مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 884|ئىنكاس: 8

مەسەللەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 12:45:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                           مەسەللەر

                           ئات ئاتاڭدىن ئىسىل بولسىمۇ ، قاق قوزۇقنى باغلىۋەت

   ئىلگىرى موللىيات ئىسىملىك بىر سىپاھ بەگ  ئۆتكەنىكەن .بۇ سىپاھ بەگنىڭ ئىسىل نەسىللىك بىر ئىتى بولۇپ ، سىپاھ بەگ بۇ ئاتنى بەكمۇ ياخشى كۆرۇدىكەن . بىر كۇنى بۇ سىپاھ بەگ بۇ ئىتىغا مىنىپ خانلىقنىڭ خىزمىتىنى بىجىرىش ئۇچۇن ئۇزاق سەپەرگە چىقىپتۇ . يولنىڭ ئۇزۇرىشى ۋە كۇننىڭ قىزىشى بىلەن ئات ھىرىپ ، قەدىمى ئاستىلاپ تەرلەشكە باشلاپتۇ . سىپاھ بەگنىڭ ئاتقا ئىچى ئاغرىپ چۇشۇپ پىيادە مىڭىپتۇ . بىر چۆپلۇككە كەلگەندە ئاتنى باغلاشقا كۆزى قىيماي ، يۇگەن - باش باغلىرىنى بوينىغا يۆگەپ ئوتلاققا قويۇۋىتىپ ، دەم ئىلىشقا باشلاپتۇ . ئاتنىڭ قورسىغى تويغاندىن كىيىن سىپاھ بەگ يولىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۇچۇن ئورنىدىن تۇرۇشىغا ، كۇتمىگەندە ئات يات كىشىنى كۆرگەندەك شىڭشىيىپ قاراپتۇ ۋە ھۆركىگەندەك يىراقلاپ قىچىپتۇ . سىپاھ بەگ نان تەڭلەپ ، چاقىرىپ ئاتنىڭ كەينىدىن مىڭىپتۇ . ئەمما ئات  بارغانسىرى تىز يۇگۇرۇپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ .
   سىپاھ بەگ ئاتنى باغلاپ قويمىغىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ ۋە كىيىنكىلەرگە ئىبرەت قالدرۇش ئۇچۇن بىر قىيا تاشقا :

                                                 مىنىڭ ئىتىم موللىيات ،
                                                 مەندىن ئەلگە پەندىيات .
                                                 ئىتىڭ بولسا ئاتاڭچە ،
                                                 قاق قوزۇقنى باغلىۋەت .

دىگەن سۆزلەرنى ئويۇپتۇ . بۇ كىيىنكىلەرگە بىر ئىبرەتلىك تەمسىل بولۇپ قاپتۇ . ئىيتىشلارغا قارىغاندا سىپاھ بەگ ئويۇپ قالدۇرغان بۇ ھىكمەت ھازىرمۇ قىيا تاشتا بارمىش .

                                       كەتكەننى كەلتۇرگەن مۇزا گەدەن @  

( @ - مۇزا گەدەن - موزدۇزلارنىڭ چەم مۇشلايدىغان تۇمۇر توخمىقى . قاغىلىق شىۋىسىدە - « كوۋا » )

