ئۇنتۇلماس سوۋغا
ھىكايە
گۈلشەن تولىمۇ ئېغىر قەدەملەر بىلەن ياتاقتىن چىقىپ ، مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم، چۈنكى ھېلىلا ئۆزىنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن كەلگەن ئاپىسىنىڭ ،يەنە نەچچە كۈن تۇراي دېگىنىگە ئۇنىماي يولغا سېلىپ قويۇپ قايتىپ كىرگەنىدى. ياتاقتىكى باشقا يېڭىدىن تونۇشقان دوستلىرى ھەممىسى چىقىپ كىتىپ بولغانىدى.
ئەتراپ تولىمۇ ناتۇنۇش، تۆنۈگۈندىن بېرى ئۆزىگە ئوخشاش مەكتەپكە يېڭىدىن كەلگەن ئاز بىر قىسىم ساۋاقداشلىرى بىلەن تونۇشقان، بەزىلىرى بىلەن بىر ياتاققىمۇ كىرگەن بولسىمۇ, بۈگۈنگىچە ئاپىسى ھەمراھ بولغاچقا يالغۇزلۇق ھىس قىلمىغانىدى، مانا ئاپىسىنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ كىرىپ ئۇ بەكمۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلماقتا ئىدى..
ئۇ غېرىبانە خىياللار بىلەن ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىغا كەلدى، چۈنكى بۈگۈن سىنىپ بۆلمەكچى ھەم سىنىپ مەسئۇلىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرماقچى ئىدى، ھەم كۆپلىگەن ساۋاقداشلىرى بىلەن تونۇشۋالالايتتى، يەنە تېخى ھاياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى، ئۇ گاڭڭىراش ھەم ياتسىراش ئىلكىدە ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىغا كەلدى...
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشىمۇسىز؟ سىزمۇ يېڭىدىن كەپسىزدە؟
ئۇدۇلىدا چىرايى ئاق سېرىق كەلگەن، ئىگىز بوي، قارىماققا ياش جەھەتتە ئۆزىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان بىر يىگىت ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى.
-ياخشىمۇسىز؟ شۇنداق ، مەن يېڭىدىن كەلدىم ,گۈلشەن تارتىنچاقلىق بىلەن جاۋاپ بەردى.
-ئىسمىڭىز نىمە؟ قايسى كەسىپكە قوبۇل قىلىندىڭىز...؟
-ئىسمىم گۈلشەن، ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم.
-ھە، شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە بىز بىر كەسىپتىكەنمىز، يۇرتىڭىز؟
-گۈلشەن بىر ئاز ئوڭايسىزلىق ھىس قىلىپ X شەھەردىن دەپ جاۋاپ بەردى.
-شۇنداقمۇ؟ مەن X شەھەردىن ، ئىسمىم قەيسەر.....
شۇنداق قىلىپ ھېلقى ئوغۇل بالا ناھايىتى تىزلا ئۆزىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۈلگۈردى، گۈلشەن گەرچە ئازراق خىجىل بولسىمۇ ئۇنىڭ ئوچۇق مىجەزىدىن خۇددى يېقىن تۇنۇشىدەك ھىس قىلدى..
- بىر سىنىپقا بۆلۈپ قالسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ،ھە! -دېدى قەيسەر گۈلشەنگە قاراپ.
-شۇنداق.
ئۇلار شۇنداق دىيىشكىنىچە باشقا ساۋاقداشلىرى قاتارىغا قېتىلدى, ئۇزاق ئۆتمەي 30ياشلار چامىسىدىكى, ئىگىز بويلۇق, قوي كۆزلۈك, چىرايىدىن كەسكىنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى, ۋە : ”بۇ ياققا كىلىڭلار “ دەپ ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش بىناسى يېنىدىكى چوڭ زالغا باشلاپ كىردى, زال ئىچى لىق ئادەم بىلەن تولغان, سەھنىدە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلار ئولتۇرۇشقانىدى ,
قەيسەر گۈلشەنگە يېقىنرەك بىر ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى, ھەم پات-پات قاراپ كۈلۈمسىرەپ قوياتتى.
بىر ئازدىن كىيىن سىنىپ مەسئۇللىرى ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكىنى ئوقۇشقا باشلىدى, بايىقى گۈلشەنلەرنى باشلاپ كىرگەن مۇئەللىممۇ ئوقۇشقا باشلىدى, ئىسمىم ئالىم، Xيىللىق ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپى(2)- سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى، ئەمىسە سىنىپىمىزغا بۆلۈنگەن ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتەي...
مىھراي, ئاينۇر, ئەلى, گۈلشەن, قەيسەر.....
-نىمىدىگەن ياخشى, قەيسەر يۇقىرى ئاۋازدا ۋاقىرۋەتتى.
شۇنداق قىلىپ سىنىپ بۆلۈش ئاخىرلىشىپ , سىنىپ مەسئۇلى چۈشتىن كىيىن يىغىلىشنى تاپىلاپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بەردى.
قەيسەردەرھال گۈلشەننىڭ يېنىغا كېلىپ : ” نىمىدىگەن ياخشى , بىر سىنىپتا ئىكەنمىز, بۇندىن كىيىن ئۆز-ئارا ياردەمدە بولۇپ تىرىشىپ ئۆگۈنەيلى, بۇندىن كىيىن ھەرقانداق قىيىنچىلىق ھەم قىلالمايدىغان ئىش بولسا ماڭا ئېيتىڭ, ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولغانسىز? نەرسىلىرىڭىزنى رەتلەپ بولدىڭىزمۇ?.....ئۇ يەنە نۇرغۇن سوئاللارنى ياغدۇرۋەتتى?
-گۈلشەن ھەئە رەتلەپ بولدۇم دېدى تارتىنچاقلىق بىلەن.
گۈلشەن ئاستاغىنە بىر ياتاقتىكى دوستلىرى يېنىغا بېرىپ ياتاققا قايتماقچى بولىۋىدى, قەيسەردەرھال ئۇلارنىڭ يېنىغا كىلىپ: ” قىزلار, ئەتىدىن باشلاپ سىرتتىن تاماق يىيەلمەيمىز, بۈگۈن يەۋالامدۇق , مەن مېھمان قىلاي“ دېدى.
قىزلارھەممىسى :« بولىدۇ,ماڭايلى ئەمىسە »دېدى ۋە گۈلشەننىمۇ تارتىپ ئېلىپ ماڭدى.
داۋامى بار.
مەنبە: ئۆزۈم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-13 10:15 AM