مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6294|ئىنكاس: 55

مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟ (ئسپات) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109031
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 46
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2014-8-8
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 06:27:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن- مائارىپ كومتېتى 2008- يىلىنى مەخمۇت كاشغەرى يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەخمۇت كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخمۇت كاشغەرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ھەرخىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالىلار ئوقۇپ ئۆتۈلمەكتە. بۇ ماقالىلاردا ھازىرغىچە ئوتتۇرغا قويۇلۇپ باقمىغان يېڭى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

11-ئاينىڭ 12- كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار ناملىق يىغىندا تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى غازى ئۈنۋېرستىتى ئوقۇتقۇچىسى پروف.در.ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن، مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار تېمىسىدا سۆز قىلدى.

پىروف.در.ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۇ دەۋىردىكى ئەك كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بىرنى قۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قانداق يوق بولغانلىقىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، مەخمۇت كاشغەرى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان بەزى كۆز قاراشلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويدى.

ئۇيغۇر دۆلىتى قانداق بىر دۆلەت ئىدى؟ ئۇ دەۋىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق ئىدى؟ ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى ۋەتەنلىرىگە قاچان كەلگەن؟ مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟

مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟

پروف.در.ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن يىغىندا قىلغان مەخمۇت كاشغەرى ۋە ئۇيغۇرلار ماۋزۇلۇق نۇتىقىدا مەخمۇت كاشغەرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:«تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى بىر قانچە مەسىلە ئۈستىدە توختالماقچىمەن. بىرىنچىسى قاراىانىيلارنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىدۇر. بۇ ھەقتە ئىككى خىل كۆز قاراش بار.بىرىنچىسى بەزى مۇتەخەسسىسلەر قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغان ھۆكۈمدارلارنىڭ قارلۇق قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى تارىخچىلار ياغما قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە مەشھۇر تارىخچى بارتولد، زەكى ۋەلىدى توغان.تونۇلغان تارىخچى رەشات گەنچ قاتارلىق كىشىلەر قاراخانىيلارنىڭ ياغما قەبىلىسىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.بۇلار ئەرەبچە :ھۇدۇد –ئىل ئالەم، ئىسىملىك تارىخ ۋە جۇغراپىيە كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا تاينىپ تۇرۇپ بۇ كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇ كىتابتا ياغمالار ھەققىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان.:قاراخانىيلار دۆلىتى ھۆكۈمدارلىرى توققۇز ئوغۇز قەبىلىسىدىندۇر.توققۇز ئوغۇز كىم؟ قەدىقى ئەرەب مەنبەلىرىدە ئۇيغۇرلار توققۇز ئوغۇز دەپ قەيىت قىلىنغان. دېمەككى قاراخانىيلار دۆلىتى ھۆكۈمدارلىرى ئۇيغۇر ئىكەن. يەنە ، «مۇجىمەلىت تەۋارىخ»ئىسىملىك كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان:ياغمىلارنىڭ پادىشاھىغا بۇغراخان دەيدۇ. دېمەككى خاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغان ھۆكۈمدارلار ياغما قەبىلىسىدىندۇر.ياغما قەبىلىسىمۇ توققۇز ئوغۇز ئىكەنلىكىگە قارىغاندا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ئۇيغۇردۇر.يەنى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئۇيغۇردۇر. مەھمۇت كاشغەرى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا مەخمۇت كاشغىرىمۇ ئۇيغۇردۇر. ھەممىمىزگە مەلۇم مەخمۇت كاشغەرى ئەسىرىدە قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى يازمىغان.

ھازىرقى ئۇيغۇر ئۇقۇمى

پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىدە بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئۇقۇمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: « بۇ مەلۈماتلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئۇقۇمى ئۈچۈن بەك مۇھىم. 1920- يىللاردا غەربى يۇرتىكى خەلققە ئۇيغۇر دەپ نام بېرىلگەن ئىدى.ھازىرقى ئۇيغۇر ئاتالغۇسى بىلەن مەخمۇت كاشغەرى دېگەن ئۇيغۇر ئۇقۇمى تازا ئوخشاپ كەتمەيدۇ. چۈنكى بىز ھازىر بۇرۇنقى قاراخانىيلار دۆلىتى ئىچىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ، يەركەن قاتارلىق جايلاردىكى ئىنسانلارنىمۇ ئۇيغۇر دەيمىز، ئەمما مەخمۇت كاشغەرى بۇلارنى ئۇيغۇر دېمەيتى.ئۇلار قاراخانىيلار ئىدى، مۇسۇلمان ئىدى.مەخمۇت كاشغەرى دېگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 70پىرسەنت ئوخشاشلىق بار دېيش مۇمكىن، ھازىر ھەممىسى ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدۇ.دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى، ئۆزبېكلەر ۋە قىرغىزلارنىڭ بۈيۈك بىر قىسمى قاراخانىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇ.».



كورك ماس ەزمەت بول

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 11:00:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟»دىگەن ماۋزۇنى كۆرۈپ يەنە بىرە مىللەت يۈزى قېلىنلىق قىلىپ مەخمۇت كاشغەرى بوۋىمىزنىمۇ ئۇ بۇ مىللەت دەپ چۈشكەن ئوخشايدۇ دەپ  چېپىپ كىرىپتىمەن ...

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5317
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1479 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 11:07:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسل !   
ھازرقى بىرقېسىم تارىخچىلار   قارلۇقلار بولسا ھازىقى قەشقەر خەلقىنىڭ ئاتابۇۋىسى ، ياغمىلارنى ھازىقى ئاتۇشلۇقلارنىڭ ئاتا بۇۋسى دەپ قىياسەن ھۈكۈم قىلدىكەن    مېنىڭچە ئاساسى بار گەپلەر . قەشقەر ئاتۇشنى بىرتاغلا ئايرىپ تۇرىدۇ ،ئارلىقى تۇلمۇ يېقىن ئەمما تىل شىۋە چىراي تۇرۇقلاردا پەرىقى خىلى زور ..   
مەھمۇت قەشقىرى دىۋاندا ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى دەپ ئىزاھات بېرىدۇ    ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقىنى شۇ دەۋىردە ئىسلامنى تېخى قۇبۇل قىلمىغان قۇچۇ گەنجۇۋ بۇدېست ئۇيغۇرلىرى ئىدى .   قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى بىردەك مۇسۇلمان دەپ قارايتى  ئۇيغۇر ئاتالغۇسسنى ئېشلەتمەيتى  .   مۇشۇ بايانغا ئاساسلىنىپ بەزى مالچىلار مەھمۇت قەشقىرى ئۇيغۇر ئەمەس دەپ ئۆزلىرنىڭ قېلۋىلىشقا ئۇرنۇپ پاكىت ئاساسى يوق مەھمۇت قەشقىرنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى ئىزچىل تۈرك دەپلا ئاتاپ كەلگەن ئىدى    بۇ تېمىا نەخ ۋاقتىدا يېزىلىپتۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kudiratjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-15 11:21 AM  


ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2814
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16496
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2521 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 11:09:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆز ئالدىمىزدا ‹‹ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى تۇرۇپتۇ›› بۇ ئۇچۇر دەۋرى تارىخ ئىلمى ماڭماسلىقى مۈمكىن بولمايدىغان   رېلىسسسسسسسسسسس!

-ئا.م.ئىمىن

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3278
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 12:26:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۇيغۇرلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ،
ئاددىيسى مەھمۇد ئىسملىكلەردۇنيادا كۆپ لىكىن قەشقەر ئىسىملىك يۇرتتىن يەنە بىرسى
بامىدۇ، مىنىڭچە ئۇيغۇر دىيارىدىلا بار.

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100473
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 489
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2013-12-4
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 04:00:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
م.زۇنۇن يوللىغان ۋاقتى  2014-8-15 11:00 AM
«مەخمۇت كاشغەرى ئۇيغۇرمۇ؟»دىگەن ماۋزۇنى كۆرۈپ يەنە بى ...

چېپىپ كىرگۈچە ھارغانسىز؟ ھاقاچان يەڭنىمۇ تۇرۇپلا كىرگەن بولغۇيتىڭىز.   تۆرىدە ئولتۇرۋاپسىز،چاي ئىچىپ ھاردۇقىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ

مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئويلاپلا تېمىنى ئاچسام ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان مەزمۇن باركەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5270
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7850
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2020 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 04:19:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەخمۇتمۇ ، مەھمۇدمۇ ؟

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 04:42:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ توغۇرلۇق تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ ئورنى يوق.....................

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1841
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 938 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 05:25:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ  مەھمۇت  قەشقەرىنى  بۇرۇندىن  ئۇيغۇر  دەپ  بىلىپ  كىلەتتىم  ....   مىنىڭچە   ئەمدى
تالاش-تارتىش  قىلغۇدەك  مەسىلە  قالمىدىغۇ  دەيمەن .

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....
ھۆ-تاڭ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 06:21:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش