مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4771|ئىنكاس: 40

بىزدىكى ئۆي ئىسراپچىلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104850
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2014-3-14
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 02:47:01 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدىكى ئۆي ئىسراپچىلىقى
ئۆي-يەر يۈزىدىكى ھەممە مەۋجۇدات ،مەخلۇقاتلارغا تەئەللۇق،بەلگىلەنگەن ئورۇن.دەرەخنىڭ يلتىزى تۇرغان جاي-دەرەخنىڭ ئۆيى؛ھاشارەتنىڭ ماكانى،قۇشلار ئۇۋىسى،ئىت،تۇخۇنىڭ ئۇۋىسى،كاتىكى دېگەندەك،دەريا،دېڭىز،كۆل-سۇنىڭ ئۆيى.
بىر« ئۆي» بۇلۇش ئۈچۈن،بىر جۈپ ئەركەك-چىشى بۇلۇش تەبىئىي قانۇنىيەت.ئەر بۇلۇپ ئايال بولمىسا ياكى ئايال بۇلۇپ ئەر بولمىسا ئۇ ئۆيگە ئوخشىمايدۇ.ئۆيدە ھەممە نەرسە بۇلۇپ ئەر بولمىسىمۇ ياكى ئايال بولمىسىمۇ بۇ ئۆي ئۆيگە ئوخشىمايدۇ.بىر ئەر بىلەن ئايال بۇلۇپ،ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنىمە بولمىسىمۇ بۇ ئۆي ئۆيگە ئوخشايدۇ.چۈنكى،ئەر بىلەن ئايال تىرىشىپ-تىرمىشىپ يوقنى بار قىلىدۇ.شۇڭا،ئۆي دىگەن نامغا ئىگە بۇلۇشنىڭ بىردىنبىر شەرتى بىر جۈپ بۇلۇشتۇر.«خوتۇن ئالمىغان ئەر ماكانسىز ئىت،ئەرگە تەگمىگەن خوتۇن جانسىز پىت»دېيىلىدۇ خەلق بېيىتلىرىدە.
ھازىرچە بىز ئۆي ھەم ئائىلە مېھىر-مۇھەببەتى ھەممىدىن كۈچلۈك،رىشتى مەھكەم باغلانغان،ئائىلە مۇھەببىتى روشەن قوۋم دەپ پەخىرلىنەلەيمىز.چۈنكى،بىز ھەر كۈنى ئائىلىدە ئائىلە ئەزالىرى دەرقەمدە ئولتۇرۇپ ئوچاققا ئوت قالاپ ئانىلار،ئانىمىز ئەتكەن تاماقنى بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ يەيمىز.مانا بۇ ئوچاققا قالانغان ئوت،ئائىلىدىكىلەرنىڭ بىر- بىرىگە باغلانغان مېھىر-مۇھەببەت ئوتىنى ئۆچۈرمىسە،دەرقەمدە ئولتۇرۇپ ھەمداستىخان يېگەن تاماق ئائىلىدىكىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ھەققىنى،مېھىر-مۇھەببەت رىشتىنى تېخىمۇ چىڭ باغلايدۇ.ئائىلىدە تاماق ئەتمەسلىك،بىر ئۆيدە ھەمداستىخان تاماق يىمەسلىك-قارىماققا ئاددىي ،كىچىك ئىشتەك بىلىنگەن بىلەن،ئەمىليەتتە قان-قېرىنداشلار ئارا مېھىر-مۇھەببەت ئوتلىرى ئۆچۈپ،رىشتە يىپلىرى ئۈززۈلۈپ،ئۆز ئارا ۋەيران بۇلۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.شۇ ،بىر ئۆينىڭ ئىگىسى بولمىش ئەر-ئايال ھەر كۈنى پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى ئامال بار جەم بۇلۇپ،ئۆم بۇلۇپ تاماق يېيىش ئادىتىنى يوقىتىشقا بولمايدۇ.بىر ئۆي،بىر ئائىلە ــ بىر پۈتۈن قوۋمنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنىشى.ئەگەر بۇ ئائىلە چېچىلىپ كەتسە،بىر پۈتۈن قوۋم توزۇپ ۋەيران بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.سەبىي،نارسىدە بالىلارنى ئائىلىدىن يىراقلىتىش،كەلگۈسىدە مەڭگۈ تولدۇرغىلى بولمايدىغان ياتلىشىشنىڭ باشلىنىشىدۇر.ھازىر گەرچە بىزنىڭ قوۋمدا ئائىلىدە تاماق قىلىپ بىللە يېيىش ئادىتى يوقالمىغان بولسىمۇ،قانچە مىڭ يىللاپ ئۆيدىكى داستىخان،قازان بېشىدىن چىقمىغان شاھانە تاماقلىرىمىزنىڭ بازارلىشىشى بىلەن ئۆي،تۆشۈك مۇھەببىتىنى بازارلاشتۇرۇش،شۇ ئارقىلىق ئائىلە مۇھەببىتى بازار ئىقتىسادىي سودىسىغا،مېھىر-مۇھەببەت پۇل ئوبروتىغا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپى بار.شۇڭا ھەر قانداق ئۆي ھەم ئائىلە ئەزالىرى ئۆينىڭ مېھىر-مۇھەببەتلىك قازان ئېسىپ دەرقەمدە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش ئەنئەنىسىنى قوغداش ھەققىدە باش قاتۇرشىمىز،ئالدىن ئويلىشىمىز زۆرۈردەك تۇرىدۇ.بازارنى دەپ ئۆينى بازاردا سېتۋەتسەك،ئۆيسىز بۇلۇپ قالىمىز.يامان دوزاخلارنىڭ بىرسى جېنى تۇرۇپ ئۆي-ماكانسىز قېلىش.
يېقىندا تاشكەنىتتىن كەلگەن بىر مېھمان «مەن سىلەردە ئىككى چوڭ ئىسراپنى كۆردۈم.بىرسى،رېستۇراندىكى يېرىمىدن كۆپى ئېشىپ قالغان تۈرلۈك -تۈمەن تائاملار؛ يەنە بىرسى تاپقان تەرگىنىڭلارنى تامغا چاپلاشلىرىڭلار.سىلەر بىر ئوبدان ھاۋا ئۆتىشىدىغان ئۆيلىرىڭلارنى بېزىدۇق ،دەپ ھەددىدىن زىيادە ئىسراپ قىلىدىكەنسىلەر.ھەر نەرسىنى ئوتتۇرھال،نورمال قىلغان ياخشى.ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكۈچىلەرنى پالاكەت،ھالاكەت باسىدۇ.چۈنكى بۇ ئىسراپچىلىق، يەر يۈزىدە كىم نېمىنى ئىسراپ قىلىدىكەن،شۇ خارلىغان نەرسىنىڭ ئون ھەسسىسىدە ئۆزى خارلىقتا قالىدۇ.ئەڭ يامان دوزاخ خارلىقتا قېلىش.سىلەرنىڭ خارلىقتا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرسە بولغۇدەك» دەپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى.بىز بىر نېمىنى قىلىپ كېتەلمەيمىز،دورايمىز،دوراپ ئاشۇرۋېتىمىز.شۇڭا،ئۆي تۇتقان ھەر بىر كىشىمىز ھەرقانچە ئېشىپ-تېشىپ كەتسىمۇ ، ھەر ئىش قىلغاندا،ھەر تىنىق ئالغاندا ۋە ھەر بىر قەدەمنى باسقاندا ئۆينى ئويلىشىمىز،ئۆي ئىسراپچىلىقىدىن ساقلىنىشقا ھوشيار بولۇشىمىز زۆرۈر.شۇنداق قىلساق،خارلىقتا قالمايمىز،بىز ئۆينى بېزىگەندە ياتاق ئۆي بىلەن تاماقخانىنى،ھاجەتخانىنى پاكىز قىلىشقا تىرىشىپ،ھەشەم-دەرەم،ئۇپا-ئەڭلىك،ئوسما،پەرداز دېگەنلەرگە پۇل ئىسراپ قىلىشتىن،شۇ ئىسراپچىلىقنىڭ جازاسىغا قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىسەك،ئاچچىق دەرد يۇتۇۋالمايمىز.
يەھۇدىيىلارنىڭ يىغلاش تېمى ئۇلارنىڭ دەردىنى تۆكىدىغان جايى ئىمىش.شۇ يەردە ھەر بىر ئادەم ئىچىدىكى دەردىنى تۆكۈپ،يىغلاپ،يەڭگىللەپ قالارمىش.سابىق سوۋېت ئتتىپاقىنىڭ دەردمەنلەر كۇلۇبى باركەنمىش.ھەر قانداق ئەلەم تارتقان ئادەم شۇ يەردە ئاغىزىغا كەلگەننى سۆزلەپ ۋارقىراپ،تىللاپ،يەڭگىللەپ چىقاركەنمىشلەر.ھە بىرىمىز ئىچىمىزگە كىرگەن ھەر خىل پىغاننى چىقىرىشنىڭ ئەپلىك ئۇسۇلىنى تېپىپ،ئىچىمىزدىكى خاپىلىق ئاچچىق قاداققا،قاداق كېسەللىككە ئايلىنىشتىن بۇرۇن چىقىرۋېتەيلى.
ئۆي بېزەش خاپىلىقىدا ئاغىرىپ ئۆلگەنلەر،ناچار ماتېرىيالنىڭ سەۋەبى بىلەن كېسەل بولغانلار،رېستۇران خۇمارلىق بىلەن دەرد تېپىۋالغانلار،سەرسان بولغانلار ئازمۇ؟ ئېنىقكى ،ئىسراپچىلىق ئادەمنىڭ روھىنى بۇزۇپ،روھىي تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ،ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.شۇڭا،ئۆينى كۆپ پۇل ئىسراپ قىلىش بىلەن ئەمەس،چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تۇتايلى.



ئەختەم ئۆمەرنىڭ «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام »دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurihsan55 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-11 02:48 AM  


ھەممىڭلارغا تىن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1761
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11398
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 7571 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 10:55:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆي بېزەش خاپىلىقىدا ئاغىرىپ ئۆلگەنلەر،ناچار ماتېرىيالنىڭ سەۋەبى بىلەن كېسەل بولغانلار،رېستۇران خۇمارلىق بىلەن دەرد تېپىۋالغانلار،سەرسان بولغانلار دىمىسىمۇ  جەمىيتىمىزدە بىر بىرى بىلەن مودا قوغلۇشۇپ  بېشىغا دەرت تېپىۋالغانلار  تېپىلىدۇ .

ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر ئۇيغۇر خەۋەر تورىدا مەرھەممەتwww.uyhawar.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5284
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7870
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 11:10:32 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھالىڭغا   بېقىپ  ھال  تارىت   ، خالتاڭغا بېقىپ  ئ‍ۇن تارىت دەيدىغان گەپ بار ،   شارائىتى   يار   بەرسە   ئ‍ۆيلىرىنى   بىزەپ، ئ‍ۆزى  بېقىپ  ،  ئ‍ۆزى تېرىپ   ، ئ‍ۆزى   سۇيۇپ   يىسە   بولىدۇ ،

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5284
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7870
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 11:10:38 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھالىڭغا   بېقىپ  ھال  تارىت   ، خالتاڭغا بېقىپ  ئ‍ۇن تارىت دەيدىغان گەپ بار ،   شارائىتى   يار   بەرسە   ئ‍ۆيلىرىنى   بىزەپ، ئ‍ۆزى  بېقىپ  ،  ئ‍ۆزى تېرىپ   ، ئ‍ۆزى   سۇيۇپ   يىسە   بولىدۇ ،

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 11:20:23 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بەزى ئادەملەر ئۆينى بېزىدۇق دەپ شۇنداق جىق پۇلنى شۇ تامغا چاپلايدىكەنغۇ تاڭ..

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2252
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3064 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 12:01:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ جەنوبى شىنجاڭدە ياغاچ كۆپ دەيدۇ، لىكىن ئۆينى تەبئى ياغاچتا بىزەيدىغان شىركەتلەر زەھەرلىك ماددىلار چىقىدىغان سانائەت ماتىرياللېرىنىلا ئىشلىتىدىكەن. يۈتكەپ نەقىش قىلىپ بىزىسە بولماسمۇ؟....

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5002
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1816 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 12:14:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆي بىزەش ئىسراپچىلىقى ؟ئاتۇشتا ھەقىقەتەن ئۆي بىزەش ئەھۋالى ئىغىر لىكىن بۇنى مەنچە ئىسراپچىلىق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ .چۈنكى ئۆ-بىسات كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئەمەس ياكى ئائىلە -ئىلىكتىر سايمانلىرىمۇ ئەمەس .بۇ بىر ئەۋلاد ياكى بىرقانچە ئەۋلاد ئورتاق ئىشلىتىدىغان مۆلۈك شۇڭا قولىدىن كەلسە ،ئىشىنسا قانچە بىزىسە بۇ شەخسنىڭ ئىشى ،بۇنى تەنقىت قىلىش ئوبىكتى قىلىپ كىتىشكە بولماس .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 12:19:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



  خوشۇم يوق شۇ ھەشەمەت بىلەن

ئىسراپخورلۇق مەنبەسى ئىكەن,
خوشۇم يوق شۇ ھەشەمەت بىلەن.
ھەشەمەتكە مىجەزىم تىكەن,
خوشۇم يوق شۇ ھەشەمەت بىلەن.


ئاددى ساددا ياشاش نىشانىم,
ھەشەمەتتىن خالىي خىيالىم.
ھەشەمەتتە سۇسلار ئىمانىم,
خوشۇم يوق شۇ ھەشەمەت بىلەن.


ئاۋۇپ كەتتى قۇرۇق رەسمىيەت,
ئاڭلىمايدۇ قىلساق تەربىيەت.
بىزدە كۆپتۇر بۇنداق ئەمىليەت,
خوشۇم يوق شۇ ھەشەمەت بىلەن.


ھەشەمەتكە ئاچچىغىم كىلەر،
ئىسراپچىلىق يۈرەكنى ئىزەر.
خەلقىم قاچان ئۇنى بىر تىپەر،
خوشۇم يوق شۇ ھەشەمەت بىلەن.

ھەشەمەتنىڭ دەردى بار ئاخىر،
بولساڭ پۇللۇق ھەتتا چوڭ كادىر.
خەلقىم ئەمەس ھەشەمگە قادىر،
خوشۇم يوق شۇ ھەشەمەت بىلەن.


2014-8-2

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 12:43:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  2002-يىلى ئاتۇشتا بىر ئوقۇتقۇچى ھەدىمىزنىڭ ئۈيىگە چۈشتۈم ، ئۇلارنىڭ توققۇز ئېغىز ئۈيى بۇلۇپ ، ئۈچ ئېغىز مىھمانخانىسى ئىسىل بىزەلگەنىكەن ، قالغان ئالتى ئېغىزىمۇ يامان ئەمەس ئۆيلەركەن . پاراڭ ئارىلىقىدا كىلەر يىلى يەنە ئۆي سالىدىغىنىنى ئېيتىۋىدى ھەيران بۇلۇپ نەچچە جان ئىكەنلىكىنى سورىسام ئەر-ئايال ، ئىككى بالا جەمى تۆت جان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ، مەن تۆت جان ئادەمگە توققۇز ئېغىز ئۆي يەتمىدىما دەپ سورىسام كۈلۈپ كىتىپ : ئاتۇشتا ئۆيى جىق بولمىسا  نامراتكەن دەيدۇ ، شۇڭا يەنە ئۆي سالىمىز دىگەن ئىدى....................

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 12:46:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ماقالە بۇ ، ئەمما ئەتراپىمىزغا قاراپ باقساق ، ئۆي بىزەش بىر مۇدىغا ئايلىنىپ كەتتىغۇ ! مەن سەندىن قالامدىم دەپ ، بوينىغىچە قەرزگە بۇغۇلسىمۇ ئۆيىنى بىزەپ ، باشقىلارغا كۆز -كۆز قىلىدىغانلار ئاز ئەمەس !  شۇنى كۆز -كۆز قىلغۇچە قوساقتىكى ئۇمۇچىمىزنى كۆز -كۆز قىلالىغان بولساق ئېدى ، بەلكىم بۇ بىر ئىسراپچىلىق .ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن بۇلاتتۇق .

ئىقسادىي شارايىتىڭىز يار بەرسە بېزەپ چىرايلىق مۇھىتتا ئولتۇرۇڭ ، لېكىن  يېشىل زەھەرسىز دەپ دولەت ئىتىراپ قىلغان ماتىرياللارنى چىداپ ئىشلىتىپ بىزەپ ئولتۇرۇڭ ، چىدىغانغا چىقارغان ئەمەسمۇ ! بولمىسا چىرايلىق دەپلا قارغۇلارچە ماتىريالنىڭ سۈپىتى بىلەن ھېساپلاشمىسىڭىز ، ئۆزىڭىزنى دوختۇرخانىغا شۇنداقلا ئۆلۈمگە قىستىغىنىڭىز خالاس !

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش