شوپۇرنىڭ ‹‹ يەنە بىر سائەتتىن كىيىن ئۈرۈمچى شەھرىگە كىرىمىز ›› دىگەن گېپى بىلەن تەڭ مەلىكەمنىڭ ھاياجانلىق ھېسياتى جىددىلىشىش كەيپىياتىغا ئۆزگەردى . ‹‹ ئۈرۈمچى !!!توۋا مەن يەنە بىر سائەتتىن كىيىن ئۈرۈمچىگە بارىمەن، چۈشلۈرۈمدە، تېلىۋۇزۇردىنكۆرگەن ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىنى نەچچە قېتىم ئايلانغان ئىدىم ، ئەمدى راسلا 5 يىل ئايلىنىمەن گۈزەل باغچىلارنى ئايلىنىمەن، نۇرغۇن دوس تۇتىمەن. ھە راس سەردار ئاكامنى تونىيالامەنمۇ ؟ بىر بىرىمىزنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، يا سەمەت دادام بىللە چىقارمۇ بېكەتكە ؟؟؟ ››.
ئاپتۇۋۇزدىكىلەرنىڭ ‹‹ ئاخىرى تۈگىدى بۇ ئۇزاق يول ›› دىگەن گەپلىرى مەلىكەمنى تاتلىق خىيال قوينىدىن تارتىپ چىقاردى. قىزمۇ دەرھال نەرسىلىرىنى سومكىلىرىغا سېلىپ ، ئاياقلىرىنى كىيىپ ئاپتوۋۇزدىن چۈشۈشكە تەييارلىق قىلدى. ماشىنا شەھەر ئىچىگە كىرگەندە مەلىكەم ماشىنا ئەينىكىدىنسىرىتقا قىزىقىش بىلەن قارىدى ، ئىگىز – ئىگىز سېلىنىپ كەتكەن بىنالار ،يوللاردىكى قاتار – قاتار بولۇپ مېڭىۋاتقان ماشىنىلار ، خىلمۇ – خىل كىيىنگەن ،ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش مېڭىۋاتقان ئادەملەر يىراق سەھرادىن كەلگەن بۇ قىزنى تولىمۇ – تولىمۇ ھەيران قالدۇردى ، بولۇپمۇكوچىلاردا سەلدەك ئېقىۋاتقان ئادەم توپىغا قاراپ قىزچاقنى قورقۇنۇچ باسقاندەك بولدى . ‹‹ ئەگەر سەمەت داداملار كەلمىگەن بولسا قانداق قىلامەن ؟ ›› قىز گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىنى يېنىككىنە چىشلىدىيۇ كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالدى .يول ئازاۋى ھەم قۇرۇق نانلا يەپ ئۆتكۈزگەن بۇ سەپەردە قىزنىڭ ناۋاترەڭ چىرايى تاتىرىپ، پۇت – قوللىرى ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەنتى .ماشىنا ئاستا ئىغاڭشىپ بىكەتكە كىرىپكەلدى . ماشىنا كېلىشى ماشىنا يېنىغا ‹‹ گۈررىدە ›› ئادەم ئولاشتى . قىز ماشىندىنچۈشكىچە دېرىزىدىن ئۆزىگە تونۇش بولغان بىر سىمانى ئىزدىدى.......تولىمۇ ئەپسۇسقىزنىڭ خىيالىدىكى ئۇ سىما كۆرۈنمىدى ، قىزنى ئەمدى راسلا يىغا باستى ، كۆز ئالدىقاراڭغۇلاشتى ، ‹‹ ھەي ئانام ئەنسىرمە ئاكام ئالدىڭغا چىقىدۇ ، دىمىگەن بولسا باشقا بالىلار بىلەن بىللە ماڭماسمىدىم ، ›› دەپ ئانىسىدىن رەنجىشكە باشلىدى .ئېغىر چامىدىننى سۆرەپ قاياققا مېڭىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى . ئاپتۇۋۇزدىن چۈشكەنلەرنىڭ ئالدىغا چىققانلار ئۇيان – بۇيانغا ئېلىپ مېڭىپ قىزچاقلا يالغۇز قالغانتى .
‹‹ سىز مەلىكەممۇ ؟ ›› قىز ئىتتىك كەينىگە قارىدى ، ئىگىز بويلۇق ، قامەتلىك بىر گەۋدە قىزنىڭ ئالدىدا نامايەن بولدى ، قىز خۇددى قۇتقازغۇچىسىغا ئۇچۇرغاندەك ئۇنىڭغا قاراپ خوشاللىق بىلەن ‹‹ سەن سەن سەردارئاكاممۇ ؟››
- ھەئە
قىز بوغۇزىغا كېپ قالغان يىغىسىنى ئاران تەستەبېسىۋالدى .
- تېچ ئامان كەلگەنسىز ؟
جاراڭلىق ئەمما ھىچقانداق ئىنكاسسىز بۇ ئاۋازدىن قىزنىڭ خوشاللىقى بىردەمدە يوقالدى .
-ھەئە ياخشى . دىدى بوشقىنە .
- ماشىنىغا چىقايلى. دىدى يىگىت قىزنى باشتىن –ئايىغىغا بىر خىل نەزەردە قارىۋىتىپ . ئۇنىڭ بۇ قارىشىدىن مەلىكەمنىڭ ئىچىگە يۈتۈۋەتكەن يىغىسى بوغۇزىغىلا كەپلىشىپ قالدى .
قىز يۈك – تاقىلىرىنى كۆتۈرۈپ يىگىتنىڭ كەينىدىن ئاران – ئاران يېتىشىپ ماڭدى ،‹‹ ھالىنى ›› دەپ ئويلىدى قىز يىگىتنىڭ كەينىدىن يىگىتكە غەزەپ بىلەن چەكچىيىپ ‹‹ ھىچ بولمىغاندا چامىدانىمنى بولسىمۇ كۆتۈرۋالسا بولمامدۇ ؟ رازىيەنىڭ دىگىنى توغرىكەن ۋاي ئاداش مىڭ يېقىن تۇققىنىڭ بولسىمۇ ئۈرۈمچىلىك دىگەن ئۈرۈمچىلىككەن دەۋاتقان ›› دىدى ئۆزىگە غودۇڭشۇپ .
يىگىت نېرىراقتىكى ئىگىز كەلگەن قارا رەڭلىك ئېسىل بىر ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ كەينىگە قارىدى دە قىزنىڭ ئۆزىدىن خېلىلا يىراقتا قالغانلىقىنى كۆردى .
-تېزرەك بولۇڭ ، دىدى بىزارلىق بىلەن قىزغاقاراپ . قىز پالاقشىپ ماشىنا يىنىغا كەلدى . سەردار ماشىنىنىڭ كەينىنى ئېچىپ قىزنىڭ قولىدىكى ئېغىر چامىداننى ئالدى .
-ۋاي – ۋۇي ئۆيىڭىزدىكى ھەممە نەرسىنى يۆتكەپ كەلدىڭىزمۇ نىمە نىمانداق ئېغىر ؟ دىدى كوتۇلداپ .
بۇ گەپ بىلەن ئەزەلدىن ئاغزىغا كەلگەننى دەپ كۆنۈپ قالغان مەلىكەم ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرالمىدى
-ھە ئېلىپ كەلدىم ، مېنىڭ ئۆيۈم قالدى جايىدا ،بۇ يەردە مېنىڭ ئۆيۈم يوق ، ئەجەپ سىز – سىز دەپ كەتتىڭ ، تېخى چامىدانلىرىمنى كۆتۈرشۈپ بېرىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ،ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىققىدەك ئەھۋالمۇ سورىمىدۇڭ ،ياكى ئۈستى – بېشىمغا قاراپ ماشىنامنى بېزەپ قىلۋىتەمۇ دەپ ئەنسىردىڭمۇ ؟ دەپلا يىغلىۋەتتى .
قىزنىڭ بۇنداق دىيىشى خىيالىغىمۇ كەلمىگەن يىگىت ھاڭۋىقىپ قىزغا قاراپلا قالدى .
-ۋاي توۋا ۋاي توۋا نىمە بولدىڭىز ، ئالدىڭىزغا چىقتىمغۇ مانا ، قانداق قىلسام بولاتتى ئەمدى بۇنىڭدىن باشقا .....
بۇ گەپ بىلەن قىزنىڭ يىغىسى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى ، بۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلەر بىر قىزغا بىر يىگىتكە قارايتى بۇنىڭدىن ئوڭايسىزلانغان سەردار ماشىنىنىڭ كەينىنى زەردە بىلەن ياپتى ۋە قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ ماشىنىغا چىقىرىپ ماشىنىنى ھەيدەپ ماڭدى.