   ئىلگىرى بىر موزدۇز تەڭ كىچىگىچە ھۇنەر قىلىپ ئەمدىلا يىتىپ تۇرۇشىغا ، ئىشىك ئەنسىز ئىچىلىپ ئۆي ئىچىگە بىر ئوغرى كىرىپ كەپتۇ . موزدۇز قورىققىنىدىن خوتۇنى بىلەن يوقانغا بىشىنى چۇمكەپ يىتىۋاپتۇ . ئوغرى ئۆينى قۇرۇقداپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن موزدۇزنىڭ خوتۇنى يوتقاندىن بىشىنى چىقىرىپ :
   - ۋاي مۇسۇلمان ، ئۆيدە موزا گەدەندىن باشقا ھىچنىمە قالماپتۇ  ، - دەپتۇ . موزدۇز :
   - غام قىلماڭلار خوتۇن ، موزا گەدەن بولسا يەنە ھەممە نەرسىنى تاپىمىز ، بىرىپ موزا گەدەننى بىشىمغا ئەكىلىپ قويۇڭلار ، - دەپتۇ .
   سىرىتتا تۇرۇپ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئوغرى : « موزا گەدەن دىگەن قانداق خىسلەتلىك نەرسىدۇ » - دەپ قىزىقىپ ئۆيگە يەنە كىرىپتۇ . يوتقان ئىچىدە مۇكۇپ ياتقان موزدۇز ئوغرى بىشىغا كىلىشىگە :
   - پاھ ، كەتكەننى كەلتۇرگەن موزا گەدىنىم ! - دەپ چاچراپ قوپۇپتۇ - دە ، ئوغرىنىڭ ھوشۇقلىرىغا كومشىتىپ ئۇرۇشقا باشلاپتۇ . تۇيۇقسىز تەككەن توخماقتىن ئوغرى ۋايجانلاپ توۋلىغىنىچە مال - مۇلۇكنى تاشلاپ قىچىپ كىتىپتۇ . كىيىن موزدۇز بۇ موزا گەدەننى ئىگىزگە ئىلىپ قويۇپتۇ ۋە سورىغۇچىلارغا : « كەتكەننى كەلتۇرگەن موزا گەدىنىم » دەپ ، بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بىرىپتۇ . شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ۋەقە خەلىق ئارىسىغا تەمسىل بولۇپ تارىلىپتۇ .

                                      گاچا بولسىمۇ باينىڭ ئوغلى سۆزلىسۇن

   ئىلگىرى بىر يۇرىتتا ياخشى نىيەتلىك بىر باي ئۆتكەن بولۇپ ، پۇخرالار بۇ باينى يۇرىتنىڭ چوڭى بىلىپ ، ئۇلۇغلاپ ھۆمەتلەيدىكەن . خانلىقتىن چىققان سىپاھ بەگلەرمۇ بۇ باينىڭ ئۆيىگە چۇشۇپ ئەھۋال ئىگىلەپ ،ئۇنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن سىلىق يىغىدىكەن .
   بۇ باينىڭ گەپنى كەمتۇك قىلىدىغان تىلى سىمىز بىر گاچا ئوغلى بار ئىكەن . كۇنلەرنىڭ بىرىدە باي ئالەمدىن ئۆتۇپتۇ . باينىڭ ئوغلى گاچا بولغاچقا كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىتىبارسىز قاراپتۇ . ياز كىتىپ كۇز كەپتۇ . سىپاھ بەگلەر يىزىغا سىلىق يىققىلى چىقىپتۇ . ئۇلارغا مول - ھوسۇل ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇدىغان كىشى بولمىغاچقا باج ئىغىر ، سىلىق كۆپ
قويۇلۇپتۇ . كىشىلەر توپلۇشۇپ ، سىپاھ بەگلەرگە : « باج ئىغىر بولۇپ قالدى » دەپ ھال ئىيتىشىپتۇ . ئەمما سىپاھ بەگلەر ئۇلارنىڭ دەلىلسىز سۆزلىرىنى ئىتىبارغا ئالماپتۇ . كىشىلەر نىمە قىلارىنى بىلىشمەي بىشى قىتىپ تۇرۇشقاندا باينىڭ تىلى كەمتۇك گاچا ئوغلى ئورنىدىن تۇرۇپتۇ - دە :
   - مەن ھۆرمەتلىك سىپاھ بەگلەرگە بۇ يىلقى ھوسۇللىرىمىزنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي ، - دەپتۇ ۋە ئۆز ۋاقتىدا دادىسىنىڭ سىپاھ بەگلەرگە ئەھۋال مەلۇم قىلغاندا ئاڭلاپ بىلىۋالغان سۆزلىرىگە ئاساسەن ، قورغاقچىلىق بولۇپ مەھسۇلات ئوخشىمىغانلىقى ، ئوت - چۆپ كەمچىلىكىدىن تاي - قوزىلار قاتارغا قوشۇلالمىغانلىقىنى ئىيتىپتۇ .
   سىپاھ بەگلەر بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن ، باج سىلىقنى تۆۋەنلىتىشىپتۇ .
   كىشىلەر باينىڭ ئوغلىنىڭ گاچا بولسىمۇ تەربىيە كۆرگەنلىكىدىن ، ھالقىلىق پەيىتتە مەقسەت - مۇددىئاسىنى ئۇقتۇرالىغانلىقىدىن ئىنتايىن سۇيۇنۇشۇپتۇ ۋە : « بىزدەك تەربىيە كۆرمىگەنلەردىن تەربىيە كۆرگەن گاچا يۇقۇرىكەن ، بۇندىن كىيىن گاچا بولسىمۇ باينىڭ ئوغلى سۆزلىسۇن » دىيىشىپتۇ . « گاچا بولسىمۇ باينىڭ ئوغلى سۆزلىسۇن » دىگەن ماقال ئەنە شۇنىڭدىن كىلىپ چىققانىكەن .

                                      كىمىگە چىققاندا چاق ئىگىرەمسىز ؟ !

   ئىلگىرى بىر ئادەم ئۆيلەنگەنىكەن . ئايالى ئۆزىنى ئىشقا باسمايدىغان ، بۇيرۇغان ئىشنى ماقۇل دەپ قويۇپ قىلمايدىغان ھورۇن چىقىپتۇ  . ئىرى نەسىھەت قىلىپ :
   - خوتۇن ، ئولتۇرساڭلىمۇ كۇنۇڭلا بىكار ئۆتۇپ كىتىدۇ ، ھىچ بولمىغندا كۇنلۇكى مۇشۇ ياڭاقچىلىك بولسىمۇ يىپ ئىگىرىپ قويۇڭلار ، - دەپ بىر ياڭاقنى ئۆيىنىڭ بۇلۇڭىغا تاشلاپ قويۇپتۇ . ئايال :
   - ماقۇل مۇسۇلمان ، مەن چوقۇم ئەتە ئىگىرەي ، - دەپ چاقنىڭ يىنىغا يۇلىماپتۇ . ئىرى بولسا كۇنلۇكى بىر ياڭاقنى ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا تاشلاپ قويۇۋىرىپتۇ . ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتۇپ ، بۇلۇڭغا تاشلانغان ياڭاق بىر دۆۋە بولۇپتۇ . ئەمما ، ئايال بىر قىتىممۇ يىپ ئىگىرمەپتۇ . ئەر بۇ ئايالنى گەپكە كىرگۇزەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ ، ئانىسىنىڭكىگە ئاپىرىۋەتمەكچى بوپتۇ ۋە ئايالىنى كىمىگە ئىلىپ چىققاندىن كىيىن :
   - خوتۇن ، سىلە كەلگەندىن بىرى بىكار ئولتۇغىچە مىنىڭ گىپىمگە كىرىپ كۇنلۇكى ياڭاقچىلىك يىپ ئىگىرگەن بولساڭلا ھازىر بۇلۇڭدىكى ياڭاقتەك بىر دۆۋە بولاتتى ، سىلە بەك ھورۇنكەنسىلە ، بۇ قىتىم ئاناڭلىنىڭكىگە ئاپىرىۋىتىپ ئەكەلمەيمەن ، - دەپتۇ .
  بۇ سۆزدىن ئايال سەراسىمىگە چۇشۇپتۇ ۋە :
   - ۋاي مۇسۇلمان ، بۇنداق ئاچچىغىڭلار كىلىشىنى ئۇقماپتىمەن ، خاپا بولماي چاقىمنى ئەچىقىپ بىرىڭلار ، مۇشۇ كىمە ئۇستىدە ئىگىرەي ، - دەپتۇ .
   - نەچچە ۋاقىتتىن دىسەم ئۇنىماي ئەمدى كىمىگە چىققاندا چاق ئىگىرەمسىلە ؟ - دەپ ئۇنىماي ئايالىنى ئانىسىنىڭكىگە ئاپىرىۋىتىپتۇ .
   « كىمىگە چىققاندا چاق ئىگىرەمسىز » دىگەن تەمسىل ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن .

                                                  پوزىنى قوزا قىلغۇچە

   ئىلگىرىكى زاماندا قىرمىگەرچىلىك قىلىدىغان بىر كىشى ئۆتكەنىكەن . بۇ كىشىنىڭ چىلىمدىن دۇت چىقىرىدىغان ئادىتى بولغاچقا ، خوشلۇقى تۇتۇپ قالسا تىگىگە سۇ كىرىپ كەتسىمۇ « خوش » دەپ ئولتۇرۇدىغان ، خۇيى تۇتۇپ قالسا كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ جۇدۇنى ئۆرلەپ يۇگۇرۇپ قوپىدىغان خۇيى بار ئىكەن .
   بىر كۇنى بۇ كىشى ھويلىسىنىڭ ئالدىغا تۆت يىل بۇرۇن سىلىپ قويغان بىر تۇپ سۆگىتىگە كۆزى چۇشۇپتۇ - دە :
  - بۇ سۆگەتنى كەسسەم قىرىق دانە پوزا بولىدىكەن ، قىرىق پوزىنى سساتسام كىچىكرەك بولسىمۇ بىر قوزا كىلىدىكەن ، قوزىنى ئىككى - ئۇچ يىل باقسام غولداپ ئۇچ - تۆت بولسا ، ئۇنى ساتسام بىر ئات كىلىدىكەن ، ھى ، ھى ، خۇدايىم بەرسە ئات بىر يىلدىن كىيىن تايلاپ بەرسە . . . - دەپتۇ . بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان ئايالى :
   - ھەي مۇسۇلمان ، تايلىسا ئانىسىغا سىلە مىنسەڭلا ، تىيىغا مەن مىنەرمەن - ھە ، - دەپتۇ .
   ئايالىنىڭ مەسلىھەتىگە پوزىچىنىڭ جۇدۇنى ئۆرلەپتۇ - دە :
   - ھەي ، سەن ئەمدىلا تۇغۇلغان تايغا مىنسەڭ بىلى سۇنۇپ كەتمەمدۇ ، - دەپ يۇگۇرۇپ قوپۇپتۇ . ئايالىنى ئۇرۇپ بىلىكىنى سۇندۇرۇۋىتىپتۇ .
   « پوزىنى قوزا قىلغۇچە » دىگەن ماقال شۇنىڭدىن قالغانىكەن .

                      گۆش بىلەن ياغنىڭ گىپى يوق ، قارا قۇمنىڭ پىيىزىنىڭ گىپى بارمۇ ؟

   ئىلگىرى يەكەننىڭ « قارا قۇم » دىگەن يىرىدە بىر كىشى ئۆتكەنىكەن . بۇكىشى ھەمىشە پىياز تىرىپ ئاشخانىلارغا ساتىدىكەن ۋە بۇ ئاشخانىلاردىن مانتا يەپ قالغانلىرىدا : « ھەي ، بىزنىڭ قارا قۇمنىڭ پىيىزىدا مانتا ھەجاپ ئوخشايدۇ جۇما ! » دەپ ئاغزىنى تامشىپ قويۇدىكەن . بۇ ماختىنىش چىشىغا تەككەن بىر ئاشپەز : « گۆش بىلەن ياغنىڭ گىپى يوق ، قارا قۇمنىڭ پىيىزىنىڭ گىپى بامۇ ؟ » دەپتۇ ۋە ئۇ كىشى كىرىشىگە گۆش ، يەغ سالماي پىيازدىلا بىر تەخسە مانتا ئىتىپ ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا ئەكەپتۇ - دە :
   - ھەي ، ھەي ، سىلىنىڭ قارا قۇمنىڭ پىيىزىدا مانتا ھەجەپ ئوخشايدۇ جۇما ، قىنى يەپ باقسىلا ، - دەپتۇ .
   ئۇ كىشى بۇ پىياز مانتىسىنى ئاغزىغا سىلىپلا ئۆزىنىڭ ئورۇنسىز ماختانچاقلىق قىلغىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ ۋە ئىككىنجى قاراقۇمنىڭ پىيىزىنى ماختىمايدىغان بوپتۇ .
   « گۆش بىلەن ياغنىڭ گىپى يوق ، قارا قۇمنىڭ پىيىزىنىڭ گىپى بارمۇ » دىگەن ماقال ئەنە شۇنىڭدىن كىلىپ چىققانىكەن .

                            غوجاكاڭ قىلمىغانتى ناشتا ، بىكار تۇرماس قۇيرۇق تاشتا

   قەىمقى زاماندا تولىمۇ ئىھتىياتچان بىر تۇلكە بولغانىكەن . بۇ تۇلكە بىر كۇنى ئوۋ ئىزدەپ چىقىپ كەچ كىرگۇچە ھىچ نەرسە تاپالماي قايتىپ كىلىۋاتسا ، بىر قورام تاش ئۇستىدە بىر قوينىڭ ئاپپاق قۇيرۇغى تۇرغۇدەك . بۇنى كۆرۇپ تۇلكىنىڭ نەپسى تاقىلداپ ، ئىغىزلىرىدىن شۇلگەيلىرى ئىقىپتۇ . ئەمما ، قۇيرۇقنىڭ يىنىغا بارماستىن ئىھتىيات بىلەن توختاپ : « بۇنىڭدا بىرگەپ بار » دەپ ئارقىسىغا يىنىپتۇ - دە ، ئورمانلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ . ئۇ يەردە بىر ئىيىق يەر تىمىسقىلاپ يۇرگەنىكەن . تۇلكە ئىيىققا :
   - ھەي ئىيىق پالۋان ، ئورمانلىقنىڭ ياقىسىدىكى تاش ئۇستىدە بىر قوينىڭ قۇيرۇقى تۇرۇپتۇ ، ئوۋلاپ يىمەيمىزمۇ ؟ - دەپتۇ .
   بۇنى ئاڭلاپ ئىيىق خۇشاللىنىپ كىتىپتۇ ۋە :
   - نىمىشقا يىمىگۇدەكمىز ، قىنى ئەمىسە مىنى باشلا ، - دەپ تۇلكىنىڭ ئارقىسىدىن پايپاسلاپ مىڭىپتۇ . قۇيرۇق قويۇلغان تاشنىڭ يىنىغا كەلگەندە تۇلكە ئىيىققا :
   - ئەنە كۆردۇڭمۇ ؟ ئىھتىمال بىرەرسى كىيىنچە يىيىش ئۇچۇن يوشۇرۇپ قويغان گەپ ، - دەپ توۋلاپتۇ .
   نەپسى تاقىلداپ ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ئىيىق ، قۇيرۇقنى يەۋىتىش ئۇچۇن ئاغزىنى ئىچىپ يۇگرەپتۇ . ئەمما ، تۇمشۇقى قۇيرۇققا شۇنداق تىگىشى بىلەن « چاراس » قىلىپ ، ئوۋچى قويغان  قاپقان تۇمشۇقىنى بوغۇپتۇ . تۇلكە پەرىزىنىڭ توغرا چىققانلىقىغا سۇيۇنۇپ كىتىپتۇ دە - ، ھۆركىرەپ زارلاۋاتقان ئىيىققا قارىماي  ، قۇيرۇقنى ئىلىپ يولغا راۋان بوپتۇ .
   « غۇجىكاڭ قىلمىغانتى ناشتا ، بىكار تۇرماس قۇيرۇق تاشتا » دىگەن ماقال ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن .

   توپلاپ رەتلىگۇچى : ( دىلشات ئابلىز )

                                « بۇلاق » ژۇرنىلىنىڭ 1994 - يىللىق 3 - سانىدىن ئىلىندى .

                                                                              2014 - يىل 14 - ئاۋغۇسىت . قاغىلىق






ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109025
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 289
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2014-8-8
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 11:38:09 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەسەل ئەمەستۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1000
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 05:53:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىبرەتلىك  مەزمۇنلار ئىكەن....جاپا چېكىپسىز .......ئاپرىن سىزگە ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 06:56:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۇزۇرلىنىپ ئوقۇدۇم   رەھمەت سىزگە

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1841
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 938 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 07:15:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  ....   جاپا  چەكتىڭىز  ..

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 09:12:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kulka521 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-14 11:38 AM
بۇ مەسەل ئەمەستۇ.


  بۇ مەسەل بولمىسا ، سىزنىڭچە نىمە دەپ ئاتىساق بولىدۇ ؟ « بۇلاق » ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرلىرى ئىھتىمال سىزدەك بىلىملىك بولمىغاچقا بۇنىڭغا « مەسەل » دەپ ئىسىم قويۇپ قويغان بولۇشى مومكىن . كەچەرۇڭ .




'

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87894
يازما سانى: 633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1066
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 10:50:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن ھىكمەتلەرنىڭ كىلىش مەنبەسىنى بىلىۋالدىم ..................

قاتتىق يېقىلىپ قەدرىمگە يەتتىم ................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88517
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 998
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-15 03:05:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇراقلىق ئىبارىلەر نىڭ مەنبىيى

مەلۇم نەرسىگە چۇقۇم ئرىشىنى ئاخىرقى نىشان قىلىش كىرەكمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100957
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 187
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2013-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-19 02:05:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنچىسىنى دادام دائىم سۆزلەپ بىرىدىغان
  «غوجاكاڭ قىلمىغانتى ناشتا ، بىكار تۇرماس قۇيرۇق تاشتا  »نىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى بىر بالاسى بولمىسا چۆلدە قۇيرۇق نىم قىلۇر

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش