پىنھان سۆيگۈ
يامغۇر يەرگە ئەمەس،يۈركىمگە يىغۋاتقاندەك ،يۈركىم يىغلاۋاتقاندەك ئىدى.دېرىزە تۇۋىدە ئولتۇرۇپ ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم.دەسلەپ ساڭا كۆڭلۈمنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلماپتىكەنمەن.كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سىنى ھەققى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.سىنىڭ ئەخلاق مىزانىڭ ،ھەققىقى يىگىتلەرگە خاس تەمكىن مىجەزىڭ،ھىكمەت دۇردانىلىرى تۆكۈلۇپ تۇردىغان سۆزلىرىڭگە قاراپ ئىختىيارسىز ساڭا ئاشىق بولۇپ قاپتىمەن.
كىم ساڭا ئاشىق دەپ ئاتىسا مىنى، دەيتىم(يالغان سۆز ئىسپاتىڭ قىنى). ئاقىۋەت زار يىغلاپ بولدۇم مەن ئىقرار، پەقەتلا بىر كىچە كۆرمەستىن سىنى.
ساڭا ئوتلۇق مۇھەببىتىمدىن پۈتكەن مۇھەببەت چەمبىرىكىنى بۇينىڭغا ئاسماقچى بولدۇم.ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس.مەن ساڭا ئاشىق بولۇپ يۇرگەن شۇ مىنۇتلاردا ،سەن باشقا بىر قىزنىڭ ئوتىدا كۆيگەن ئىكەنسەن.بۇ رىئاللىق ماڭا چەكسىز ئازاپ،تۇگمەس دەرىتلەرنى ئاتا قىلدى.مەن ياشلىقنىڭ شوخ مۇزىكىلىرىغا تەشنا ئىدىم.لىكىن رەھىمسىز تەخدىر ماڭا ياشلىقنىڭ مۇڭلۇق مۇزىكىسىنى سوۋغا قىلدى.
شۇ كىچە يۇلتۇزسىز ئاسمانغا قاراپ،
ئوتكۈزدۇم كىچىنى غەمكىن ۋە بىھۇش.
شۇ كىچە سۆيگۈمگە بەردىڭ خاتىمە،
كەچمىشلەر بولۇپ قالدى تاتلىققىنە چۈش.
مۇھەببەت ئازابى مىنى بەك قىينىدى.سىنى ئۇنتۇشقا تىرىشتىم.لىكىن ئۇنتىيالمىدىم.سەندىن ۋاز كەچكىم كەلمىدى.ساڭا ئاخىر كۆڭلۇمنى ئىزھار قىلماقچى بولدۇم.بىراق مەن بىر قىز بالا تۇرسام............شۇندىمۇ ساڭا ئەگىتىپ تۇرۇپ كۆڭلۇمنى ئىزھار قىلدىم.سەن شۇنچىلىك تەمكىن،ئىغىر بىسىق،كەم سۆز ئىدىڭ.ماڭا ،سىز تىخى كىچىك ،مۇھەببەتنى چۇشەنمىيسىز،سىز تىرشىپ ئوقۇڭ،ۋاقتىڭىزنى بۇنداق بىھۇدە ئۆتكۈزمەڭ.بىز پەقەت دوسىت...........دەپلا كىتىپ قالدىڭ....ياشلىرىم يىپى ئۇزۇلگەن مارجاندەك تۆكۈلمەكتە ئىدى.يۇشرۇن مۇھەببەت ئايرىلىش كۈنى ئاشكارە بولىدىكەن.ئارقاڭدىن قاراپ ئۇزاققىچە تۇردۇم.
قاراپ قالدىم كەينىڭدىن جىنىم،
مىنى راسلا كەتتىڭمۇ تاشلاپ.
ئوتەي ئەمدى ئۆتمۇشنى ئەسلەپ،
سىنىڭ ئۇچۇن كۆزۇمنى ياشلاپ.
ئىككى تەن يول ئالدى ئىككى مەنزىلگە،
قاراقلار ئاقىدۇ ئارقىغا قاراپ.
ئۆتتى يىل تەكراردۇر يەنە مۇشۇ ھال،
چۈشلەرگە ئايلىنار بۇ شىرىن ئازاپ.
جانىم ھىلمۇ ھەم سىنى كۈتمەكتە مەن.سىنى بەزى بەزىدە ئۇچۇرتۇپ قالمەن.ناتونۇش كىشلەردەك ئۆتۇپ كىتىمىز.كۆزلىرمىز ئۇچۇرشىپ قالسا بىر -بىرمىزدىن كۆزلىرمىزنى ئىلىپ قاچىمىز.سەن مىنى كۆرسەڭ قانداق ئەسلىملەرنى ئۇيلايسەن بىلمەيمەن.لىكىن مەن سىنى كۈتمەكتەمەن.قەلبىمدە يەنىلا سەن بىردانەم بار.باشقا بىرسىنى سۆيەلمىدىم.كۆنەلمىدىم. سەن بىلەن ئۇچ يىل ساۋاقداش بولۇپ ئۆتۈپتىمەن.بىز يىقىن دوسلاردىن ئىدۇق.ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ساڭا كۆڭلۇمنى ئىزھار قىلغىنىمدىن ئۇيالدىم.سەنمۇ شۇ كۈندىن باشلاپ مەندىن ئارلىق ساقلىدىڭ ،يىراقلاشدىڭ.ئەزىزىم مىنى ئۇنۇتتى دەپ گۇمان قىلما.
ئوتۇڭ ھىلمۇ ھەم قەلبىمدە پىنھان ساقلاغلىق.كۆڭلۇم سىنىلا ئىزدەيدۇ،ساڭا ئوخشىشىنى ئەمەس.
سەن كەتتىڭ،سۆيگۈمنى قالدۇرۇپ كەتتىڭ.شۇ ئىسىڭدە بولسۇنكى بىر قىز ھەر مىنۇت ،ھەر دەقىقە سىنى سىغىنىپ كۈتمەكتە.قايتىپ كەل جانىم.
سۆيلىشكە كۆنىمىگەن كۆڭۇل،
ئەسىر بولدى بۈگۈن سۆيگىگە.
تەسەددۇقتۇر بارلىقىم ساڭا،
سۆيۈپ قالدىم سىنى مەڭگۇگە.
ھىجران-مۇھەببەتنى تاۋلايدىغان ئوت.
شۇ قەدەر سىرلىقتۇر پىنھان سۆيگۈلەر،
ئىزتىراپ ئىلكىدە قىيا قايرىلىش.
ۋولقاندەك ئىتىلار تومۇرلاردا قان،
تاغلاردىن ئىغىردۇر مىنۇت ئايرىلىش.
مەنبە---ئەلىفنىڭ يىشى.....
|