ۋەتەن دىسە ئادەمنىڭ كۈڭۈل ئىكرانىدىن كىچىك ۋاقتىدىكى مەھەللىدە بىللە ئوينىغان بالىلار ۋە شۇ زىمىندىكى ئوڭغۇل -دوڭغۇل تۇپىلىق يەرلەر ھەتتاسۇغا چۇشۇپ ئوينايدىغان ئېرىق- ئۆستەڭ كېچىك ۋە توما باشلىرى، سايىدايدىغان دەرەخلەر، شەھەرلەردىكى تار كوچىلاردىن تارتىپ يېزا قىشلاق بازارلار ...ھەممە ئۆتىدۇ.
مەنغۇ ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىگە بېرىش تۈگۈل شىنجاڭنىڭمۇ بىر قىسىم يەرلىرىنى كۆرۇپ باققىنىم يوق. دېمەكچى، مەنكى يۇرتىمىزدىن ھاياتىمدا ئاساسەن ئايرىلىپ باقمىغان بىر پۇقرا مەن، غېرىپ -مۇساپىر بوپ باقمىدىم.
كىتاپ ئوقۇش مىنىڭ دائىملىق ئادىتىم بولغاچقا بوش ۋاقتىمدا كىتاپ ئوقۇيمەن. بۇلۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بىرى ‹‹زىيارەت ئەدىبىياتى›› بازارلىق كىتاپلاردىن بىرى بوپ قالدى. بۇنداق كىتاپلارنىڭ ھەممىنى ئاساسەن ئوقۇپ تۈگەتتىم. بۇنداق كىتاپلارنى ئوقۇش جەريانىدا ئاپتۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى ، ئاممىۋى ئەخلاقىنى يۇرتىمىزنىڭ يىمەك -ئىچمەك مەدىنىيىتىنى پەخىرلىك بىلەن مەدىھىلەشلىرى كىشىنى سۇيۈندۈرسە، يۇرتنى سېغىنىش ھىسسىياتىنى تەسۋىرلەشلىرى كىشىنىڭ كۆز گىرۋەكلىرىنى نەملەشتۈرىدۇ. ۋەتەن دىگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى تەن بىلەن بىرلەشكەن تۇپراق دىگەن مەنىدە بولسا كېرەك، چۈنكى بىرقىسىم ۋەتىنىدىن ئايرىلغان مۇھاجىرلارنىڭ ۋەتەن تۇپرىقىنى ئاپارغۇزۇپ پۇراشلىرى، ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا بارغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىلارغا، يۇرتنىڭ ئەت تۇپىسى( ئېرىق تۇپىسى) بىلەن بىللە يولغا سېلىپ ‹‹بالام ئۇ يەرنىڭ سۇيى يەكلىسە ئىچىدىغان چېيىڭغا (چايدانغا) بۇ تۇپىدىن بىر سىقىم سېلىپ تىندۇرۇپ ئىچكىن›› دىيىشلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
‹‹تەكشۇرمىگەن كىشىنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقى يوق›› دىگەندەك بۇنداق زىيارەت خاتىرسى يازغانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۆزگە تۇپراقتا بىۋاستە ئۇچراشقانلا ۋە گۈزەتكەنلەر، ۋەتەندىن ئايرىلىپ بىلىم ئاشۇرىۋاتقانلار ، ئوقۇۋاتقانلار ،ياكى سودىگەرلەر يەنى ‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك›› نىڭ مۇئەللىپى ئەسەت سۇلايمان ئەپەندى، زۇلپۇقار باراتنىڭ ‹‹ئۆزلۈك گىرۋەكلىرى›› كىرەم ئاتۇشنىڭ رادىيو سۆھبىتى، ۋە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ‹‹ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا››.. قاتارلىقلارنىڭ تۈرلۈك ‹‹ يۇرت تەسىراتلىرى›› نى ئوقۇغۇنىمىزدا ،ئۇلارنىڭ (ئاپتۇرلانىڭ )مەدىنىيەت سېلىشتۇرمىللىرىدىن ،ئىجابى پىكىر قۇرۇلمىللىرىدىن ھاياجانغا تولىمىز ۋە پەخىرلىك ھىىسسىياتتا بولىمىز. مانا بۇلار ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە مۇساپىر بولۇپ غېرىپلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر .
زىيارەت ئەدىبىياتى ئارقىلىق بىز باشقىلارنىڭياخشى ئىجابى تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىزغا ، ۋە ئۆزىمىزدىكى باشقىلارھەيرانقالىدىغان ئارتۇقچىلىق تەرەپلەرنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق بولىدىكەن.
داۋامى بار ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-13 10:42 PM