مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1346|ئىنكاس: 10

مۇڭداش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109054
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 769
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2014-8-9
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 07:00:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇڭداش

ھىكايە

ساراڭغا سوتيوق.بۇئۇنىڭ ياشاش مىزانى.مەنمۇ ھەم ئاتام زامانىسىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بىرەرساراڭغا سوت ئىچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.ھەرقىتىم ساراڭ ھەققىدە گەپ بولساكىشىلەر ئۇنى ئەسكە ئىلىشىدۇ.بىزنىڭ بۇيەردە ساراڭ دىگەن خىلى كۆپ.كىشىلەرنىڭنىمىشقا تۇنجى بولۇپ ئۇنى ئەسكە ئالىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.بەلكىم ئۇنىڭ ئالاھىدەساراڭ بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن دەيمەن.قىززىق گەپ بولدىدە بۇ،نەدىمۇ ساراڭنىڭئادەتتىكى ساراڭ،ئالاھىدە ساراڭ دەپ تۈرلىرى بولسۇن.ئۇنىڭ باشقا ساراڭلاردىنپەرىقلىنىپ تۇرىدىغان بىرەر ئالاھىدىلىكىنى ئىيتىپ بىرەلمىسەممۇ،ئىشقىلىپ ئۇ باشقاساراڭلارغا ئوخشىمايدۇ.

        ئۇ ئاياغ مەھەللىدىكى ۋەيرانە ئۆيىدە ئاتەك ئىسىملىك ئىشىكى(ئۇ ئىشىكىنىشۇنداق ئاتايدۇ)ۋە بىرقانچە تۇياق قويى بىلەن ياشايدۇ.ئۇ ئەتتىگەندە ئورنىدىنتۇرىدۇدە،ئىغىلنىڭ ئالدىغا بىرىپ،«قانداق جانۋارلىرىم تىنىچ قوپۇپسىلەرمۇ»دەپ ئىشىكى ۋەقويلىرىدىن تىچلىق سورايدۇ.ئىشىكى ئىگىسىنىڭ سوئالىغا جاۋابەن بىشىنى لىڭشىتىپپۇشقۇرۇپ قويىدۇ.قويلىرىمۇ بىر ئىككىدىن مەرەپ قويىدۇ.ئۇ ئىشىكىنىڭپۇشقۇرۇشى،قويلىرىنىڭ مەرىشىنى ئۆزىدىن تىچلىق سورىغانلىق دەپ بىلىپ،«مەنمۇ  ياخشى،مەنمۇ ياخشى»دىگىنىچە ئارقىسىغايانىدۇ.ئۇنىڭ ئۆيىدە ھەررەڭ،سەررەڭ كىيىملەر چىچىلىپ ياتقان بولىدۇ.ئۇقولىغا بىرچاپاننى ئالىدۇدە كىيىپ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ.قاراپ باققىنە ئاتەك،بۇچاپاننىكىيسەم بولارمۇ ؟دەيدۇ.ئىشەكمۇ ئىگىسىنىڭ گەپلىرىنى چۈشىنىۋاتقاندەك بىشىنىلىڭشىتىدۇ،ياكى چايقايدۇ.ئىشەكنىڭ بىشىنى چايقىغىنىنى كۆرسە،مەنمۇ شۇ سەليىڭراقمىكىن دىگەن،بۇنى كىيسەم بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ،دەيدۇدە چاپاننىڭ ساقيەرلىرىنى يىرتىپ ئىچىدىن مازلىرىنى چىقىرىپ،ئىت تالىۋەتكەندەك قىلىۋىتىدۇ.  ئۆزى قانائەت ھاسىل قىلغانىدىن كىيىن باشقىدىنئۇچىسىغا كىيۋالىدۇ.ئاندىن ئورۇندۇقلۇق ھارۋىسىنى ئىشىكىگە قاتىدۇ.ئۇنىڭ ھارۋىسىمۇئالاھىدە.ھارۋىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۈمۈر پاچاقلىق يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتىن بىرنى تىڭىۋالغان،ئۇئادەتتە ئاشۇ ئورۇندۇقتائولتۇرۇپ ئىشىكىنى ھەيدەيدۇ.يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى قويلىرىغا قاراپ، «ھەيپاتەك،بىز كەلگۈچە ئىغىلدىن چىقىپ كەتمە جۇمۇ» دەيدۇ.ئۇنىڭ قويلىرىنىڭمۇ ئىسمى بار.بوز ساغلىقىنى تۇنجى قىتىم كۆڭلىچۈشكەن سىرىق قىز پاتەمنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىدۇ.ئاق ساغلىقىنى بەختەك،قاراساغلىقنى ھۆرەك،ئالا ساغلىقىنى مەرەك،ئىغىلنىڭ سەركىسى بولغان قارا قوچقارنىئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن تۇرداخۇن دەپ چاقىرىدۇ.                             ئۇ ھىلىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك بىرتەرەپكە قىيسىيىپ قالغان دەرۋازىنىڭ سىرتىدىن گۈللۇك مىلەڭزىنى تارتىپ قويۇپ،ھارۋائۈستىدىكى ئورۇندۇققا چىقىپ ئولتۇرۇپ –ماڭ ئاتەك كونا جايغا – دەيدۇ.ئۇنىڭئىشىكىمۇ كونا جايغا كۆنۈك.ئۇنىڭ كونا جاي دىگىنى يىزىلىق خەلق ھۆكىمىتى يىنىغاجايلاشقان ساناتۇريە.ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھىچكىمبىلمەيدۇ.ئۇنى بۇرۇندىنلا ساناتۇريەدىن بىقىپ كەلگەچكە،كىشىلەر ئۇنى تۇردىسانتىيە(ساناتۇريە سۆزىنىڭ بۇزۇپ ئىيتىلىشى)دەپ ئاتايدۇ.ئاڭلاشلارغا قارىغانداساناتۇرتە دەسلەپتە قۇرۇلغاندا بىرىنچى بولۇپ ئۇنى قوبۇل قىغاچقا شۇنداق ئاتىلىپقالغانكەن.                         –بىلەمسەنئاتەك – دەپ گەپ باشلايدۇ ئىشىكىگە،ئادەتتە ئۇباشقىلارنىڭ ئىشىكىنى،ئىشەك دەپچاقىرىشىنى خالىمايدۇ.باشقىلارنىڭ شۇنداق چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ قالسا «ئاتەك سەندەكئادەملەردىن مىڭ ھەسسە ياخشى»دەپ بىر ھازاغىچە قاينايدۇ.شۇڭا ئۇنى تونۇيدىغانلارمۇئۇنىڭ ئىشىكىنى ئاتەك دەپ چاقىرىشقا ئادەتلەنگەن.-جاھاننىڭ رەپتارىغا بىقىپ كۈنئالماقمۇ تەسلىشىپ كەتتى.بىزدەك ساراڭلارنىڭمۇ ھالى خاراپلىشىشىقا باشلىدى-ئاتەكمۇئىگىسىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەندەك،قۇلاقلىرىنى سالپايتىپ،بىشىنى يەردىنئالماي،پۇشقۇرۇپ قويۇپ ماڭىدۇ.ئۇنىڭ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كىچك بالىلار،                                  - قاراڭلارتۇردى سانتىيە كەلدى،تۇردى سانتىيە-دەپ چۇرقىرىشىپ كىتىدۇ.ئۇباشقا ساراڭلاردەكبالىلارنى كۆرگەنلا يەردە ئۇرۇپ،تىللاپ قورقۇتمىغاچقا بالىلار ئۇنى كۆرسە،باشقاساراڭلاردىن قاچقاندەك قاچمايدۇ.ئارىدىن سەل شوخراقلىرى ئۇنىڭ ھارۋىسىغا ئىسىلىپ،

- تۇردىكاناخشاڭدىن بىرنى ئىيتىۋەتسەڭچۇ-دەيدۇ.شۇنىڭبىلەن باشقا بالىلارمۇچۇرقىرىشىپ،ئىيتىپ بىرىڭە تۇردىكا،ئىيتىپ بىرىڭە دىيىشىدۇ.ئۇنىڭ كەيپى ياخشىراقبولسا ناخشىسىنى باشلايدۇ.ئەگەر كەيپى ئوسال بولسا -كىيىن ئىيتىپ بىرىمەن-دەپقويۇپ ئىشىكىگە بۇيرۇق قىلىدۇ- تىز ماڭ ئاتەك.

بۈگۈن ئۇنىڭ كەيپىياتى ئوسال ئىدى.بىر ئىشتىن قورسىقىكۆپىۋاتقاندەك قىلاتتى. يەنە دەردىنى ئىشەككە سۆزلەشكە باشلىدى.ئىشىكىلا ئۇنىڭ ئەڭياخشى مۇڭدىشى ئىدى.-ھازىر زامان ئاياللارنىڭ بولۇپ كەتتى ئاتەك،ئەرلەرنىڭ پىچىقىكەسمەس بولدى.ئەرلەرنىڭ پىچىقى كىسەلمىگەننى،ئاياللارنىڭ پىچىقى سۇدەك كىسىدىغانبولۇپ كەتتى.ئەرلەرنىڭ ھالى خاراپلىشىشىقا باشلىدى-ئاتەك ئىگىسىنىڭ بۇنداقگەپلىرىگە كۆنۈك ئىدى.خۇددى ئىگىسىنىڭ دەردىگە يەتمەكچى بولغاندەك،تولىمۇ ئىھتىياتچانلىقبىلەن قەدەم باساتتى.ئۇ ئىگىسىگە خىزمەت قىلغان شۇنچە يىلدىن بىرى بۇجەھەتتە خىلىتەجىرىبە توپلىغان ئىدى.ئىگىسىنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ ئىش تۇتۇشنى بىلىدۇ.ئىگىسىنىڭكەيپى چاغ بولسا،قۇلاقلىرىنى شىڭتايتىپ ئويناقلاپ ماڭىدۇ.ئەگەر ئىگىسىنىڭ كەيپىئوسال بولسا ئىھتىياتچانلىق بىلەن ماڭىدۇ.

-ۋاي قاراڭلار ئاۋۇنىڭغا،توۋاقىلدىم-دىدىبىرەيلەن.ئۇ يىزا بازىرىنىڭ مەركىزىگە كىلىپ قالغان ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنبازار كۈنى ئىدى.                  

-كىيىۋالغىنى نىمىسىدۇ ئۇنىڭ.                                                

-شۇنى دەيمەن.                                                              

-ساراڭ دىگەن خىيالىغا نىمە كەلسە شۇنى قىلىدۇ.                     

ھەركىم ھەرنىمە دىيىشەتتى.ياشلار كۈلىشەتتى.قىرىلارتوۋا دىيىشكىنىچە ياقىسىنى چىشلىشەتتى.ئۇ بىشىغا چۇچىلىق ياغلىق ئارتىپ،يىشىليوپكا،قىزىل شەلپەرىدىن ئىشتان كىيىۋالغان ئىدى.                                                   

-ھەي سەن ئەركىشى تۇرۇپ نىمە دەپ يوپكا كىيىپ،ياغلىقچىگىۋالدىڭ –دىدى بىرسى.-زامانغا باققان دانانىڭ ئىشى –دىدى ئۇ ئەتراپىغاتوپلىشىۋالغانلارغا قاراپ بىخرامان ھالدا-مۇشۇنداق كىيىنىش زۆرۆر بولۇپ قالدى.يىزاباشلىقىنىڭ قىشىغا قىيىنچىلىقىمنى ئىيتىپ بارسام،بىز ئويلۇشۇپ كۆرەيلى دەپ يولغاسالدى.  ھىچ ھەل بولمىدى. ھەل بولمامدىكىندىسەم ،مەن بىلەن مەن بىلەن تەڭ ھال ئىيتىپ كىرگەن ئىككى ئايالنىڭ قىيىنچىلىقى ھەلبولدى.   شۇڭا ياغلىق چىگىپ يوپكاكىيگەنلەرنىڭ قىيىنچىلىقى ئاسان ھەل بولىدىغان ئوخشايدۇدەپ،مۇشۇنداقكىيىنىۋالدىم.         

ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئەتراپىدىكىلەر پاراققىدەكۈلۈشۈپ كەتتى.               

-ۋاي توۋا ئويلاپ تاپقان ئەقلىنى بۇنىڭ.                                            

-نىمە دەپ ئاۋۇ ئاتەككە ئىشتان كىيگۈزۈپ ياغلىق چىگىپقويدۇڭ ئەمسە-دىدى يەنە بىرى.-ھازىربەزى ئاياللىرىمىز ھاياسىزلىشىپ كەتتى.ئىشتانكىيمەيدىغان ياغلىق چىگمەيدىغان بولىۋالدى.شۇڭا ئاتەككە ئەتلەس ئىشتانكىيگۈزۈپ،ياغلىق چىگىپ قويسام ئىشەككە قاراپ بولسىمۇ تۈزۈكرەك كىيىنەرمىكىن دەپشۇنداق كىيدۈرۈپ قويدۇم-دىدى ئۇ.ئۇنىڭ بۇگىپىنى ئاڭلاپ كىشىلەر بايقىدىنمۇقاتتىقراق قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.ئۇ كۈلكە ساداسى ئىچىدە يىزىلىق ھۆكىمەتقورۇسىغا يىزا باشلىقىنى ئىزلەپ كىرىپ كەتتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-12 10:44 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1441
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 11:44:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەقىلگە ئىشارەت ، نادانغا جۇۋالدۇرۇز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 07:58:04 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئېسىل  تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور ھېكايىكەن،،

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109019
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 08:35:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەت بەمىسۇن ئەسلى يۇرۇتۇپ بەرمەكچ
ق بولغان تىمىنى ئەگىتىپ بەكلا ياخشى چىقىرىپسىز قېرىندىشىم تىرىشىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109025
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2014-8-8
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 09:50:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى بامۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107323
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 72
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2014-6-1
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 01:03:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيۋى ئەھمەيتى  باكەن،ياخشى يىزىپسىز ،كاللىسى بەك ئشلەيدىغان ئادەملار،يىرىم ساراڭ بۇلۋالدىكەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109054
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 769
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2014-8-9
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 02:55:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارنىڭ تىمامغا نەزىرىنى ئاغدۇرغىنىدىن خۇرسەن بولدۇم.كەمىنىە ئادەتتىكى بىر ھەۋەسكارمەن.قىممەتلىك پىكىر تەكلىپىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 900
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 04:10:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ،قەلەملىرىڭىز ھارمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101286
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 11:29:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yagaqqi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-12 11:44 PM
ئەقىلگە ئىشارەت ، نادانغا جۇۋالدۇرۇز .

مەندىن بۇرۇن يەكۈنلىۋاپسىزغۇ؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109012
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 04:24:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما بوپتۇ، تىما ئىگىسىگە رەھمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش