جوڭگۇ بېلىقچىلار كېمىسى ياپۇنىيە چارلاش پاراخۇدىغا سوقۇلۇپ كەتتى
خەلق گېزىتى تورىنىڭ 7-سېنتەبىر تېلىگىراممىسى:
9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 8 يېرىمدا،دىياۋيۈداۋ ئارىلى غەربى شىمالى قىسمىنىڭ شىمالى كەڭلىك 12كېلۇمىتىرلىق دېڭىز رايۇنىدا،ياپۇنىيە دېڭىز قوغدىنىش نازارىتىنىڭ چارلاش پاراخۇدى< يۈناگۇ>نىڭ قۇيرۇق تەرىپى شۇ ئەتراپتا مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئېلىمىز بېلىقچىلار كېمىسىنىڭ باش قىسمىغا سوقۇلۇپ كەتكەن. چارلاش پاراخۇتىنىڭ لەڭگەر قىسمى يېرىلىپ كەتكەن.
ياپۇنىيە دېڭىز قوغدىنىش نازارىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە،دېڭىز قوغدىنىش نازارىتى مەلۇمەتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ دەرھال باشقا ئىككى چارلاش پاراخۇدى<شۇيچىڭ> ۋە< بوجاۋجىيەن> نى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن.ئۇلار بېلىقچىلىق كېمىسىگە توختاش بۇيرىقى بەرگەن بولسىمۇ ،لېكىن بېلىقچىلار كېمىسى بۇيرۇقنى قوبۇل قىلمىغان.سائەت 8دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە بېلىقچىلار كېمىسى يەنە < شۇيچىڭ > ناملىق چارلاش كېمىسىگە سوقۇلۇپ كەتكەن.ئادەم ئۆلۈش ، يارىلىنىش ئەھۋالى ۋە يېقىلغۇنىڭ دېڭىزغا ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
جوڭگۇ بېلىقچىلار كېمىسى سوقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا داۋاملىق قاچقان.چۈشتىن كېيىن سائەت بىر ئەتراپىدا چارلاش كېمىسىدىكى 6 نەپەر قوغداش خادىمى بېلىقچىلار كېمىسىگە چىقىپ ،< بېلىقچىلىق قانۇنىغا > خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بىلەن بېلىقچىلىق كېمىسىنى ئاختۇرغان.
ياپۇنىيە دۆلەت زىمىن قاتناش ۋازارىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى شۇ كۈنى ئاچقان مۇخبىرلانى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا،ياپۇنىيە دېڭىز قوغدىنىش نازارىتىنىڭ چارلاش كېمىسى بىلەن جوڭگۇ بېلىقچىلار كېمىسىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىگە قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
بىز بېلىقچلار كېمىسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تولۇق ئىگىلەپ،ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى توغرا بېكىتىمىز.
ئۇ يەنە مۇنداق دىدى:
ئوچۇق دېڭىزدا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ پاراخۇدى قاتنىسا بولىدۇ ، ئەمما بېلىق تۇتۇشقا بولمايدۇ.
[/flash]/news.qq.com/a/20100907/001932.htm