭنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى تەرلەرنى سۈرتۈپ تۇرۇپ ئۆزەڭچە. بېغىڭغا يېقىن يەردىكى بىر ئېرىقتا سۇ ئېقىۋاتاتتى، ئۇ ئېرىقتىن سەكرەپلا ئۈتۈپ كەتتى،  سەنمۇ ئۇيەردىن ئۆتەلەيتتىڭ، ئۇ سەن تالاي قېتىم ئۆتكەن ئېرىق ئىدى.

-مەن بۇ ئېرىقتىن قانداق ئاتلاپ ئۆتۈرمەن ئەمدى، سۇ ئەجەب جىقكەنا.

-ئۆتەلمەمسەن؟-سەن بېشىڭنى چايقاپ نېزىقىدىڭ.

-ھە، ئەمىسە قولۇڭنى ئەكىلە، مەن تارتىۋالاي سېنى،-سەن شۇنىلا كۈتۈپ تۇرغاندەك سول قولۇڭنى سۇندۇڭ، ئۇ ئوڭ قولى بىلەن سول قولۇڭنىڭ تۆت بارمىقىدىن تۇتۇپ سېنى ئېرىقنىڭ ئۇ قېتىغا كۈچەپ تارتتى، سەن ئېرىقنىڭ ئۇ قېتىدىكى يېيىلغان سۇغا ماچچىدە دەسسەپ ئۆزەڭنى تاشلىدىڭ، ئۆزەڭنىڭ نەلەرگە قانداق چۈشىدىغىنىڭنى تۇيمايتتىڭ، ئۇ سېنىڭ بېلىڭدىن سول قولى بىلەن قاماللاپ تۇتتى ۋە رۇس تۇرغۇزۇپ قويۇپ بەردى، سەن يەنە بۇرنۇڭنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تەرلەرنى ئېرتتىڭ،

-نىمانچە يېنىك سەن ھۇي ئادىلە، بەك ئۇرۇقكەنسەن، ھەراست، ئۆتكەندە سۈرۈشتۈرگەندىكى تاماقتىن كۆكياش ئايرىيدىغانلارنىڭ ئارىسىدا سەنمۇ بار-ھە؟

-ھەئە.

-بۇ يامان ئادەت، بۇ ئادىتىڭنى ئۆزگەرتمىسەڭ بولمايدۇ، قېنى، بېغىڭغا مۇشۇ يول بىلەن ماڭامدۇق،-ئۇ ئالدىڭدا مېڭىۋەردى، لېكىن، بېغىڭدا قانداقتۇر بىر تېۋىش بار ئىدى، نىمىدىندۇر ئەندىكىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدىڭ:

-قايتىپ كېتەيلى، دادام بىلەن ئانام باغدا ئىكەن…

-قايتىپ نەگە بارىمىز؟

-ئۆيدە ئولتۇرىلى، سىزنى ئۆيدە مېھمان قىلاي.

-لېكىن، ئۈرۈك باغدا تۇرسا.

-مەن ئاستاغىنە ئۆيگە ئاپىرىمەن ياكى بولمىسا مەن ئەرتە مەكتەپكە ئاچىقاي…

-كىچىك بالا، جىڭ كىچىك بالا-دە سەن،- ئۇ ساڭا قاراپ مىيىقىدا كۈلدى ۋە باغقا كىرىپ كېتىۋەردى. ئۇ داداڭنىڭ يېنىغا بېرىپ:

- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،-دىدى.

-ۋەئەلەيكۇمۇسسەلام، ھارمىسىلا، ئۇبدان تۇردىلىمۇ، بالا-چاقىلىرى تىچلىقمۇ،-دەپ ئۇلار ئىككىسى خۇددى كونا تۇنۇشلاردەك پاراڭلىشىپ كەتتى،- پالانچى يەرگە بىر ئادىمىگەرچىلىككە بالىلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدىم، قايتاشىمدا ئادىلەم باغدا ئۈرۈك بەك پىشىپ كەتتى، ئۈرۈك يەپ كېتىڭ دەپ تۇرۇۋالدى، ئۈرۈككە بەك ئامراق ئىدىم، ئۈرۈكنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ماقۇل دەپ كەلسەم ھەرنىمە بولسا ھەرقايسىلىرىمۇ باركەن باغدا مانا.

-ئۇبدان بولۇپتۇ، ھاي ئادىلەم ماڭ يۇگۇر، ئاۋۇ قۇدۇق ئۈيىنىڭ تېمىدا بىر خالتىنىڭ ئىچىدە يالتىراق خالتا بار مەزمۇتىدىن بىر نەچچىنى ئەكەلگىن،-دىدى داداڭ ساڭابۇيرۇپ .سەن شۇچاغدا قۇشناچىڭغا، مۇئەللىمىڭنىڭ بالىسىغا ئاتاپ چىرايلىق ئۈرۈكلەردىن شاختىنلا ئاستا ئۈزۈپ تەييار قىلغان ئىدىڭ.

-توۋۋا، نىمىشقا شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم قېلىشنى، ئۇنى يالغۇز مېھمان قىلىشنى شۇنچە ئارزۇلاپ كەتكەن بولغىيدىم، شۇ چاغلاردىلا كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغان بولغىيمىدى ئۇنىڭغا،-دەپ ئۆزەڭچە سۆزلەپ كەتتىڭ،- ناۋادا شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئورنىدا ماۋۇ شوجاڭ دىگەن سۇيۇق بولۇپ قالغان بولسا مەن دىگەن ئۇ گەپ ئۇنىڭغا ياغدەك ياقار ئىدى… لېكىن، ئۇ خېلى بولۇپ قويىدىغان ئادەمچۇ، ياخشى كۈرۈپ قالغۇچىلىكى بار، ناۋادا ئۇ شۇچاغدىلا ماقۇل دەپلا مەن بىلەن ئۆيگە قايتىپ مېنى ھەش-پەش دىگۈچىلا ھاپ ئەتكەن بولسا ئامال يوق ئىدى، لېكىن، ئۇ ئۇنداق قىلمىغان شۇچاغدا… ئۇچاغلاردا ئۇنىڭ ئائىلىسى، بالىسى بار، مەكتەپتە دائىم دىگۈدەك يالغۇزلا، ئالدىراشلا يۈرىدىغان كىشى ئىدى، بوش ۋاقىتلىرى بولسىلا ئۇ سىنىپتىكى قىز- ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنى بىردىن-بىردىن چاقىرىپ چىقىپ پاراڭلىشاتتى، شۇڭلاشقا ئۇ سىنىپتىكى قىزلارنىڭ ھېچكىم بىلمەيدۇ دەپ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى ، ئارىلىشىپ يۈرگەن ئاللىكىملىرىنى بايقاپ پاكتلاپ سۈرۈشتۈرگەندە قىزلار ھەيران قالاتتى. خەپ، ئۇنى قانداق سېزىپ قالىدىغاندۇر دەيمەن، ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنى بىر سورىمىسام ئۇنىڭدىن،-دەپ ئويلىغان ئىدىڭ، نەچچە كۈن ئۈتۈپ سەن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئاتايىن چىقىپ سورىدىڭ، ئۆتكەندە سەن ئۇنى ئۈرۈكلۈك بېغىڭغا باشلاپ بېرىپ داداڭ بىلەن كۈرشتۈرگەندىن كېيىن تېخىمۇ دادىل بولۇپ قالغان ئىدىڭ…

-قىزلار نۇرغۇن ئىشلىرىنى يۇشۇرغىنى بىلەن ئۇلار كۆزىنى يانچۇقىغا سېلىپ ماڭالمايدۇ، مەن ئۇلارنىڭ كۆزىدىن بەزىبىر نەرسىلەرنى بايقاپ قالىمەن، ئاندىن ئۇنى بىرمەزگىل كۆز- قۇلاق بولۇپ كۈزىتىمەن، بەزى قىزلارنىڭ بەزى ئىشلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ تەربىيە بىرىپ تۈگەتتىم، لېكىن سىنىپتا بەزىبىر قاقۋاش قىزلار بار، ئۇلارنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىدە كۆز بار، ئۇلارنىڭ ئارىلىشىدىغان ئادەملىرى مەكتەپتە ئەمەس…يەتتىنچى سىنىپنىڭ بالىلىرىغا نىمە ئىش ئۇ ئەمدى… پاكىت بولمىسا ئۇلارغا تۆھمەت قىلغىلى بولمايدۇچۇ.

-مەنچۇ، مېنىڭ كۈزۈمدىن نىمىنى بايقىدىڭىز؟

-سېنىڭ كۆزۈڭدىنما، چېچەنلىكنى، گۈزەللىكىنى، ساددىلىقنى كۈرىمەن دىسەم بولىدۇ ھازىرچە، ئەتە- ئۆگۈن نىمىنى كۈرىمەن، ئۇنى بىلگىلى بولمايدۇ، ماڭ، بېرىپ ئۈگىنىشىڭنى قىل،-دىگەن ئىدى ئۇ…

سەن خىيال بىلەن چۈش ئارىلىقىدا يېتىپ قاچاندۇر ئۇخلاپ قالدىڭ.

داداڭ ئەتىسى ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپلا يولغا چىقتى. ئاناڭ بولسا ئىشەك ھارۋىسىدا ئۇنى بازاردىكى يېزا بېكىتىگە ئاپىرىپ قويغىلى ماڭدى، سىڭلىڭ مەكتەپكە كەتكەن، ئۆي ساڭا ئوڭچە قالغان ئىدى، سەن ئاۋۋال ئۆيلەرنى قايتىدىن بىر قۇر رەتلەپ تازىلاپ چىقتىڭ، ئاندىن قويلارغا بىر قۇر ئوت ۋە سۇ بېرىپ بولۇپ ئۆيگە كىردىڭ، تېلېفۇننىڭ ئىكرانىغا كۆزتاشلىدىڭ:

- نىمە بولۇشتىكىنا، ھېچقايسىسى تېلېفۇن قىلىپ قويۇشمايدا بۈگۈن،-دەپ ئويلىدىڭ،- توغرا، ئۇ مەن چاقىرمىغۇچە تېلېفۇن قىلمايدىغان بولغان، ماۋۇ شوجاڭنىڭمۇ ئىشى جىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۈنۈگۈن… ئويلىغان مەقسىتىگە يېتەلمەي كۆڭلى يېرىم ھەم بولۇپ قالغاندۇر بەلكىم، ناۋادا تۈنۈگۈن قويۇلۇپ كەتكەن بولسام چاتاق چىقاتتى دىسە، ئۇ بەلكىم تولا ئاياللارنى ئويناپ قاقۋاش بولۇپ قالغان نىمە، ناۋادا شۇنداق ئىش بولۇپ سالغان بولسا ئۇ مېنىڭ قىز ئەمەسلىكىمنى  بىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى، ئۇ چاغدا مېنىڭ ئۇنىڭ نەزەرىدىكى جەزىبەممۇ يوق بولۇق قېلىشى، ئۇ ماڭا ھازىرقىدەك شاپاشلاپ كېتىشى دىگەن ۋايتاڭەي…  لېكىن، خۇداغا شۈكۈر، ئۇنداق ئىشلارمۇ بولۇپ قالمىدى. توختا، قارىمغا تېلېفۇن قىلىپ باقايچۇ، ئۇ نىمە قىلىۋاتىدىكىن.

سەن ئۇنىڭ نۇمۇرىنى باستىڭ، تېلېفۇن ئۇلاندى، دەسلەپتە ئۇنىڭ بىلەن تىنچ-ئامانلىق سوراشقان بولدۇڭ، ئاندىن گەپ يەنە توي ئىشلىرىڭلار توغرىلىق بولدى،  ئۇ ئاتىسىنىڭ تېخىچە ئاكىسىغا بىرەر لايىق تاپالمايۋاتقانلىقىنى دەۋاتقىنىدا سەن ئۆزەڭنى تۇتۇۋالالماي سۆزلەپ كەتتىڭ:

-ئۇنداق ھەسەلدىن قىل ئايرىشىپ يۈرمەي بىر چاي دىگەننى ئىچىشىپ قوڭىنى غىت قىسىشىپ يېنىپ چىقىشسىغۇ بۇچاغقىچە خەتنىمۇ ئېلىپ تويغا تەييارلىق قىلىپ ئالدىرىسا توينىمۇ قىلىپ بولىدىغان چاي بولدى، بىرەر ئېغىز گەپتىن قالسىلا بولىدىغان ئىشكەنغۇ شۇ ناھايتى…

-ئۇنداق دىگىنىڭىز بىلەن ئو چوڭلار دىگەن :« باشتا بىر قېتىم يول قويدىمۇ خەق ئادەمنى قاپاق پۇچۇقى سەرىدە سەرلەۋالىدۇ، ئاخىرىغىچە يول قويماي بولمايدۇ، شۇڭا ھەممە ئىش باشتىن تارتىپ ئۆز يولىدا بولمىسا بولمايدۇ، رىزق دىگەن غايىبتۇر، بىز ھەرقانچە تىپىرلىغان بىلەن بەرىبىر ئۇ ئۇيان چۆرگىلەپ، بۇيان چۆرگىلەپ بېرىپ ئورنىنى تاپىدۇ…» دەپ ئادەمنىڭ زۇۋانىنى مىقلاپ قويىدىكەن ئاينا، مەنمۇ سىز دىگەندەك دەپ باققان بولمىسا…قارىسا ئۇ گەپلەرمۇ خاتا ئەمەستەك، شۇڭا، ئۇنداق ئالدىرىتىۋەرگىلى بولمايدىكەن…

-تېخى ئاۋۇ نۇپۇس دەپتىرىڭلاردىكى ئىسمىڭىزنىمۇ جايىدا ئالغۇزۇشماي، ئەمدى سىز يىگىرمە مانچىىگە كىرگەن ئوغۇل بالا نۇپۇس دەپتىرىدە ئاران ئون تۆت ياش تۇرسىڭىز، يەتتىنچى سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئىنىڭىز قىييۇم يىگىرمە ئىككى ياش تۇرسا ئەمدى قانداقمۇ قىلارمىز بۇ ئىشلارنى، بۇنىڭغا دادىڭىز بىرەر چارە تېپىپتۇمۇيا جىممۇ؟

-ئامال ئىزدەپ قىلمىغىنى قالماپتۇ، ساقچىخانىدىكى ئىش بىجىرگۈچىلەر، سىياسىي يىتەكچى، ساقچىخانا باشلىقى دىگەنلەر گە بېلىق يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇرىدىغان بېلىقچىدىن بىرسى بار ئىكەن، ئۇنىڭغا پالان- پۇستان پۇل بەرگەنمىش، ئۇپۇلمۇ قۇدۇققا چۈشۈپتۇ، لېكىن، ئاخىرى «بۇنى ئۆزگەرتىدىغان تور توختاپ قالدى، بۇنى ھازىر قىلغىلى بولمايدۇ، بىر مەزگىل توختىسىلا» دىگەن گەپ بىلەن ئىش تۈگەپتۇ، يا پۇلنى بەر دېگىلى بولماپتۇ، دادامدەك ساقاللىقنى ھېلىقى ساقچىخانا دىگەننىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىدىغان بولسا نىمە ئىشىڭ بار دەپ نەچچىسى كېلىدىكەن سوراقلىغىلى يۈگۈرۈشۈپ، يۇرت ئىچىدە ۋاي ئاخۇنۇم، داموللام دەپ ھۆرمەتلىنىپ خەقنىڭ ئۆيىگە بارسا ئۆينىڭ تۆرىدە ئولتۇرۇپ، داستىخان تارتىلسا توخۇنىڭ پارچىقىنى يەپ كۆنگەن ئادەملەر ئۇنداق يەرلەرگە بېرىپ ئۆزىنى خار قىلىۋېرىشنى ئانچە خالىمايدىكەن، دادام ئامال تاپالمىغان يەردە مەن دىگەن بىر بالا تۇرسام، بۇ ئىشلار توغرىسىدا ھازىرچە مەن پەقەت سىزنىڭ ئېغىزىڭىزغا قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ئامال تاپالمىدىم، دىققىتىمنى بۆلسەم ئىشلىرىم جايىدا بولالماي قالىدىكەن.

-مەن دىگەن بىر قىز بالا تۇرسام، مېنىڭ كاللام سىزنىڭ ئالدىڭىزدا قانچىلىك ئىشلەيتتى؟-سەن ئەركىلىگەن قىياپەتتە نېزىقىدىڭ.

-سىز قىز بالا بولغىنىڭىز بىلەن مېنىڭ نەزەرىمدە ئۇنداق ئادەتتىكى قىزلاردىن ئەمەس…

-ئەمىسە قانداق قىز؟

-بەك ئەقىللىق، تولىمۇ چىچەن، بەك ئۇز، سىزنى ياخشى كۈرىمەن، سىزگە ئېرىشىش، سىز بىلەن توي قىلىش دىگەن مېنىڭ بەختىم، ھەتتا، سىزنى مەندىنمۇ ئەقىللىقمىكىن دەيمەن…

-ۋاي-ۋاي، ۋاي قانداق قىلاي، قانات ياساپ ئۇچۇپ كەتمەي يەنە مەن.

-ئۇچۇپ كەتسىڭىز پۇتىڭىزغا ئېسىلىۋالىمەن.

-سىزنىڭ مېنى ياخشى كۈرىدىغىنىڭىزنى بىلگەچكە، مەنمۇ سىزنى كېيىنچە ماڭا ھەقىقىي سادىق لاياقەتلىك ئەر بولىدۇ دەپ قارىغاچقا شۇ سىزنىڭ نىكاھىڭىزغا ئۇچاي دەپ ئالدىرىدىم شۇ،  بولمىسا مەن ئانامنىڭ تەنقىدلىرىگە، كايىش-تىللاشلىرىغا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، ئۇنىڭغا «ھە ماقۇل» دەپ باش لىڭشىتساملا شۇ كۈنى سىزنىڭ سوۋغا-سالاملىرىڭىز ئۆيىڭىزگە يېنىپ بېرىپ بولىدۇ، ئەتىسى ئونمىڭ كويلۇق ئالتۇن، ئونمىڭ كويلۇق  كېيىم كېچەكلىك تويلۇق ئېلىنىپ ئۆگۈنىسى باغاق تارقىتىلىپ نەچچە كۈندە تويۇم بولۇپ بولىدۇ، ئەگەر شۇنداق قىلسام سىز قانداق قىلىسىز، مېنى راستلا ياخشى كۆرسىڭىز دەڭە قېنى؟

-ئۇنداق قىلماڭ، ماقۇلمۇ؟ مەن خوش بولۇپ قالاي.

-ۋاييەي، مەن شۇ سىزگىلا تارتىشىپ نەچچە زامان بولدى، ئانامنىڭ ئاھانىتىگە چىداپ يۈرگىلى، ئۇلارنىڭمۇ ئويلىغىنى باركەن، نىمە ئامال.

-كونكرېتراق دەپ بېرەمسىز؟

-ئۇلارمۇ مۇنداق بىر قىزبالا چوڭ قىلىپ ماۋۇ چاغ بولغاندا خەق چالما كۈرۈپ تاشلىۋەتسە مانا ئالما كۈرىدىغانلارمۇ بارمىكەن دەپ چوڭ توي قىلىپ قىز چىقىرىپ دوست- دۈشمەننىڭ ئالدىدا بېشىنى كۈتىرىپ يۈرگۈسى باركەن، تېخى دادام بۇ قېتىم ئانام بىلەن بىزنى شەھەرگە ئەكەتمەكچى بولغان، لېكىن، مەن ئۇنىمىدىم، بۇمۇ سىز ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىز، ئەگەر مەن كەتسەم سىزلەر تەييار بولغاندا بىز تەييار بولالماي ئىشلىرىمىز كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىشى، ھەتتا يېنىشىپ كېتىشىمىز مۇمكىن، ئاۋۇ شەھەردىكى تۇغقانلىرىمزنىڭ بىر ئوغلى بار ئىدى سىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك، تېخى توي قىلمىغان، ئۇ قايسى كۈنى كېلىپتىكەن، ئۇمۇ :«ماڭا تەگسەڭ، بىز توي قىلايلى، مەن سىنى راھەتكە، بەختكە ئېرىشتۈرىمەن» دەپ بوش سۆزلىمىدى، لېكىن، مەن: «كۆڭلۈمدە ئادىمىم بار» دەپ ئونىمىدىم. ئەمدى داداملارنىڭ ئويلىغىنىمۇ ئۇرۇنلۇق، سىزمۇ بىر ئەر كىشى، گەرچە توي قىلمىغان بوز يىگىت بولسىڭىزمۇ بىلىسىز، ئەر-خوتۇنلار دىگەن ئۇزۇن مەزگىل ئايرىلىپ ئولتۇرسا بولمايدۇ، شۇنداققۇ؟

-ئۇنىسى راست، داداملار ئۇيەرگە بېرىپ ئىشلىمىسە بولمامدۇ؟

-ئىشلىمىسە بولىدۇ، لېكىن، ئۇنىڭغا ئايدا بىرمىڭ ئىككى يۈزنى سىز بېرەلەمسىز؟

-مەن قانداق بېرەلەيمەن.

-گەپ شۇئاينا، يەنە بىر ئىشمۇ بار  مېنى تويىمىزغا ئالدىرىتىۋاتقان…

-قانداق ئىش؟

-ئۇنداق ئىش تەكرارلانغىلى ئۈچ قېتىم بولدى، بىر نامسىز تېلېفۇن كېلىدۇ، ھەرقىتىم ئۆزەم يالغۇز چاغدا كېلىدۇ…

-نىمە دەيدۇ؟

-سېنىڭ قارىم دىگەن گۇي بىلەن توي قىلىشىڭ مۇمكىن ئەمەس دەيدۇ…

-بۇ نىمە گەپ؟

-قارىمنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن دەيدۇ، قولتۇقۇڭدىڭىنى پىتىڭنى ئۆلتۈر دىدىم، لېكىن سىزدىن ئەنسىرەپ قالدىم، ئۇ گەپلەر بىر-بىرىدىن قورقۇنچلۇق، يولدا پىيادە كېتىۋاتقاندا كەينىدىن ماشىنا بىلەن سوقۇپ ماكچايتىۋېتىمەن، كېچىچە ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىمەن…دەيدۇ، ئۇنداق قىلىدىغانغا جېنىڭ ئون ئەمەس دىدىم، تويۇڭ بولغاندا پولۇ پىشۇرۇدىغان داشقازىنىڭغا تۇپا چاچىمەن دەيدۇ، بۇگېپىغۇ پاساڭ باسمايدۇ، لېكىن، ئالدىنقى ئىككىسى سەل قورقۇنچلۇق تۇرسا قورقماي قانداق قىلىمەن؟

-قازا دىگەن ئىلاھىي تەقدىر ئۇ، ئۇنى ئۆزگەرتىمەن دەپمۇ ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ناۋادا ئاللاھ بىزنى بىر يامانلىق ئارقىلىق سىناشنى ئىرادە قىلغان بولسا پۈتۈن دۇنيا بىربولۇپمۇ ئۇنى توسىيالمايدۇ، يەنە ناۋادا ئاللاھ بىزگە بىر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلغان بولسا ئۇنى ھەم پۈتۈن دۇنيا بىر بولۇپ تۇسۇپمۇ توسۇپ بولالمايدۇ، لېكىن، مېنىڭ ئۆلگۈم يوق، سىزنىڭ ۋىسالىڭىزغا يەتمەي تۇرپ ئۆلسەم كۈزۈم يۇمۇلمايدۇ مېنىڭ…

-ھەرقانداق ئىش –ھەرىكەت شۇكىشىنىڭ نىيەتلىرىگە باغلىق بولىدۇ، كىم نىمىنى نىيەت قىلسا شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ دىگەننىمۇ ئۈگەنگەن بولغىيدىڭىز.

-ھەئە، خۇدايىم نىيىتىمگە يەتكۈزىدۇ مېنى، يەنىلا سىزنىڭ تىلىڭىزدىن ئۈمىد ئالىمەن ئادىلەم، باياتىنقى ئۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ راستلا قورققان ھەم ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدىم، ئەمدى سىزچە ئۇنداق تەھدىت تېلېفۇنلىرىنى كىم بىرىدۇ سىزگە زادى؟

-مەن نەدىن بىلەي؟

-سىز چوقۇم بىلىسىز دىگەن گەپ ئەمەس، لېكىن، پەرەز قىلالايسىز، سىز مەكتەپتە ئوقۇغاندا بىركىم بىلەن ئارىلىشىپ باقمىغان بولغىيدىڭىز.

-سىز ئاشۇنداق ئويلامسىز، ناۋادا شۇنداق ئويلىسىڭىز، بولدى ئىشىمىز مەشەدە قالسۇن، مەنمۇ ئانامنىڭ دىگىنىگە قوشۇلۇپ جاپا تارتماي ئومىچىمنى ئىچەي…

-ياق، مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس، دىمەكچى بولغىنىم ئۇ تېلىفۇننى بېرىدىغان ئادەم چوقۇم سىزنى ياخشى كۈرىدىغان، لېكىن سىزنىڭ ۋەسلىڭىزگە يېتەلمىگەن ئادەم بولىدۇ… ھېلىقى سىزنىڭ ساۋاقدىشىڭىز بولغان بىرەيلەن سىزنى كىم بىلەندۇ يېقىن دەپ يۈرەتتىچۇ…

-ھە شۇ ھېلىقى سىنىپ مۇدىرىمنى دەيدىغاندۇ شۇ، ئۇ سىنىپتىن ماڭا، نۇرىمانگۇلغا، ئايتىللاغا، يەنە بىرنەچچەيلەنگە ئامراق ئىدى، چۈنكى، بىزلەر دىگەن ئۈگىنىشتە ياخشى، تازىلىقتا چىۋەر، ئىنتىزامچان، گەپ- سۆزىمىز جايىدا، چىرايلىق، مەكتەپكە سەھەر كېلىپ قويۇپ بەرگەندە قايتىمىز، كېچىكمەيمىز، مەكتەپتىن قاچمايمىز… بىزدەك بالىلارغا بىزنىڭ مۇئەللىمدەك ئوڭلۇق مۇئەللىملا ئەمەس، ھەرقانداق مۇئەللىم ئامراق بولىدۇ، شۇ بىر يەرلەرگە ئوپچى بېرىپ قالساق ئۇ مېنى كەينىگە مىندۈرۈپ ئېلىپ ماڭاتتى، شۇڭا، بالىلارمىنى «مۇئەللىمنىڭ قىزى» دەپ چاخچاق قىلىشاتتى، گەپ شۇ، ئۇنداق گەپلەرنى مەندىن ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ…

-ماقۇل، بۇندىن كېيىن سىزنىڭلا گېپىڭىزگە ئىشىنەي، بولامدۇ… ئۇنداق گۇمانلىق ئادەم باشقا يەردە  بولمىغاندىكىن، ئۇنداق چىدىماستىن ھېلىقى تۇغقىنىڭىزلا قالىدۇ دىگەن گەپ…

-ھازىر مەن ھېلىقى تەھدىت سېلىپ تېلېفۇن قىلغان كىشىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ باقايمىكىن دەۋاتىمەن، پەرەز بىلەنلا بىر ئىش قىلىپ بولغىلى بولمايدۇچۇ،-سەن بۇگەپنى ئۇنىڭغا ئۆزەڭنى تېخىمۇ ئاقىل كۆرسىتىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا ئېيتتىڭ.

-قانداق ئېنىقلايسىز ئۇنى.

-ئۇنى مەنمۇ ئۇقمايمەن، لېكىن، ھېلىقى خەۋەرلىشىش شىركىتىگە بېرىپ ئەھۋالنى دىسەك ئۇلار ھېلىقى نۇمۇرنىڭ ئالاقە تىزىمىنى چىقىرىپ بېرىمىش، شۇ تىزىملىككە ئېرىشكەندىن كېيىن ئەھۋال ئايان بولىدۇ…

-توۋۋا، مەكتەپتە مەنمۇ بىر تۈزۈكرەك ئوقۇغان بولسامچۇ، ئاشۇنچىلىك ئىشلار مېنىڭ كاللامغا ئون كۈن ئويلىساممۇ كەلمەسكەن، شۇڭا…

-شۇڭا ھېلىقى نۇپۇس دەپتىمىنى سەن ئوڭشا دىمەيدىغانسىز…

-ئوڭشا دىمەيمەن، لېكىن، چارە كۆرسىتىدىغىنىڭىغا ئىشىنىمەن…

-شۇنچە ئىشەنگەندىكىن، مەنمۇ ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي،  ئىنىڭىزنىڭ ئەمەلىي يېشى تېخى ئەمدى ئون تۆت، سىزنىڭ يىگىرمە ئىككى ياش لېكىن، ئىككىسى ئالمىشىپ قالغان، ئۇنى جايىغا ئەكىلىش تەس بولۇپ قالغاندىكىن ئەمىسە سىلەرمۇ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ قىلىپ خەت ئالغىلى بارغاندا ئابدۇقىيۇم دىگەن مەن دەپ خەتنى ئابدۇقىييۇمنىڭ نامىدا ئېلىۋېرىسلەر، توي قىلغاندا نىكاھنى سىزنىڭ نامىڭىدا ئوقۇسا بولۇۋىرەرمىكىن دەپ ئويلىدىم مەن، بۇ ئەڭ ئاسان چارە ئىكەن.

-ھۈكۈمەت ئۇقۇپ قالسىچۇ؟

-ھۈكۈمەت ئوقۇپ قالسا تېخى ياخشى.

-ياخشى بولۇپ دادامنى تېرورچى دەپ تۇرمىگە سۇلىسۇنما ؟

-ھۈكۈمەتنىڭ بېشى ئاغرىپ قالماقلىق گۈناھسىز ئادەمنى تۈرمىگە سۇلىغىلى، ئۇقسا تېخى ھېلىقى ئوڭشىيالمىغان نوپۇس دەپتىرىڭلارنى جايىغا ئەكىلىپ بېرىدۇ شۇ…

-لېكىن دىپلۇمنىچۇ؟ ئىنىم تېخى ئاران يەتتىنچى سىنىپتا ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭ تولۇقسىزدا ئوقۇغان دىپلۇمى بولمىسا، مېنىڭ دىپلۇمىمدىكى ئېتىمنى قانداق قىلىمىز؟

-ۋاي خۇدايىم، مۇنداق ئىشمۇ بار دەڭ، ئۇنىڭغا بارغۇ، ھېلىقى خەت بېرىدىغان يەردە ھېلىقى دىپلۇمنىڭ ئىچىگە ئاۋۇ ماۋزىدۇڭنىڭ سۈرىتى بار قىزىل نەرسىدىن ئىككى-ئۈچنى قىستۇرۇپ سۇنۇپ باقساڭلار بولمىدىمۇ؟

-ۋاھ، نىمانچە يۈرەكلىك سىز، خەق ئۇنى يۈزىمىزگە ئېتىپ تىللىسىچۇ؟

-خەق سىزنىڭ دادىڭىزغا توي-تۈكۈن، مىيت نامازلىرىدا ئاشۇنداق نەرسىلەرنى يانچۇقىغا تىقىپ قويسا دادىڭىز ئۇنى يۈزىگە ئېتىپ تىللارما؟

-موككىدە سالىدۇ يانچۇققا.

-ئەرتە- ئۆگۈن «خەجلە، خوتۇن» دەپ ماڭا ئاشۇنداق نەرسىلەرنى جىق-جىق بەرسىڭىز مەن سىزنىڭ يۈزىڭىزگە ئېتىپ تىللاپ ئەمەس، خوشلۇقۇمدىن قۇچاقلاپ سۈيۈپ كېتىمەن سىزنى.

-شۇچاغدا مەن سىزنى ئاندىن ئاشۇنداق قىلىپ … ئۇرۇپ-ئۇرۇپ…يىغلىتىپ…

-يۇغان! ئەركىشى دىگەنغۇ ئاشۇنداق دىگىلى بەك ئامراقمىكىن دەيمەن، بولۇپمۇ، موللاملار… ھېلىقى كونىلاردا: «بوقا شاپاققا ئامراق…»دىگەن بىر گەپ بار ئىكەنغۇ… راستمۇ  بۇگەپ…

-تېلېفۇنۇمنڭ توكى قالمىدى…-شۇ ئاۋازدىن كېيىنلا سىگنال ئۈزۈلدى، سەن ئۇنىڭ نۇمۇرىنى قايتىلىغىنىڭدا بولسا: «سىز چاقىرغان ئابۇنت ۋاقتىمچە ئۇلانمىدى…» دىگەن ئاۋازدىن مەيۈس ھالدا تورۇپكىنى قويدۇڭ. ئاندىن ھېلىقى شوجاڭ «ئاكاڭ» نىڭ نۇمۇرىنى بېسىپ ئۇلانغا ھامان قويۇۋەتتىڭ.  ئۇ دەرھال تېلېفۇن قايتۇردى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،-دىدىڭ سەن.

-ۋەئەلەيكۇمۇسسالام، گۈزىلىم، ئۇبدان تۇرۇۋاتامسەن؟

-ياخشى، سىزچۇ؟

مەن قانداق ياخشى تۇرالايمەن، گۈزىلىم، تۈنۈگۈننىڭ مابەينىدە كۆزلىرىمدە ئويقۇ يوق، يۈرەكلىرىمدە ئارمانلار كۈيىدۇ توختىماي، داداڭ بولغان پېسە تۈنۈگۈن بازاردىن مۇنداق بىر ئىككى مىنۇت كىچىكىپ كەلسىچۇ، يا مەن ئېتىزلىقىمدا چۆرگىلەپ يۈرمەي ئۇدۇللا بارماپتىمەن، كۆڭلۈڭنى ئالالماي قالدىم-دە… ھەيييي، شۇنداقمۇ گۈزىلىم.

-گەپنى ماڭا ئىتتىرىپ قويماي ئادىلەمنىڭ قىزلىق قايمىقىنى شۇرىۋالالماي ئارماندا قالدىم دەڭە.

-مانا، مانا، كۆڭۈلدىكىنى تاپىسەنچۇ سەن، سىنى ئاجايىپ ياخشى كۈرىدىغانلىقىمنى تېخىمۇ ھېس قىلىپ قالدىمچۇ تۈنۈگۈندىن بۇيان …

-ئۇنى بىلىمەن، بولمىسا تۈنۈگۈن چاقىرمايتتىم سىزنى… بۈگۈن سىزگە بىر ھاجىتىم چۈشۈپ تېلېفۇن قىلغان ئىدىم، قىلىپ بېرلەرسىزمۇ؟

-سېنىڭ ۋىسالىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا رازىمەن، دىگىنە، قانداق ئىش ئىدى ئۇ؟

سەن ئۇنىڭغا ھېلىقى تەھدىت تېلېفۇنى توغرىسىدا بىرھازا دادلاندىڭ، ئاندىن ئاشۇ نۇمۇرنىڭ ئىگىسىنى تاپىدىغان بىرەر چارە تېپىپ بېرىشنى ئۈتۈندۈڭ.

-توختا، مەن بىرەر سائەتلەردە بىجىرىۋېتىمەن ئۇنى، تېلېفۇنۇمنى ساقلا،ھە،-ئۇ ئالدىراپ تېلېفۇننى قويۇۋەتتى، سەن سوپىغا بېرىپ ئۆزەڭنى تاشلاپ يوتقاننى يېپىنىپ كۈزۈڭنى يۇمدۇڭ. قاچاندۇر تېلېفۇننىڭ يېتىم قۇزىنىڭ مەرىشىدەك ئەنسىز چىرقىرىشىدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ بېرىپ تېلېفۇننىڭ ئالدىڭ.

-ۋەزىپەڭنى بەجا كەلتۈرۈۋەتتىم، گۈزىلىم، ئەمدى مۇكاپاتلىرىڭ بولسا تەييارقىل…

-گەپ قىلىڭەقېنى…

-ئۇ كارتىنى پۇل تۈلىمەي توختىتىپ تاشلىۋېتىپ بولۇپتۇ، بىرەر ھەپتە بولۇپتۇ ئۇنىڭدا بىركىم ئالاقە قىلمىغىلى، لېكىن، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقان نۇمۇرلاردىن ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈپ ئوقتۇم، بۇ تېلېفۇن ھېلىقى رېقىپجاننىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھۈنەر ئۈگەنگەن بىر ئاغىنىسىنىڭ ئاغىنىسى تەرىپىدىن بېرىلىپتۇ.

-مۇنداق دەڭ، ئەسلى ھېلىقى تېلېفۇننى رېقىپجان بەرگۈزۈپتۇ، شۇنداقمۇ؟

-شۇنداقكەن.

-سىز بۇنى قانداق بىلدىڭىز؟

-نىمىشقا بىلەيتتىم مەن.

-دىمەكچى بولغىنىم، بۇ ئىشنى باشقىلارمۇ قىلالامدۇ؟

-قىلالىشى مۇمكىن، لېكىن مەندەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالمايدۇ. چۈنكى مەندە باشقىلاردا يوق كىنىشكە بار، ئۇ مېنىڭ يۇشۇرۇن قۇرالىم. ئەمدى سەنلا ھايت دىسەڭ ئۇ رېقىپ دىگەن گۇينى قولغا ئالغۇزۇۋېتەلەيمەن مەن.

-ياق، ئۇنداق قىلماڭ، ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق شۇنداق قىلغاندۇ بەلكىم.

-ئەمىسە ھېلىقى مۇكاپاتىمنى تەييارلاپ قويارسەن-ھە، ھازىرلا تۈنۈگۈنكى مۇكاپاتىمنىڭ داۋامىنى ئالغىلى بارايمۇيا.

-بولىدۇ، دەرھال يولغا چىقىڭ ئەمىسە،-سەن تەۋەككۇلچىلىك بىلەن شۇنداق دىدىڭ، چۈنكى، ئۇ يېزىدا بايىقى ئىشلارنى يېرىم سائەتلەردە بىجىرىپ شۇنچە ئىشلارنى ئېنىقلاپ بولالىشىغا ئىشەنمىگەن، ئۇنى سىرتتا دەپ گۇمان قىلغان ئىدىڭ. گۇمانىڭ دەل چىقتى.

-ۋاي، سەن نىمانچە يامان ، مېنى يامان يەردە تۇتۇۋالدىۇڭغۇ، مەن بۈگۈن ئىدارىدە يىغىندا ئىدىم، بىلىپ قېلىپسەن ھە شۇنى، مەن يىغىندىن تارقاپلا سېنىڭ يېنىڭغا ئۈنىمەن، نىمە ئالغاچ بارىمەن، گۈزىلىم، ساڭا بۈگۈن ئەمدى!

-بولدى، ھېچنىمە ئەكەلمەڭ، مەن توۋلاتمىغۇچە تېلېفۇنمۇ قىلماڭ، ئۆزىڭىزمۇ كېلىپ قالماڭ، ئانامدىن بىرمۇنچە ئاھانەت ئاڭلىدىم تۈنۈگۈن.

-نىمە دەپ؟

-ئانام دىگەن يەتتە مېتىر يەرنىڭ تېگىدە جىمجىت ياتقان يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى تۇيىدىغان يامان ئايال، ئۇ مېنى :«سەن ئەرگە تەگكۈڭ كېلىپ چىدىيالماي قېلىپ شوجاڭنى تېلېفۇن قىلىپ قىچقىرتىپسەن » دەيدۇ، مەن «ئۇ ئادەمنى كۆرمىدىم، ئۆيدە بولمىسام مەن…» دەپ تۇرۇۋالدىم، ئاينا ئاشۇ تۇرقىدا ئانام ئېتىزدىن كېلىپ بولدى، مەن ئالدىغا چىقاي، خوش،-سەن ئۇنىڭ گېپىنى كۈتمەيلا تورۇپكىنى تاققىدە قويدۇڭ. ئەمەلىيەتتە ئاناڭ كەلمىگەن ئىدى، شۇئارىدا يەنە تېلېفۇن توۋلىدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،-دىدىڭ سەن.

-ۋەئەلەيكۇمۇسسەلەم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرىكەتەھۇ،-دەپ سوزۇپ ئەركىلىدى قارىمىڭ،-باياتىن تېلېفۇننىڭ توكى تۈگەپ قالدى، شۇڭا ھازىر ئازراق توك قاچىلاپ سىزدىن ئەپۇ سوراي دەپ تېلېفۇن قىلغان…

-ھوي، راست، سىزگە دەيدىغان يەنە بىر گەپ قاپتىكەن باياتىن…

-نىمە گەپ، دەڭە ئادەمنى ئاڭلىغۇسىنى كەلتۈرۈپ تەقەززا قىلماي.

سەن داداڭ بىلەن ئاناڭنىڭ تويۇڭ بولغۇچە ئارىلىقتا نىمە قىلىشىڭ توغرىسىدىكى مۇلاھىزەلىرىنى بىرقۇر بايان قىلدىڭ، ئۇ بۇنى ئاڭلاپ بەك خوش بولدى ۋە بۇنى دادىسىغا دەپ يولىنى مېڭىشىپ بېرىشكە دەئۋەت قىلىدىغان بولدى

-توختاڭ، سىز ئۇنى «مەن شۇنداق ئويلىدىم» دەڭ بولامدۇ، شۇنداق دىسىڭىز دادىڭىز :«ئوغلۇممۇ چوڭ بولۇپ بىر ئىشلارنى توغرا ئويلىغۇدەك بولۇپ قېلىپتۇ» دەپ سىزدىن خوشھال بولىدۇ…،- سەن ئۇنىڭ بىلەن قىسقىلا پاراڭلىشىپ تېلېفۇننى قويدۇڭ. تېلېفۇن خۇمارىڭ تېخى بېسىلمىغاندەك قىلاتتى، سەن يەنە بىرەيلەننىڭ نۇمۇرىنى توۋلىتىپ قويۇۋەتتىڭ، لېكىن، ئۇ تېلېفۇن قايتۇرمىدى، سەن ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم توۋلاتتىڭ، ئادەتتە، ئۇ دەرھال تېلېفۇن قايتۇرىدىغىنى ئىدى، لېكىن ئۇ ھازىر قايتۇرماي قويدى.

سەن ھويلىغا چىقتىڭ، ھاۋا ئۇچۇق، كۈز ئاپتابى كىشىگە بەك ياقاتتى. سەن ئاشخانا ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئاپتاپ تازا چۈشكەن يەرگە شىدىشاپنى سېلىپ ئۆستىگە كۆرپىنى تاشلاپ يۈزلىرىڭنى بىر ياغلىق بىلەن ئوراپ ئۇيغۇغا كەتتىڭ. قاچاندۇر سەرەڭگە سوراپ كىرگەن خوشناڭنىڭ بالىسى سېنى ئويغاتتى، ئۇنىڭغا بىرقاپ سەرەڭگىنى ئاشخانىدىن ئاچىقىپ بېرىۋېتىپ تۇرغىنىڭدا تېلېفۇن ئىككى توۋلاپ توختاپ قالدى، چىرايىڭغا كۈلكە يۈگۈردى، سەن دەرھال بېرىپ تېلېفۇننى ئۇلاپلا توختىتىۋالدىڭ، ئارقىدىنلا تېلېفۇن توۋلىدى.

-تېلېفۇن قىلسام ھېچ ئالمىدىڭىز، مېنى ئونتۇپ قالغان ئوخشايدۇ ئەمدى دەپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغان ئىدى…

-سېنى ئۇنتۇپ قېلىش مۇمكىنمۇ، يا مۇنداق بىر ماڭا تېگىپ قويۇشنى ئويلاشمىدىڭ. ناۋادا شۇنداق قىلغان بولساڭ ئىدىڭ، ساڭا قاراپ-قاراپ ئولتۇراتتىم مەن شۇ چاغدا.

-ھە شۇنداق قىلارسىز بەك، ماڭا قاراپ ئولتۇرغىنىڭىز بىلەن قورساق تويمايدۇ، يەنە مېنىڭ خەجىمگە پۇل، يىگىلى نان كېتىدۇ، تۇغسام بالىلىرىمىزمۇ پۇل دەپ تۇغۇلىدۇ، ئۇچاغدا بەك ئىشلەيسىز تېخى، ماڭا قارىغىلى چولىڭىزمۇ تەگمەي، سىزنىڭ ئۈيىڭىز بىر جاڭگالدا تۇرسا ئەتىگەن كېتىپ كەچتە كەلسىڭىز مەن ئۇيەردە زىرىكىپ ئۆلمەمدىمەن؟

-ھېلىقى بىز تاتلىق ئارىلىشىپ يۈرگەن چاغلاردا بارغۇ، مەن ئىش ئورنۇمغا يېقىن يەردىن يەر ئېلىپ ئۆي سېلىشنى پىلان قىلىپ بولغان، سەن ماڭا تەگكىلى ئۇنىمىغاندىكىن مەنمۇ ئالمىدىم، ناۋادا بىز توي قىلغان بولساق بارغۇ، سېنى ئۇنداق جاڭگالدا قويىدىغان ئادەم يوق، قانداق چىدايمەن مەن ئۇنىڭغا، يېقىن يەردىن ئۆي ئېلىپ ئاۋات رەستىدىن بالىلار كىيىملىرى بىلەن ئاياللار كىيىملىرىنى ساتىدىغان دوككان ئېچىپ بېرەتتىم مەن ساڭا، كىيىمگە ئامراقلىقىڭنى بىلىمەن-دە مەن سېنىڭ.

-نىمانداق ياخشى، بىر تېگىۋېتەيمۇ ياسىزگە ئەمىسە.

-گېپىڭ گەپقۇ.

-ياق چاخچاق قىلدىم، نىمە قىىۋاتىسىز ھازىر،-پاراڭلىرىڭلار يېڭىدىن باشلاندى.

-تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ ئولتۇردۇم شۇ…

-ۋاي، سىز تېخى تاپشۇرۇقمۇ تەكشۈرەمسىز؟

-مۇئەللىم دىگەن تاپشۇرۇق تەكشۈرىدۇ…

-ئۈچ يىل ئوقۇپ مەن سىزنىڭ ماڭا بىر قېتىم تاپشۇرۇق بەرگىنىڭىزنى بىلمەيتتىمچۇ؟

-ئۇنىسى راست، قانداق چىدايتتىم مەن ساڭا تاپشۇرۇق بەرگىلى. كۈلۈپ يۈرسەڭ كۆڭلۈم بەك خوش بولىتتى شۇ چاغلاردا… ئاۋۇ ھېلىقى مۇتىھەم نۇمۇرنىڭ ئالاقىلىشىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ باقتىم…

-قانداق تەكشۈردىڭىز؟

-ئاتايىن شەھەرگە باردىم، ئالاقە شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت زالىدا بىر مۇلازىمەت ماشىنىسى بار ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا ھېلىقى نومۇرنى كىرگۈسەم مەخپىي نۇمۇر سورىدى، مەن يېزىدىكى ئىش بىجىرىش ئورنىدىن كارتا بىجىرگەندە بىر مەخپىي نۇمۇرنى دەپ بەرگەن ئىدى ئۇلار، تېلېفۇندا تەھدىت سالغان ئۇ ئادەمنى مەن ئانچە ئەقىللىق سانىمىدىمچۇ، بولمىسا ئۇنداق قىلمايتتى، ئاشۇ نۇمۇرنى كىرگۈزسەم لىككىدە ئېچىلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ يەردىن ئاشۇ نۇمۇر بىلەن ئالاقىلاشقان نۇمۇردىن تۆت-بەشنى يېزىۋالغان ئىدىم، ئەگەر سەن خالىساڭ دەپ بېرىمەن…

-بولدى، ھاجىتى يوق، ئۇ ئىشلار غا ئانچە قىزىقمايمەن ئەمدى…

-قىزىقمىساڭ ، بوپتۇ، ئۇ نەرسىلەر ئورنىدىلا قالسۇن…نىمىشقا ئۇنداق بولىتتى، بىلەمسەن؟

-تاڭ،-شۇئارىدا ھويلىدىلا ئېشەكنىڭ ھاڭرىغان ھېلىقى ئۈنى ئاڭلاندى، سەن:

-ئانام كېلىپ قالدى، كىيىن كۈرۈشىلى، خوش،-دەپ ئالدىراپ تورۇپكىنى قويدۇڭ، ئىشىك تۈۋىگە چىققۇچە ئاناڭ تاشقىرىقى ئىشىكتىن كېرىپ بولدى:

-ئەتىگەننىڭياقى مۇشۇ تېلېفۇن بىلەنما سەن،-دىدى ئاناڭ. ئۇنىڭ كەيپىياتى ئۇسال تۇراتتى، ئۇ بېرىپ تېلېفۇننىڭ كەلدى-كەتتى نومۇرلىرىنى بىرقۇر تەكشۈرۈپ چىقتى، سەن باياتىن ئۇلارنىڭ نۇمۇرلىرىنى يۇيۇۋېتىشكە ئۈلگۈرمىگەن ئىدىڭ. ئويلىمىغاندا ئىڭىكىڭگە تەگكەن ئىككى شاپىلاقتىن كۆزۈڭدىن ئوت چاقنىدى، نىمە بولغىنىنى بىلەلمەي قالدىڭ. شۇتاپتا سەن كۈلۈشنىمۇ ، يىغلاشنىمۇ بىلەلمەيتتىڭ. قەلبىڭدىكى باياتىن بۇيانقى خوشھاللىق ۋە تاتلىق، ئەمما، دەرمانسىز ئارمانلار ئۇرنىغا ئۆزەڭمۇ ھېس قىلىپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدىكى بىر خورلۇق ئالماشتى، ئالماشقاندىمۇ شۇنداق تىز، ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە تىز ئالماشتى. كۆزلىرىڭدىن چىققان ئىككى تامچە ياش مەڭزىڭنى بويلاپ ئاقىپ زاڭاقىڭغا كېلىپ توختىدى، لەۋىڭنى چىشلىدىڭ، لېكىن، ئۈنۈڭنى چىقارمىدىڭ، كۆزۈڭدىن چىققان ياشلار ئازىيىدىغاندەك ئەمەس، قەلبىڭدىكى خورلۇق بولسا خۇددى خالتىغا سولاپ قويغان مۈشۈكتەك توختاۋسىز يۈرىكىڭنى تاتىلايتتى. بۇنداق تاياق يېيىشلەر بۇ ئۆيدىكى ساڭا نىسبەتەن تۇنجى ئىشمۇ ئەمەس، قەدەمدە بولۇپ تۇرىدىغان ئىشلار ئىدى، لېكىن، ھازىرقى ياشلارغا كىرىپ قالغان بىر قىزغا نىسبەتەن كۈتۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئىشمۇ ئەمەس، ئۇنىڭغا غايەت زور چىدام كېتەتتى، يەنە سەبر بىلەن مەدەت ۋە ئىلھام كېتەتتى، بىرەر ئىككى يىلنىڭ مابەينىدە سەن بۇ خىل مەدەتنى پەقەت سېنى ياخشى كۈرۈپ كەلگەن، قىزلىق قەلبىڭگە ئۈن- تىنسىزلا ئۈسسۈپ كىرگەن ، سەنمۇ ئون يەتتىگە كىرگەندە قەلب دەرۋازاڭنى تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭغا ئۆزەڭ خالاپ ئاچقان ئاشۇ ئادىمىڭدىن ئېلىپ كېلىۋاتاتتىڭ. شۇ تاپتا كۆزۈڭدە يىغا، قەلبىڭدە بىرتاغار خورلۇق، لەۋلىرىڭنى چىشلەۋاتاتتىڭ، دىققىتىڭنى بولسا ئاشۇ ئادەم بىلەن ئىككىڭلارنىڭ قاچانقىدۇر بىر ئۇنتۇلغۇسىز ساياھەتلىرىگە چېچىۋاتاتتىڭ، ئىككىڭلار قول تۇتۇشۇپ نەگىدۇر كېتىۋاتاتتىڭلار، ئوڭ تەرىپىڭلار كەڭرى كەتكەن بېلىق كۆلى، سول تەرىپڭلاردىكى زەيداندا لىققىدە سۇ ئېقىپ تۇراتتى، سىلەر ماڭغان ئاشۇ چېغىر يول دەل ئاشۇ زەيدان بىلەن كۆلنىڭ پاسىلىدىكى قاش، بۇ يەرمۇ شۇنداق پىنھان، بۇ چېغىريول پەقەت ئەللىك- ئاتمىش سانتىمىتىر كەڭلىكتە، ئىككىڭلار قول تۇتۇشۇپ ئېڭىشتا ئاران سىغاتتىڭلار، ئىگىز ئۆسكەن قومۇشلار ئىچىدە سىلەر ئىككىڭلارلا بار ئىدىڭلار، ئالدىڭلاردا زەيداندىن كۆلگە سۇ ئېقىۋاتقان چوڭقۇر بىر ئېقىن توغرا كەلدى، ئۇنىڭدىن ئۇ سەكرەپلا ئۈتۈپ كەتتى، لېكىن… سەن سەل قورقتۇڭ، ئۇ قولىنى سۇندى، سەنمۇ قولۇڭنى ئۇنىڭغا سۇندۇڭ، ئۇ سېنى كۈچەپ تارتتى، سەن ئۇ ئېقىندىن ئۈتۈپ كەتتىڭ، يېقىنلا يەردە ئالدىنقى يىللىرى كىملەردۇر ئورۇپ توغرىسىغا رەتلەپ قويغان قومۇش دۈۋىسىگە كەلگەندە … ئۇ ئۇنىڭغا ئۆزىنى تاشلىدى، سەنمۇ … ئۆزەڭنى تاشلىدىڭ.  سىلەر … قۇچاقلاشتىڭلار… لەۋلىرىڭلار… قوللىرىڭ ئۇنىڭ  بوينىدا… چاچلىرىدا… ئەمدىلا قومۇرۇلۇۋاتقان ياڭاقچىلىك كۆكسۈڭ… ئۇنىڭ … ئىككى ئالقىنىدا… لەۋلىرىدە… شۇ چاغدىكى ئاجايىپ ھاياجانلىرىڭنى ئۇنتۇيالمايتتىڭ…كۆزلىرىڭدە ياشلار سەلدەك ئاقاتتى … ئاجايىپ غەلىتە بىر خورلۇق يۈرەكلىرىڭنى تاتىلايتتى…پەقەت ئۈن چىقىرىپ يىغلاپ سالماسلىق ئۈچۈن لەۋلىرىڭنى چىشلەيتتىڭ…

-ئادىلەم،-دەيتتى خيالىڭدىكى ئۇ ئادەم،- سەن مېنىڭ پەرىشتەم… سېنى سۈيىمەن…بىلەمسەن…

-ھەئە، بىلىمەن، مەنمۇ سىزگە كۈيىمەن، سىزنى سۈيىمەن، قىز بولۇپ تۇغۇلۇپ تۇنجى قېتىم كۈڭۈل بەردىم، سىزگە…

-كۈنلەرنىڭ بېرىدە… سەن ئۆزەڭ خالاپ …ئۆزەڭنى… ماڭا تەقدىم قېلىدىغان… ئاشۇ كۈنلەرنى كۈرەلىسەم دەپ …ئارمان  قىلىمەن…

-توي قىلغاندىن كېيىن …كېلىدۇ… ئۇنداق چاغلار…ئىشىنەمسىز…؟-ئۇ باش لىڭشىتتى…

- ھەئە… ئىشىنىمەن… ئەلۋەتتە، ئىشىنىمەن…

-مەن سىزگە تېگىمەن…شۇچاغدا …مېنى ئالارسىز؟

-سەن ئۈچۈن بۇ جانلىرىم پىدا…

سەن ئىچكىرىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنى جاڭڭىدە يېپىپ تاشقىرىقى ئۆيگە چىقتىڭ، ئاناڭ كەينىڭدىنلا چىقتى ۋە چېچىڭدىن تۇتتى، ئاناڭنىڭ ئاشۇنداق تۇتۇشلىرىدىن تويۇپ سەن ئاشۇچاچلىرىڭنى قاملاشتۇرالمىساڭمۇ نەچچە قېتىم ساڭگۇل-سۇڭگۇل قىلىپ كېسىۋەتكەن ئىدىڭ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاشۇ ئادىمىڭنىڭ ئەيىپلەۋىرىشى ۋە تەۋسىيەسى بىلەن سەن ئۇنى پەرۋىش قىلىپ يەنە مۈرەڭدىن ئاشقۇدەك قىلىپ ئۆستۈرگەن ئىدىڭ؛ (ئەلۋەتتە، سەن ئاناڭنىڭ ئاچچىغى كەلسىلا چاچلىرىڭنى توخۇ يۇڭدىغاندەك يۇڭدايدىغان ئەسكى ئادەتلىرىنى سەن ئۇنىڭغا دەپ ھاللىنىشتىن خىجىل بولاتتىڭ)  ئاشۇ چاچلىرىڭ يەنە ئۇنىڭ قولىغا چىقتى. ئۇ سېنى سۆرەپ بېرىپ ھويلىغا چىقىدىغان ئىشىكنىڭ تاختاسىغا دوقۇسلىتىپ ئارقا-ئارقىدىن ئۈچنى ئۈستۈردى، سەن ئەمدى ئۈنۈڭنى قويۇۋېتىپ چىرقىراپ يىغلىدىڭ، سەن يىغلىغانچە ئاناڭ: «ھە، مانا يىغلا ئەمدى، يىغلاشنىڭ  دۇرىسى دىگەن مانا مۇنداق بۇلىدۇ» دەپ سېنى ھويلىنىڭ تېمىغا نىقتاپ تۇرۇپ ئىڭەكلىرىڭگە قارسلىتىپ بىرنەچچىنى سالدى، يىغا ئاۋازىڭدىن ئۆي ئىچى لەززىگە كەلدى، لېكىن، خولۇم- خوشنىلاردىن ھېچكىم ئۆيۈڭگە كىرىپ قويمىدى، ئاناڭنىڭ غەزەبلىرى توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ناۋادا خوشنىلاردىن بىرەرى ئارىغا چۈشىدىغان بولسا ئاناڭ ئۇنى يۈز-خاتىرە قىلماي تىللاپ كىرىپ سالغىنىغا تويغۇزۇۋىتەتتى، بۇنداق ئىشلار بۇرۇنمۇ بىر-ئىككى قېتىم بولغان، شۇڭا ھېچكىم كىرىپ قويمىدى.

-مېنى مۇنداق ئۇرۇپ خورلاۋەرگۈچە بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋەت؟!-دەپ چىرقىرىدىڭ سەن ھاڭراپ يىغلاۋېتىپ . ئاناڭنىڭ ئاغزىدىن ئەمدى قار-يامغۇر ياغقىلى تۇردى:

-ئۆلتۈرمەي قانداق قىلىتتىم مەن… سەندەك پاسماق جالاپنى… نىمىشقا باققاندىمەن سېنى… بىر يانغىن، قىزىم، ئۇنداق موللامدىن، سېنى ۋاققىدە بىر ئەرگە بېرىۋالاي، ئەرگە تويسۇن دىسەم ئۇنىمايسەن، رېقىپجانمۇ پۇتۇڭنى ھاۋاتاپان قىلىپ تازا ئەپلىيەلەيتتى سېنى، ئۇمۇ راسا نوچى ئوغۇل بالىغۇ، …ھېلىقى قارىمدا بار بىر غېرىچ نەرسە ئۇنىڭدىمۇ تازا بارغۇ… نىمىشقا بىرەر ئېغىز گېپىمنى ئاڭلىتالمايمەن ساڭا… تېخى يا قولاقنى بىر تىنچ قىلمىساڭ… تۈنۈگۈن شوجاڭ كەلسە، يەنە بىر چاغدا يەنە بىركىم كەلسە، ھەممىسى شۇ بىز يوق سەن يالغۇز چاغدا كەلسە،  قانداق قىلىق بۇ؟-ئاناڭ چېچىڭنى قويۇپ بېرىدىغاندەك ئەمەس، ئۇ سېنى ھە دەپ سوراقلايتتى،- دىگىنە، قارىم دىگەن ئاۋۇ شورۋىچىدىن يېنىشىپ ئاۋۇ رېقىپجانغا تېگىسەن، شۇنداقمۇ، ئۇڭلۇق قىزىم؟-ئۇ يۈزلىرىنى سېنىڭ يۈزۈڭگە يېقىنلاشتۇرۇپ كۈزۈڭگە تىكىلىپ قارىدى، كۆزلىرىڭلار بىر دەقىق بىر- بىرىگە قادالدى. «تۈفىي!» ئاناڭ سېنىڭ ئۆزىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈشۈڭنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، قولىنى قويۇۋېتىپ ئىككى قەدەم كەينىگە داجىپ مەڭدەپ قالدى ۋە ئارقىدىنلا ئاغزىدىن تاش-تۇپراق ياغدۇردى:

-ھۇ ئەرسىراپ قالغان، دىغراق، يۈزى قېلىن پاسماق جالاپ …سەن شۇ گەپلىرىنىلا ئاڭلىدىڭ، ئاڭغىچە سەن ھويلىدىن چىقىپ كېتىپ بولغان ئىدىڭ.

-جالاپ دىگەن سەن، جالاپ دەپ سەندەك قىلىپ يۈرگەنلەرنى دەيدۇ…،-دەپ ۋارقىرىدىڭ. ھويلىدىن ئۆينىڭ ئالدىدىكى يولغا چىققۇچە سەن ھاسىراپ كېلىۋاتقان بودەك ئاناڭ بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالدىڭ ۋە ئۇنىڭغىمۇ پەرۋا قىلماي ھۆڭرەپ يىغلىغان پېتى نەگىدۇر چاپتىڭ، ئۇ كەينىڭدىن: «توختا، ئادىلەم بالام،  ھالىڭنى مەن ئاڭلاي…» دەپ توۋلىغان پېتى قېپقالدى. سەن ئۇنىڭ كۆزىدىن يۈتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇ ئاناڭنىڭ يېنىغا ھاسىراپ كىردى:

-نىمە قىلغىنىڭ ئۇ، پاتەم، بويىغا يېتىپ  قالغان قىز بالىنى شۇنچىۋالا ئۇرغان بارمۇ، باشقا بىر ئىش بولۇپ قالسا قانداق قىلىسەن؟

-نىمە قىلالايتتى ئۇ، ناھايتى بىريەرلەرگە بېرىپ بىرنىمىسىنى قاندۇرۇپ كېلىدۇ ھېلى.

-نىمە دىگىنىڭ ئۇ، توۋۋا خۇدايىم، قوڭىنى ئاغرىتىپ بالا تۇغۇپ باقمىغان خوتۇن دىگەن مۇشۇنداق گەپ قىلغۇدەك مانا…

ئۇنىڭ بارغانچە ئاچچىقلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئاناڭ كەيپىياتىنى بىردىنلا ئۆزگەرتتى:

-ئاچچىقلىماڭە ئاچا، سىزنىڭ يۈرەك كېسىلىڭىز بار، ئاچچىقلانسىڭىز بولمايدۇ، كېلىگە ماۋۇ كۆرپىدە ئولتۇرۇڭ.

ئۇ ئاچچىقلانسىڭىز بولمايدۇ دىگەن گەپتىن ئۆزىنى تۇتۇۋالدىمۇ، ئاستاغىنە كېلىپ كۆرپىدىن ئۇرۇن ئالدى:

-يەنە شۇ گۈھەرخان ئاچامنىڭ جىدىلى بولمامدۇ، قاراڭ ئاچا، بالا ئۈچۈن قېرىنداشتىن ۋاز كەچكىلى بولمىسا يا، -ئۇ شۇنداق دىگەچ ئۇنىڭ ئالدىغا داستىخان سالدى ۋە قىزىلگۈل گۈلقەنت قۇتىسىدىن بىرىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ كاكچا ناننى ئۇشتتى. ئىككىيلەن كاكچا ناننى گۈلقەنتكە مىلەپ يىيىشتى.

-قاچان كۈرۈشتۈڭ سەن سەن ئۇ گۈھەرخان بىلەن؟-سورىدى ئۇ ئاناڭدىن.

-باياتىن بولمامدۇ؟ دادىسىنى بىكەتكە ئاپىرىپ ئۇزىتىپ قويۇپ ياناشىمدا يول شۇ بولغاندىكىن يوقلاپ ئۆتەي دەپ كىردىم، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى دەستەك قىلىپ ئۆيىنى باشلىرىغا كىيىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭا بېسىم قىلىشىنى مەن نەدىن بىلىمەن، بەك ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى مېنى… تېخى : «يا  ئاشۇ قىزىڭغا تۇر، يا مەن ئاچاڭغا تۇر…» دەپ  ساراڭلىق قىلسا…مەن نىمە دەيمەن ئۇنىڭغا.

-نىمە دەيدۇ ئۇ؟

-ئادىلەمنى گەپ قىلىپ ياندۇرغىن، ئۇنىمىسا سەن ئۇنى بېقىپ مۇشۇنچىلىك قىلدىڭ، ئانچە- مۇنچە مەجبۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللانغىن، قانداق قىلساڭ قىلغىن، ئىشقىلىپ قىزىڭنى ماڭا بەرمىسەڭ مەن سەندىن ئۇدۇنيا- بۇدۇنيا رازى ئەمەسمەن دەيدۇ…

-ۋاي قۇۋۇرغامەي، ئۇنىڭ رازىلىقى سەن ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىدى…

-شۇنىڭ بىلەن شۇ ئاچچىغىمدا كەلسەم ئۆيدە كىمبىلەندۇر كوتۇلدىشىۋېتىپتىكەن، دەل ئۈستىدىن چۈشەرمەن دەپ ناھايتى ئاستا كىرسەممۇ تۇيۇپ قالدى؛ تاشقىرىقى ئۆيگە ئەمدىلا كىرسەم ئاۋۇ ئىشەك دىگەن شورۋىچى يەنە سەت ھاڭراپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالدىراپ ئالدىمغا چىقتى، چېچىدىن تۇتۇپ نەلەرگە ئۈستۈردۈمكىن-تاڭ، بىرمۇنچە ساۋاپتىمەن…

-«قۇشنى دان ئالدايدۇ، ئادەمنى گەپ» دىگەن بىر گەپ بار كونىلاردا، بىر بالاڭغا يۇمشاق گەپ بىلەن گەپ ئاڭلىتالمىدىم دەپ قاتتىق قوللۇق قىلساڭ ئالىمادىس بۇ قىز بېرىپ بىرەر يامان ئىش قىلىپ قويسا قانداق قىلىسەن؟

-ۋاي ئاچا، نىمە كېلىتتى ئۇنىڭ قولىدىن؟

-ھېچ ئىش كەلمىسىمۇ ئۈلۈۋېلىش كېلىدۇ، ياكى بولمىسا… ئۇ مۇشۇ ماڭغانچە ئۆيدىن چىقىپ كەتسە… قانداق قىلغۇلۇق؟

-مۇمكىن ئەمەس، ئۇ ھەرئىككىسىنى قىلالمايدۇ، كەچكىچە ئۇ قايتىپ كېلىدۇ…

-ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن؟

-بىلمىدىم، بەلكىم ئۇنى رايىغا قويساق بولىدىغاندەك، ئۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق ئوخشايدۇ…

-ھەي،راست، پاتەم، گۈھەرلەر ئەينى چاغدا بىر ئىغۋانى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىشىنىپ قېلىپ ئاندىن توي باغىقىنى تاقىتىپ بولۇپ يېنىپتىكەنغۇ، سەنمۇ ئاشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقساڭ قانداق بولار؟

-دىمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەنمىدىم…

-ئادىلەم توغرىسىدىكى ھېلىقى ئىغۋالارنى مەقسەتلىك ھالدا ئاۋۇتۇپ مەھەللىدىكى گەپ تۇشۇشنى ھۈنەر قىلىۋالغان خوتۇنلار بارغۇ، شۇلارنىڭ قولىقىغا يەتكۈزەيلى، ئۇلار ئۇنى ئېقىتماي- تېمىتماي ھېلىقى قارىمنىڭ، ئاندىن ئاخۇنۇمنىڭ قولىقىغا يەتكۈزسە ئۇلار ئىچىدىن سۇۋۇپ يانسا ئادىلەمنىڭمۇ ئامالى يوق… ھېلىقى بىر گەپ بارغۇ، «غۇنىجىن ئۇنىمىسا پاچىقىنى چۈشىسە بولار، بوقا ئۇنىمىسا ئۇنى نىمە قىلسا بولار» دەيدىغان…

-قالغىنىغا بۇ ئىشنى قىلىشقا توغرا كەلسە ئۇنى سىز قىلىپ سىناپ بېقىڭ.

-مەن نىمە دەپ سىنايمەن ئۇنى.

-ئەمىسە مەن خەققە مېنىڭ قىزىم خەق بىلەن ئويناغلىق دەيمەنما، ئۇ چاغدا خەق مېنى «چاقىنى بۇزغان شانىسى، قىزىنى بۇزغان ئانىسى» دىمەسما، مېنىڭمۇ پىشانەمدە مەڭگۈ يۇيۇلۇپ كەتمەيدىغان بىر ئېنىم بار تۇرسا…

-ۋاييييەي، نىمە قىلساڭ قىلغىنە بىر، لېكىن ئۇنداق قاتتىق قوللۇق قىلمىغىن، ئۆيدە ئولتۇرسام بىرسى پاتەمخان ئادىلەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى قوپتى… دەپ بېرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن نىمە بولغاندۇ دەپ يۈگۈرۈپ كېلىپتىم، خۇدايىم ئۆزى ئاسان قىلار بۇ ئىشلارنى…- ئۇ ئاستا ئورنىدىن قوزغالدى، ئاناڭ ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇپ كىرىپ ئۆزىنى تاشلاپ تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتى.…

سەن بولساڭ سىرتقا چىققاندىن تارتىپ يوللاردا تاساددىپىي ئۇچراپ قالىدىغانلارغا بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن كۆزياشلىرىڭنى ئېرتىۋەتتىڭ، لېكىن قەدەملىرىڭ تىز ئىدى، خۇددى يۈگۈرگەندەكلا ماڭاتتىڭ، ئەمما، يۈگۈرمىدىڭ، نەگە بېرىشنى، كىمگە ھاللىنىشنى بىلمەيتتىڭ، سەن ئۆزەڭنى ئاۋۋال ھېلىقى چەت، ئەمما، ئازادە بېغىڭدا كۆردۈڭ، باغلار يازدىكىدەك يېشىللىق ئەمەس، ياپراقلار ئومۇميۇزلۈك ئۈششۈشكە يۈزلەنگەن،   كەڭرى كەتكەن تەكلەردىكى ئۈزۈم تاللىرىنىڭ غازاڭلىرى ئەمدى يوق، كۆڭلۈڭ بەك يېرىم ئىدى، ساڭا نىسبەتەن بۇنداق خارلىنىشلار يىڭىلىق ئەمەس،  باشلانغۇچ مەكتەپ ياكى تۇلۇقسىزلاردا ئوقۇغان ۋاقتىڭدا بولسۇن، مەيلى داداڭ بىلەن ئاناڭ قېيدىشىپ قالسۇن، ياكى ئۇ ئىككىسىنىڭ خالىغان بىرى نەلەردىدۇر كۆڭلى يېرىم بولۇپ كەلسۇن، ئىشقىلىپ ئۇلار سېنى ئاشۇنداق ئۇرۇش-تىللاش بىلەن ھاردۇقىنى چىقىرىپ كۆنگەن، بەزىدە ئۆزەڭدىن نەپرەتلىنىپ قالاتتىڭ… لېكىن، سەن نەپرەتلىنىپ باققىنىڭ بىلەن مېھرىڭنى ئۈزەلمەيتتىڭ، بولۇپمۇ مۇشۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ تەسەللىيلىرىگە…پەپىلەشلىرىگە …تولىمۇ مۇھتاج بولاتتىڭ، ئۇنىڭ قوچاقلاپ سۈيۈشلىرىنى، ئەركىلىتىپ ماختاشلىرىنى، ماڭلىيىڭنى سىلاشلىرىنى، ئىككى قولىقىڭنىڭ يۇمشىقىنى يېنىك تۇتۇپ كۆزلىرىڭگە تىكىلىپ قاراشلىرىنى سېغىناتتىڭ… ئۇنىڭ ئاشۇ قىلىقلىرىغا-ئۇنىڭ كۆڭلۈڭ خوش بولغۇدەك دەرىجىدە چاخچاق ئارىلاش ماختاپ كۆڭلۈڭنى كۈتۈرۈپ قويۇشلىرىغا مەپتۇن بولغان ئىدىڭ، بولمىسا ئۇ سېنىلا ئەمەس، ھەممەيلەنگە ئاشۇنداق مۇئامىلە قىلاتتى، ھەتتا، تولا كېچىكىدىغان بالىلارغا: «ماۋۇ مەكتەپنىڭ ھاجەتخانىسى سېلىنىڭ پوقلىرىغا تەشنا بولۇپ قالدى، غوجام، سەھەر كېلىپ ماۋۇ كاتەككە ۋاقتىدا بىر قېتىم شاخنىلاپ بېرەلا…» دەپ تەنە قىلغانلىرىنى ئاڭلاپ ھارغۇچە كۈلگەن ئىدىڭ بىر چاغدا.

-ئۇ مەن تېلېفۇن قىلمىغۇچە ماڭا تېلېفۇن قىلماسلىققا ماقۇل بولغان، مۇشۇ بانادا ئۇنىڭدىن بارلىق ئالاقەمنى ئۈزسەم بولاتتى، مەن ئۇنى قىلاي دىسەم تامامەن قىلالايتتىم، لېكىن، مەن قانداق قىلالايمەن… مەنمۇ ھەرقانچە يېتىم ئوغلاق باقما- سوقچى قۇزا بولساممۇ بەرىبىر ئادەم ئەمەسمۇ، ياشلىرىمۇ يىگىرمىگە يېقىنلاشقان بىر قىزىنى ئاشۇنداق ئۇرۇپ خارلىسا، ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان بىرەر ئېغىز گەپ – سۆزى پەقەت ئاللىكىملەردىن ئامانىتىنى جايىدا ئېلىپ كەلگەنلىرىدە ئاندىن ئېزىپ- تېزىپ چىقىپ قالسا… يا بۇ ئۆيدىن قېچىپ كەتكىلى بولمىسا، «ئانا قارغىشى ئوق» دەيدىكەن، ناۋادا مەن بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتسەم ئۇ مېنى باققىنىغا رازى بولمىسا… مېنى قارغىسا …مەن بەرىبىر ھامان بىركۈنى خارلىققا قالغىنىم قالغان… ئەڭ ياخشىسى… يەنىلا چىداي … لېۋىمنى چىشلەپ چىداي… بۇ ئىشنىڭمۇ بىر ۋاقتى سائىتى كىلەر، مەن بۇ ئۆيدىنمۇ بەرىبىر چىقىپ كېتىمەن، بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئەڭ داغدام يولى توي قىلىپ بىر ھىمايىچىگە يۈلىنىش …كونىلاردا شۇڭا: «ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ ياخشى، ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۇڭ…» دەپتىكەن باشلىرىغا كەلگەندە،  ئۇلۇغ خۇدايىم… مەندەك ئاجىزەلىرىنى ئۆزلىرىگە تاپشۇرىمەن…

سەن ئۇدۇل تاشيولغا چىقتىڭ، سەل پىيادە ماڭدىڭ، تەلىيىڭگە بىر ئۈچ چاقلىق كىرا موتۇسى كەينىڭدىن كەلدى، سەن شۇنىڭغا ئۆزەڭنى ئىلدۈردۈڭ…

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،-دىدى ئۇ سېنىڭ تېلېفۇنىڭنى ئېلىپ.

-ۋەئەلەيكۇمۇسسەلام.

-ھوي، نەدە سەنوي، ئادىلەم…-ئۇنىڭ ئاۋازى ساڭا تىتىرەپ چىققاندەك بىلىندى.

-دوقمۇشتا…مەن ھازىر ھېلىقى پۇستانچىنىڭ تېلېفۇنخانىسىدىن تېلېفۇن قىلدىم سىزگە…ئانام بىر ئىشقا چىقارتقان ئىدى، شۇ بانادا سىز بىلەن كۈرۈشۈپ كېتەي دەپ…

-تاماق يېدىڭمۇ راست.

-ۋاي نەدە، ھازىرلا مەشەگە چىقتىم تېخى…

-ئەمىسە بىرەر ئاشخانىدا تاماق يەمدۇق؟

-ياق بولمايدۇ، …ئۇنداق قىلساق بىرەرسى بىزنى كۈرۈپ قالسا…

-ئەمىسە سەن ياتىقىمغا كەلگىن، شۇ يەرگە مەن يەيدىغان- ئىچىدىغان نەرسىلەرنى ئەكىرەي، شۇ يەردە ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشىلى، قانداق دىدىم؟

-ھە، مانا ئەمدى قاپاق كاللىڭىزنى ئازراق ئىشلەتتىڭىز…

-ئەمىسە، مەن ئىشىكنىڭ قولۇپىنى سىرتىدىن ئىلدۈرۈپ قويۇپ بازارغا چىقىپ كىرەي، سەن كىرىپ ئولتۇرغاچ تۇرغىن، ماقۇلمۇ؟

- ماقۇل…

-ئەمىسە مەن كاۋاپخانىغا چاپتىم…-ئۇ تېلېفۇننى قويدى. سەن ئالدىرىماي مېڭىپ دوقمۇشتا ئۇ يەر –بۇ يەرلەرنى چۆرگىلەپ يېرىم سائەتنى ئۆتكۈزدۈڭ، ئاندىن نىشانلانغا جايغا ئاستا قەدەم ئالدىڭ، سەن ئۇ يەرگە كەلگىنىڭدە قۇلۇپ سىرتىدىن ئىلدۈرۈلمىگەن، بەلكى يېپىپ قويۇلغان ئىدى، سەن ئىشىكنى يېنىك چەكتىڭ، شۇئان ئىشىك ئېچىلدى:

-كىرە، سېنى ساقلاپ تۇرغان ئىدىم،-دىدى ئۇ. ئۇنى كۈرۈپ يۈرەكلىرىڭنىڭ سوقۇشى تىزلەشتى، لەۋلىرىڭ تىتىرىدى، باياتىن ئىچىڭگە يۇتۇۋەتكەن يىغىلار تەپچىرەشكە يۈزلەندى، يۈرەكلىرىڭدىن توك تەپكەندەك چاقماڭ تىزلىكىدە تومۇر-تومۇرلىرىڭغا تاراپ ئۈلگۈرگەن ئاجايىپ بىر ھاياجان تەسىرىدە سەن دەقىق گاڭگىرىدىڭ ۋە قولۇڭنى ئۇنىڭغا سۇنغىنىڭنى بىلەلمەيلا قالدىڭ، ئۇ سېنىڭ ئۆزىگە سۇنغان قولۇڭنى تۇتۇپ ئۆيگە ئاستا تارتتى ۋە ئىشىكنى ياپتى، ئاندىن ئىشىكنى ئىچىدىن ئەتتى، ئىشىك ئىتىلگەنگە قەدەر سەن ئۇنىڭغا قاراپ- قاراپ تۇردۇڭ…ئىشىك تاقالدى، ئاۋۋال كۆزلەر بىر-بىرىگە تەشنالىقتا تىكىلدى، ئۇ سېنىڭ قولۇڭنى تۇتتى، ئارقىدىن سېنىڭ ئۇرۇق، نازۇك بەللىرىڭنى ئىككى قولى بىلەن قاماللاپ تارتىپ باغرىغا باستى، سېنىڭ ئىككى قولۇڭ بولسا ئۇنىڭ مۆرىسىدىن قاماللىغان ئىدى،  بەدەنلىرىڭلار چىڭ چاپلاشقان، قانچىلىك ئاشۇنداق تۇرغىنىڭنى بىلمەيتتىڭ، كۆكسۈڭ ئۇنىڭ يۈرىكىگە تامغىدەك ئۇدۇل، يۇمشاق ھەم ھۇزۇرلۇق بېسىلغان ئىدى، يېرىم سائەتلەرچە ئاشۇنداق تۇرغاندۇرمىز دەپ ئويلىدىڭ كېيىنچە، گەپ سۆز قىلىشمايتتىڭلار، پەقەت بىر- بىرىڭلارنى بەدەنلىرىڭلار كىرىشىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە چىڭ قۇچاقلايتتىڭلار، غۇۋۇرغىلىرىڭ غاراس-غۇرۇس قىلىپ كەتكەنلىكىنى تۇيۇشنى خالىمايتتىڭ…

-ۋايجان، بەك ئاغرىتىۋەتتىڭىز،-دىدىڭ سەن ئاخىرى. ئۇ سېنى سەل بوشاتتى ۋە پىشانىسىنى پىشانەڭگە ئۇدۇل كەلدۈرۈپ بۇرنىنىڭ ئۇچىنى بۇرنۇڭنىڭ ئۇچىغا تەگكۈزۈپ كۈزۈڭگە تىكىلىپ قاراپ  تۇرۇپ سەن ئۆزەڭلا ئاڭلىغۇدەك پەس ئاۋازدا سۆزلىدى:

-سېنى سېغىندىم، ئادىلەمىم، پەرىشتەم، بەكمۇ سېغىندىم سېنى…

-مەنمۇ سىزنى سېغىنغاچقا كەلدىم…-لەۋلىرىڭلار… چىشلىرىڭلار…بەدەنلىرىڭلار… كۆزلىرىڭلار مەھكەم يۇمۇلغان، قاچانلاردىدۇر يۈرەكلىرىڭلاردا تەپچىرىگە بىر ئاشقۇن ھەۋەسلەر…ھاياجانلار… ئۈگە- ئۈگىلەرىڭلارنى، مۇسكۇللرىڭلارنى… ھەممە-ھەممىنى ئېرىتىۋاتاتتى… ئۇنىڭ قوللىرى … سېنىڭ ساغراڭدا… يەنە نەلەردە… سەير قىلاتتى… سەن بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتاتتىڭ… ئۇنىڭمۇ چىدىيالمايۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ تۇراتتىڭ…

-كەل، تاماق يەيلى، بۇنداق تۇرۇۋەرسەك سېنى شۇراپ يەۋەتكۈدەكمەن…-دىدى ئۇ ئاخىرى سېنى كاتقا سېلىنغان كۆرپىگە ئولتۇرغۇزۇپ. كاۋابلار سىيرىلدى، چايلار ئىچىلدى، ئەتىگەندە ئازراق قۇرۇق نان بىلەن ناشتا قىلغانچە قورساقلىرىڭ ئاناڭدىن يىگەن دەشنەمدە لىق تويغان ئىدى، نان بىلەن كاۋاب يىمىگىلى ساڭا خېلى چاغ بولغان ئىدى، ئۇ ئەكىرگەن ئونبەش زىخ كاۋابتىن بەش زىخنى يەپ بىرقۇتا قىزىلچاينى ئىچىپ ھۇزۇرلىنىپ كىكىردىڭ ۋە قالغان قىسمىنى ئۇنىڭغا زورلاپ تۇرۇپ يىگۈزدۈڭ، ئاندىن ئۇ سېنىڭ يېنىڭغا كەلدى…

-ساڭا چاپلىشىپ بىردەم ئولتۇرۇۋالاي، ھېلى ئۇچۇپ كەتسەڭ كەينىڭدىن يېتەلمەيمەن، ماقۇلمۇ، پەرىشتەم؟- سەن سەن ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئاۋاە بولمىدىڭ، ئۇ سېنى كۈتىرىپلا تىزىدا ئولتۇرغۇزدى، ئاندىن مۈرەڭگە بېشىڭنى قويدى…

-پەقەتلا ئويلىمىغان ئىدىم…-دىدى ئۇ سېنىڭ قولىقىڭنىڭ تۈشۈكىگىلا پىچىرلاپ.

-نىمىنى؟

-بۈگۈن سېنىڭ مېنى يوقلاپ كېلىشىڭنى… چۈشۈم ئەمەستۇر بۇ ھە؟- يەنە ھېلىقىدەك ئىشلار… لەۋلىرىڭلار … بەدەنلىرىڭلار…

-سېنى قانچىلىك سۈيىدىغانلىقىمنى بىلەمسەن؟-ئۇ قولىقىڭنىڭ تۈۋىدە پىچىرلىدى.

