مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4855|ئىنكاس: 27

جېنىم دوستۇم، باشلىقىمىزنى ماڭىمۇ باشلىق قىلىپ بەرگەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105912
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 07:07:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جېنىم دوستۇم  باشلىقىمىزنى ماڭىمۇ باشلىق قىلىپ بەرگەن


(پوۋسېت)


1


ئىشخانامغا كىرىپ شۇ  خەرەرنى ئاڭلىغان قۇلاقلىرىمنى چىمدىلاپ باقتىم. چۈشۈم ئەمەس ئوخشايدۇ؟ ئازراقمۇ ئاغرىمىدى.لىكىن بۇ پاجىئەگە ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. يۈگۈرۈپ دىگۈدەك كارىدورغا چىقتىم ، باشلىقمۇ  يوق. ھەلىمە ھەدەملەمۇ تېخى كەلمەپتۇ.  مەن نىمانداق بالدۇر كېلىۋالغاندىمەن؟ گىمناستىكا ۋاختى بولغۇچە تازلىق قىلىشمۇ خوش ياقماي ، ئۇرۇندۇقتا ئولتۇردۇم-دە بۇرۇنلا تاشلىۋېتىشنى خىيال قىلغان كۈندىلىك خاتېرەمنىڭ ئارىسىدىكى ئۆزەم يازغان خېتىمنى ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.


  يېڭىدىن كەلگەن خىزمەتدېشىم، ھەم دوستۇم ياخشىمۇ سەن!  بۈگۈن ئىشقا كېلەلمىدىڭ.ئاغرىپ قالدىڭمۇ يا؟ ئۆيۈڭدە بىرەر ئىشىڭ چىقىپ قالدىمۇ؟ ھەرگىز خاتا چۈشەنمە ،مەن سەندەك ئىشخانىدىكىلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس  بەلكى سەندىن ئەنسىرەپ سوراۋاتىمەن. مىنىڭ سېنىڭ ئۇ  ھۇقۇقۇڭنى تارتىۋېلىش مەقسىتىم يوق.

دوستۇم، مەن بىلەن بىر ئورۇنغا خىزمەتكە بۆلۈنگۈنىڭنى ئاڭلاپ سەن ئۈچۈن قانچىلىك خوش بولغان ئىدىم؟ خىزمىتىڭ باربولسا  يولدۇشۇڭنىڭ ئالدىدا بېشىڭنى تىك تۇتۇپ  ياشىيالايتتىڭ،  ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھكاردەك ياشىمايسەن ، كۈندە«  بىكار تاپ»«ئىشنى قولىنىڭ ئۇچچىدىلاقىلىدىغان» دىگەن گەپنى ئاڭلىمايتتىڭ. سېنىڭ ئېرىڭنىڭ مىجەزى ھېچكىمنىڭكە ئوخشىمىسىمۇ، بىز  سېنى ئاۋايلاپ  تېشىمىزغا چىقارمايتتۇق.چاندۇرماسقا  سېلىپ ، بىز  بار يەردىمۇ  سېنى ئايىمىغىنىغاچىشىمىزنى چىشلەپ  بالاڭنى ئەركىلەتكەن بۇلۇپ، بالاڭ بىلەن  قوغلۇشۇپ  ئويناپ ، سېنى ئوڭايسىز ئەھۋالدا قويماسلىققا  تىرىشاتتۇق.  لىكىن ئېرىڭنىڭ بىزگە قىلغان قىزغىن ئۇئامىلىسىدىن  ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرمىگەن شارائىتتا ،  ئۇنى بۇنداق  دەپ تەرىپلەپ بەرگەن بولساڭ ئىشەنمەيتتۇق ئەلۋەتتە!

  دوستۇم، يەنە  ئۆزەم  ئۈچۈنمۇ خوش  بولدۇم  ئەلۋەتتە.  چۈنكى  يېشى مەندىن چوڭ ھەدىلىرىم  بىلەن  ئىشلەپ كۆنۈپ قالغان بولساممۇ،  مەندىنئازراق چوڭ  بولساڭمۇ  بەك پەرقلەنمەيدىغان، مەن  بىلەن  ھەم پىكىرداش بولالايدىغان، ھەم بىر بىرىمىزنى چۈشىنىدىغان دوستۇم بىلەن بىللە ئىشلەيدىغىنىم مەن  ئۈچۈن خوشاللىق ئەلۋەتتە!

  دوستۇم، سەنمۇ  مىنى  كۆرۈپ خوش  بولدۇڭ. مەن ساڭا خىزمەتنى قىسقىچەچۈشەندۈرۈپ، ئىشخانامغا شەرەت بىلەن سېنى ئەكىرگەندىن كىيىن خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ مىجەزىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ناھايىتى چىقىشقاق ئىكەنلىكىنى، پەقەت بەزى ئىشلاردا  بىلسەكمۇ ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ ئاغزىغا قارىساقلا ئۇلارنىڭ خوش بۇلۇپ قالىدىغىنىغا ، ئۆزىمىزدىن چوڭلارنى ھۆمەتلەش  ياخشى باشلىنىش بولدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگىنىمدە،  ئىككىلىمىز ئاۋازىمىزنى چىقىرىپ  تازا كۈلۈشكەن ئىدۇق. مەن  كىيىنكى مەنىلىك ئۆتۈدىغان كۈنلىرىمىزگە كۈلدۇق دەپ ئويلىغان.  لىكىن ئەمدى ئويلىسام، سەن مىنى مازاق قىلىپ،  ئالدىڭدا  قىلغان ئاتىكاچىلىقىمغا ئاچچىقىڭ كىلىپ كۈلگەن ئوخشايسەنكەن ئەسلى.

  دوستۇم    گەرچە ئوقۇشپۈتتۈرۈپلا  خىزمەتكە چىقالمىغان بولساڭمۇ،ئۆگەنگەنلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالماپسەن، تېزلا كۆنۈۋالدىڭ. باشقا بۈلۈمدىكىلەر سورىغاندا سەندىن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ «دوستۇم » دىيەلىگەن ئىدىم. لىكىن بارا-بارا  كۆز ئالدىمدا باشقا ئادەمنى كۆرۋاتاتتىم.

خىزمەتدىشىم  ئىش  ئەنە شۇنداق  باشلاندى. بەلكىم ئېسىڭدەيوق،  چۈنكى سەن بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈك ئىكەنسەن. بۈگۈن دۈشەنبە بولغاشقا ئەتىگەنلەك گىمناستىكىدىن يېنىپلا ئاياللار  ئادىتىمىز بۇيىچە چوڭ تازلىق قىلىشقا كىرىشتۇق،سەن  يەنىلا  كومپىيوتېر ئالدىدا. بەلكىم باشلىق بىرەر  مۇھىم ماتېريال يېزىشقا بۇيرىغان ئوخشايدۇ دەپ  چۈشەندىم، شەنبە- يەكشەنبەقانداق چارچىغىنىمىزنى، ئاتا-ئانىمىزنى نىمە ئېلىپ يوقلىغنىمىزنى، باللېرىمىزنى نەلەگە ئاپاغىنىمىزنى دىيىشىكەچ  ئۆز ئىشىمىزنى قىلاتتۇق،سېنىڭ بېشىڭنى چىقىرىپ :نىمانچە كۈلۈشىسىلە؟ دىگەن سوئالىڭغا جاۋاپ بەرگەن ياشتا چوڭراق خىزمەتدىشىمىزھىلىمە ھەدىنىڭ نىڭ جاۋابى ھاۋادا لەيلەپ قالدى، چۈنكى سەن سوئالنى قۇيۇپلا قانداق تېز چىققان بولساڭ ، شۇنداق تېز غايىب بولغان ئىدىڭ. يەنە بىر خىزمەتدېشىمىزئارىدىكى ئوڭايسىزلىقنى تېزلا ئوڭشىدى.بىزمۇ ھەلىمە ھەدىمىزنىڭ باللىرىنىڭ ئەقلىگەئاپىرىن ئوقۇپ ئىشخانىلىرىمىزغا قايتىشتۇق.

ئىشخانامغا كىرىپ  ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قالدى،  چۈنكى  مەن بەكلا  ئوڭايسىزلاندىم.

ئىش بۇنىڭلىق بىلەن  تۈگىمىدى. سەن بىلەن  بىر  ئىشخانىدىكىلەر قايناقسۇغا كىرگەننى بانا  قىلىپ، پات-پات ئىشخانامغا كىرىپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئولتۇرۇپ  كېتىدىغان بولدى،  خۇددى ماڭا گىپى باردەك. لىكىن ئۇھ تارتىپلا گىپىنى ئىچىگە يۇتۇپ  دىيەلمەي چىكىتەتتى. چۈنكى بىز  ئۇلار بىلەن خىزمەتداش بولغان نەچچە يىلدىن بۇيان ، ئۇلار بىلەن كۆڭۈل ئاغرىق تارتشقىنىمىز ،ھال ئېيتىشقىنىمىز ئېسىمدە يوق.بىر قېتىم قېينئانامدىن ئاغرىنىپ ھال ئېيتتىم، ئوغلۇم بىلەن يولدۇشۇمنىڭ ئاچىسىنىڭ قىزىنىڭ جىدىلىدە ، قېينئانامنىڭ  بالامنى قارىتىپ تۇرۇپ  چوڭ نەۋرىگە كەمپۈت بېرىپ بەزلىگندە  بالامنىڭ بويۇن قىسىپ قاراپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئشخانىغا كېلىپ تازا يىغلىغانتىم، شۇ چاغدا ھەلىمە ھەدەم:  قاراڭ سىڭلىم شۇنداق بۇلىدۇ ئۇ  دىگەن ئۆزقىزىنىڭ بالىسى ،  سىز  دىگەن كېلىن ھەممە  ئۆيدە شۇنداق، لىكىن ئامۇتى ئاچچىق، نەشپۈتى تاتلىق بولمىسۇن، ياخشى كۆرىدىغان ئېرىڭىزنىڭ ئانىسى. باشقا يەردە دىمەڭ، تۆت تامنىڭمۇ قۇلىقى بار، ئوغلى ئاڭلىسا تەڭقىسلىقتا قالىدۇ. قېيىنئانىڭىز ئاڭلىسا ئاراڭلارغا سوغۇقچىلىق چۈشىدۇ. دەردىڭىزنى تىڭشىغانلار ياخشى قېينئانىسىنى بەرمەيدۇ.بالىڭىزغا يۈركىڭىز ئاغرىپتۇغۇ. ئۇمۇ يولدىشىڭىشنىڭ  شۇنداق ئاپىسى،  كەڭ قورساق بۇلۇڭ. بالا  پاتقان قۇرساققا  ئۇنچىلىق دەرت پېتىپ كېتىدۇ، دىگەن تەسەللىيلىرى ئېسىمدە. ئۇنىڭ ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزىدىن، يېقىن دوستۇم رەنانىڭ ئۇ توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرى ئېسىمگە كېلىپ ھەلىمە ھەدىگە بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇئاشقان ئىدى . ئالدىمدا ماڭا تەربىيە قىلىۋاتقان بۇ ئايال  ئون نەچچە  يىلدىن بېرى، قېيىنئانا-قېيىنئاتىسى بىلەن بىر ھويلىدا بۇلۇپ، پالەج قېيىنئاتىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىكەن،قېيىنئاپىسى سالامەتلىكى ياخشى بولسمۇ بالىسىغا يەنىلا ئۆز ئاتا-ئانىسى قاراپ بېرىدىكەن، قېيىنئاپىسىنىڭ دىيىشىچە، نەۋرە دىگەننى قىز تەرەپ بېقىپ چوڭ قىلىش پەرزمىش. ئېرى بولسا ئاپىسىنىڭ سىزىپ بەرگەن سىزىقى بۇيىچە، ئايالىنىڭ قىلغانلىرىنى قىلىشقا تېگىشلىك دەپلا ئويلايدىكەن. لىكىن ھازىرغىچە ھەلىمەھەدەمنىڭ تۇرمۇشتىن ، ئۆيىدىن زارلانغىنىنى بىلمەيمەن، ئېرىنىمۇ شۇنداق ھۆرمەتلەيدۇ.

  لىكىن پات يېقىندىكى ئۆزگۈرەشلىرىدىن نىمە ئىش بولغىنىنى مەن پەرەز قىلىشقا ئەقلىم ئاجىزلىق قىلدى، خىزمەتداشلىرىم   بارا-بارا مەن كەلسەم گىپى توختاپ قالىدىغان بۇلۇشتى.

خىزمەتدېشىم، سىنىڭ كىلىپلا دۈشەنبە ئىختىيارى قىلىدىغان چوڭ تازلىققا  ماددا  نىزاملارنى تۈزەپ جۈمەگە ئۆزگەرتىشىڭگە باشتاگەپ سۆزسىز  بويسۇنغان بولساقمۇ، جۈمەكۈنلىرى ئېچىلىدىغان ئىدارىنىڭ يىغىنىدىن چىقىپ تازلىقنى تۈگۈتۈپ ئۆيگە كەچ قېلىشلىرىمىز ھەممىمىزنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى،يەنىلا گەپ قىلىشمىدۇق، چۈنكى بىز بۇرۇندىنلا  پەقەت ئۆز-ئارا ھۆرمەت،ياردەم، كۈزىمىزدىن كۆڭلىدىكىنى چۈشۈنۈپ ئۆتۈۋاتقان خىزمەتداشلار مۇناسىۋىتىدە،بۇنداق ئىش  يۈز بەرسە بولمايتتى. سىنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭ باشلىقنىڭ ئىشخانىسىنى تازلاشكەن، بىز كارىدورنى سۈرتۈپ تۇرساق ھېچكىم كىيەلمەيدىغان ئېگىز پاشنىلىق ئايىغىڭ بىلەن تاسىلداپ ئىز قالدۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشىڭنى مەن مەيلى دەۋېتەلىسەممۇ، ياشتا سەندىن چوڭلارغا ھۆرمەتسىزلىك بۇلىدۇ.   سەن باشلىقنىڭ ئىشخانىسىنى تازلاپ بولساڭ ئارقاڭغا قارىماي كېتەلەيسەن. چۈنكى ھېچكىمدە يوق ئەر سەندە بارئەمەسمۇ؟ بىز سەن بۆلۈپ بەرگەن ۋەزىپىنى ئوپچە قىلىپ كۆنۈپ قالغاچقا تەڭ قايتىمىز.بىر كۈنى  بىراۋنىڭ گېپىنى ئۆمرىدەقىلمايدىغان ھەلىمە ھەدەمنىڭ : نادىيە، دوستىڭىز بۇرۇندىنلا شۇنداقمىدى ؟دەپ سورىغان سوئالىغا نىمە  دىيىشىمنىمۇ  بىلەلمىدىم.

  خىزمەتدىشىم، شۇندىلا ئۇلارنىڭ  ماڭا  ئازلاپ قالغان گەپلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم.

ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى، سېنى بىز ئايىغان بىلەن شوپۇر  ئايىمىدى. سەن ھۆرمەتسىزلىك قىلساڭ ياشتا چوڭ ئادەمگە ئېغىر كېلىدۇ ئەلۋەتتە! مەن يەنىلا سەن بىلەن پۇرسەت تېپىپ پاراڭلىشىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم.

خىزمەتدېشىم، سەن چالا ئىش قىلىپ كۆنۈپقالغانمۇ، ئىشقىلىپ، باشلىقنىڭ :  نادىيەئىشخانامدىكى گۈللەر ئۇسساپ قاپتۇ، ئۆزىڭىزدەك قايناقسۇغا ئانچە ئامراق ئەمەس گۈللەر بولسا  ئالماشتۇرساق ھە! دىگەن چاقچىقى ماڭا چاقچاق بىلىنمىدى، سېنىڭ ئېرىڭنىڭ «ئىشنى قۇلىنىڭ ئۇچچىدىلاقىلىدىغان» دىگەن گىپى ئېسىمگە كېلىپ سېنى تازا تللىغۇم كەلدى، باشلىققا قانداقمۇ  يېڭى كەلگەن« باشلىق» ئاچقۇچىڭىزنى بىزگە تۇتقۇزمايدۇدىگىلى بولسۇن؟ كىيىن ئۆزىمنى  بىلىپ باشلىق كەلگۈچە    سۇتەييار قىلىپ تۇرۇپ باشلىق كىرگەن ھامان كەينىدىنلا كىرىپ گۈللەرگە سۇ قۇيىۋالىدىغان بولدۇم.

  بىرنەچچە قېتىم ئىشىك تۈۋىدە ئۇچراپ قالدىڭ ھەم مەندىن  :«بۇ ئىشخانىغا نىمىگە كىردىڭ ؟» دىدىڭ. مەن  خۇددى نەخ مەيداندا  تۇتۇلۇپ قالغان ئوغرىدەك «  گۈللەرگە سۇ قۇيغىلى كىرگەن »دىيەلىدىم. سەنسۇغۇق كۆزۈڭدە بۇندىن كىيىن ئۆزەڭ قىلالايدىغىنىڭنى دىدىڭ –دە ئىشىكنى گۈپلا يېپىپ كىرىپ كەتتىڭ.  ئەتىگەنكى بۇ سۇغۇق مۇئامىلىدىن شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولدىكى، مەندەك دوستۇڭغىمۇ يۈز قويمىغىنىڭدىن شۇنداق رەنجىگۈم كەلدى.(ھازىر ئويلىسام سەندىن رەنجىيەلىگۈدەك ئەجەپ يۈرۈكۈم چوڭكەن  شۇ چاغدا) ئىشخانىسىنى ئېچىپلائالدىراش چىكەتكەن باشلىق ئىككىنجى قەۋەتتە تۇرۇپلا ئاۋازىمىزنى ئاڭلىغان بولساكېرەك، :«نادىيە، ئۈستۈلۈمدىكى يىغىن ماتېريال سومكىسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، خاپابولماي ئەزىز ئاكامغا ئېلىپ بېرىڭە، ئالغاش چۈشسۇن» دەپ توۋلىدى. دەسلەپ خىزمەتكەچۈشۈپ تۇنجى يازغان ماتېريالمۇ مىنى بۇنچە تەرلەتمىگەن ئىدى.مىنىڭ ئىشخانامدا دۇرىسىنى ئىچىۋاتقان شوپۇرىمىز ئويلىغىنىمنى پەرەز قىلىۋالغاندەك «نىم بولدۇڭ نادىيە،باشلىقنىڭ ئىشخانىسى بىزگە چەكلەنمىگەن ، كىرە قىزىم  يىغىن باشلىناي دىدى، كىچىكىپ قالىمىز» دىگەن گېپىنى ھەممەيلەن ئاڭلىسۇن دىگەندەك ئۈنلۈك دىدى. مەنمۇ يۈرەك پەيدا بولغاندەك كىرىپلا كىچىك سومكىنى ئالدىمدە، قانداق تېز كىرگەن بولسام شۇنداق تېز چىقىپكەتتىم، خۇداغا شۈكرى، بۇ قېتىم سۇغۇق كۆزلىرىڭنى كۆرمىدىم.

شۇ  ئىشتىن كىيىن گۈللەرنى ھەر  ھالدا ئۆزەڭ سۇغۇردۇڭ، مەنمۇ  خوش بۇلۇپ قالدىم. لىكىن باشلىق ئىش تاپشۇرسا ئىشىك تۈۋىدىلا ئاڭلاپ كەينىمگە يانىمەن. چۈنكى سەن بىلەن خىزمەتنى دەپ ئازارلاشقۇم يوق ئىدى. بەزىدە ساراڭلارچە خىيالىمدىن چۈچۈپ ، باشقىلارئويلۇغۇنۇمنى بىلىپ قالغاندەك خىيالىمنى ئۆچۈرۋەتكۈم كىلىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   naznin517 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-13 07:27 PM  


ئۆزىنى ماختىغان بىرىنجى ئەخمەق“دىگەن گەپ بولمىغان بولسا،ئۆزەمنىڭ قانچىلىك ياخشى قىز ئىكەنلىكىمنى دەۋالغان بۇلاتتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10642
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 08:11:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزنىڭ مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇركەن . جەمىيتىمىزدىكى بەزى گەپلەرنى ئېچىپ سۆزلەشكە تىلىم كۆيىدۇ .ياخشى تىمىدىن بىر نى سۇنۇپسىز رەھمەت سىزگە.

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103599
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 541
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 08:35:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى  بارمۇ  يە    بەك ياخشى  يىزىپسىز

سۇكۇت ئاخىرقى نەتىجنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بولشىنى بەلگىلەيدۇ https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (25).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5659
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1394 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 09:59:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلىق بىلەن گۈل سۇغۇرۇشقا ئامراق خىزمەتچى قىزنىڭ مۇناسىۋىتى قۇيۇقكەن.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 10:31:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشخانامغا كىرىپ شۇ  خەرەرنى ئاڭلىغان قۇلاقلىرىمنى چىمدىلاپ باقتىم. چۈشۈم ئەمەس ئوخشايدۇ؟ ئازراقمۇ ئاغرىمىدى.

ماۋۇ جۈملىدە ئازراق خاتالىق باركەن..چۈنكى چۈشىڭىز ئەمەس بولسا بەدىنىڭىز ئاغرىيدۇ...ئويغاق بولغاندىكىن ئاغرىقنى سىزىسىز دىمەكچى...

ئاتىكاچىلىق قىلىپ سالدىم..پەقەر رەنجىمەڭ..ئەسىرىڭىزنىڭ ئۇتۇغلۇق ئاياغلىشىشى ئۈچۈن شۇ ئازراق تۈزىتىش بىرىپ سالدىم..ئېغىر ئالمايسىزغۇ دەيمەن..

ياخشى باشلاپسىز..

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103791
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 357
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 10:48:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز .يەنىلا داۋامىنى ساقلاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109019
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 12:07:12 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز سۆزنىڭ مەنىسىنى سىز خاتا ئۆزلەشتۈرۋاپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109019
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 12:07:47 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىنى ئاخىرىنى تىزراق يوللىشىڭىزغا تىلەكداشمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 11:27:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمەن

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 11:27:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمەن

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش