خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىكۇم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يەنخۇي مۇنداق دېدى:
<<بۇ قېتىملىق خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت ،ساياھەت بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزىلىشى خوتەننىڭ ساياھەت ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناپ ،كەلگۈسىدىكى دۇنيانىڭ قاشتېشى ئاستانىسى ،يىپەك يولىدىكى داڭلىق شەھەر ماركىسى خوتەن شەھىرىنىڭ ساياھەت ،مەدەنىيەت ،ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.>>
بۇ قېتىملىق <<خوتەن قاشتېشى ساياھەت بايرىمى>> نى ج ك پ خوتەن ۋىلايەتلىك كوممىتىتى،خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ ،ج ك پ خوتەن شەھەرلىك كوممىتىتى ،خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكىمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سۈپەت نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى،شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى بازار ئۇچۇرى بىرلەشمىسى،شىنجاڭ جاۋاھىرات كەسپىي جەمىئىتى ،شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى كەسپىي جەمىئىتى مەزكۇر پائالىيەتكە يېقىندىن ياردەمدە بولىدىكەن.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت <<بىخەتەر،تىجەشلىك ،خۇشال-خۇرام ،خەيرىلىك>> بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئۆتكۈزىلىدۇ.
ھازىر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ.
تەرجىمان:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى
جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى
مەنبە:جۇڭگۇ خوتەن قاشتېشى ئۇچۇر تورى (خەنچە ) 中国和田玉新闻网