-ھەئە،–سەنمۇ شۇنداق پىچىرلىدىڭ،-مەنمۇ سىزگە سىزمېنى سۆيگەندەك كۈيىمەن، خۇددى ئاجىز پەرۋانە ئوتتا ھۇزۇرلىنىپ تۇرۇپ كۆيگەندەك…

ئۇ سېنى قوش قوللاپ كۈتۈرۈشكە تۇتۇندى، سەن ئاۋۋال ئايىغىڭنى سالدىڭ، ئاندىن ئۇ سېنى كۈتىرىپلا كۆرپىگە ئاچىقتى… ئۇ كۆينىكىڭنىڭ ئاستىدىن قولىنى كىرگۈزۈپ كۆكسۈڭگىچە ئاپاردى، ئاندىن كۆينىكىڭنى تارتتى، سەن ئۇنى تاشاببۇسكارلىق بىلەن سېلىپ تاشلىدىڭ…سەن بۈگۈن بەكمۇ يېلىڭ دىگۈدەك كىيىنگەن، جىلىتكەڭنى ئابايام سېلىۋەتكەنسەن… كىيىملىرىڭ بىر- بىرلەپ سېلىۋېتىلدى…ئىككىڭلار…بۇرۇنقىدەكلا … ئاشۇ مۇقەددەس گۇناھنىڭ ھۇزۇرىدىن بىر- بىرىڭلارغا قارىشىپ يوتقانغا يۆگىنىپ ياتتىڭلار، گەپ-سۆز قىلىشايتتىڭلار، ئۇ سېنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرىڭنى بارماقلىرى بىلەن يېنىك تارايتتى، يەنە تارايتتى…

-مەن ھەجەب بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىمغۇ؟-دىدىڭ سەن ئۇشتۇمتۇت.

-مەسىلەن قانداق؟-سەن ئاڭغىچە ئۇنى مەھكەم قۇچاقلاپ كەتتىڭ،-بەكلا غەلىتە، ھەجەب بىر قىسمىلا … مەن پەقەت سىز بىلەن ئاشۇنداق بىر ئىش قىلغاندىلا مۇشۇنداق بولۇپ قالىمەن، بۇ نىمە ئىش…-يەنە ھېلىقىدەك ئىشلار …بولدى… بۇقېتىم ساڭا بۇ ئىشلار تولىمۇ ئۇزۇنغا سۇزۇلغاندەك، بەكمۇ ھۇزۇرلۇق، بەكمۇ گۈزەل… تۇيۇلدى، قايەرىڭدىدۇر بىر قىزىق ئوت سېنى قاساپ  كۆيدۈرۈۋاتقاندەك، بىر غەلىتە ھۇزۇر سېزىمى سېنى چىداش قىيىن بولغان تۇيغۇلارغا چۆمدۈرگەندەسەن : «مەن… چىداپ بولالمىدىم ۋايجججان…» دەپ تۇلغىنىپ نازلاندىڭ، چۈنكى، بۇ ئىشلار بۈگۈن ئۆزەڭ خالاپ، ئۈزەڭ ئىزدەپ كېلىپ قىلغان ئىشلار ئىدى…

قاچاندۇر سەن ئاستا غىنە ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ تۇرۇپ :«بىز بەك جىق گۇناھ قىلدۇق،-ھە، راستمۇ، بەكلا جىق…»دىدىڭ، ئۇ بولسا ساڭا بىرخىللا تەرزدە قاراپ يۆگىنىپ ياتتى، سەن كېيىنىپ بولۇپ يۈز- قوللىرىڭنى بىرقۇر يۇيدۇڭ ۋە :«خوش، مەن كەتتىم» دىدىڭ ۋە ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ چىقىپ كەتتىڭ. ئۇ بولسا ئىپادىسىزلا يۆگىنىپ ياتقان پېتى قېپقالدى. سەن مەقسەتسىزلا كۇچا ئايلاندىڭ، نەگە بېرىشنى، نىمە قىلىشنى بىلمەيتتىڭ، كۆڭلۈڭدە بىر ۋەھىمەلىك ئەندىشە دولقۇن ياسايتتى، بۇنداق ئەندىشەلەر بۇرۇن بىر قېتىم ئەمەس، ئىككى قېتىم بولغان ئىدى، بۇ جەرياندىكى تارتقان خاپىلىقلىرىڭمۇ خېلى بارئىدى، ھازىر يەنە ئاشۇنداق بىر قارا بولۇپ كۆڭلۈڭگە سايە تاشلاپ تۇراتتى، سەن بۇ يېزىنى جەنۇبتىن شىمالغا قاپ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۈتۈپ بۇدىيارنى كۈكەرتىپ كەلگەن ئۆستەڭدە تىنىچ ئېقىۋاتقان كۈز ئېقىنىغا قاراپ ئۇزۇن ئولتۇردۇڭ، ئاخىرى قايتىشنى خىيال قىلدىڭ :«نەگە قايتىمەن… ئاشۇ ئۆيگە… ياق، ئەمىسە نەگە بارسام بۇلار، ئاشۇنچىلىك ئۇرغىنى ئۈچۈنلا ئۆيدىن چىقىپ كەتسەم …بولمايدۇ، بولمىسا بۇئىشلارنى ئۇنىڭغا دىسەم… ئۇ مېنى ئەلۋەتتە يۇشۇرۇن ئۇرۇنلاشتۇرالايدۇ… نىكاھتىن بىرنى يۇشۇرۇنلا ئوقۇتۇپ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئولتۇرسام… ئىش تامام…ناۋادا باياتىنقى ئىشتا قۇرسىقىمدا قالغان بولسىمۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ… لېكىن، ئانام … مېنى قارغايدۇ، تۇغۇلغىنىغا ئۈچ كۈن بولغان،  چاشقاننىڭ بالىسىدەك بىر تۇتام گۆشنى بالا تۇغۇپ باقمىغان بىر ئايالنىڭ ئانىنىڭ ئەمچىكىسىز، ئانا سۈتىسىز بېقىپ چوڭ قىلىشقا قانچىلىك ئەجىر ھەم مۇھەببەت كېتىدۇ، بۇنى بىر ئاللاھ ئۆزىلا بىلىدۇ… ئانا رازى بولمىغان، خۇدا رازى بولمىغان ئىشقا ئىرادە قىلسام بولمايدۇ… توغرا، ئۇ ئۆيۈمگە بارايمۇ- يا، ئۇلارغا بۇ گەپلەرنى دىسەم ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ شۇ، ئۇندىن باشقا ئىشلارغا ئۇلار ئارا تۇرالمايدۇ، يەنە مۇشۇ ئۆيگە قايتىپ كەلمەي بولمايدۇ، بۇ دۇنياغا بىر سەۋەب بىلەن ئاپىرىدە قىلىپ قويۇش بىلەن، تولغاق يەپ تۇغۇپ قۇيۇش بىلەن ئاتا-ئانا بولغىلى بولمايدۇ، مۇھىمى ئۇنىڭغا نەچچە يىللاپ پەرۋىش قىلىپ مۇھەببەت بىلەن پەپىلەپ بېقىپ قاتارغا قوشقاندىلا ئاندىن بىر بالا ئەيسەنگە قېتىلدى دىگەن گەپ، ئۇلار ئەينى چاغدا ئىنىم ئوسماننى تۇغۇش ئۈچۈن مېنى ئەسكى كىيىمنى سەدىقە قىلغاندەك بېرىۋېتىپتىكەن، ھەنىمىدۇر مۇشۇ ئانام باقمىغان بولسا مەن بۇچاغقا مۇشۇ ئاجىز ھەم گۇناھكار بەدىنىم بىلەن قايسىبىر تۈپ يۇلغۇنغا ئەي بولۇپ ئاللىقاچان تۇپراققا ئايلىنىپ كېتەر ئىدىم… بوپتۇ، يەنىلا ئانام بۈگۈن كەچتىمۇ ئاشۇنداق قاتتىق قوللۇق بىلەن مەجبۇر قىلسا، بولۇپتۇ، ئۇنىڭغا مەيلى دەي… شەھەرلەردىمۇ بىر زامان تۇرۇپتىمەن، ئۇ يەرلەردىغۇ ئۆز دادامنىڭ چوڭ ئوغلى، مېنىڭ ئۆزقان ئاكام خېلى چوڭ تىجارەتلەرنى قىلىپ ئۈچ-تۆت مىليۇننىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغان ئىكەن، ئاندىن ئاۋۇ ئەكبەرجان داداملارمۇ خېلى يول تاپقان، پۇل تاپقان بولغاندىكىن، ئۇيەرلەردە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە يۈرۈپ ، ئاندىن ئۇلارنىڭ يۈزى ۋە پۇلى بىلەن باشقا يەرلەردىمۇ يوقسۇللۇقنڭ دەردىنى تارتماي بىرەر ئىككى يىل ئوقۇپ ئانچە- مۇنچە دىنىي ئىلىم بولسىمۇ ئېلىۋالدىم، لېكىن، ئۇ يەرلەردە ئىلىم ئۈگىنىتتىم دەپ بېرىپ مۇھتاجلىقنىڭ دەستىدىن ئاللىكىملەرگە كۈڭۈل خوشى بولۇپ پۇل تېپىپ ئاندىن يەنە ئوقۇيتتىم دەپ كىتابلارنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ لىكىلداپ يۈرگەن بىچارىلەرنىمۇ تالاي ئۇچراتقان بولدۇم، ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى تېخى ‹قىزىم مەدرىستە ئوقۇيدۇ› دەپ بەخىرامان چۈش كۈرۈپ يۈرگىنى يۈرگەن، ئۇ بىچارىلارنىڭ تولىسى تەلىيى كېلىپ بىرەر تال پۇللۇق تاش ئۇچراپ قىلىپ ئىككى توك- توك پۇلغا چۈش كۈرۈپ يۈرۈپ يېتىپ قالغان يىڭى بايلارنىڭ توقىلى ياكى ئاشنىسى بولۇپ قالىدىغان تۇرسا …ھۆپۈپ كاماردا موللام تامادا دەپ بىكار دىيىلمەپتىكەن،  ھەممە ئادەم بەز ماراپ يۈرسە بۇكەمدە…ئوغرىغىمۇ پۇل، توغرىغىمۇ پۇل… ھەممىگە پۇل… پۇل…پۇل تۇرسا، پۇلسىز كىشى قورسىقى ئاغرىپ ئۆلگۈدەك بولۇپ كەتسىمۇ ھاجەتخانىغا كىرەلمەيدىغان تۇرسا… بۇنداق ئىشلارنى كۈرۈپ تۇرۇپ يەنە شەھەرگە قاچسام يەنە ئونبەش شاپتۇل ئوتتۇزقاق، يەنە ئۆزەمنى خار قىلىش ھېسابىغا ياشايدىغان گەپ ، قىزبالىنىڭ دۈشمىنى نەگىلا بارسا ئۆزى بىلەن بىللە تۇرسا… قارىغاندا قىز تويۇمنى يەنە بىر قېتىم ئانامنىڭ رايىغا تاپشۇرمىسام بولمىغۇدەك، لېكىن، ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ باقاي، ئۇيەنە ھېلىقىدەك بولسا … ئۇنىڭ رايىغا پۇت-قولۇمنى سۇناي، ئەگەر باشقىچىراق بولسا ئەھۋالغا قارارمەن…

-ئادىلەم،-دەپ چاقىرغان ئاۋازچىققان تەرەپكە چۈچۈپ قارىدىڭ، باشتىن ئاخىرىغىچە قارا رەختتە كىيىنگەن، پەقەت كۆزىنىلا كۆرگىلى بولىدىغان بىرئايال سېنى يېقىنلا يەردە چاقىرىۋاتاتتى، سەن ئۇنى كۈرۈپلا تۇنۇدۇڭ، سېنىڭ قارىغىنىڭنى كۈرۈپ ئالدىراپ يېنىڭغا كەلدى.

-نىمە قىلىۋاتىسەن بۇيەردە؟-ئۇ سېنى تۇغقان ئۆز ئاناڭنىڭ چوڭ قىزى –سېنىڭ ئاچاڭ سەلىسە ئىدى، ئۇنىڭ دىندا خېلى جىق ئوقۇپ بولۇپ چەت بىر جاڭگالدا ماكان تۇتقان ئۆزىدىن خېلى چوڭ بىر ئۆلىماغا ياتلىق بولغانلىقىنى بىلەتتىڭ، ئۇ پوپكىسىدىن ئۇزۇن بىر قارا شارپىنى ئالدى ۋە سېنى شۇ يەردىلا يۆگەپ روپاچقىلا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

-سىڭلىم، بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق يۈرگىن، ماقۇلمۇ، سەن بەك چىرايلىق، كۆز تېگىپ كەتمىسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەنمۇ ئانچە- مۇنچە ئىلىم ئالدىڭ، قىزبالا دىگەن يۈزىنى يۆگەپ يۈرسە قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۇبدان بىلىسەن،- سەن ئۇنىڭغا ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىڭ. سەن باياتىنمۇ ئۆيۈڭدىن چىققاندىن تارتىپ ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرگۈچە ئاشۇنداق روپاچ ئىدىڭ، ئەمما، باياتىن بىرى  ياغلىقىڭنى نورمال ئارتىۋالغان ئىدىڭ، كۈتۈلمىگەندە بۇ ئاچاڭ ئۇچراپ قالدى…

-كۆكياش ئالغىلى چىققان، قارىسام قاتناش يوق ئىكەن، شۇڭا بىردەم ئولتۇراي دەپ …

-يۈرە، ئەمىسە بىللە قايتىلى، ئاچاڭ ئۈچ چاقلىق توك ھارۋىسىنى ئەپچىللىك بىلەن ھەيدەپ ماڭدى، سەل ماڭغاندىن كېيىن سېنى تۇرۇپلا يىغا تۇتتى، سەن بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتىڭ.

-نىمە بولدۇڭ، سىڭلىم، بىرەر كۈڭۈلسىزلىك بولۇپ قالمىغاندۇ، بىرەرىگە بوزەك بولدۇڭمۇيا؟-ئۇ يولنىڭ ئوڭ چېتىدە ئەپچىللىك بىلەن توختىدى. سەن باياتىن ئاناڭنىڭ سېنى ئۇرغانلىرىنى بىر ھازاغىچە سۆزلىدىڭ ۋە:

-ئانام مېنىمۇ مۇنداق بىر ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلغان بولسا بولۇپتىكەن…،- دىدىڭ ئېسەدەپ تۇرۇپ. ئۇ ساڭا بىر مۇنچە تەسەللىي قىلغان بولدى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغانلىقىنى، ئۇنىڭغا سەبر قىلىشنىڭ كۆپ ساۋابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ۋەز ئېيتقان بولدى، ئاچا- سىڭىل ئىككىڭلار ئۆز ئاناڭنىڭ ئۆيىگە باردىڭلار، ئاناڭ سېنىڭ پىشانەڭگە سۈيۈپ تۇرۇپ قارشى ئالغان بولدى، ھېلىغىچە سەن بۇ ئاناڭنى يوقلاپ باقمىغان ئىدىڭ. قازانلار ئېسىلىپ تاماقلار تارتىلدى، باغدا باياتىن ئونبەش مىكياننى كەينىگە سېلىپ چىللاپ يۈرگەن چار خۇراز بۇغۇزلىنىپ يۇڭدالدى، ئارقىدىن ئۈتلىنىپ قازانلاردا قورۇلدى، سەن ھېلىقى ئاچاڭ ۋە ئۆزئاناڭ ئۈچۈڭلار بولسا ئۇزۇنغا سۇزۇلغان پاراڭلار ئىچىدە تاماقلار پىشقۇچە مۇڭدىشىپ، ھاللىنىپ ئولتۇردۇڭلار. تاماقلار يىيىلىپ بولغاندىن كېيىنن سەن بايىقى ئاچاڭنى سىرتقا چاقىرىپ :«كەپىياتىم بەك ئۇسال، ئاچا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايلىق كېسىلىمدىن ساقايغان چاغ بولۇپ قالغان، بىر يۇيۇنۇۋالسام كەيپىياتىم سەل كۈتۈرۈلۈپ قالارمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم» دەپ ئۈتۈندۈڭ، بۇ تەلەبىڭمۇ  ئۇرۇندالدى، سەن ئىسسىق سۇلۇق مۇنچىدا راھەتلىنىپ تۇرۇپ كۆڭلۈڭدىكى غەشلىكلەر ۋە باياتىنقى ئىشلاردىن كېيىن پەيدا بولغان كۆزگە كۈرۈنمەس ۋەھىمىلەرنى يۇيۇپ تۈگىتىۋەتمەكچى بولغاندەك تاكى مۇنچىدىكى سۇ تولۇق تۈگىگۈچە يۇيۇنۇپ چىقىپ تارىنىۋالدىڭ. كەچقۇرۇن ئۇلاردىن بىرەيلەن سېنى ئاپىرىپ قويماقچى بولدى. لېكىن، سەن ئونىمىدىڭ ۋە:

-ئۇنداق قىلسام ئانام خىجىل بولۇپ قالىدۇ، ئەڭ ياخشىسى، مەن ئۆزەم كېتىۋىرەي، سىلەرگە بۇ ئىشلارنى دەپ سالغىنىمنى ئانام بىلمەي قالسۇن-دىدىڭ. لېكىن سەن بۇ ئاناڭنىڭ ئۇ بىر ئېغىز گېپىڭدىن تەسىرلىنىپ ئۈنسىز كۆز يېشى قىلغىنىنى ۋە ئۆزىچە: «قىزىم خېلى چوڭ بولۇپ ئەقلىنى تېپىپ قېلىپتۇ» دەپ ئويلىغانلىقىنى، سېنىڭ مۇشۇ ياشقا كىرىپ مۇشۇنچە چوپچوڭلا قىز بولۇپ قالغاندا ئاناڭدىن تاياق يىگەنلىكىڭنى بولسا پەقەتلا كۆڭلىگە سىغدۇرالماي بىر ۋاقىتلارغىچە كۆز يېشى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى  بىلمەيتتىڭ. ئىنىڭ سېنى موتۇتسىكىلىت بىلەن ئۆيۈڭنىڭ كەينىگىچە ئەكىلىپ قويۇپ قايتتى. سەن كىرگەندە ئاناڭ ئۆيدە يوق ئىدى، سەن مىھانخانا ئۆيۈڭگە كىردىڭ ۋە يۇمشاق كۆرپىگە ئۆزەڭنى تاشلاپ شىرىن ئۇيقۇغا كەتتىڭ. قاچانلاردىدۇر ئېشەكنىڭ ھېلىقى سەت ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇيقۇڭدىن ئويغاندىڭ، لېكىن، كۆزۈڭنى ئاچماي ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋەردىڭ ۋە يەنە ئۇيقۇغا كەتتىڭ. ئاناڭ ھارۋىدا بېسىلغان بىرەر شىدىشاپ غازاڭ ۋە نەچچە باغلام پىچاننى ھارۋىدىن چۈشۈردى، قويلارنىڭ ئولىقىغا تاماق بىلەن تاتىلانغان غازاڭنى تۆكۈپ  بېرىپ، ئىشەكنىڭ ئوقۇرىغا بىرغەلۋىر ساماننى تۆكتى ۋە بىر باغلام پىچاننى داققىدە تاشلاپ ئالدىراپ ئۆيگە كىردى، سەن شۇ چاغدا ئۆيدە ئۇيقۇغا كەتكەن بۇلۇپ شىرىن چۈشلەر قوينىدا ئەللەيلىنىۋاتقان ئىدىڭ. ئۇ ئىشىكنى شەپە چىقارماي يېپىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى ۋە ئاشخانىغا چىقىپ ئوچاق بېشىغا شاخ-شۇمبا ۋە قاتتىق-يۇمشاق ئوتۇنلارنى ئەكىلىپ قويۇپ خېمىر يۇغۇرۇشقا تۇتۇندى. ئۇ خېمىرنى يۇغۇرۇپ كاساڭغا پىلتە قىلىپ يالتىراق بىلەن ئۈستىدىن يۆگىدى ۋە كۆكياشلارنى ئاقلاپ تەييارلاپ بولۇپ قازانغا گۆش تاشلاۋاتقاندا رۇقىيەم نەدىندۇر كىلىپ ئۇنىڭغا ياماشتى، ئۇ رۇقىيەمنى ئوچاق باشىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئوت قالاشقا بۇيرۇپ ئۆزى كۆكياشلارنى قورۇشقا تۇتۇندى، تاماق تىزلا تەييار بولدى، ئۇ رۇقىيەم بىلەن تاماق يەپ قورساقنى تويغۇزدى، ئاندىن بىرپىلتە خېمىرنى سوزۇپ قازانغا تاشلاپ پىشۇرۇپ تەقلىدى ۋە رۇقىيەمگەبۇيرۇدى:

-قىزىم، ئاچىڭىز ئۆيدە ئۇخلاۋېتىپتۇ، كىرىپ تاماق يەڭ دەپ ئويغىتىپ چىقىڭ، بولامدۇ؟

ئۇ كىرىپ سېنىڭ بېشىڭنى مىدىرلاتقىلى تۇردى:

-يۇقالغىنە كۈزۈمدىن، ئادەمنى ئۇخلىغىلى قويۇپ…-دەپ كاركىرىدىڭ قوپاللىق بىلەن.

-تاماق يە دىدىم…

-قۇرسىقىم توق مېنىڭ…

-نىمە يىگەن ئىدىڭ قورسىقىڭ توق بولغىلى؟

-تاياق يىگەن… يۈتكىنە كۈزەمدىن…ھېلى بىكار ئۇرۇپ سالىمەن سېنى…

ئۇ ئاستاغىنە چىقىپ كەتتى، ئۇ چىقىپ كېتىشى بىلەن بىر ئۇبدان ئۇخلاۋاتقان ئۇيقۇڭ قاچتى، بىر ھازا كۆزۈڭنى يۇمۇپ يېتىپ ئاستاغىنە ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ ۋە ئەسنىگەن پېتى ئاشخانىغا كىردىڭ.

-باياتىن ساڭا سالغان لەغمەننى خوشنىلارغا سۇنۇۋەتكەن، سېىنى ئويغانمىغۇدەك دەپ… ئاش تارتىپ پىشۇرۇپ بېرەيما؟-دىدى ئاناڭ چىرايىڭغا ئەنسىز قاراپ.

-ئۆزەم سالاي،دىدىڭ دە قولۇڭنى يۇيۇپ خېمىرنى تاختىغا قويۇپ ئالقىنىڭ بىلەن بېسىپ تارتىپ ئىنچىكىلەتتىڭ ۋە قازانغا تاشلىدىڭ، ئاناڭ سېنى ئاشخانىدا قويۇپ سىرتقا ماڭدى، شۇ ئارىدا بودەك ئاناڭ پەيدا بولدى:

-پەيدا بولدۇڭما، بالام،-دىدى ئۇ ۋە بېشىڭدىكى ئاناڭ ئابايام ئىشىككە نىقتاپ ئۈستۈرگەن يەرلەرنى تۇتۇپ بېسىپ باقتى.

-ۋايجان، ئاغرىتىۋەتتىڭىز، -دىدىڭ ۋە قازاندىكى ئاشنى چويلىدا سۈزۈپ قويۇپ ئۇنىڭغا قارىدىڭ.

-ئابايام ئاناڭغا جىق كايىدىم، چوپچوڭلار بولۇپ قالغان قىز بالىغا ئانداق ئازار قىلساڭ قانداق بولىدۇ دىدىم. سېنى قېيداپ قالارمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم…

-قېيداپ نەلەرگە بارارمەن، بودەك ئانا، ھابدال قېيدىسا خورجۇنىغا زىيان دەپتىكەن…

-ھە نىمە بولسا قېيدىماي ئۇبدان قىلىپسەن، قىزىم، توي ئىشىڭدا بىز سېنىڭ رايىڭغا باقىمىز، مەجبۇرلاپ ئەرگە بېرىدىغان زامان ئەمەس بۇ، نىمە قىلغىنى ئۇ گۈھەرخان دىگەننىڭ… ئەينى چاغدا يوقىلاڭ گەپلەرگە ئىشىنىپ سېنى چالما كۆرۈپ چۆرۈپ تاشلىسۇن، ئەمدى نىمە ئىشىق كىرىۋالدىكىن ئۇنىڭغا، ئۇنداق دىگىنى بىلەن ئەمدى ۋاقىت ئۆتتى، خۇدايىم رىزقىنى قاتمىسا باشنى يارسىمۇ بىكار، ئۇ رېقىپنىڭمۇ رىزقىنى خۇدايىم بېرەر، پاتەمگە ئۇنداق بېسىم قىلىۋەرمە دىدىم تېلېفۇندا ئۇنىڭغا… پاتەمگىمۇ بىرمۇنچە گەپ قىلدىم… ھە نىمە بولسا ئۆيگە يېنىپ كېلىپ ئوبدان قىلىپسەن،  قىزىم…

- …ئاش سېلىپ بېرەي، بىللە تاماق يەيلى،-دەپ گېپىنى بۆلدۈڭ سەن ۋە ئوچاققا ئوتۇن سالدىڭ، ئىككىڭلار بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىدىڭلار. ئۇ سېنى رىغبەتلەندۈرۈپ بىر ھازا ۋاتىلداپ قايتىپ كەتتى. كۆڭلۈڭ خامۇش ئىدى، گەپ تېتىمايۋاتقاندا ئۇنىڭ گەپلىرى تازا كەيپىڭنى ئۇچۇرغان بولسىمۇ لېكىن، سەن ئۈن چىقارماي تۇرۇپ ئاڭلىدىڭ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشقا تىرىشىپ ئۇنىڭ گەپلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقاندەك ھالەتتە ئۇنى ئۇزىتىپ  :«ئۇھ…» دىدىڭ. ئاناڭنىڭ يىراققا كەتمىگەنلىكىنى بىلەتتىڭ، بەلكىم باغدا بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقاندۇر، لېكىن، ئۇنىڭ بىلەن ھېچبولمىغاندا بۈگۈن دۇقۇرۇشۇپ قېلىشنى خالىمىدىڭ ۋە ئاستا مىھمانخانا ئۆيۈڭدىكى ياتىقىڭغا كىرىپ ئۆزەڭنى تاشلىدىڭ…

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-15 10:28 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95611
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 204
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 07:36:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر  قەدەر  كۆپكەن  ساقلىۋىلىپ  ئوقۇسام  بولغۇدەك

مۇمكىن  بولسا  مىنىڭ  يۈرۈكۈم  بىلەن  بىر كۈن  ياشاپ باققان  بولساڭ ......(m)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1324 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 08:38:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلار:   مەن 360 يۇمشاق دىتالىنىڭ ھەقسىز wifi تارقىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، تىلىفۇندا تورغا چىقىۋاتىمەن.

مەندىن  تىلگىراف ياكى كۆچمە خەۋەرلىشىشتىن سۆزلىشىش ھەققىدىن سىرت، تور ھەققى تۇتامدۇ ياكى ھەقسىزمۇ؟

ئىنىق بىلىدىغانلار جاۋاب بىرىڭلار؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 08:48:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا بەك جىقكەن ... ساقلىۋىلىپ ئوقۇساق بولغۇدەك

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88517
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 552 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 09:04:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3-شەخىس تىلىدا يېزىلسىچۇ دەپ قالدىم .

مەلۇم نەرسىگە چۇقۇم ئرىشىنى ئاخىرقى نىشان قىلىش كىرەكمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6594
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 09:12:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېچەلەر؟؟؟  ئىملادا خاتالىق بار.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hekmat110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-14 09:13 PM  


ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7187
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 09:57:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى مەن ئوقۇغىنىمنىڭمۇ بېشى بار ئىكەنتۇقتە...مەن ئىككىنچى بۆلىكىنى ئوقۇغان ئىكەنمەن. داۋامىنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللاپسىز. كەچتە ئالدىرىماي ئوقۇي ئەمدى ئۇيقۇ كەلمىگەندە.

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32170
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3368 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 11:09:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىنىڭ گۈزەللىكى ئۇنڭ جىمجىتلىقىدا،كىچىدە ئاشۇنداق ھوۋقۇشلار ھوۋلاپ تۇرسا ئەلبەتتە كۆڭلسىزلىكلەر كۆرۈلىدۇ-دە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 635 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 12:50:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئەنسىز كىچىلەر ھەجەپ كۈپۈيۈپ كەتتى دىسە  ...

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 763 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 09:50:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمىز.تۇرمۇش پۇرىقى ناھايىتى كۈچلۈك ،گەرچە قۇلاققا خۇشياققىدەك ،كىشى كۆڭلىنى لەرزىگە سېلىپ يىغلاتقۇدەك ھىسسىياتلىق بولمىسىمۇ....ئەتىراپىمىزدىكى چىن ئىشلار يىزىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بار مىنىڭدە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش