1.ياخشى دوست پىچاققا ئوخشايدۇ، ئۇ دائىم يېنىڭدا سېنى قوغدايدۇ، كۆڭلۈڭ خاتىرجەم تۇرىدۇ.
ناچار دوست يانتاق تىكەنگە ئوخشايدۇ، ئۇ ھەر قەدىمىڭدە سانجىلغىنى سانجىلغان.
*******
2.دوستلىرىڭ ئالدىدا ئاجىز سانالماي دېسەڭ، بىرىنجىسى، دوستۇڭغا قەرىزدار بولما، ئىككىنجىسى، ئاجىز سىرىڭنى ئېيتما!
*******
3.ساۋاتسىز ئۆلىمادىن ، ساپاسىز ئېشەك ياخشى.
*******
4.ئۈلپەتلىرىڭ ئىچىدە قۇرداشلىرىڭ بولىشى مۇمكىن، سىرداشلىرىڭ بولىشى ناتايىن.
*******
5.غەيۋەتچى بولساڭ بول ، مەنمەنچى بولما. غەيۋەتچى كىشىنىڭ ئەيىبىنى سۆزلەيدۇ، مەنمەنچى يېغىرىنى تاتلايدۇ.
*******
6.خالىغىنىڭنى يېسەڭ يېگىن، خالىغىنىڭنى دېمە، يېگەن نەرسىنى چىقىرۋېتىش مۇمكىن، دەپ بولغاننى قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ.
*******
7.دوستۇڭنىڭ ئەيبىنى ئىزدىسەڭمۇ ئىزدە ، لېكىن دېمە، دېسەڭ رەنجىتىسەن ، دېمىسەڭ رەنجىيسەن، تاللاش ئۆزۈڭدە!
*******
8.دوستۇڭغا قەرىزدار بولما ، ياتقا بول، يات سۈيلەيدۇ، دوست سۆزلەيدۇ!
*******
9.ئارتىست بولۇش ئاسان، يارىتىش بەسي مۈشكۈل.
*******
10.پۇل ھۆكۈم سۈرگەن جەمئىيەتتە ، تىلسىزلارنىڭمۇ تىلى چىققىلى تۇردى.
*******
11.غەيۋەتچىلەرگە ئۈلپەت بولغاندىن ، غەپلەت بېسىپ ئۇخلىغان ياخشى!
*******
12.ئۇدۇل ئىشىكلىك خوشنىلار ئىزدەشمىگەن دەۋىردە ، ئىشىكسىز قەلىبلەر ئىزدەشسۇنمۇ؟
*******
13.ئېغىز دەپ كۆنىدۇ، ھايۋان يەپ...
*******
14.كىشىگە سىر تۆككەندىن ھاراق ئىچىپ كەيپ سۈرگەن ياخشى.
*******
15.قەرەلسىز ئۆلۈمدىن قورقماي، قەرەللىك كېسەلدىن قورقىدىغىنىمىز قىززىق...!
تاغلىق يازمىلىرىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا =MakiT= تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-12 03:53 PM